باش بەت > بېغىشلىما > 2012-يىلغا بېغىشلايمەن
1يانۋار

2012-يىلغا بېغىشلايمەن

2012-يىللىق يېڭى يىلغا بېغىشلايمەن

2012年新年贺词

ئاپتورى: بوستاني

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بارلىق تورداش بۇرادەرلەر، سىزلەرگە ۋە سىزلەر ئارقىلىق ئائىلىڭىزدىكى بالا-چاقىلىرىڭىزگە «ئاكادېمىيە» تورىنىڭ ساھىبى، ر.ئا. بوستانىدىن 2012-يىللىق يىڭى يىللىڭىزلارغا دۇئايى سالام.

بۈگۈن سەھەردىن باشلاپ، ھەممىمىز ئوخشاش ھېسياتتا، ئوخشاش بولمىغان كەچۇرمىشلىرىمىز ھەم ئۇتۇقلىرىمىز بىلەن ئۆتكەن، شانلىق 2011 –يىلنى ئۇزۇتۇپ، ئۈمىتلەرگە تولغان 2012-يىلنىڭ بىرىنچى سەھىرىنى كۈتىۋالدۇق. 2012 -يىلنىڭ بىرىنچى كۈنى باشلىنىش بىلەن،2011-يىل بىر تارىخقا ئايلاندى. ئېھتىمال، ھەممەيلەن مۇشۇ ئۆتكەن بىر نەچچە كۈن ئىچىدە، 2011-يىلىدىكى ئىشلىرىمىزنى بىر قۇر خۇلاسە قىلىپ، 2012-يىلىدىكى-پىلانلىرىمىز توغرىسىدا ئالدىن مۆلچەرلەردە بولغاندىمىز. مەنمۇ، «ئاكادېمىيە» تور بېتىدىن پايدىلىنىپ، 2011-يىلىدىكى ئىشلىرىمنى  ۋە ماڭا تەسىر قىلغان ۋەقەلەرنى ئەسلەپ ئۆتكۈم كەلدى.

2011-يىلى، ماڭا نىسبەتەن ھەم ئادەتتىكى خەيىرلىك بىر يىل ھەم تارىخ بېتىدىن ئورۇن ئالغۇدەك ۋەقەلەر كۆپ بولغان ئالاھىدە  بىر يىل بولدى.

ئادەتتىكى خەيىرلىك بىر يىل دىگىنىم، باشقا يىللاردىكىگە ئوخشاش جەمىيىتىمىز تېنىچ، باياشات، ھەممەمىز سالامەت، ئىشلىرىمىز لايىقىدا يۈرۈشۈپ، تۇرمۇشىمىز قەدرى ئەھۋال ئۆتتى. بىر ئوغلۇمنىڭ نىكا تويىنى قىلىپ، رەپىقەم بىلەن ئىككىمىزنىڭ ئۈستىمىزگە يۈكلەنگەن ئاتا-ئانىلىق بۇرچىمىزنى ئادا قىلدۇق. قىلىشقا تېگىشلىك بولغان ئىشلىرىم ھەر ھالدا ياخشى ئورۇنلاندى. ئۆزبەكىستاندىكى 3 ئايلىق ئۆگۈنىش ۋە زىيارەتلىرىم ئوڭۇشلۇق بولدى. 2011-يىلى ، دۆلىتى مىزنىڭ ھەر ساھە ئىگىلىكى، پەن-تېخنىكىسى، ئېقيىسادى، سىياسى پائالىيەتلىرى، خەلق تۇرمۇشى يۈكسەلگەن، دۇنيانىڭ دىققىتىنى بىر بالداق ئاشۇرۇپ جەلىپ قىلغان بىر يىل بولدى. ئاپتونۇم رايونىمىز دىن ھۇشۇر ئىسلام ئەپەندى «ئاكادېمىك» بولدى. بۇيىل مىنىڭ 60 -ياشقا كىرگەن يىلىم. يىل ئاخىرىدا بولسىمۇ، ئۆزەمگە تۇشلۇق  بىر تور بېكىتى قۇرۇۋالدىم. بۇلار، ماڭا نىسبەتەن 2011-يىلدىكى ئادەتتىكى ئۇلۇق بىر يىل ھېساپلىنىدۇ.

