25ماي
شىنجاڭدىكى «1-ئاسرال چارپايلار ۋە بېلىقلار»
شىنجاڭدىكى «1-ئاسرال چارپايلار، سۇقۇرۇقلار ۋە بېلىقلار»
ئا.ر.جىمسارى
بايان ئاۋۋال
«ئاسرال» دىگەن سۆز، «ئاسرايدىغان ياكى پەرۋىش قىلىدىغان» دىگەن مەنانى بىلدۈرىدۇ. «ئاسرالزات» (保护种) دىگەن ئۇيغۇرچە ئىسىم سۆزنىڭ مەناسى، ئاسرىلىدىغان زات ياكى پەرۋىش قىلىنىدىغان زات دىگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. جانىۋارلارغا نىسبەتەن «ئاسرال جانىۋار (保护生物)»، گىيالارغا نىسبەتەن «ئاسرال گىياھ (保护植物)» ، ھايۋاناتقا نىسبەتەن «ئاسرال ھايۋانات (保护动物)» دەپ ئاتىلىدۇ.
«چارپاي ياكى چارپايلار» دىگەن سۆز ئۇيغۇرچە سۆز بولۇپ، ھايۋانات ئىچىدىكى تۆت پۇتلۇق ياكى پۇتلىرى چىكىنىپ ئۆزگەرگەن، ئۆمۇلەپ، ئالچاڭلاپ ياكى سۆرۈلۈپ، سىلجىپ ماڭىدىغان، بەدىنى قاسراقلىق ياكى يىرىك، بەزىدە شىلىملىق بولغان، قۇرۇقيەردە ھەم سۇلۇق يەردە ياشايدىغان، ئاپتاپ ياكى ئىسسىق ئۆتسە جانلىنىدىغان، تۇخۇم تۇغۇپ كۆپۈيىدىغان خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولغان ئۇمۇرتقالىق ھايۋاناتنىڭ نامىنى بىلدۈرىدۇ. چارپاي دىگەن سۆزنى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلساق، 爬行类动物 دەپ ئاتىلىدۇ. چارپاي سۆزىنى، ئا.ر.جىمسارى، ھايۋاناتنامەگە ئائىت ئەسەرلەردە تۈنجى بولۇپ قوللانغان. چارپاي ياكى چارپايلار دىگەن سۆزنى بىلدۈرۈشتە، ئۇيغۇرچە مەنبەلەردە «ئۆمۈلىگۈچى ھايۋان، يەر بېغىرلىغۇچى ھايۋان » دەپ قوللۇنىۋاتىمىز. بۇ سۆزلەر، مىنىڭچە چارپايلارنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئومۇميۈزلۈك توغرا ئىپادىلەپ بېرەلمەيدۇ. شۇڭا، بۇ خىل ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان ھايۋاناتنى يەنىلا چارپاي ياكى چارپايلار دىگەن نام بىلەن ئاتاغانىمىز توغرا بولىدۇ.
«سۇقۇرۇقلار» دىگەن سۆز ئۇيغۇرچە ئىسىم سۆز بولۇپ، سۇدا ھەم قۇرۇقلۇقتا ياشايدىغان ھايۋانات دىگەن مەنانى بىلدۈرىدۇ. سۇقۇرۇق دىگەن بۇ ئىسىم سۆزنى ئىپادىلەشتە، ئۇيغۇرچە مەنبەلەردە «قوش ماكانلىقلار» دىگەن سۆزنى قوللاندۇق. ئەمما بۇ سۆز كىشىگە ئېنىق ئۇقۇم بېرەلمەيدۇ. چۈنكى ماكان تۈرى ناھايىتى كۆپ. قانداق قوش ماكان ئىكەنلىكىنى ئىزاھلىمسا بولمايدۇ. قوش ماكان دىگەن سۆزىمىز، سۇلۇق ماكان ۋە قۇرۇق ماكان دىگەن ئۇقۇمنى بىۋاستە بىلدۈرەلمەيدۇ. شۇڭا مەن، قوش ماكانلىقلار دىگەن سۆزنى قوللانماي، سۇقۇرۇقلار دىگەن ئىسىمنى ياساپ قوللاندىم. سۇقۇرۇقلار، ئىپتىدائى ئۇمۇرتقالىق ھايۋانات تەركىۋىگە كىرىدۇ. ئۇلاردا ھەم بېلىقلارغا خاس ياشاش ئادىتى داۋاملاشقان، ھەم قۇرۇقيەردە ياشايدىغان ھايۋاناتنىڭ ياشاش ئادىتى ئۆزلەشكەن بولىدۇ. سۇقۇرۇقلارنىڭ كۆپۈنچەسى سۇدا تۇخۇم تۇغۇپ كۆپۈيىدۇ. قۇمچاق ۋاقتىدا سۇدا ياشايدۇ، يىتىلىپ چوڭ بولغاندا قۇرۇقيەردە ياشايدۇ. يەنە بىر قىسىملىرى تۇخۇم تۇغمايدۇ، بەلكى تۇخۇمدىكى ھامىلەنى تۇغۇپ چىقىرىدۇ.
چارپايلار بىلەن سۇقۇرۇقلارنىڭ پەرقى: چارپايلارنىڭ بەدەن تېرىسىدا مۇڭگۇزسىمان قاتتىق تەڭگىچە، قاسراق بىلەن قاپلانغان بولىدۇ. ماڭغاندا، تۆت پۇتى تاشمايماق كېرىلىپ ئالچاڭلاپ، ياكى قۇرسىقى سۆرۈلۈپ، بەزىلىرى بىرەر نەرسىگە يامىشىپ ماڭىدۇ. كۆپ ساندىكىسى تۇخۇم تۇغۇپ كۆپىيىدۇ. ناھايىتى ئاز ساندىكىسى تۇخۇمدىكى ھامىلىنى بىۋاستە تۇغۇپ چىقىرىدۇ. ئۆپكەسى بىلەن نەپەس ئالىدۇ. بەدەن تېمپراتورىسى تۇراقسىز بولۇپ، سىرتقى مۇھىتقا قاراپ ئۆزگىرەپ تۇرىدۇ. شۇڭا، سوغۇق قىش پەسلىدە قىشقۇ (قىشلىق ئۇخلايدۇ) قىلىدۇ، ئىسسىق ياز پەسلىدە يازقۇ (يازلىق ئۇخلايدۇ) قىلىدۇ. چارپايلار، ئۇمۇرتقالىق ھايۋانات ئىچىدە سوغۇققان ياكى بەدەن تېمپراتورىسى ئۆزگىرىشچان ھايۋانات تۈرىگە كىرىدۇ.
ئەندى سۇقۇرۇقلارنىڭ بەدەن تېرەسى سىدام، سىلىق كىلىدۇ. چارپايلارغا ئوخشاش سوغۇققان ياكى بەدەن تېمپراتورىسى ئۆزگىرىشچان كىلىدۇ. بۇلارمۇ قىشقۇ ھەم يازقۇ قىلىدۇ. چارپايلارغا ئوخشاش تۇخۇم تۇغۇپ كۆپىيىدۇ ياكى تۇخۇمدىكى ھامىلەنى بىۋاستە تۇغۇپ چىقىرىدۇ. قۇمچاقلىرى بېلىجانغا ئوخشايدۇ، سۇدىن ئايرىلماي ياشايدۇ، جابراسى بىلەن نەپەس ئالىدۇ، پۇت-قۇلى بولمايدۇ. يىتىلگەندىن كىيىن، بەدەنىدىكى پۇت-قول ئەزالىرىغا تايىنىپ بەدەننى كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. قۇرۇق يەردە، ئۆمۈلەپ ياكى سەكرەپ ماڭىدۇ، سۇدا ئۈزۈپ ماڭىدۇ. تۆۋەندىكى رەسىمدە، چارپايلار ۋە سۇقۇرۇقلار نىڭ بىر قىسىم رەسىملىرى كۆرسۈتىلدى. رەسىمدىكى خانقىزلار بۇلار قاتارىدىن ئەمەس جۇمۇ!
ئەندى بېلىق دىسەك ھەممەيلەنگە تۇنۇش بولغان، چارپايلار ۋە سۇقۇرۇقلاردىن گەۋدىلىك پەرقلىنىدىغان باشقا بىر ھايۋانات تۈرى. شۇڭا، بۇ توغرىدا ئارتۇقچە توختالمىدىم.
«1-ئاسرال چارپايلار، سۇقۇرۇقلار ۋە بېلىقلار»(Ⅰ级保护爬行类、两栖类和鱼类动物种) دىگەن سۆز، «بىرىنچى دەرىجىدە ئاسرايدىغان ياكى پەرۋىش قىلىدىغان چارپايلار، سۇقۇرۇقلار ۋە بېلىقلار» دىگەن مەنانى بىلدۈرىدۇ. «1-ئاسرال چارپايلار، سۇقۇرۇقلار ۋە بېلىقلار»، ئادەتتە، ئېقتىسادى ۋە ئىلمى تەتقىقاتتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان ياۋىسىيوق، دەلخەۋپتە ياكى ئالخەۋپتە چارپاي، سۇقۇرۇق ۋە بېلىق زاتلارىنى كۆرسىتىدۇ.
بۇرادەرلەرنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن، مەزگۇر ئەسەردە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىمىزدا ياشايدىغان، بىرىنچى دەرىجىدە ئاسرايدىغان چارپاي، سۇقۇرۇق ۋە بېلىق تىزىملىكى كۆرسۈتىلدى. مەزگۇر ئەسەردىكى رەسىملەر، ۋىكىپېدىيا، بەيدۇ تورلىرىدىن تاللاندى. ھايۋانات ناملىرى، ئاكادېمىيە تورىدا نەشىر قىلىنغان «ھايۋانات ناملىرىنى ئاتاش ۋە يازىش قائىدەسى» ناملىق ئەسەرنىڭ روھى بويىچە قائىدىلىك ئاتالدى. «ئۇيغۇرچە مەنبەلەردىكى ناملىرى»، مۇھەممەت ئابدۇللا، تالىپ ئوسمان قاتارلىق 4 نەپەر ئەپەندىلەر تۈزىگەن، شىنجاڭ پەن-تېخنىكا نەشىرىياتى ئۇيغۇرچە نەشىر قىلغان، «شىنجاڭدىكى ئەتىۋارلىق ياۋايى ھايۋانلار» ناملىق كىتاپتىن ئالىندى.
1. «1-ئاسرال چارپايلار»
1.1. تاشچارپاي خوسفىلدى (四爪陆龟Testudo horsfieldii).
تاشچارپاي خوسفىلدى، ئۇيغۇرچە مەنبەلەردە «تۆت تىرناقلىق تاشپاقا، قۇرۇقلۇق تاشپاقىسى، تۆت پەنجىلىك قۇرۇقلۇق تاشپاقىسى» دىگەندەك ناملاردا ئاتالغان. تاشچارپاي خوسفىلدى، مەملىكىتىمىز بويىچە پەقەتلا قورغاس ناھىيە تەۋەسىدىلا ئۇچرايدۇ.
2. «1-ئاسرال سۇقۇرۇقلار»
1.2. چاران سىبىرى (新疆北鲵(Ranodon sibiricus)).
چاران سىبىرى، ئۇيغۇرچە مەنبەلەردە، «شىنجاڭ سالاماندىراسى، شىنجاڭ سەمەندىرى، تېرىتون» دىگەندەك ناملاردا ئاتالغان. چاران سىبىرى ، مەملىكىتىمىز بويىچە پەقەتلا ئارشاڭ ناھىيە تەۋەسىدىلا ئۇچرايدۇ.
2. «1-ئاسرال بېلىقلار»
2.1. باشبىلىق لەتكەپى (新疆大头鱼Aspiorhynchus laticeps).
باشبىلىق لەتكەبى، ئۇيغۇرچە مەنبەلەردە،«شىنجاڭ يوغان باش بېلىقى، چوڭ باشلىق بېلىق» دىگەندەك ناملاردا ئاتالغان. باشبىلىق لەتكەپى ، مەملىكىتىمىز بويىچە پەقەتلا تارىمغول ئېقىنى تەۋەسىدىلا ئۇچرايدۇ.
يازما ئاپتورى: ئارجىم
يازما يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 05-ئاينىڭ 25-كۈنى
يازما ئاۋاتلىقى: 267 قېتىم كۆرۈلدى
يازما ئادرېسى: ../?p=4485
بارلىق ھوقۇق ئاكادېمىيە تور بېكىتىگە غا تەۋە! رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!