باش بەت > تىل ۋە يېزىق, ھايۋاناتنامە > ئارسلانئىلە زاتلىرى
5ماي

ئارسلانئىلە زاتلىرى

ئارىسلانئىلە زاتلىرى

 

猫科动物的种类

ئا.ر. بوستانىي

 

بايان ئاۋۋال

ئارىسلانئىلە دىگەن  ئۇيغۇرچە ئاتالغۇ. ئۇنىڭ مەنىسى، ئارسلانلار ئائىلىسى دىگەننى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئاتالغۇنى، ئا.ر.بوستانىي ھايۋانات نامىنى ئاتاش ۋە يازىش قائىدىسى بويىچە، تۇنجى قېتىم  ئىجاد قىلىپ قوللانغان.  ئارسلانئىلە دىگەن ئاتالغۇ، ئۇيغۇرچە مەنبەلەردە، مۈشۈك ئائىلىسى دەپ ئاتالغان. ئەمما مەن، ئارسلانئىلە دەپ ئاتاش مۇۋاپىق دەپ قارايمەن. شۇڭا، ئەسەرلىرىمدە، ئارسلانئىلە دەپ قوللاندىم. ئارسلانئىلەدىكى ھايۋانلارنىڭ قانداق ئالاھىدىلىكى بار؟ ئۇلار  قانداق رۇقلارغا تۈرلەنگەن؟ بۇ رۇقلارنىڭ قانداق زاتلىرى بار؟ دىگەندەك سۇئاللارغا ئۇچراپ تۇرىمىز. شۇڭا، بۇرادەرلىرىمنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن، مەزگۇر ئەسەردە، ئارسلانئىلەدىكى ھايۋانلارنىڭ نەسەب تەۋەلىكى، ئالاھىدىلىكى، رۇقلىرى ۋە ئۇلارنىڭ زاتلىرى، ئۇيغۇرچە ناملىرى قىسقىچە بايان قىلىندى.

  1. 1. ئارسلانئىلەنىڭ نەسەب تەۋەلىكى

ھايۋاناتنى تۈرلەش سىستېمىسى بويىچە، ئارسلانئىلەنى تۈرلىسەك، ئۇنىڭ نەسەب تەۋەلىكى مۇنداق بولىدۇ:

دۇنيا نامى: جانىۋارى دۇنيا . (生物界)

       مىقياس نامى: ھايۋانات مىقياس. (动物界)

            قەبىلە نامى: تارچابىلە . (脊索动物门)

                شاخقەبىلە نامى: ئۇمۇرتقاشاخبىلە. (脊椎动物亚门)

                     تەبىقە نامى: ھايۋانبىقە . (哺乳纲)

                          جەمەت نامى: يىرتقۇچمەت. (食肉目)

                               شاخجەمەت نامى: ئاراشپۇت شاخمەت. (裂脚亚目)

                                     باشئائىلە نامى: ئارسلان باشئىلە. (猫型总科)

                                           ئائىلە نامى: ئارسلانئىلە [Arslanile]. ( 猫科)

 

  1. 2. ئارسلانئىلەدىكى ھايۋانلارنىڭ ئالاھىدىلىكى

ئارسلانئىلەدىكى ھايۋانلارنىڭ بېشى چوڭ ھەم يومۇلاق، تۇمشۇقى قىسقا، ئاغزى چوڭ بولىدۇ. چىشلىرى ئۇزۇن، ئۆتكۈر ھەم مۇستەھكەم بولۇپ، چىشلەش، تارتىش، ئۈزۈش، چايناش كۈچى كۈچلۈك بولىدۇ. ئۇلارنىڭ تەن قۇرۇلمىسى زور، بەزىلىرىنىڭ ئوتتۇراھال كېلىدۇ، ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى يوقۇرى، كۆرۈش، ئاڭلاش،  پۇراش سېزىمى ئالاھىدە تەرەققى قىلغان، شۇڭا، ئۇلار سەزگۈر، كۈچلۈك، چاققان، ھەرىكەتچان ھەم ۋەھشى  كېلىدۇ. ئارسلانئىلەدىكى ھايۋانلارنىڭ پۇتلىرى ئوتتۇراھال ئۇزۇن بولۇپ، بارماقلىق ،پەنجىلىك ھەم تىرناقلىق كېلىدۇ. ئادەتتە، ئۇلارنىڭ ئالدى پۇتى بەش بارماق، كەينى پۇتى تۆت بارماق بولىدۇ. بارماقلىرىدىكى تىرناقلىرى ئۇزۇن، ئۆتكۈر بولىدۇ، تىرناقلىق پەنجىلىرى ئادەم قۇلىغا ئوخشاۋراق قورۇلۇدۇ ھەم ئېچىلىدۇ. بەزىلىرىنىڭ ئېچىلىپلا تۇرىدۇ، قورۇلمايدۇ (يىغىلمايدۇ). قۇيرۇق قىسمى ئۇزۇن ھەم توم بولۇپ تەرەققى قىلغان. ئارسلانئىلەدىكى ھايۋانلار يۈگرۈشكە، سەكرەشكە ۋە يامىشىشقا ماھىر كېلىدۇ. ئادەتتە گۆش تۈرىدىكى ئوزۇقلۇقنى ئاساس قىلىدۇ.  ئوزۇق نىشانغا مۈكۈپ تۇرۇپ ھۇجۇم قىلىدۇ. كۆپىنچە ۋاقىتلاردا تەنھا ھەرىكەت قىلىدۇ.  تېرىسى تاغىل، تەڭگەگۈللۈك، ياكى سىدام رەڭلىك كېلىدۇ.

تۆۋەندىكى رەسىمدە، ئارسلانئىلەدىكى بىر قىسم زاتلىرىنىڭ سىزما رەسىمى كۆرسۈتۈلدى. بۇ رەسىمنى، 1999-يىلى، ئۆزبەكىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسى، بوتانىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇدىرى، دوكتۇر ئاشۇرمېتوۋ ئازاتبېك ئىشخانىسدا ماتىرىيال كۆرىۋىتىپ، روسچە نەشىر قىلىنغان بىر بىئولوگىيە قامۇس كىتاپتىن نۇسخىلاپ ئېلىۋالغان ئىدىم. بۇلارنىڭ ناملىرى، مەزگۇر ئەسەر ئىچىدە  نومۇرى بىلەن كۆرسۈتىلدى. 

 Arslan1

3. ئارسلانئىلەنىڭ تۈرلىنىشى

مەنبەلەرگە قارىغاندا، ئارسلانئىلەنىڭ تۈرلىنىشىدە پىكىر بىردەك ئەمەس. بەزىلەر، ئارسلانئىلەنى، ئارسلان شاخئىلە، ئىلپىز شاخئىلە، بارىس شاخئىلەدىن ئىبارەت 3 شاخئىلەگە، 18 رۇققا، 36 زاتقا ئايرىغان. بەزىلەر، بەش رۇققا، 36 زاتقا ئايرىغان. بەزىلەر، ئارسلان شاخئىلە ۋە ئىلپىز شاخئىلە دەپ 2 شاخئىلەگە، 15 رۇققا، 41 زاتقا ئايرىغان. يەنە بەزىلەر، ئارسلان شاخئىلە، ئىلپىز شاخئىلە، بارىس شاخئىلەدىن ئىبارەت 3 شاخئىلەگە، 10 رۇققا، 10 زاتقا ئايرىغان.  مەن، ئارسلانئىلەنى، ئارسلان شاخئىلە ۋە بارىس شاخئىلە دەپ ئىككى شاخئىلەگە، 15 رۇققا، 41 زاتقا ئايرىش تەرەپتارىمەن. شۇڭا، مەزگۇر ئەسەردە، مەنبەلەرگە ئاساسەن، ئارسلانئىلەنىڭ 2 شاخئىلەسى، 15 رۇقى، 41 زاتى ۋە ئۇلارنىڭ ناملىرى كۆرسۈتىلدى.

ئارسلانئىلە (猫科 Felidae). بۇ ئائىلە يەنە ئىككى شاخئىلەگە ئايرىلىدۇ.

   [1] ئارسلان شاخئىلە (猫亚科Felinae). بۇ شاخئىلەدە 12 رۇق بار.

      (1-1) ئارسلانرۇق (猫属 Felis) . بۇ رۇقنىڭ 6 زاتى بار. بۇلار تۆۋەندىكىچە:

            (1) ئارسلان جەزىرى (荒漠猫,Felis bieti). ئارسلان جەزىرى، ئۇيغۇرچە ئىلمىي نامى.  <جەزران>، ئېغىزدىكى ئىخچام نامى (تۆۋەندىكىلەرمۇ ئوخشاش).  بۇ ئارسلان زاتى شىنجاڭدا بار.

           (2) ئارسلان مۈشۈكى <مۈشۈك> (家猫,Felis catus). بۇ ئارسلان زاتى شىنجاڭدا بار.

           (3) ئارسلان كائۇسى <كائۇس> (丛林猫,Felis chaus). بۇ ئارسلان زاتى شىنجاڭدا بار. 4-رەسىمگە قاراڭ.