ئەندى، خاتىرەسى قالغان  چوڭ ئىشلارغا  تولغان بىر يىل دىگىنىم،  2008-يىلى، تۈركىيە، مىسىر، سۈرىيە مەملىكەتلىرىدە ئۆگۈنۈش ۋە زىيارەتلەردە بولغان ئىدىم. ئۇ يەرلەر دىكى تەبىئەت، جەمىيەت، مەدەنىيەت، شەرىئەت قاتارلىق مەئىشەتلەر ماڭا ياخشى بولغان ئىجابى تەسىراتلارنى قالدۇرغان ئىدى. 2008-يىلى، لىۋىيە دۆلەتلىك مۇھىت بايلىق مىنىستىرلىكى، لىۋىيەنىڭ ئەلباشى قەزافىنىڭ تەشەببۇسىغا ئاساسەن، قۇملۇق مۇھىتىنى ياخشىلاش تەجىربىلىرىنى ئۆگىنىشكە ھاكىمدىن يۇقۇرى، مۇئاۋىن مىنىستىرغىچە بولغان 45 نەپەر كىشىنى جۇڭگوغا ئېۋەتكەن ئىدى. ئۇلار ئاپتونۇم رايونىمىزدا 2 ئايغا يېقىن ئۆگۈنۈش ۋە زىيارەتلەردە بولغان. مەنمۇ ئۇلارغا شىنجاڭنىڭ تەبىئى شارائىتى، قىسقىچە تارىخى، مەدىنىيىتى ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئەمىليەتلىرى توغرىسىدا دەرىس سۆزلىگەن. بىر مۇسۇلمان بولغانلىقىمىز، تاماقلىنىش، تۇرمۇش ئۆرپ-ئادەتلىرىمىز ئوخشاپ كەتكەنلىكتىن, ئۇلار بىلەن ئاغىنە بولۇپ كەتكەن ئىدىم. ئەپسۇسكى، 2011-يىلى، مىسىر، لىۋىيە، سۇرىيەدە تېنىچ ۋەزىيەت بوزۇلۇپ، جەمىيەتكە، خەلىققە، ئېقتىساتقا ئېغىر ئىجتىمائى ئاپەتلەر كەلدى. مىسىر ئەلباشى مۇبارەك، تەخىتتىن چۈشتى، لىۋىيە ئەلباشى قەزافى ئۆلتۈرۈلدى، سۈرىيە ئەلباشى بەشىر قىل ئۈستىدە تۇرىۋاتىدۇ. تېلىۋىزوردا بېرىلگەن خەۋەرلەردىن, بۇ دۆلەتلەردىكى ماڭا تۇنۇشلۇق بولغان قاھىرە، ئىسكەندىرىيە، دەمەشىق، ئەلخەلىپ قاتارلىق شەھەر-جايلادا ئۇرۇش بولغانلىقىنى، ئادەملەرنىڭ ئۈلۈپ، گۈزەل مۇھىتلارنىڭ ۋەيرانچىلىقتا تۇرغانلىقىنى، كۆرۈپ كۆڭلۈم يېرىم بولۇپ كەتتى. لىۋىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇشتا نۇرغۇن كىشى قازا قىلدى، مىنىڭ تۇنۇشلىرىمدىن تېخى خەۋەر يوق، ئۇلار ئامانمىدۇ بىلمىدىم.

