باش بەت > جۇغراپىيە > شىنجاڭنىڭ يەر شەكلى
9يانۋار

شىنجاڭنىڭ يەر شەكلى

شىنجاڭنىڭ يەر شەكلى

新疆的地貌

ئا.ر.جىمسارى

بايان ئاۋۋال

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىمىز، دۆلىتىمىز جۇڭگو بويىچە تېرىتورىيە زىمىنى ئەڭ چوڭ مەمورى رايون بولۇپلا قالماستىن بەلكى يەر شەكىللىرىنىڭ كۆپلىكى بىلەنمۇ مەشھور. مەن، 1968- يىلىدىن باشلاپ 1998-يىلغىچە بولغان 30 يىل جەريانىدا، خىزمەت ۋە ھەر خىل سەۋەپلەر بىلەن شىنجاڭنىڭ پۈتۈن زىمىنىنى  قىدىرىپ كۆرۈشكە مۇۋەپپەق بولدۇم. مەزگۇر ئەسەردە، بۇرادەرلەرنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن، شىنجاڭنىڭ يەر شەكلى، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە ناملىرى ۋە ئىگەللىگەن يەر كۆلەمىدىن قىسقىچە مەلۇمات بەردىم. 

شىنجاڭنىڭ دۆلىتىمىز خەرىتىسىدىكى جايلاشقان ئورنى

1. شىنجاڭنىڭ ئومۇمى يەر تۈزۈلىشى

DSC_8632_副本

خەرىتىدىكى قارا سىزىق، شىنجاڭ تېرىتورىيەسىنىڭ چىگراسىنى بىلدۈرىدۇ. چىگرا ئىچىدىكى قوڭۇر رەڭلىك يەرلەر، تاغلارنى بىلدۈرىدۇ.

ئەگەر سىز شىنجاڭنىڭ شىمالىدىكى بەيتىك تاغداشنىڭ جەنۇبى قاپتالىدىكى ئالتان تاغقاش چوققاسىدىن جەنۇپقا قاراپ چوڭ ئۇلاستاي غولى بويلاپ ئۇدۇل ماڭسىڭىز،  شەرقى قارامايىل تاغداشدىن ئۆتۈپ، شەرقى قۇربانتۇڭغۇت قۇملۇقىنى كىسىپ، كۈمۈرلۈك ئارقىلىق گۇچۇڭ ناھىيەسىگە كىلىسىز. يەنە داۋاملىق جەنۇپقا قاراپ ماڭسىڭىز، جىمسار ناھىيەسىنىڭ قارابوغدا تاغقاش ئېغىزىغا جايلاشقان بۇلاقبازار (چۋەنزىگەي) يېزىسىغا كىلىسىز، يەنە جەنۇپقا قاراپ ماڭسىڭىز، قارابوغدا تاغقاشتىن ئارتىلىپ چۈشۈسىز. يەنە داۋاملىق جەنۇپقا ئۇدۇل ماڭسىڭىز تۇرپان ئويپاتى، لوپنۇر ئويپاتىنى كىسىپ ئۆتىسز. يەنە داۋاملىق جەنۇپقا قاراپ ماڭسىڭىز چۆلتاغ تاغداش، ئاياق كۈنچى غول، ئاياق تارىم غولنى توغرىسىغا كىسىپ ئۆتىسىز. داۋاملىق جەنۇپقا ماڭسىڭىز، كۈنچى قۇملۇقىنى ياكى شەرقى تەكلىماكان قۇملۇقىنى كىسىپ ئۆتۈپ، چارقىلىق ناھىيەسىگە كىلىسىز. يەنە داۋاملىق جەنۇپقا قاراپ ماڭسىڭىز ئالتۇن تاغداشقا تاقىلىسىز. يەنە داۋاملىق جەنۇپقا قاراپ ئالتۇن تاغداشنى كىسىپ ئۆتسىڭىز، شەرقى قاراقۇرۇم تاغداشقا كىلىسىز، ئۇنىڭدىكى ئاچچىقكۆل تاغقاشنى كىسىپ ئۆتسىڭىز، تاغ ئۈستىدىكى ئاچچىقكۆلگە كىلىسىز. يەنە داۋاملىق جەنۇپقا قاراپ ماڭسىڭىز، قارامىرەن تاغداشنىڭ مۇزتاغ تاغقاشقا چىقىسىز. شۇنىڭ بىلەن شىنجاڭنىڭ شەرقى جەنۇپ چىگرىسىغا كىلىسىز. مۇزتاغ تاغقاشنىڭ جەنۇبى بولسا، شىزاڭ ئاپتونۇم رايونى زىمىنى بولىدۇ.

ئەگەر سىز، ئالتاي تاغداشنىڭ غەربىدىكى دوستلۇق چوققاسىدىن جەنۇپقا قاراپ يولغا چىقسىڭىز، قابا ناھىيەسىگە كىلىسىز، يەنە داۋاملىق جەنۇپقا قاراپ ئۇدۇل ماڭسىڭىز، قوبۇقسار ناھىيەسىگە كىلىسىز، داۋاملىق جەنۇپقا ماڭسىڭىز، قاراماي شەھرىگە كىلىسىز. يەنە جەنۇپقا ماڭسىڭىز، كۈيتۇن غولنى كىسىپ ئۆتۈپ، شىخۇ ناھىيەسىگە كىلىسىز. يەنە داۋاملىق جەنۇپقا ماڭسىڭىز، تەڭرى تاغلاشدىكى پولكىنور تاغداشقا كىلىسىز. يەنە داۋاملىق جەنۇپقا ئۇدۇل ماڭسىڭىز، قاشغول، كۈنەسغوللارنى ۋە ناراتتاغ، يۇلتۇزلارنى كىسىپ ئۆتۈپ، خالىق تاغداشقا كىلىسىز. يەنە داۋاملىق جەنۇپقا قاراپ تەلىمەت داۋانىدىن ئىشىپ چۈشۈپ، كۆل ۋە كۇچاغول بويلاپ ماڭسىڭىز، كۇچا بازىرىغا كىلىسىز. يەنە داۋاملىق جەنۇپقا قاراپ ماڭسىڭىز شايار ناھىيەسىگە ئۇنىڭدىن كىيىن تارىم غوللارنى كىسىپ ئۆتىسىز، ئاندىن ئارال شەھرىگە كىلىسىز، يەنە داۋاملىق ماڭسىڭىز تەكلىماكان قۇملۇقىغا كىرىسىز ۋە ئاياق خوتەن غولغا كىلىسىز. خوتەن غول بويلاپ يەنە داۋاملىق جەنۇپقا قاراپ ماڭسىڭىز، خوتەن شەھرىگە كىلىسىز. خوتەندىن يورۇققاش غول (يۇرۇڭقاش دەرياسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) بويلاپ داۋاملىق جەنۇپقا ماڭسىڭىز، شەرقى قۇرۇم تاغداشنى كىسىپ، چىتاي داۋان ئارقىلىق ئاقسايچىنغا كىلىسىز. بۇ يەردىن داۋاملىق جەبۇپقا قاراپ ماڭسىڭىز، سارتاغ تاغداشقا چىقىسىز. شۇنىڭ بىلەن ئاپتونۇم رايونىمىزنىڭ جەنۇبى زىمىن چىگرىسى ئاخىرلىشىدۇ، سارتاغ تاغداشنىڭ جەنۇب تەرىپى، شىزاڭ ئاپتونۇم رايونىغا تەۋە. دىمەك، شىنجاڭنىڭ ئومۇمى يەر شەكلى، شىنجاڭنىڭ شىمالىدىكى ئالتاي تاغلاش،  شىنجاڭنىڭ ئوتتۇراسىدىكى تەڭرى تاغلاش، شىنجاڭنىڭ جەنۇبىدىكى قۇرۇم تاغلاش، شىمالى شىنجاڭدىكى غەربى جۇڭغار تاغلاش قاتارلىق 4 تاغلاش، بۇلارنىڭ ئارىسىدا شەكىللەنگەن جۇڭغار ئويپات بىلەن تارىم ئويپاتتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئويپاتتىن  تۈزۈلگەن.

2. شىنجاڭدىكى يەر شەكىللىرى ۋە ئۇلارنىڭ ناملىرى

يوقۇرىدا دىيىلگەندەك، شىنجاڭنىڭ تېرىتورىيەسىنى ئايلانلانغىنىڭىزدا، 4 تاغلاشنى، تەخمىنەن 50 ئەتراپىدىكى تاغداشنى، 300 گە يىقىن تاغقاشلارنى، 30 دىن كۆپ ئويپات ۋە ئىدىر تۈزلەڭلەرنى كىزىپ ئۆتىسىز. شىنجاڭدىكى مۇشۇنچىۋالا كۆپ يەر شەكىللىرىنى  يىغىنچاقلاپ چۈشۈنۈش ۋە پايدىلىنشقا قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن،  ئۇلارنىڭ تەبىئەت ئاساسىغا ئاساسەن،  يەر شەكىللىرىنى   6چوڭ بۆلەككە يىغىنچاقلاپ ئايرىساق بولىدۇ. بۇلارنىڭ ناملىرى 1- جەدۋەلدە كۆرسۈتىلدى؛

1- جەدۋەل: شىنجاڭدىكى يەر شەكىللىرىنىڭ بۆلەكلىرى ۋە ناملىرى

رەت نومىرى

يەر شەكىللىرىنىڭ ئۇيغۇرچە نامى

يەر شەكىللىرىنىڭ خەنزۇچە نامى

1

ئالتاي تاغلاش (دۆلىتىمىز ئىچى)

阿尔泰山山地(中国境内)

2

جۇڭغار غەربى تاغلاش (دۆلىتىمىز ئىچى)

准噶尔西部山地(中国境内)

3

جۇڭغار ئويپاتى

准噶尔盆地

4

تەڭرى  تاغلاش (دۆلىتىمىز ئىچى)

天山山地(中国境内)

5

تارىم ئويپاتى

塔里木盆地

6

قۇرۇم تاغلاش

昆仑山山地

3.  شىنجاڭدىكى يەر شەكىللىرىنىڭ كۆلەمى

يوقۇرىدا كۆرسۈتىلگەن شىنجاڭنىڭ 6 بۆلەك يەر شەكىللىرىنىڭ يەر كۆلەمىنى خىزمەتدىشىمىز ياڭ فاشىياڭ ھېساپلاپ كۆرگەن ئىكەن. ئۇنىڭ نەشىرىيات ئۇرۇنلىرىدا نەشىر قىلغان ماتىرىيالىغا ئاساسلانغاندا، شىنجاڭدىكى 6 بۆلەك يەر شەكلىنىڭ يەر مەيدانى 2- جەدۋەلدە كۆرسۈتىلگەندەك بولىدىكەن. دىمەك، مۇشۇ سانلىق مەلۇمات بويىچە ھىساپلىغاندا، شىنجاڭنىڭ ئومۇمى يەر مەيدانى، 1642564.39 كۋادىرات كلومېتىر بولىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، تارىم ئويپات يەر بۆلىكىنىڭ ئىگەللىگەن يەر مەيدانى، شىنجاڭنىڭ ئومۇمى يەر مەيدانىنىڭ 31.87% نى ئىگەللەپ، يەر كۆلەمىنىڭ چوڭلىقى جەھەتتە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. تەڭرى تاغلاشنىڭ ئىگەللىگەن يەر مەيدانى، شىنجاڭنىڭ ئومۇمى يەر مەيدانىنىڭ  28.38 ٪ نى ئىگەللەپ، ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. قۇرۇم تاغلاشنىڭ ئىگەللىگەن يەر مەيدانى، شىنجاڭنىڭ ئومۇمى يەر مەيدانىنىڭ  21 ٪ نى ئىگەللەپ ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. جۇڭغار ئويپاتىنىڭ ئىگەللىگەن يەر مەيدانى، شىنجاڭنىڭ ئومۇمى يەر مەيدانىنىڭ  9.82 ٪ نى ئىگەللەپ تۆتىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئالتاي تاغلاشنىڭ ئىگەللىگەن يەر مەيدانى، شىنجاڭنىڭ ئومۇمى يەر مەيدانىنىڭ  5.91 ٪ نى ئىگەللەپ بەشىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. جۇڭغارغەربى تاغلاشنىڭ يەر مەيدانى، شىنجاڭ ئومۇمى يەر مەيدانىنىڭ  3.02  ٪ نى ئىگەللەپ ئالتىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. (2-جەدۋەلگە قاراڭ)

2- جەدۋەل: شىنجاڭدىكى يەر شەكىللىرىنىڭ بۆلەكلىرى ۋە يەر كۆلەمى

رەت نومىرى

يەر شەكىللىرىنىڭ ئۇيغۇرچە نامى

يەر كۆلەمى (km2)

ئىگەللىگەن نىسبەتى

1

ئالتاي تاغلاش 

97149.77

5.91٪

2

جۇڭغار غەربى تاغلاش

49661.22

3.02

3

جۇڭغار ئويپاتى

161274.57

9.82

4

تەڭرى تاغلاش

466080.44

28.38

5

تارىم ئويپاتى

523402.34

31.87

6

قۇرۇم تاغلاش

344996.05

21.00

 

جەمئى

1642564.39

100

 

بايان ئاخىر

شىنجاڭنىڭ يەر زىمىنى ھەقىقەتەن چوڭ. ئۇنىڭ يەر شەكلى تۈزۈلىشىمۇ ئۆزگىچە بولۇپ، دۇنياۋى تۈسىنى ئالغان (خەلقئارالىق يەر) تاغلار، ئويپاتلار، قۇملۇقلار بار. مەزگۇر ئەسەردە، پەقەتلا، شىنجاڭنىڭ ئومۇمى يەر شەكلى نوقتىسىدىن قىسقىچە مەلۇمات بېرىلدى. ئاللا بۇيرىسا، سالامەت بولۇپ، ئىمكان يارىتىلسا، قالغان مەزمۇنلارنى تولۇقلاپ يازىش نىيەتىم بار. مەزگۇر ئەسەردىكى بەزى ئاتالغۇلار توغرىسىدا ئېنىق چۈشەنچىگە ئېرىشىش ئۈچۈن، ئاكادېمىيە تورىدا نەشىر قىلىنغان «تاغلاش، تاغداش، تاغقاش» ناملىق ئەسەرنى ئوقۇپ باقسىڭىز بولىدۇ.

يازما ئاپتورى: ئارجىم
يازما يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 01-ئاينىڭ 09-كۈنى
يازما ئاۋاتلىقى: 326 قېتىم كۆرۈلدى
يازما ئادرېسى: ../?p=3754
بارلىق ھوقۇق ئاكادېمىيە تور بېكىتىگە غا تەۋە! رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!

مەزكۇر يازمىغا تېخى باھا يېزىلمىدى

باھا يېزىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز