20ئىيۇل
شىتەنكەرۇق زاتلارى ۋە ئۇلارنىڭ ناملارى
شىتەنكەرۇق زاتلارى ۋە ئۇلارنىڭ ناملارى
جىمسارى
بايان ئاۋۋال
رايونىمىزدىكى چۆلجەزىرەلەردە، يۇلغۇن، ئاقتىكەن قاتارلىق گىيالار يىلتىزىدىن پايدالانىپ پارازىت ياشايدىغان بىر خىل دورالىق گىيالار بار. بۇ گىيانىڭ نامىنى مەن ئۇنىڭ لاتىنچە نامىغا ئاساسەن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ، «شىتەنكە» دەپ ئاتادىم. بۇ ئىسىم سۆز، ئۇيغۇرچە مەنبەلەردە «توشقان زەدىكى» دەپ ئاتالغان. مەن بۇ ئىسىمنى مۇۋاپىق ئەمەس دەپ قارايمەن. شۇڭا، بۇرادەرلەرنىڭ پايدالانىشى ئۈچۈن، مەزگۇر ئەسەردە شىتەنكە دىگەن سۆزگە ئىزاھ بەردىم. شىتەنكەرۇقتىكى زاتلارنى ۋە ئۇلارنىڭ ناملارىنى كۆرسەتتىم.
1. «شىتەنكە ۋە شىتەنكەرۇق» دىگەن ئىسىم توغراسىدا ئىزاھات
«شىتەنكە» دىگەن سۆز، ئا.رەھمەتۇللا قويغان ئورۋانئىلەدىكى «Orobanchaceae» (شۇمبۇيا ئائىلىسى دەپ ئاتالغان) بىر رۇقنىڭ ئۇيغۇرچە نامى ھەم مۇشۇ رۇقتىكى گىيالارنىڭ ئومۇمى نامى. ئۇيغۇرچىدىكى «شىتەنكەرۇق» دەپ ئاتالغان سۆز، رۇق نامىنى، «شىتەنكەلەر» دىگەن سۆز، شىتەنكەرۇقتىكى بارلىق زاتلارنى كۆرسەتىدۇ. شىتەنكەرۇقنىڭ لاتىنچەسى « Cistanche »، خەنزۇچەسى «肉苁蓉属» دەپ ئاتالادى. بۇ نام، ئۇيغۇرچە مەنبەلەردە « توشقان زەدىكى ئۇرۇقدىشى» دەپ ئاتالغان. « توشقان زەدىكى ئۇرۇقدىشى» دەپ ئاتالغان بۇ سۆز مىنىڭچە ھەم ئىلمىي ئەمەس ھەم ئۇزۇنلىقىدىن ئىسىم سۆز بولالمايدۇ. شىتەنكە ئەسلىدە بىر تەييارتاپ گىيا بولۇپ، ئۇنىڭ گۆشھال غولى تۇپراق ئاستىدا يۇغۇنايدۇ. يوغانلارىنىڭ ھۆل ۋاقتىدىكى توملىقى 10-15 سانتىمېتىر، ئۇزۇنلىقى 50-100سانتىمېتىر كىلىدۇ. دىمەك، ئۇنىڭ گۆشھال غولىنىڭ ئۆزىلا توشقاندىن چوڭ بولىدۇ. «توشقان زەدىكى» دىگەن گەپنىڭ مەناسى نىمە؟ ئەگەر، ئۇ توشقاننىڭ جىنسى ئەزاسىنى كۆرسەتسە، ئۇ چاغدا بۇ يەردىكى ئوخشۇتۇش ئىلمىي بولمايلا قالماستىن بەلكى بىمەنا بولۇپ قالىدۇ. شىتەنكەرۇق دىگەن سۆز، 4 بوغۇمدىن تۈزۈلگەن بىرلا سۆز بولۇپ، ئاتاشقا ئىخچام، يازىشقا قولايلىق ئىسىم سۆز بولادى. ئەگەردە، «توشقان زەدىكى ئۇرۇقدىشى» دەپ ئاتالسا، 9 بوغۇملۇق 3 سۆزدىن تۈزەلەدى-دە، ئاتاشقا ۋە يازىشقا ئۇزۇن ھەم ئىسىم سۆز بولماي قالادى. شۇڭا، بۇ گىيانىڭ لاتىنچە نامىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ «شىتەنكە» دەپ، رۇق نامىنى «شىتەنكەرۇق» دەپ ئاتادىم. (تۆۋەندىكى شىتەنكە رەسىملەرىنى بەيدۇ تورىدىن چۈشەردىم. رەسىملەر مەنبەسى رەسىمنىڭ ئۆزىدە ئەسكەرتىلگەندەك قىلىدۇ).
2. شىتەنكەرۇقنىڭ نەسەپ تەۋەلىكى
شىتەنكەرۇق، ئورۋانئىلەگە تەۋە. ئورۋانئىلە، ئۇيغۇرچە مەنبەلەردە «شۇمبۇيا ئائىلىسى» دەپ ئاتالغان. ئەمما، بۇ شۇمبۇيا دىگەن ئىسىم، توغرا قۇيۇلماغان. چۈنكى، بۇ ئائىلەدە بىرەرمۇ بۇيا زاتى يوق. شۇملۇق قىلىپ ئۆسۈۋالىدىغان بۇيا زاتىمۇ ئەمەس. شۇڭا، لاتىنچە نامىغا ئاساسەن بۇ ئائىلەنىڭ نامىنى ئۇيغۇرچە «ئورۋانئىلە ياكى ئورۋان ئائىلەسى» دەپ ئاتادىم. ئورۋانئىلە، لەۋىيامەت (لەۋىيالار جەمەتى)كە تەۋە. لەۋىيامەت، قوشپەل گىيالارغا تەۋە. قوشپەل گىيالار، قاپلىقدان گىيالارغا تەۋە. 1-جەدۋەلگە قاراڭ.
1-جەدۋەل: شىتەنكەرۇقنىڭ نەسەپ تەۋەلىكى
ئا.رەھمەتۇللا قويغان نامى |
لاتىنچە نامى |
خەنزۇچە نامى |
ئۇيغۇرچە مەنبەلەردىكى نامى |
جانىۋارى دۇنيا |
biosphere |
生物界 |
جانلىقلار دۇنياسى |
گىيامىقياس |
Plantae |
植物界 |
ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى |
قاپلىقدان گىيالار |
Angiosperms |
被子植物 |
يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر |
قوشپەل گىيالار |
Eudicots |
真双子叶植物 |
قوش پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر |
لەۋىيەمەت |
Lamiales |
唇形目 |
كالپۇكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسى |
ئورۋانئىلە |
Orobanchaceae |
列当科 |
شۇمبۇيا ئائىلىسى |
شىتەنكەرۇق |
Cistanche |
肉苁蓉属 |
توشقان زەدىكى ئۇرۇقدىشى |
3. شىتەنكەرۇقنىڭ زاتلارى ۋە ئۇلارنىڭ ناملارى
مەنبەلەرگە قاراغاندا، شىتەنكەرۇق زاتلار، ياۋروپا-ئاسىيا قىتئەلىرىنىڭ مۆتىدىل چۆللەرىگە تارقالغان. بولۇپمۇ، ياۋروپانىڭ ئىبەر يارىم ئارالى، ئافرىقانىڭ شىمالى، ئەرەب يارىم ئارالى، ئىران، ئافغانىستان، تۈركمەنىستان، ئۆزبەكىستان، قازاقىستان، قىرغىزىستان، پاكىستان، ھىندىستان شىمالى، مۇڭغۇلىيە ۋە جۇڭگونىڭ غەربى، شىمالى قاتارلىق دۆلەت رايونلارغا تارقالغان. شىتەنكەرۇقنىڭ زات سانى ئانىق ئەمەس. بەزى مەنبەلەردە 16 زاتى بار دىيىلگەن، بەزى مەنبەلەردە 20 زاتى بار دىيىلگەن. مەن ۋىكىپېدىيا تورىدىن ئۇنىڭ 26 زاتىنىڭ نامىنى جەمتەر قىلدىم. ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرچە ناملارى، ئا.رەھمەتۇللانىڭ «گىيا زات ناملارىنى ئۇيغۇرچە قويۇش ۋە يازىش قائىدەسى»گە ئاساسەن قويۇلدى. 2-جەدۋەلگە قاراڭ. (جەدۋەلدىكى «خەنزۇچە ۋە ئۇيغۇرچە مەنبەلەردىكى نامى» دىگەن كاتاكچىلەر ئاق قالدى. چارچاپ قالغان ئوخشايمەن، ئىزدەشكە ھورۇنلۇق قىلدىم. ئەگەر سىزگە ئۇچراپ قالسا، ئېغىر كۆرمەي تولدۇرۇپ قويارسىز).
2-جەدۋەل: شىتەنكەرۇق زاتلارى ۋە ئۇلارنىڭ ناملارى
ئا.رەھمەتۇللا قويغان ئۇيغۇرچە نامى |
لاتىنچە نامى |
خەنزۇچە نامى |
ئۇيغۇرچە مەنبەلەردىكى نامى |
شىتەنكەرۇق |
Cistanche |
肉苁蓉属 |
توشقان زەدىكى ئۇرۇقدىشى |
شىتەنكە ئافغانى |
C. afghanica |
|
|
شىتەنكە ئامىگائى |
C. ambigua |
|
|
شىتەنكە كالروپى |
C. calotropidis |
|
|
شىتەنكە كارنوسى |
C. carnosa |
|
|
شىتەنكە كىرىسونى |
C. christisonioides |
|
|
شىتەنكە كومپاكى |
C. compacta |
|
|
شىتەنكە جەزىرى |
C. deserticola |
肉苁蓉 |
|
شىتەنكە فىدانى |
C. feddeana |
|
|
شىتەنكە فىسى |
C. fissa |
|
|
شىتەنكە فاۋى |
C. flava |
|
|
شىتەنكە جوستومى |
C. jodostoma |
|
|
شىتەنكە لەنجۇئى |
C. lanzhouensis |
兰州肉苁蓉 |
|
شىتەنكە لاشى |
C. laxiflora |
|
|
شىتەنكە ماۋرىتانى |
C. mauritanica |
|
|
شىتەنكە موڭغۇلى |
C. mongolica |
蒙古肉苁蓉 |
|
شىتەنكە نىڭشائى |
C. ningxiaensis |
沙苁蓉 |
|
شىتەنكە پىلپائى |
C. phelypaea |
|
|
شىتەنكە رىگۋايى |
C. ridgewayana |
|
|
شىتەنكە رۇخسائى |
C. rosea |
|
|
شىتەنكە شورچانى |
C. salsa |
盐生肉苁蓉 |
|
شىتەنكە سىنەنى |
C. sinensis |
|
|
شىتەنكە سىپەسى |
C. speciosa |
|
|
شىتەنكە سەنوسى |
C. stenostachya |
|
|
شىتەنكە تىۋالى |
C. trivalvis |
|
|
شىتەنكە تۇبۇلى |
C. tubulosa |
管花肉苁蓉 |
|
شىتەنكە ۋىلائى |
C. violacea |
|
|
|
|
|
|
مەنبەلەرگە قاراغاندا، دۆلىتىمىزدە، شىتەنكەرۇقنىڭ 5 زاتى تارقالغانلىقى خاتىرلەنگەن. مەن ئۇنىڭ 6 زاتىنىڭ بارلىقىنى جەمتەر قىلدىم. 2-جەدۋەلدىكى كۆك ۋە قىزىل رەڭلىك ئىسىملار شۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىمىزدا، شىتەنكەرۇقنىڭ 3 زاتىنىڭ بارلىقى خاتىرلەنگەن. 2-جەدۋەلدىكى قىزىل رەڭلىك ئىسىملار شۇ.
مەنبەلەرگە قاراغاندا، شىتەنكەرۇق زاتلارىنىڭ دورالىق قىممىتى يوقارى بولۇپ، ئۇنى ئىستىمال قىلغاندا، ئادەم بەدەنىنى كۈچلەندۈرۈش، ئەزالارنىڭ قۇۋەتىنى ئاشۇرۇش دىگەندەك شىپالىق بېرىدىكەن.
بايان ئاخىر
ھۆرمەتلىك بۇرادەر، شىتەنكەرۇق زاتلارى ۋە ئۇلارنىڭ ناملارى توغراسىدىكى قىسقىچە بايانىم مۇشۇ يەرگىچە بولدى. مەزگۇر ئەسەردە ئانىق بولماغان يەرلەرى، خاتا بولغان جايلارى بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر بايقاپ قالساڭىز، تۈزۈتۈش پىكىرى بېرىپ ماڭا ئەسكەرتىپ قويۇڭ.
يازما ئاپتورى: ئارجىم
يازما يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 07-ئاينىڭ 20-كۈنى
يازما ئاۋاتلىقى: 272 قېتىم كۆرۈلدى
يازما ئادرېسى: ../?p=4814
بارلىق ھوقۇق ئاكادېمىيە تور بېكىتىگە غا تەۋە! رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!