2006-يىلى، ياپونىيەدە ئۆگۈنۈش ۋە زىيارەتتە بولغان ئىدىم. ياپونىيەمۇ، زامانىۋى تەرەققىياتلىرى، ئورمان ئىچىدىكى قورو جاي گۈزەل مۇھىتلىرى، تەبىئى ئارشاڭلىرى، تېنىچ نەمخۇش دېڭىز بويلىرى، توكيۇدىكى ئادەمنىڭ كۆپلىكى، 3 قەۋەت مىترودا(يەر ئاستى پويىزد)ئادەملەرنىڭ دەريا سۈيى ئاققاندەك ماڭغانلىقى، ئادەملىرىنىڭ مۇلايىملىقى، ئىشچانلىقى، مېھمانخانىدا بىزگە ياپۇنچە كىيىم-كىچەك كىيدۈرۈپ ،مەدەنىيەتىنى بەكمۇ قەدىرلىگەنلىكى…….بۇلار مەندە گۈزەل ئەسلىمىلەرنى قالدۇرغان ئىدى. ئەپسۇسكى، 2011 -يىلى مارت ئېيىدا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتىن كېلىپ چىققان دېڭىز تاشقىنى، ياپۇنىيەنىڭ شىمالى دىڭىز بۇيىدىكى جايلىرىنى ناھايىتى ئېغىر دەرىجىدە ۋەيران قىلىۋەتتى، نۇرغۇن كىشىنى دىڭىز تاشقىنى يۈتۈپ كەتتى، يادرو ئېلىكتىر سىتانسىسى ئېغىر دەرىجىدە ۋەيران بولدى، ھەممەمىز، تېلىۋۇزوردا كۆرگەندەك, ھالاكەتلىك بۇ ھادىسە ئاسماندىن چۈشكەندەك ناھايىتى تېز سۇرئەتتە دىڭىز بويىدىكى بارلىق نەرسىنى بىراقلا ئاستىن-ئۈستۈن گۆمۈرۈپ ۋەيران قىلدى، پۈتۈن ياپون خەلقى ئەمەس، دۇنيا ئەھلىمۇ بۇ كۆرۈنۇشتىن قاتتىق چۈچىدۇق. ياپونىيەگە ناھايىتى ئېغىر بالايى ئاپەت، ۋە ئېقتىسادى ئاپەت كەلدى، ياپونىيە 10-15 يىل ئىسىدىن كەتتى، 10 يىلغىچە نورمال ھالەت ئەسلىگە كەلمەيدۇ دىگەندەك خەۋەرلەرنىمۇ ئاڭلاپ تۇردۇق. ئەمما،ئەھۋال ئۇنىڭ ئەكسىچە تەمكىنلىك بىلەن ئوڭشۇلۇشقا يۈزلەندى. بۇنىڭغا قاراپ، ياپۇنلۇقتا بىر خىسلەت بار ئىكەن دەپ ئويلاپ قالدىم. دىمەك، 2011-يىلى، دۇنيا مىقياسىدا، دۇنيانى ئۆزىگە جەلىپ قىلغان زور ۋاقەلەر كۆپ بولسىمۇ، يوقۇرىدا دىيىلگەن ۋەقەلەر ماڭا نىسبەتەن زور تەسىر پەيدا قىلغانلىرى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. ئېھتىمال، شۇ يەرلەرگە بارغان-كۆرگەن بۇرادەرلەرمۇ شۇنداقتۇ ھېسياتتا بولغاندۇ بەلكىم.

پۈتۈن دۇنيا خەلقىغە ئوخشاش، مەن دۇنيانىڭ تېنچلىقىنى تىلەيمەن، ئېغىر بولغان تەبىئى ئاپەتكىغۇ ئامالىمىز يوق، ئەندى ئىنسانلار ئۆزلىرى قۇرۇپ باشقۇرۇۋاتقان جەمىيەتنىڭ ئىجتىمائى ئاپىتىگە نىمە ئۈچۈن ئامال قىلالمايدۇ؟ بۇ، 2011-يىلى مەندە پەيدا بولغان بىر تېپىشماقتۇر.

جەمىيەتتىكى مىش مىش پاراڭلارنى ئاڭلىسام، 2012 -يىلى ئاخىر زامان بولارمىش، تۇرمۇشنىڭ پەيزىنى كۆرىۋالمىسا پۇشايماندا قالغىدەكمىش. بۇلار، مىنىڭچە ئارتۇقچە بىر تەشۋىش ياكى خاتا قاراش. مىنىڭ ئاڭلىشىمچە، بۇ تەشۋىش ئامىرىكا ئىشلىگەن «2012» يىل دىگەن كىنو نىڭ ئەكسى تەسىرىدىن پەيدا بولغان. مەن بۇ كىنونى كۆرۈپ باقمىدىم، ئەمما، بۇ كىنو ، مەلۇم پەننى ئاساسلارغا تايىنىپ مۇبالىغە قىلىنغان ئاساستا ئىشلەنگەن بولۇشى ئېھتىمالغا يېقىن. بۇ پەننى ئاساس مۇنداق بولۇشى مۇمكىن: قۇياشنىڭ ئاتموسفىراسىدىكى قىسمەن جايلاردا، «قۇياش دەۋرەش» (قۇياش ھەرىكىتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) ھادىسىسى بولىدىكەن. بۇ، ئادەتتە، قۇياشتا چەكلىك ۋاقىت ئىچىدە دەۋىرلىنىپ تۇرىدىغان ھەر خىل فىزىكىلىق جەرياندىن ئىبارەت. ماتىرىياللارغا قارىغاندا، بۇ جەريان، ھەر 11 يىلدا بىر قىتىم  پەيدا بولىدىكەن. 1755-يىلىدىكى «قۇياش دەۋرەش» ھادىسەسىنى، تۈنجى قېتىملىق ھادىسە قىلىپ بېكىتكەن دىن  كىيىن، 2000-يىلىغىچە 23 قېتىم «قۇياش دەۋرەش» دەۋرى بوپتىكەن. شۇ بويىچە ھېساپلىغاندا، 2012 –يىلى، 24- قېتىملىق «قۇياش دەۋرەش» دەۋرى بولۇپ قالىدۇ. قۇياش دەۋرەش  دەۋرىدە قانداق ئىشلار يۈز بېرىدۇ؟

 بىرىنچىسى، زىمىندا ماگىنىت بورىنى چىقىشى مۇمكىن.بۇ چاغدا، زىمىندىكى يوقۇرى مېردىيانلىق رايونلار ئاسمانىدا، قۇتۇپ نۇرىدەك ئاجايىپ بىر مەنزىرلەر پەيدا بولۇشى مۇمكىن، ماگىنىتلىق، ئېلىكترونلۇق ئەسۋاپ ئۈسكۈنىلەر كونتروللىقىنى يۇقۇتىشى مۇمكىن، ئەمما، بۇنداق ۋاقىتنىڭ داۋاملىشىشى نەچچە مىنۇت كۆپ بولغاندىمۇ بىرەر سائەتتىن ئېشىپ كەتمەيدىكەن.

ئىككىنچىسى، كۈچلۈك بولغان ئالەم رادىياتسىيەسى، زىمىنغا رادئاتسىيەلىك زەرەر كەلتۈرۈشى مۇمكىن. لېكىن ئاددى ئاماللار بىلەن، ئادەملەر بۇنىڭدىن ساقلانغىلى بولىدىكەن.

ئۈچۈنچىسى، رادىئو،تېلېۋىزور ، رادار قاتارلىقلار سېگناللارنى قۇبۇل قىلالماسلىقى مۇمكىن. لېكىن بۇنىڭ ۋاقتى ئوخشاشلا قىسقا بولۇپ، كۆپ بولغاندىمۇ بىرەر سائەتتىن ئاشمايدىكەن.

تۆتىنچىسى، زىمىن كلىماتىدا، ھۆل-يېغىن بىنورمال بولىدىغان ئەھۋال كۆرۈلىشى مۇمكىن.

بەشىنچىسى، يەر تەۋرەش ھادىسلىرى كۆرۈلۈپ قالىدىكەن. بۇلاردىكى4- ۋە 5- ھادىسىلەرنىڭ كۆرۈلۈش نىسبەتى ناھايىتى ئاز بولۇدىكەن.

دىمەك، «قۇياش دەۋرەش» ھادىسەسى، بىز يولۇقۇپ باقمىغان، ياكى، زىمىن تارىخىدا كۆرۈلۈپ باقمىغان ھادىسە ئەمەس. ھەر 11 يىلدا بىر قىتىم كۆرۈلىدىغان ھادىسە. مىلادى باشلانغان1- يىلىدىن باشلاپ ھېساپلىساقمۇ، 2011-يىلغىچە 180 قېتىم پەيدا بولغان تەبىئى ھادىسە. سىز 24ياشقا كىرگەن بولسىڭىز، بىر قىتىم بۇ ھادىسىنى بېشىڭىزدىن ئۆتكۈزگەن بولىسىز. مەن بۇيىل 60 ياشتىن ئاشتىم، بۇ ھادىسەنى مەن ئېھتىمال بەش قېتىم بېشىمدىن ئۆتكۈزگەن بولۇشىم مۇمكىن. لېكىن مەن بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان يامان ئاقىۋەتلەرنى بىلمەيمەن.

2012-يىلى، «قۇياش دەۋرەش» مەزگىلىگە توغرى كىلىپ قالدى، بۇ ئەھۋال بۇيىلنىڭ ئاخىرىدا كۆرۈلەمدۇ، ياكى كېلەر يىلنىڭ بېشىدا كۆرۈلەمدۇ بۇنىسى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس. مەيلى قانداق بولمىسۇن، بىزنىڭ بۇنىڭدىن ئارتۇقچە ۋەھىمىدە بولۇشىمىزنىڭ قىلچە ھاجىتى يوق.

2011-يىلى، بەزى كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېغىر كۆڭلى ئاغرىقى كەلگەن يىل، بەزى كىشىلەرنىڭ كۆڭلى خوش بولغان يىل، بەزى كىشىلەرگە نىسبەتەن ئاددىلا ئۆتكەن بىر يىل بولدى. مەيلى قانداق بولمىسۇن، بۇلارنىڭ ھەممىسى بۈگۈن تارىخقا ئايلاندى. بۈگۈندىن باشلاپ، خۇدانىڭ يەنە بىر ئۇلۇق يىلىغا قەدەم قويدۇق، يېڭى بىر يىلدا، يەنە قانداق ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى بىلمەيمەن. پەقەتلا، ھەممەمىزنىڭ تېنىچ بەختىيار جەمىيتىمىزنى, زامانىمىزنى قەدىرلىشىنى، كەچ يېتىپ، ئەتتىگەن تۇرۇپ، ئىشلىرىمىزنى بېرىلىپ ئىشلىشىمىزنى، بىھۇدە خىياللاردا بولماسلىقىمىزنى، ھەممىمىزگە تېنچ ئامانلىقنى، تىنىمىزگە سالامەتلىكنى، تۇرمۇشىمىزغا خاتىرجەملىكنى ، ھەممەيلەننىڭ ئالتۇن قۇياش نۇرىنى كۆرۈپ تۇرۇشىنى تىلەيمەن.

ئەسكەرتىش: مەزگۇر ئەسەر، 2014-يىل ئەتىيازغىچە 14000 ئادەم قېتىمدىن كۆپ كۆرۈلگەندەك قىلغان ئىدى. ئەمما، ئەسەرگە بېرىلگەن ئىنكاس ۋە ئېلانلار بەك كۆپ بولۇپ كىتىپ ئۇلارنى ئۈچۈرۈش لازىم بولۇپ قالدى. ئۆچۈرۈش جەريانىدا ئەسلىدىكى جەمتەر سانمۇ بىللە ئۆچۈرۈلۈپ كىتىپتۇ. شۇنداق قىلىپ، ئەسلىدىكى جەمتەر سانىنى ئەسلىگە كەلتۈرەلمەدىم. بۇنى ئوڭشىغان بۇرادەر بىلەنمۇ ئالاقە قىلالمىدىم. ھازىرقى كۆرۈنۈپ تۇرغان جەمتەر سان، 2014-يىلى يازدىن باشلانغان سان بولۇشى مۇمكىن. (ئەسكەرتكۈچى: ئارجىم. 2015-يىل، 13-ئۈمۈد)

يازما ئاپتورى: ئارجىم
يازما يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 01-ئاينىڭ 01-كۈنى
يازما ئاۋاتلىقى: 793 قېتىم كۆرۈلدى
يازما ئادرېسى: ../?p=273
بارلىق ھوقۇق ئاكادېمىيە تور بېكىتىگە غا تەۋە! رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!

12 پارچە باھا

  1. ىسىل يازما
    خۇدا خالىسا مەنمۇ شۇنداق دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە يۈرۈپ ۆگىنىش، زىيارەتتە بولۇپلا ۆتسەم.
    غەيرىتىزگە بارىكاللا.

    • ئاكادېمىيە تور بېتىگە كەلگىنىڭىزگە رەھمەت، سىزنىڭمۇ جاھان سەپىرىدە بولۇشڭىزنى تىلەيمەن.

    • خالاستان ، مەن تۈنجى كۆرگەن ياخشى بلۇگ،سىزنىڭ ئاكادېمىيە تور بېتىگە كەلگىنىڭىزگە ھەم ياخشى تىلەك ئىنكاس يازغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت.سىزنىڭمۇ،جاھان سەپىرىدە بولۇشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن.

  2. ئاددىي تىللار بىلەن چوڭقۇر ھەقىقەت، سەمىمىي تىلەكلەر ئەكس ئېتىپتۇ.يازمىڭىزدىن سۆيۈندۈم. ساقلىق، ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەيمەن!

  3. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئاكا،
    بېكىتىڭىزگە بۈگۈن تۇنجى كىرىشىم ۋە يازمىلىرىڭىزنى كۆرۈشۈم. يازمىلىرىڭىزدىن تەمكىنلىك، ئىلمىلىكنىڭ نىمىلىكىنى يەنە بىر قېتىم ھىس قىلغان بولدۇم. خىزمەتلىرىڭىز بەرىكەت تاپسۇن.
    سىزنىڭ شەخسىيىتىڭىز توغرىسىدا بىر يازما يېزىپ قويغان بولسىڭىز، تېخىمۇ ياخشى تونۇش پۇرسىتىگە ئېرىشەر ئىكەنمىز.

    • ئاكادېمىيە تور بېتىنى كۆرگىنىڭىزگە مەرھەمەت ھەم كۆپ رەھمەت. تور بېتىگە نىسبەتەن مەن بىر يېڭىدىن ئۆگەنگۈچى،مىنى ئايىماي پىكر تەلەپلەرنى بېرىپ تۇرۇشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن.

    • ئاكادېمىيە تور بېتىگە كەلگىنىڭىزگە ھەم ياخشى تىلەك ئىنكاس يازغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت.خۇدايىم بۇيرىسا سىز دىگەندەك بىر يازما يېزىپ قويسام بولغىدەك،ياخشى ئەسكەرتىپ قويغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت.

  4. #10 باھادىر بۇ باھاغا پىكرىم بار | نەقىل ئېلىش Post:2012-01-03 10:36

    ناھايتى ئەتراپلىق بوپتۇ يازمىڭىز .بۇنىڭدىن كىيىن تىخمۇ ئىسلى ئەسەرلەرنى يوللاپ تۇرىشىڭزغا تىلەكداشمەن

باھا يېزىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز