100-ئەسەر
100- ئەسەر
«ئاكادېمىيە» تور بېكىتىنىڭ بىر يىللىقىغا بېغىشلايمەن
第100篇博文献给“Academiye”网站一周年
ئاپتورى: ئا.ر.بوستاني
بايانىمدىن ئاۋۋال ئوقۇرمەن ئالىلىرىگە مەلۇم بولسۇنكى، بۈنىڭدىن بىر يىل بۇرۇن، 2011-يىلى 11-ئاينىڭ 28- كۈنى، «ئاكادېمىيە» تور بېكىتى قۇرۇلۇپ، تەۋەللۇت بولغان، دۇنياغا كۆز ئاچقان كۈن ئىدى. مانا بۈگۈن، 2012-يىل 11-ئاينىڭ 28-كۈنى بولدى. «ئاكادېمىيە» بىر ياشقا كىردى. ئۇنىڭ تۈنجى يىلدىكى نەشىر قىلغان ئەسەرلىرى، ئۇنىڭ تەۋەللۇتىغا بېغىشلانغان تۈنجى ئەسەردە كۈتكەن نىشانلارغا ئاساسەن يەتكۈزدى. شۇ ۋەجىدىن، مەزگۇر 100-ئەسەر، «ئاكادېمىيە» نىڭ بىر يىللىقىغا بېغىشلاندى.
بۇنىڭدىن بىر يىل بۇرۇن، كومپۇتېر، ئىنتىرنېت دىگەنلەردىن خەۋىرى يوق، يېشى 60 تىن ھالقىغان، نەۋرەلىرى بوۋا دەپ چاقىرىدىغان ، تەخەللۇسى بوستاني دەپ ئاتىلىدىغان بىر كىشى، تۈمەنمىڭ سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن، تۈمەنمىڭ خىياللار، ئۈمۈتلەر ۋە قىزىقىش روھىنىڭ تۈرتكىسىدە، كومپۇتېر-ئىنتىرنېت كوچاسىدىكى ئەمەتجان ئابدۇروسۇل ئۇستامدىن ئىنتېرنېتتا قاتنايدىغان، ۋوردپىرەس دەپ ئاتىلىدىغان ئۇچۇر -نەشىر قورالىدىن بىرنى ئالدى. ئۇنىڭغا، ئىنتىرنېت دۇنياسىدا ئۇيغۇرچە تېخى قويۇلمىغان، ئىلىملەر غەزىنىسى دىگەن مەنىگە ئىگە بولغان، «ئاكادېمىيە» دىگەن خاس ئىسىمنى قويدى، ھەمدە، «ئاكادېمىيە. كوم» دىگەن ئادرىس بىلەن، بلوگلار مەھەللىسىگە ئورۇنلاشتۇردى. ئۇنىڭ ئىلىملەر غەزىنىسى بولۇش، پەنوم رولىنى ئارتقۇزۇش نىشانى بەلگىلەندى، ھەمدە، شىئېرى شەكىلدە تۈنجى ئەسەر( بېغىشلىما) يېزىپ، ئۇنىڭ يېڭى قەدەملىرىگە ئاقيول تىلەنگەن ئىدى.
مانا بۈگۈن، بۇ ئىشلارنىڭ بولۇپ ئۆتكىنىگە بىر يىل بولدى. بىر يىلدىن بۇيان، بلوگىر بوستاني، «ئاكادېمىيە» دە ئەسەر تېمىسى تاللاش، ئۇنى لاھىيەلەش، يېزىش، تەھرىرلەش ۋە كومپۇتېر مەشخۇلاتى ئېلىپ باردى، ھەمدە، ئىشنى نۆلدىن باشلاپ قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرىسىمۇ، كىچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ تىرىشىپ، كۆپخىل مەزمۇندا ئىجتىھات قىلىنغان 100 پارچە ئەسەرنى نەشىر قىلدى. ئاللا، «ئاكادېمىيە» نى قوللىغان چېغى، «ئاكادېمىيە» تەۋەللۇت بولغان بىر يىلدىن بۇيان، ئۇنى ساغلام قىلدى، «ئاكادېمىيە» بىرەر قېتىممۇ «زۇكام بولماي ھەم ھېرىپ چارچاپ قالماي»، ئۆزىگە ئارتىلغان 100 پارچە ئەسەرنى يۇدۇپ، پۈتۈن دۇنيانى كېزىپ، زىمىننى ئايلىنىشقا باشلىدى.
«ئاكادېمىيە» نىڭ ئاددى-ساددا ئەمما رەڭدار، مەنىلىك ۋە خۇشخۇي مىجەزى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ياراپ قالغاچقىمىكىن، ئۇنىڭ مۇبارەك نامى دۇنياغا تۇنۇلدى. ئۇنىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكىگە، ئەسقەرجان، پاسئان، ئىنتىل، ۋەتەن قاتارلىق جۇڭگولۇق، ياپونلۇق، ئامىرىكالىق، روسىيەلىك، ئاۋروپالىق ھەم فارىسى، ئەرەبى دۇنيالىرىدىكى زىيارەتچىلىرىدىن، نەچچە مىڭلىغان مۇبارەكلەر، تەشەككۈرلەر ئېيتىلدى، ئۇنىڭدىن ئارزۇ-تىلەكلەر تىلەندى ھەم ئۈمۈت-نىشانلار كۈتۈلدى. مەن بلوگىمنىڭ كۆرۈلۈش قېتىم سانىنى تېخى جەمتەر قىلمىدىم. ئەمما، بەزى تور بىكەتلەرنى باھالاش ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، قىسقىغىنە بىر يىل ئىچىدە، «ئاكادېمىيە» نى ئۇلاپچات قىلغانلارنىڭ سانى 16 مىليوندىن ئېشىپ كەتكەنلىكى كۆرسۈتىلگەن. دۇنيادىكى تىزىملىكلەر رەتىدىن تىگىشلىك ئورۇنغا ئېرىشىپتۇ، تور بېكەت قىممىتىمۇ، باھاسىمۇ يوقۇرى ئۆرلەپتۇ. بۇلاردىن مەلۇمكى، «ئاكادېمىيە» نىڭ زىيارەتچىلىرى پەيدا بولدى ۋە قوشۇنى زورايدى. ئاكادېمىيە زىيارەتچىلىرىنىڭ «ئاكادېمىيە»گە بولغان قىزغىن مۇئامىلىسى، «ئاكادېمىيە» نى ھاياجانغا سالدى، روھىنى ياشارتتى، «ئاكادېمىيە» گە مەنىۋى كۈچ ئاتا قىلدى. شۇڭا، «ئاكادېمىيە»، مەزگۇر بېغىشلىمىدىن پايدىلىنىپ، «ئاكادېمىيە»نىڭ زىيارەتچىلىرىگە ، ئۇلاپچات قىلغانلارغا، چىن دىلىدىن رەھمەت-تەشەككۇرلەرنى ئېيتماقتا، ئاز بولسىمۇ، نەپ بېرەلىگىنىدىن خۇرسەندە بولماقتا ھەم داۋاملىق تىرىشىش كويىدا بولماقتا.
«ئاكادېمىيە»، نىڭ ئۆتكەن بىر يىلدا نەشىر قىلغان ئەسەرلىرىگە نەزەر سالساق، ئۇ، بىر يىلدىن بۇيان، جىسمى ھەم روھى ساغلام بولغان، ئىزدىنىش روھىغا باي، ئىلىم مەزمۇنىغا باي، ئىجادىلىققا باي، تىلغا باي ھەم شەكلى مول بولغان ھەر خىل مەزمۇندىكى نەپىس، رەڭدار بلوگ ئەسەرلىرىنى نەشىر قىلىشقا تىرىشتى، باشقىلارغا تەقلىت قىلىشتىن، باشقىلاردىن نۇقۇل كۆچۈرۈشتىن، تەرجىمىنى ئاساس قىلىشتىن، باشقىلار دەپ بولغاننى قايتىلاپ دىيىشتىن، مەزمۇنى مۇجىمەل بۇلۇشتىن، خامكام قېلىشتىن، ئۆزىنىڭ تەپەككۇرى ۋە ئەمگىگى سىڭمىگەن ئەسەرلەرنى نەشىر قىلىشتىن ۋە بىرلا خىل مۇقامغا توۋلاشتىن ساقلاندى. قۇرسىقىدىن تاش-تۇپىلا ئەمەس، ئالماس، ئالتۇن چىقىپ قالسىمۇ ئەلگە سېخىلىك بىلەن بېرىشنى، بىرلىكتە بەھىرلىنىشنى نىشان قىلغان يولىدا تەۋرەنمەي ماڭدى.
«ئاكادېمىيە»، گەرچە «ئاكادېمىيە بلوگ» دەپ ئاتالماي، «ئاكادېمىيە» تور بېكىتى دەپ ئاتالغان بولسىمۇ، ئۇ، شەخسىنىڭ ئەركىن تەپەككۇرىدىكى چۈشەنچە، ئىزدىنىش ۋە پەنومنى ئاساس قىلغان ئىسمى-جىسمىغا لايىق نەق «بلوگ» دۇر ياكى ئەركىن نەشىر ئەپكارىدۇر. ئاللا خالىسا، «ئاكادېمىيە» ئۆزىنىڭ 2-يىلىدىمۇ تىرىشىپ، مەزمۇنىنى تېخىمۇ بېيىتىشقا تىرىشىدۇ.
«ئاكادېمىيە» دە نەشىر قىلىنغان ئەسەرلەر، پەقەت بىرلا كىشىنىڭ تەپەككۇرى ۋە قولىدىن چىققاچقا، نەشىر قىلىنغان ئەسەرلەردە ھەر خىل يىتەرسىزلىك ياكى خاتالىقلارنىڭ ساقلانغان بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا، «ئاكادېمىيە»، ھەر كەسىپتىكى ئۇستاملارنىڭ ئېغىر كۆرمەي «ئاكادېمىيە» گە دىئاگنوز قويۇپ تەكشۈرۈپ تۇرىشىنى، دىيارىمىزدىكى تىلداش، دىلداش بۇرادەرلەرنىڭ ئەسەرلەرگە قارىتا تەنقىت-ئوبزور يېزىپ تۇرىشىنى، خالىسا، سۇئال-جاۋاپ قىلىشىنى، ئاتا مىراس دورىلىرىنى ئاياپ ئولتۇرماسلىقىنى، «ئاكادېمىيە» نىڭ ساغلام، تېتىك، روھلۇق، ئىلىم ھىكمەتلەرگە تولغان مەرىپەتۋەر رولىنى تېخىمۇ جارى قىلدۇرىشىغا ئەقىل كۆرسۈتۈپ تۇرىشىنى چىن كۆڭلىدىن ئۈمۈت قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، دىيارىمىزدىكى ئۇيغۇرچە تور بىكەتلەر بىلەن بىرلىكتە، ئىنتىرنېت دۇنياسىنى رەڭدار گۈللەرگە پۈركەشنى، ئېھتىياجى چۈشكەن خەلقلىرىمىزگە، مەنىۋى ئوزۇق ئاتا قىلىشنى چىن كۆڭلىدىن ئارزۇ قىلىدۇ.
يازما ئاپتورى: ئارجىم
يازما يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 27-كۈنى
يازما ئاۋاتلىقى: 1,293 قېتىم كۆرۈلدى
يازما ئادرېسى: ../?p=2333
بارلىق ھوقۇق ئاكادېمىيە تور بېكىتىگە غا تەۋە! رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!
When I first saw this title 100-ئەسەر | ئاكادÛمىيە تور بÛكىتى Academiye.com on google I just whent and bookmark it. Hi there, I found your web site via Google while looking for a related topic, your site came up, it looks great. I have bookmarked it in my google bookmarks.
When I first saw this title 100-ئەسەر | ئاكادÛمىيە تور بÛكىتى Academiye.com on google I just whent and bookmark it. Hi there, I identified your web page by means of Google even as searching for a similar subject, your website got right here up, it looks good. I have bookmarked it in my google bookmarks.
When I first saw this title 100-ئەسەر | ئاكادÛمىيە تور بÛكىتى Academiye.com on google I just whent and bookmark it. By far essentially the most concise and updated data I have found on this topic. I’m glad that I navigated to your page. I’ll be now subscribing to your feed so that I can get the newest updates. Appreciate all the information here.
When I first saw this title 100-ئەسەر | ئاكادÛمىيە تور بÛكىتى Academiye.com on google I just whent and bookmark it. Very well written information. It will be helpful to anybody who utilizes it, as well as myself. Keep up the good work can’r wait to read more posts.
This site truly has all the information I wanted about this subject and didn’t know who to ask.
When I first saw this title 100-ئەسەر | ئاكادÛمىيە تور بÛكىتى Academiye.com on google I just whent and bookmark it. I have been exploring for a bit for any high-quality articles or blog posts on this sort of space . Exploring in Yahoo I at last stumbled upon this site. Reading this information So i’m satisfied to express that I’ve an incredibly excellent uncanny feeling I found out just what I needed. I most certainly will make sure to don’t omit this site and provides it a glance on a constant basis.
When I first saw this title 100-ئەسەر | ئاكادÛمىيە تور بÛكىتى Academiye.com on google I just whent and bookmark it. I appreciate, cause I found just what I was looking for. You have ended my 4 day long hunt! God Bless you man. Have a nice day. Bye