           (4) ئارسلان مەرگەرى <مەرگەر> (沙猫,Felis margarita).- يەتتىنچى رەسىمگە قاراڭ.

           (5) ئارسلان قاراياقى <قاراياق> (黑足猫,Felis nigripes).

           (6) ئارسلان جاڭگالى <جاڭگال> (野猫,Felis silvestris )

     (1-2) مولۇنرۇق (兔狲属 Otocolobus). بۇ رۇقنىڭ بىرلا زاتى بايقالغان.

          (7) مولۇن مولۇنى <مولۇن> (兔狲,Otocolobus manul ). بۇ مولۇن زاتى شىنجاڭدا بار. 3-رەسىمگە قاراڭ.

    (1-3) پونايرۇق (豹猫属, Prionailurus). بۇ رۇقنىڭ 5 زاتى بار. بۇلار تۆۋەندىكىچە:

           (8) پوناي بېنگالى <پونايبىن> (豹猫,Prionailurus bengalensis).- بىرىنچى رسىمگە قاراڭ.

           (9) پوناي ئىرموتى <پونايىر> (西表猫,Prionailurus iriomotensis)

          (10) پوناي پلانكى <پونايپان>(扁头猫,Prionailurus planiceps)

           (11) پوناي رۇبگېنى <پونايرۇب>(绣斑猫,prionailurus rubiginosus)

           (12) پوناي ۋىۋەرى <پونايۋى>( 渔猫, prionailurus viverrinus)

    (1-4) ئاسنانرۇق (猎豹属, Acinonyx). بۇ رۇقنىڭ بىرلا زاتى بار.

            (13) ئاسنان يۇباتى <ئاسناناي> (猎豹,Acinonyx jubatus). 6-رەسىمگە قاراڭ.

   (1-5) پۇمارۇق (美洲金猫属,Puma). بۇرۇقنىڭ ئىككى زاتى بار.

           (14) پۇما كونكولى <پۇمانكون>(美洲狮, Puma concolor)

            (15) پۇما ياروندى <پۇمايار> (细腰猫, Puma yagouarrondi)

      (1-6) سۈلەيسۈنرۇق (猞猁属,Lynx). بۇ رۇقنىڭ 4 زاتى بار. بۇلار تۆۋەندىكىچە:

             (16) سۈلەيسۈن كانادائى <سۈلەيسۈنكا> (加拿大猞猁,Lynx canadensis)

            (17) سۈلەيسۈن سۈلەيسۈنى <سۈلەيسۈن> (猞猁, Lynx lynx). بۇ سۈلەيسۈن زاتى شىنجاڭدا بار. 2-رەسىمگە قاراڭ.

             (18) سۈلەيسۈن پاردىنى <سۈلەيسۈنپا> (西班牙猞猁,Lynx pardinus)

             (19) سۈلەيسۈن رۇفى  <سۈلەيسۈنۇف>(短尾猫,Lynx rufus)

(1-7) لوپاررۇق (虎猫属,Leopardus). بۇ رۇقنىڭ 9 زاتى بار.

             (20) لوپار باككاتى <لوپارباك> (南美湿地猫,Leopardus braccatus)

            (21) لوپار كولكولى <لوپاركول>(南美草原猫, Leopardus colocolo)

              (22) لوپار گوفورى <لوپارگوف> (乔氏猫,Leopardus geoffroyi)

             (23) لوپار گۈنى <لوپارگۈن>(南美林猫, Leopardus guigna)

             (24) لوپار ياكوبى <لوپاريا>(山原猫, Leopardus jacobitus)

             (25) لوپار پامپاسى  <لوپارپام>(潘帕斯猫, Leopardus pajeros)

              (26) لوپار پادالى <لوپارپا> (虎猫, Leopardus pardalis)

               (27) لوپار چىپارى <لوپارچىپ> (小班虎猫, Leopardus tigrinus)

             (28) لوپار مەرگايى <لوپارمەر>(长尾虎猫, Leopardus wiedii)

(1-8) لەپتەرۇق (薮猫属, Leptailurus). بىرلا زاتى بار.

              (29) لەپتە سەرۋالى  <لەپتەسەر>(薮猫, Leptailurus serval)

(1-9) كاركالرۇق (狞猫属,Caracal)

              (30) كاركال كاركالى <كاركال> (狞猫, Caracal caracal).5-رەسىمگە قاراڭ.

(1-10) پوسلانرۇق (非洲金猫属, Profelis)

             (31) پوسلان ئافرىقى <پوسلاناف> (非洲金猫, Profelis aurata)

(1-11) كاسلانرۇق (金猫属, Catopuma). بۇ رۇقنىڭ 2 زاتى بار.

            (32) كاسلان بەدىيە <كاسلانبە> (婆罗洲金猫, Catopuma badia)

             (33) كاسلان تەمىنكى <كاسلانتە> (亚洲金猫,Catopuma temminckii)

(1-12) پاسلانرۇق (纹猫属, Pardofelis). بىرلا زاتى بار.

            (34) پاسلان مەرمەرى  <پاسلانمەر> (石纹猫, Pardofelis marmarata)

[2] بارىس شاخئىلە (豹亚科, subfamily Pantherinae). بۇ شاخئىلەدە، 3 رۇق بار.

      (2-1) نوبارسرۇق (云豹属, Neofelis). بۇ رۇقنىڭ ئىككى زاتى بار.

             (35) نوبارىس نەبۇلى  <نوبارسنە> (云豹,Neofelis nebulosa)

             (36) نوبارس دىيەرى <دىيەر> (婆罗洲云豹, Neofelis diardi)

      (2-2) بارىسرۇق (豹属, Panthera). بۇ رۇقنىڭ 4 زاتى بار.

             (37) بارىس شىرى <شىر> (狮子,Panthera leo). ئونىنچى رەسىمگە قاراڭ.

             (38) بارىس ياگارى <ياگار> (美洲豹, Panthera  onca).- توققۇزىنچى رەسىمگە قاراڭ.

              (39) بارىس ئىلپىزى <ئىلپىز> ( 豹, Panthera pardus). -سەككىزىنچى رەسىمگە قاراڭ.

              (40) بارىس يولۋاسى <يولۋاس> (虎,Panthera tigris). – ئونبىرىنچى رەسىمگە قاراڭ.

       (2-3) قاپلانرۇق (雪豹属, Unica). بۇنىڭ بىرلا زاتى بار.

              (41) قاپلان قاپلانى <قاپلان> (雪豹, Uncia uncia). بۇ قاپلان زاتى شىنجاڭدا بار. 12-رەسىمگە قاراڭ.

بايان ئاخىر

يوقۇرىدا، ئارسلانئىلەدىكى ھايۋان زاتلىرىنىڭ تۈرلىنىشى، ئۇلارنىڭ ئىككى شاخئىلەسى، 15 رۇقى، 41 زاتى  ۋە ئۇلارنىڭ  لاتىنچە، خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە ناملىرى، شىنجاڭدا بار يوقلىقى قاتارلىق مەزمۇنلار، سىستېمىلىق قىسقىچە تۇنۇشتۇرۇلدى. ھايۋان زاتلىرىنىڭ لاتىنچە نامى ۋە خەنزۇچە نامى، مەنبەلەردىن ئېلىندى. ئۇيغۇرچە ناملىرى، شەخسى  پىكىرىم بويىچە ئېلىندى. مەزگۇر ئەسەردىكى ھايۋان ناملىرىنى، «ئاكادېمىيە تورىدىن ئېلىندى» دەپ مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قوللانسىڭىز بولىدۇ. مەزگۇر ئەسەردىكى  بەزى ھايۋان زاتىنىڭ ناملىرى تۈنجى قېتىم ئاتالغان بولۇشى، ۋە مۇشۇ مەزمۇندىكى ئۇيغۇرچە ئەسەرلەرنىڭ تۇنجىسى بولۇشى ئېھتىمالغا يېقىن. شۇڭا، ئەسەردە، توغرى بولمىغان جايلىرى ، ئېنىق بولمىغان جايلىرى بولسا،  بۇرادەرلەرنىڭ تۈزۈتۈش پىكىرى بېرىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.

مەنبەلەر

1. ئاكادېمىيە تورى

2. بەيدۇ تورى

3. لەنسې دوڭۋۇشۇې تورى

4. مامىڭ، شۇيفىڭ قاتارلىقلار يازغان «شىنجاڭ شۇباۋ» دىگەن كىتاپ (خەنزۇچە).

5.يۋەنگويىڭ تۈزىگەن، «شىنجاڭ شېڭۋۇ دو ياڭشىڭ» دىگەن كىتاپ (خەنزۇچە).

يازما ئاپتورى: ئارجىم
يازما يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 05-ئاينىڭ 05-كۈنى
يازما ئاۋاتلىقى: 489 قېتىم كۆرۈلدى
يازما ئادرېسى: ../?p=2932
بارلىق ھوقۇق ئاكادېمىيە تور بېكىتىگە غا تەۋە! رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!

مەزكۇر يازمىغا تېخى باھا يېزىلمىدى

باھا يېزىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز