خەتكۈش ‘شىنجاڭ يەر شەكلى’
2014يانۋار9

شىنجاڭنىڭ يەر شەكلى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىمىز، دۆلىتىمىز جۇڭگو بويىچە تېرىتورىيە زىمىنى ئەڭ چوڭ مەمورى رايون بولۇپلا قالماستىن بەلكى يەر شەكىللىرىنىڭ كۆپلىكى بىلەنمۇ مەشھور. مەن، 1968- يىلىدىن باشلاپ 1998-يىلغىچە بولغان 30 يىل جەريانىدا، خىزمەت ۋە ھەر خىل سەۋەپلەر بىلەن شىنجاڭنىڭ پۈتۈن زىمىنىنى قىدىرىپ كۆرۈشكە مۇۋەپپەق بولدۇم. مەزگۇر ئەسەردە، بۇرادەرلەرنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن، شىنجاڭنىڭ يەر شەكلى، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە ناملىرى ۋە ئىگەللىگەن يەر كۆلەمىدىن قىسقىچە مەلۇمات بەردىم.