باش بەت > بېغىشلىما > 2012- نورۇزغا بېغىشلايمەن
18مارت

2012- نورۇزغا بېغىشلايمەن

2012-يىللىق نورۇزغا بېغىشلايمەن

祝2012年努如孜

ئاپتورى: بوستاني

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ھۈرمەتلىك قېرىنداشلار، بۈگۈن، 2012-يىللىق نورۇز بايرام كۈنى. مەن  ئاكادېمىيە تورىدىن پايدىلىنىپ ، بارلىق قېرىنداشلارغا  نورۇز لۇق  دۇئايى سالام يوللايمەن.  2012-يىللىق نورۇز بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن.

نۇرۇز، گەرچە مىلادىيە كالىندارىدىكى 3-ئاينىڭ ئۇيغۇرچە نامى بولسىمۇ، دىخانلار كالىندارى بويىچە، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە بىر قىسىم غەربى ئاسىيا دىكى جۇغراپىيەلىك رايونلارغا نىسبەتەن يېڭى يىلنىڭ باشلىنىشى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. شۇڭا، بۇيىلقى نۇرۇز، 2011- يىل ئاخىرلىشىپ، 2012-يىلى يېڭىدىن باشلانغان كۈن بولىدۇ. ئۇزۇن زامانلاردىن بۇيان، بۇ  جۇغراپىيەلىك زىمىندا ياشاۋاتقان خەلقلەر، جۈملىدىن قازاقىستان، ئۆزبەكىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان، تۈركمەنىستان، ئەزەربەيجان، كوسوۋو، تۇركىيە، ئىران، ئىراق، سۇرىيە، ئەرمىنيە، تاتارىستان، جۇڭگودىكى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلاردىكى خەلقلەر بۇ كۈننى (نۇرۇزنى) ناھايىتى تەنتەنىلىك بىلەن كۈتىۋالغان . شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىمىز، نورۇز ئاينى ناھايىتى ئۇلۇغلايدۇ. نورۇز ئايدا، ھويلا –ئاراملارنى قىشنىڭ ئەخلەت چاۋىسىدىن تازىلايدۇ، باغۋاران قاشالىرىنى يېڭىلايدۇ، دىخانچىلىق قورال سايمانلىرىنى يېڭىلايدۇ، تېرىقچىلىق تەييارلىقلىرىنى پۇختا قىلىدۇ، چارۋا ماللار يېڭى جانلارنى تۇغۇپ تۇرىدۇ، كىشىلىرىمىز ، يېڭى تۇغۇلغان تۆللەرنى ئەي قىلىش بىلەن ئالدىراش بولىدۇ، ئاندىن، 21-نورۇز كۈنى (3-ئاينىڭ 21-كۈنى)دىن 23-24- نورۇزغىچە 3-4 كۈن مەھەللىلەر بويىچە يىڭى يىل شەنىگە ئاتاپ، تەبرىكلەش پائالىيىتى ئېلىپ بارىدۇ. بۇ پائالىيەتلەرنىڭ مەزمۇنى مول بولۇپ، كۈندۈزى شەخسى ماھارەت، چارۋا مالدىكى ماھارەت، كوللىكتىپ ماھارەت، دۇئا-تىلاۋەت، باراۋەت قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارىدۇ، بۇغداي، قۇناق، ئارپا، گۈرۈچ، پۇرچاق، نۇقۇت، ماش قاتارلىق دانلارنى، قوي، كالا، تۆگە گۆشلىرى بىلەن داش قازاندا كۆجە (نورۇز ئېشى) ئېتىدۇ، كەچقۇرۇنلىقى مەشرەپ قىلىدۇ. يېڭى يىلنىڭ خەيىرلىك بولۇشىنى تىلەپ، ئۆتكەن بىر يىلدا ئۆز-ئارا بولغان ئېلىم-بېرىملىرىنى بېجىرىدۇ، ئۆتنە ئالغان، كۆڭلى قالغان يەرلىرى بولسا، بىر بىرىگە چاي تۇتۇپ مۇڭدۇشۇپ ئارىنى پاكىز ھەم يورۇق قىلىدۇ، ياشانغان كىشىلەردىن ھال سوراپ، يېڭى يىلدا سالامەت بولۇشىنى تىلەيدۇ، تۇرمۇش قۇرۇپ 40-50 يىل بىللە ئۆتكەن ئائىلىنى تەبرىكلىشىدۇ، ئىشنى قىلىپ، بارلىق ئىمكانىيەتلەردىن پايدىلىنىپ، يېڭى يىل كىرىش بىلەن تەڭ بارلىق كىشىلەرنىڭ روھى دۇنياسىنىمۇ يېڭى قىياپەت يېڭى ئۈمۈتكە توغرىلايدۇ.

ئۆتكەن بىر يىل ئومۇمى جەھەتتىن ئالغاندا، ھەممەيلەنگە خاتىرجەملىك ۋە مەمۇرچىلىق ئاتا قىلدى. قىسمەن كىشىلىرىمىزگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بەزىلىرىمىزنىڭ ئىشلىرىمىز يۈرۈشۈپ ئوبدان روناق تاپتۇق، بەزلىرىمىزنىڭ تازا ياخشى يۈرۈشمەي زاۋال تاپتۇق، بەزىلىرىمىزنىڭ مەئىشەتلىرى ئوبدان ھوسۇل بەردى، بەزىلىرىمىزنىڭ زىيان بەردى، بەزىلىرىمىزنىڭ كۆڭلىمىز  خوش ئۆتتى، بەزىلىرىمىزنىڭ پاراكەندە ئۆتتى. بەزىلىرىمىزنىڭ يىل بېشىدىكى پىلانلىرىمىز ئورۇنلاندى، بەزىلىرىمىزنىڭ ئورۇنلانمىدى…….. بۇلار مەيلى قانداق بولسۇن، بۇيىلقى نورۇز كېلىش بىلەن تەڭ تارىخقا ئايلاندى، ئۆتكەن كۈنلەرگە ۋە ئىشلارغا سالاۋەت بېرىلدى. مەيلى،ئاسايىشلىق بىلەن ئۆتكەن كىشىلىرىمىز، كۈنلىرىمىز ياكى غۇربەتچىلىكتە ئۆتكەن كىشىلىرىمىز، كۈنلىرىمىز بولمىسۇن، بۈگۈندىن ئېتىۋارەن ھەممە ئىشىمىزنى يەنە يېڭىدىن باشلايمىز. تەرەتنى يېڭىباشتىن ئېلىپ، بىسمىللا ئېيتىپ، يىڭى بىر يىلدا، ئۆزىمىز ئۈچۈن، بالىلىرىمىز ئۈچۈن، خەلقىمىز ئۈچۈن «توققۇز ھىكمەت» بويىچە ئىش كۆرۈشنى قايتىدىن نىيەت قىلىمىز.

بۇ يىل، 12 مۆچەل بويىچە، ئەجدىھا يىلى، مەن بۇرۇن ئاڭلىغان گەپلەرگە ۋە ئۆزەمنىڭ ئاددى تەجىربىسىگە ئاساسلانغاندا،  ئەجدىھا يىلى(بۇيىل) يامغۇر ئاز يېغىپ قۇرغاقچىلىق بولۇپ قېلىشى، بورانمۇ كۆپرەك چىقىپ قېلىشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلىمەن. شۇڭا،  بۇ گەرچە بىر پەرەز بولسىمۇ، كىشىلىرىمىزنىڭ ھەر ھالدا بىخۇتلۇق قىلماسلىقىنى، بۇ يىلقى ھاۋا رايىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشىنى، زىرائەتلەرنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشىنى، ھەددىدىن زىيادە كۆپ يەر تېرىۋالماسلىقىنى، سەمىڭىزلەرگە ئەسكەرتىمەن. «2012-يىلغا بېغىشلايمەن» دىگەن ئەسەردە دىيىلگەندەك، بۇ يىل رايونىمىزدا يەر تەۋرەش دىگەندەك تەبىئەت ھادىسلىرى كۆرىلىشى مۇمكىن، مەيلى قانداق ئاپەت خاراكتىرلىق تەبىئەت ھادىسلىرى يۈز بەرمىسۇن، ھەممىمىزنىڭ تەمكىن بولۇشىنى، ئىجابى يۈزلىنىشىنى، ئىلمي پوزىتسىيەدە بولۇشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.

ئۆتكەن بىر يىلدا، بىزنىڭ ئېنتىرنېت تور ئىشلىرىمىز يۈكسەلگەن، تور بەتلىرىمىز كۆپەيگەن، مەزمۇنلىرى سەر خىل ساغلام بولغان بىر يىل بولدى دەپ قارايمەن. بۇيىل يەنىمۇ يېڭى مەزمۇن ۋە ئۇسلۇپلارنىڭ مەيدانغا كىلىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.

نورۇز كەلدى، ئىللىق ئاپتاپ زەر چاشتى، جاھان يېڭىۋاشتىن ياشاردى، يېڭى مەئىشەتكە يېڭى  قەدەم تاشلىدۇق، ھەممەيلەننىڭ يېڭى بىر يىلدا سالامەت بولۇشىنى، خۇدا ئاتا قىلغان ئاپتاپنى كۆرۈپ تۇرۇشىنى، بەخىت سائادەت ۋە نازۇ-نېمەتلەردىن بەھىرلىنىشىنى، تىلەكلىرىنىڭ ئىجابەتكە ئېرىشىشىنى چىن كۆڭلۈمدىن تىلەيمەن.

يازما ئاپتورى: ئارجىم
يازما يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 03-ئاينىڭ 18-كۈنى
يازما ئاۋاتلىقى: 1,051 قېتىم كۆرۈلدى
يازما ئادرېسى: ../?p=774
بارلىق ھوقۇق ئاكادېمىيە تور بېكىتىگە غا تەۋە! رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!

مەزكۇر يازمىغا تېخى باھا يېزىلمىدى

باھا يېزىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز