خەتكۈش ‘8-نۇرۇز’
2014مارت8

خۇتۇن-قىزلار بايرىمىغا تەبرىك

بۈگۈن، 21-ئەسىرنىڭ 14-يىلىدىكى 8-نۇرۇز كۈنى. بۈگۈن، زىمىندىكى ھايات خۇتۇن-قىزلارغا دۇنياۋى بايرام كۈن. بۈگۈن، بارلىق خۇتۇن-قىزلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنىڭ مۇقەددەسلىكىنى يەنە بىر قىتىم دۇنيا ئەھلىنىڭ ئىسىگە سالىدىغان كۈن. بۈگۈن، دۇنيادىكى بارلىق دۆلەت-ئاپاراتلارنىڭ ھەم بارلىق ئەر-يىگىتلەرنىڭ، خۇتۇن-قىزلارنى ھىمايە قىلىش، ئاسراش، ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇلۇغلاش مەجبۇرىيەتلىرىنىڭ مۇقەددەسلىكىنى يەنە بىر قىتىم جاھان ئەھلىگە جاكارلايدىغان كۈن. مەن، ئاكادېمىيە تورىدىن پايدىلىنىپ، زىمىنىمىزدا ياشاۋاتقان بارلىق خۇتۇن-قىزلارنىڭ دۇنياۋى بايرىمىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن. خانىملار، سىلەرنىڭ 103 قېتىملىق دۇنياۋى بايرىمىڭلارغا مۇبارەك. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن، مەزگۇر ئەسەردە، بۇرادەرلەرنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن، 8 -نۇرۇز ھەققىدە بىلگەنلىرىمنى بايان قىلدىم.