تاغلاش، تاغداش، تاغقاش
تاغلاش، تاغداش، تاغقاش
山系、山脉、支脉
ئا.ر.جىمسارى
بايان ئاۋۋال
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىمىزدا تاغلار ناھايىتى كۆپ بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئومۇمى يەرزىمىنىنىڭ 58% نى ئىگەللەيدۇ. بۇ تاغلار، شىنجاڭنىڭ ئىقلىمى، تەبىئى گىيالىقلىرى، ھايۋاناتى، سۇ شارائىتى، كان بايلىقلىرى، ۋە يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق كۆپلىگەن جەھەتلەرگە ئۆز تەسىرىنى كۆرسۈتۈپ تۇرىدۇ. مەن جۇغراپىيە دەرىسلىرىدە ۋە ئۇيغۇرچە مەنبەلەردە رايونىمىزدىكى تاغلار بىلەن تۇنۇشقاندا، «ئالتاي تاغ سىستېمىسى»، «ئالتاي تاغ تىزمىسى» دىگەندەك ئىسىملارنى ئوقۇپ ئۆگەنگەن. «ئالتاي تېغى، تەڭرى تېغى، قۇرۇم تېغى، قاراقۇرۇم تېغى، ئالتۇن تېغى، پامىر ئىگىزلىكى» دىگەندەك ناملار بىلەن تۇنۇشقان. مەن شىنجاڭدىكى تاغلارنى بىر قۇر ئايلىنىپ چىققاندىن كىيىن، بىز قوللۇنىۋاتقان بۇ ئاتالغۇلار ۋە چۈشەنچىلەرنىڭ ناھايىتى ئاددى ھەم يىتەرسىز ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. شۇڭا، مەزگۇر ئەسەردە، بۇرادەرلەرنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن، تاغلارنىڭ چوڭ-كىچىك دەرىجە ئايرىمىسى، ئۇلارنىڭ تەبىرى ۋە ناملىرى توغرىسىدا ئۆز چۈشەنچەمنى بايان قىلدىم.
1. تاغلار دەرىجەسى ۋە نامى توغرىسىدا ئىزاھات
تاغلارنىڭ چوڭ-كىچىك شەكىلدىكى تۈزۈلىشى ئادەتتە، دەرەخنىڭ غول، غولشاخ، قولشاخ دىگەندەك شەكىل تۈزۈلىشىگە ئوخشايدۇ. ياكى بولمىسا، چورتان بېلىقنىڭ ئۇمۇرتقا، قوۋۇرغا، قىلقا دىگەندەك سۆڭەك قۇرۇلمىسىغا ئوخشايدۇ. دىمەك، تاغلارنىڭمۇ خۇددى دەرەخلەرگە ئوخشاش، غولتاغ، غولشاختاغ ۋە قولشاختاغ دىگەندەك قىسىملىرى بولىدۇ. ئەمما، ئۇيغۇرچە مەنبەلەردە، تاغلارنىڭ خۇددى دەرەخ غولشاخلىرى ياكى چورتان بېلىق سۆڭەكلىرىنىڭ ناملىرىدەك ئېنىق ناملىرى بارلىقىنى مەن ئاڭلاپ باقمىدىم. بار دىگەن تەقدىردىمۇ، تاغ سىستېمىسى، تاغ تىزمىسى دىگەندەك ئىسىمغا ئوخشىمايدىغان ئىككىلا نامى بار. مەن تاغلارنى چوڭ جەھەتتىن 3 دەرىجىگە ئايرىپ، ھەر بىر دەرىجىنىڭ نامىنى مۇنداق ئاتىدىم: تاغنىڭ ئەڭ چوڭ دەرىجەسىنى «تاغلاش» دىگەن نام بىلەن ئاتىدىم. بۇ سۆز، ئۇيغۇرچە مەنبەلەردە تاغ سىستېمىسى دەپ ئاتالغان. تاغنىڭ ئىككىنچى دەرىجەسىنى، «تاغداش» دىگەن نامدا ئاتىدىم. بۇنى بىز «تاغ تىزمىسى » دىگەن نامدا ئاتاپ كەلدۇق. تاغنىڭ ئۈچىنچى دەرىجەسىنى «تاغقاش» دەپ ئاتىدىم. بۇنى بىزنىڭ نىمە دەپ ئاتىغانلىقىمىزنى بىلمەدىم.
2. تاغداش، تاغلاش ۋە تاغقاش دىگەن 3 ئىسىم سۆزنىڭ تەبىرى
«تاغلاش» دىگەن سۆز، ئا.ر.جىمسارى ئىجات قىلغان ئۇيغۇرچە ئىسىم سۆز. ئۇنىڭ تەبىرى: شەكىللەنگەن جۇغراپىيەلىك ئورنى، پەيدا بولغان زامانى ھەم چامانى يىلتىزداش بولغان ئىككىدىن كۆپ تاغداشلارنىڭ بىرىكمىسى، تاغلاش دەپ ئاتىلىدۇ. (خەنزۇچىدا山系دەپ ئاتايدۇ). مەسىلەن: شىنجاڭدا 4 تاغلاش بار. شىنجاڭنىڭ شىمالىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان ئالتاي تاغداش، بەيتىك تاغداش، قارامايىل تاغداش قاتارلىق 3 تاغداشنىڭ بىرىكمىسى، ئالتاي تاغلاش دەپ ئاتىلىدۇ. شىنجاڭنىڭ ئوتتۇراسىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان نۇرغۇن تاغلداشلارنىڭ بىرىكمىسى، تەڭرى تاغلاش دەپ ئاتىلىدۇ، شىنجاڭنىڭ جەنۇبىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان پامىرتاغداش، قۇرۇم تاغداش، قارا قۇرۇم تاغداش ۋە ئالتۇن تاغداش قاتارلىق تاغداشلارنىڭ بىرىكمىسى قۇرۇمتاغلاش دەپ ئاتىلىدۇ. تارباغاتاي، سېمىزتاي قاتارلىق بىر نەچچە تاغداشنىڭ بىرىكمىسى، جۇڭغار غەربى تاغلاش دەپ ئاتىلىدۇ.
«تاغداش» دىگەن بۇ سۆزنى ئا.ر.جىمسارى ياسىغان ئۇيغۇرچە ئىسىم سۆز.تاغلاش ئىچىدىكى تۇمۇرداش بولغان ئىككىدىن كۆپ تاغقاشلارنىڭ بىرىكمىسى، تاغداش دەپ ئاتىلىدۇ. (خەنزۇچىدا山脉 دەپ ئاتايدۇ). مەسىلەن: ئالتاي تاغلاشتا، سارقامىرتاغداش، تېمىرباقان تاغداش، بەيتىك تاغداش دىگەندەك 10 تاغداش بار. تەڭرى تاغلاشتا، قوڭۇرچىن تاغداش، پولىكنور تاغداش، ئىلانقابىرغا تاغداش، خالىق تاغداش، بوغدا تاغداش، قارلىق تاغداش دىگەندەك 20 تاغداش بار. قۇرۇم تاغلاشتا، پامىرتاغداش، قۇرۇم تاغداش، قاراقۇرۇم تاغداش، ئالتۇن تاغداش دىگەندەك كۆپلىگەن تاغداشلار بار.
«تاغقاش» دىگەن سۆز، ئا.ر.جىمسارى ياسىغان ئۇيغۇرچە ئىسىم سۆز. بىر تاغداشنىڭ «قاشى» ياكى «شاخى» تاغقاش دەپ ئاتىلىدۇ. ھەر قايسى تاغداشلاردىكى تاغقاشلار، بىر چوڭ تاغىز (تاغ ئاغزى ياكى ئاغۇ، ئاغى دەپمۇ ئاتالغان)، داۋان، جىرا ياكى غول بىلەن ئايرىلىپ تۇرىدۇ. مەسىلەن: مىنىڭ كۆرگەنلىرىمگە ئاساسلانغاندا، بوغدا تاغداشتا، قارابوغدا، كۆكبوغدا، ئاقبوغدا دىگەندەك ناملاردا ئاتالغان نۇرغۇنلىغان تاغقاشلار بار. دەسلەپكى جەمتەر قىلىشىمچە، تەڭرى تاغلاشتا 20 تاغداش، 100 گە يىقىن تاغقاش بار.
بايان ئاخىر
يوقۇرىدا، ئاپتونۇم رايونىمىزدىكى تاغلارنى ئاساس قىلىپ، تاغلارنىڭ چوڭ-كىچىك، بىر يۈرۈش، مۇستەقىل بولۇشتەك ئەھۋاللىرىغا ئاساسەن، تاغلارنى، تاغلاش، تاغداش ۋە تاغقاش دىگەن 3 دەرىجىگە ئايرىدىم. ھەمدە، بۇ ناملارنىڭ ئىلمىي تەبىرى كۆرسۈتىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە تاغلاش، تاغداش ۋە تاغقاش دىگەن 3 ئاتالغۇنىڭ كۆرسۈتىدىغان ئوبىكتى ئېنىق بەلگىلەندى. ئەندى، بىزنىڭ تىلىمىزدا ئادەتتە، تاغ ۋە تاغلار دىگەن بىرلىك، كۆپلۈك دەرىجەسىنى بىلدۈرىدىغان ئىككى سۆز بار. بۇ ئىككى سۆز، مىنىڭچە ئومۇمى نام بولىدۇ. تاغ ياكى تاغلار بولمىسۇن، بۇ سۆزلەرنىڭ بىرلىك كۆپلۈك دەرىجەسىنى بىلدۈرىدىغانلىقىدىن باشقا ئېنىق كۆرسۈتىدىغان دەرىجە ئوبىكتى يوق. مەسىلەن: ئالتاي تېغى، ئالتاي تاغلىرى دىگەن ئاتالغۇ، ئالتاي تاغلاشنى كۆرسۈتىشى مۇمكىن، مەلۇم ناملىق ئالتاي تاغداشنى كۆرسۈتىشىمۇ مۇمكىن، ياكى مەلۇم ناملىق ئالتاي تاغقاشنى كۆرسۈتىشىمۇ مۇمكىن. بۇنىڭدا، دەرىجە ئوبىكىت ئۇقۇمى مۇجىمەل بولىدۇ. ئەندى بىز قوللۇنۇپ كېلىۋاتقان تاغ تىزمىسى، تاغ سىستېمىسى دىگەن ئىككى ئاتالغۇغا كەلسەك، بۇلار ئىزاھلىق سۆزلەر بولۇپ، ئىسىم ئەمەس. بۇلارنى ئىسىم ئورنىدا ئاتاشتا بوغۇمى كۆپ ھەم ئۇزۇن. شۇڭا، گىپىمىزنى قىسقا قىلىش، ئۇقۇمنى ئېنىق بىلدۈرۈش، ئوبىكىتنى توغرا كۆرسۈتۈش ئۈچۈن، تاغلاش، تاغداش، تاغقاش دىگەن ئاتالغۇلارنى قوللۇنۇشنى تەۋسىيە قىلىمەن.
تاغلاش، تاغداش ۋە تاغقاش كۆرۈنۈشلىرىنى تۆۋەندىكى رەسىمدىن كۆرۈۋالسىڭىز بولىدۇ.
مىنىڭچە بۇ رەسىمدە، 1 تاغلاش، 5 تاغداش، 22 دىن كۆپ تاغقاش باردەك قىلىدۇ.
يازما ئاپتورى: ئارجىم
يازما يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 01-ئاينىڭ 14-كۈنى
يازما ئاۋاتلىقى: 319 قېتىم كۆرۈلدى
يازما ئادرېسى: ../?p=3797
بارلىق ھوقۇق ئاكادېمىيە تور بېكىتىگە غا تەۋە! رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!