20ئىيۇل
كىيىك ئاقكاس ياركەندى
كىيىك ئاقكاس ياركەندى
جىمسارى
بايان ئاۋۋال
ئۇيغۇر تىلىدىكى «ئاكادېمىيە» ناملىق تورىستاننىڭ 2014-يىللىق 6- چىللە سانىدا، «كىيىكرۇق زاتلارى » ناملىق ئەسەر نەشىر قىلىنغان. ئۇنىڭدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىمىز تەۋەسىدە «كىيىك ئاقكاس سىبىرى»، «كىيىك ئاقكاس جۇڭغارى»، «كىيىك ئاقكاس ياركەندى» ناملىق 3 شاخزاتىنىڭ تارقالغانلىقى كۆرسەتىلگەن. بۇرادەرلەرنىڭ پايدالانىشى ئۈچۈن، مەزگۇر ئەسەردە، ئەنە شۇلارنىڭ ئىچىدىكى «كىيىك ئاقكاس ياركەندى» شاخزاتى توغراسىدا بىلگەنلەرىم قىسقىچە بايان قىلىندى.
1. «كىيىك ئاقكاس ياركەندى»نىڭ نەسەپ تەۋەلىكى
«كىيىك ئاقكاس ياركەندى» دىگەن سۆز، ئا.رەھمەتۇللانىڭ «ھايۋانات ناملارىنى قويۇش ۋە يازىش قائىدەسى» ناملىق ئەسەرىنىڭ روھى بويىچە ئاتالغان ئۇيغۇرچە ئىسىم سۆز. بۇ ئىسىم سۆز، «كىيىك ئاقكاسى»( Cervus elaphus马鹿) زاتىدىكى بىر شاخزاتىنىڭ نامى بولۇپ، ئۇنىڭ لاتىنچە نامى «Cervus elaphus yarkandensis»، خەنزۇچە نامى «马鹿塔里木亚种,塔河马鹿,南疆马鹿,南疆小白鹿,叶尔羌马鹿» دەپ ئاتالغان. ئۇيغۇرچە مەنبەلەردە «تارىم بۇغىسى» دەپ ئاتالغان. ئۇيغۇرچە بۇ ئىسىم توغرا قويۇلماغان. چۈنكى، «بۇغا» دىگەن سۆز، زاتنىڭ نامىنى ئەمەس، جىنىس نامىنى بىلدىرەدى.
«كىيىك ئاقكاس ياركەندى»نىڭ نەسەپ تەۋەلىكى مۇنداق بولىدۇ: « كىيىك ئاقكاس ياركەندى » شاخزات بولۇپ، «كىيىك ئاقكاسى» زاتىغا تەۋە. «كىيىك ئاقكاسى» زاتى، «كىيىكرۇق» قا تەۋە. «كىيىكرۇق»، «كىيىكئىلە»گە تەۋە بولىدۇ.
2. كىيىك ئاقكاس ياركەندىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە تارقالىشى
كىيىك ئاقكاس ياركەندىنىڭ جۇغى ئوتتۇراھال ھايۋان بولۇپ، بالاغەتكە يەتكەن بۇغانىڭ تەن ئىگىزلىكى 116-138 سانتىمېتىر، تەن ئۇزۇنلىقى 118-138 سانتىمېتىر، تەن ئېغىرلىقى 256 كلوگىرام ئەتراپىدا كىلىدىكەن. بالاغەتكە يەتكەن مارالنىڭ تەن ئىگىزلىكى 108-125 سانتىمېتىر، تەن ئۇزۇنلىقى 112-132 سانتىمېتىر، تەن ئېغىرلىقى 208 كلوگرام ئەتراپىدا كىلىدىكەن. يىڭى تۇغۇلغان كىيكەنىڭ (بالاسى) تەن ئېغىرلىقى 10 كلوگىرام ئەتراپىدا بولۇدىكەن. كىيىك ئاقكاس ياركەندىنىڭ بەدەنى چىڭ، باشى زىلۋا، قۇلاقلىرى دىڭ، قاڭشارى ئازراق كۆتەرىلگەن، كۆزلەرى چوڭ ھەم خۇماكۆز كىلىدۇ. باشقا ئوتغور ھايۋانلارغا ئوخشاش، ئۈركۈگەك ھەم سەزگۈر كىلىدۇ. كاسسا قىسمى ئاقرەڭدە بولادى. شۇڭا، زاتنىڭ نامى، «كىيىك ئاقكاسى» دەپ قويۇلغان. مەنبەلەردىن ئانالىز قىلىشىمچە، «كىيىك ئاقكاس ياركەندى» ناملىق شاخزاتنىڭ تارقالغان ئورنى، تارىم ئويمانلىقىدىكى غوللارنىڭ توقايلارىدا، چىمتانلارىدا، جاڭگاللارىدا بولۇپ، جانىۋارشۇناس ئالىم لىننىي دىگەن كىشى «ياركەند» دىگەن نامنى بۇ شاخزاتنىڭ تارقالغان جۇغراپىيەلىك ئورۇنىغا ۋەكىل قىلغان، شۇنىڭ بىلەن، 1758-يىلى كىيىك ئاقكاسىنىڭ بۇ شاخزاتىغا « Cervus elaphus yarkandensis » دىگەن نامنى قويغان ئىكەن. شۇڭا، خەلقئارادا ئورتاق قوللانىۋاتقان بۇ ئىسىمنى مەنمۇ ئۆز پىتى قوللانىپ، «كىيىك ئاقكاس ياركەندى» دەپ ئاتادىم.
بۇغا ئادەتتە يىلدا بىر قىتىم مۇيۇزىنى تۈۋىدىن تاشلاپ تۇرۇدۇ ھەم مۇيۇز تۈۋىدىن يىڭى مۇيۇز ئۆسۈپ چىقىپ تۇرىدۇ. بۇغانىڭ مۇيۇزى ئادەتتە بارانىغا يەتكەندە، 5-6 شاخچە ئايرىلادى. سەپەر ياكى چىللە ئايىدا يۇمران مۇيۇزى يەتىلەدى. مەنبەلەرگە قاراغاندا، بۇغالاردىن، 1ياشتىن باشلاپ، 13-14 ياشقىچە يۇمران مۇيۇز ئالىنادى. ھەر بىر باش بۇغا ئوتتۇرا ھىساپتا، يىلىغا 6-7 كلوگىرام يۇمران مۇيۇز ئىشلەپچىقارىدىكەن.
كىيىك ئاقكاس ياركەندى، ئادەتتە بىر يارىم ياشقا كىرگەندىن كىيىن كۈيلەشكە باشلايدىكەن. ماراللارى بۇغا بىلەن چىتىشقاندىن كىيىن، 245 كۈن ئەتراپىدا بۇغاز بولۇدىكەن. ئادەتتە 3 ياشتىن 14 ياشقىچە كىيكەلەيدىكەن.
3. كىيىك ئاقكاس ياركەندىنى ئاسراش دەرىجەسى
كىيىك ئاقكاس ياركەندى، پەقەتلا چۆل مۇھىت كونتروللىقىدىكى ماكانلاردا ياشايدىغان بىر شاخزات بولۇپ، بىر ئۆمۈر يىرىك خەشەكتە ئوزۇقلۇنۇش، چۆلدەش، تۇمۇز ئىسسىق، بوران ۋە يىرتقۇچ كۈشەندىلەردىن ساقلىنىش دىگەندەك ناچار ھەم خەتەردە ياشايدۇ. 20-ئەسىرنىڭ 60- يىللارىدىن كىيىن، ئادەملەر پائالىيەتلەرىنىڭ تارىم ئويپاتىدىكى كەڭىيىشىگە ئەگىشىپ، ئۇلارنىڭ ياشاش ماكانلىرى تارايىشقا يۈزلەندى، سانىمۇ ئازايىشقا يۈزلەندى. شۇڭا، تەبىئەتنى ئاسراش دۇنياۋى بىرلەشمەسى 1972 (世界自然保护联盟IUCN) -يىلى، كىيىك ئاقكاس ياركەندىنى «خەۋپتە زات» دەپ قاراپ، قىزىلرۇيخەتكە خاتىرلىگەن ئىكەن. كىيىن دۆلىتىمىزمۇ، كىيىك ئاقكاس ياركەندىنى، Ⅱ-ئاسرال زات (ئىككىنچى دەرىجەدە ئاسرايدىغان ھايۋان زاتى) دەپ بېكىتكەن ئىكەن.
بايان ئاخىر
ھۆرمەتلىك بۇرادەر، كىيىك ئاقكاس ياركەندى توغراسىدىكى بايانىم شۇنىڭ بىلەن تامام بولدى. كام قالغان ياكى خاتا بولغان جايلارى بولۇپ قالسا، ئىنكاسىڭىزدا تۈزۈتۈش پىكىرى بەرسەڭىز بولادى.
يازما ئاپتورى: ئارجىم
يازما يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 07-ئاينىڭ 20-كۈنى
يازما ئاۋاتلىقى: 215 قېتىم كۆرۈلدى
يازما ئادرېسى: ../?p=4803
بارلىق ھوقۇق ئاكادېمىيە تور بېكىتىگە غا تەۋە! رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!