قىيامەت_(kiyamet)
قىيامەت
世界末日
جىمسارى
بايان ئاۋۋال
يېقىندا بىر تويغا قاتنىشىپ، بىر داستىخاندا ئولتۇرغان مېھمانلاردىن بۇ يىل 12-ئاينىڭ 21-كۈنى قىيامەت ياكى ئاخىىر زامان بولغىدەك دىگەن گەپلەرنى ئاڭلىدىم. ئۆيگە قايتىپ كىلىپ، ئىنتېرنېتقا قاراپ باقتىم. دەرۋەقە، نۇرغۇنلىغان ئىنتېرنېت بىكەتلىرىدە بۇ يىل 12-ئاينىڭ 21-كۈنى قىيامەت بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ھەر خىل گەپ-سۆزلەر بار ئىكەن. تېلىۋىزوردىكى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ھەتتا ئاۋىسترالىيە ۋەزىرىمۇ (زۇڭلىسى) بۇ يىل 21-دىكابىر قىيامەت بولىدىغانلىقى راست دەپ ئىشىنىدىكەن. دىمەك، بۇ يىل 21-دىكابىر راستىنلا قىيامەت ياكى ئاخىر زامان بولامدۇ؟ بۇ مەسىلىگە مەنمۇ قىزىقىپ قالدىم. شۇڭا، مەزگۇر ئەسەردە، قىيامەتكە بولغان چۈشەنچىلىرىمنى دەپ باققىم كەلدى.
1. قىيامەت، ئىنسانلارغا بىر ھەقىقەت
قىيامەت، يەنە ئاخىر زامان دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ ئاتالغۇلارغا بېرىدىغان تەبىرىم شۇكى، ئادەمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق جانىۋارلارنىڭ، ئالەم ۋە دۇنيانىڭ، زامانى ۋە چامانى ھەرىكەتتىن، تىنىقتىن توختىغان ھادىسە، قىيامەت ياكى ئاخىر زامان دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغەتىگە قارىغاندا، قىيامەت ياكى ئاخىر زامان دىگەن بۇ ئىككى ئاتالغۇنى ئەرەپچە سۆز دەپ ئىزاھ بەرگەن. دىمەك، قىيامەت ياكى ئاخىر زامان دىگەن سۆزلەر، ئەسلىدە ئەرەپچە سۆز بولۇپ، كىيىن ئۇيغۇر تىلىمىزغا ئۆز پېتى ئۆزلەشكەندەك قىلىدۇ.
مەن، قىيامەت ياكى ئاخىر زامان دىگەن سۆزنى ئاڭلاپ كەلگىلى 60 يىل بولدى، بۇ سۆزلەرنى مىنىڭ ئەجداتلىرىم، ئۇلارنىڭ ئەجداتلىرىمۇ،،،،،،ئاڭلىغان ئىكەن. بۇ سۆزلەرنى پۈتۈن دۇنيادىكى مۇسۇلمانلارنىڭ قۇرئاندىن ئوقۇپ، ئاڭلاپ ئۇنىڭغا ئىشىنىپ كېلىۋاتقانىغىمۇ 1500 يىلچە بوپتۇ. ئىسلام دىندىن باشقا دىنلاردىمۇ ئاخىر زامان ياكى قىيامەت چۈشەنچىلىرى ھەم مەۋجۇد. يېقىنقى 300 يىلدىن بېرى توختىماي ئىزدىنىپ ئىلىم ۋە بىلىم ئىخترا قىلىپ جاھان ئەھلىنىڭ روھى ۋە جىسمىنى ئۆزىگە مەھلىيا قىلىۋاتقان پەننى چۈشەنچىلەردىمۇ قىيامەت ياكى ئاخىر زامان بولىدىغانلىقى قەيىت قىلىنغان. دىمەك، قىيامەت ياكى ئاخىر زاماننىڭ بولۇشى، دۇنيادىكى بارلىق ئىرق ۋە تەبىقە كىشىلىرى، بارلىق دىن ۋە پەن مۇرىتلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى بىردەك ئېتىراپ قىلىپ ئىشىنىپ كىلىۋاتقان بىر ھەقىقەت دەپ قارايمەن.
2. قىيامەت دىگەن نىمە؟ ئۇ قانداق بولىدۇ؟
قىيامەت توغرىسىدا قۇرئاندا مۇنداق يازىلغان: «ﺋﺎﺳﻤﺎﻥ ﻳﯧﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﭼﺎﻏﺪﺍ، ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻻﺭ ﺗﯚﻛﯜﻟﮕﻪﻥ ﭼﺎﻏﺪﺍ، ﺩﯦﯖﯩﺰﻻﺭ ﺑﯩﺮ- ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﯘﺷﯘﻟﻐﺎﻥ ﭼﺎﻏﺪﺍ، ﻗﻪﺑﺮﯨﻠﻪﺭ ﺋﺎﺳﺘﻰ- ﺋﯜﺳﺘﻰ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ( ﻳﻪﻧﻰ ﺋﯚﻟﯜﻛﻠﻪﺭ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﭼﺎﻏﺪﺍ» ( ﺋﯩﻨﻔﯩﺘﺎﺭ ﺳﯜﺭﯨﺴﻰ، 1-4 ﺋﺎﻳﻪﺗﻠﻪﺭ )،
«ﺋﯘ ﻛﯜﻧﺪﻩ ﺋﺎﺳﻤﺎﻥ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺗﻪﯞﺭﻩﻳﺪﯗ. ﺗﺎﻏﻼﺭ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺳﻪﻳﺮﻯ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ ﻳﻪﻧﻰ ﺯﯦﻤﯩﻨﻨﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺗﻮﺯﯗﭖ ﻳﻮﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ ». ( ﺗﯘﺭ ﺳﯜﺭﯨﺴﻰ 9-10 ﺋﺎﻳﻪﺗﻠﻪﺭ )،
«ﻛﯜﻧﻨﯩﯔ ﻧﯘﺭﻯ ﺋﯚﭼﻜﻪﻥ ﭼﺎﻏﺪﺍ، ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻻﺭ ﺗﯚﻛﯜﻟﮕﻪﻥ ﭼﺎﻏﺪﺍ، ﺗﺎﻏﻼﺭ ﮔﯘﻣﺮﺍﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﭼﺎﻏﺪﺍ…» ( ﺗﻪﻛﯟﯨﺮ ﺳﯜﺭﯨﺴﻰ 1-3 ﺋﺎﻳﻪﺗﻠﻪﺭ )،
«ﺋﯘ ﻛﯜﻧﺪﻩ ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﻨﻰ ( ﭘﯜﺗﯜﻛﭽﻰ )ﻧﻪﺭﺳﻪ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ﻗﻪﻏﻪﺯﻧﻰ ﻳﯚﮔﯩﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﻳﯚﮔﻪﻳﻤﯩﺰ. ﻣﻪﺧﻠﯘﻗﺎﺗﻼﺭﻧﻰ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﺘﻪ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻕ، ﺷﯘ ﻫﺎﻟﯩﺘﯩﺪﻩ ﺋﻪﺳﻠﯩﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯨﻤﯩﺰ. ( ﺑﯘ ) ﺑﯩﺰ ﺋﯜﺳﺘﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﯞﻩﺩﯨﺪﯗﺭ، ( ﺋﯘﻧﻰ ) ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎﺷﯘﺭﯨﻤﯩﺰ». ( ﺋﻪﻧﺒﯩﻴﺎ ﺳﯜﺭﯨﺴﻰ 104- ﺋﺎﻳﻪﺕ ) .
مەن كىچىكىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە چوڭلاردىن ئاڭلىشىمچە، قىيامەت ياكى ئاخىر زاماندا، ئاسمان ئۆرۈلۈپ، يەر يېرىلىپ بىرى بىرىگە چاپلىشىپ كەتكىدەك. يەنە بەزىلەرنىڭ دىيىشىچە، قىيامەت ياكى ئاخىر زاماندا، مەلۇم بىر كۈچ زەربىسىدىن يەر يۈزىدىكى بارلىق مەۋجۇد شەيئىلەر ئۆزىنىڭ شەكلىنى، جىسمىنى ۋە روھىنى يۇقۇتىدىكەن، بۇلار، چاڭ-توزاڭغا، گازغا ياكى شامالغا ئايلىنىپ كېتىدىكەن. زىمىننىڭ ئۇ چىتىگە بىر تۇخۇمنى قويۇپ قويسىمۇ كۆرۈنگىدەك دەرىجىدە، يەر يۈزى تۈپتۈز بولۇپ كەتكىدەك. مەن ئەڭ كۆپ ئاڭلىغان چۈشەنچىلەرگە قارىغاندا، قىيامەت كۈنى، ھەر بىر ئىنسان، ئۆزىنىڭ قىلغان ئەتكەنلىرىدىن ھېساپ بېرىدىكەن. ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق جىسىم، شەكىل، ماكان، چامان، زامان قاتارلىق مەۋجۇد شەيئىلەر ئۇنىڭغا گۇۋالىق بېرىدىكەن. دىمەك، بۇ خىل ھادىسە، مەن ئاڭلىغان قىيامەت دىيىلگىنى شۇ ئىكەن.
مىنىڭ چۈشەنچەمدە، زىمىن پەيدا بولۇپ تا ھازىرغىچە، زىمىندا كۆرۈلىدىغان بۇ خىل تەسۋىردىكى قىيامەتنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن بىرمۇ ئىنسان يوق. يوقۇرىدا دىيىلگەن تەسۋىرلەر پەقەت بىر تەسەۋۋۇردىن ئىبارەت. ئۇنداقتا قىيامەت دىگەن نىمە؟ بۇنىڭغا مەن تەپسىلى تەبىر بەرسەم، مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن، ئىنسانغا مۇناسىۋەتلىك ھاياتنىڭ (جانىۋارلارنىڭ ھاياتى) ئۆلگىنى، شەكىلنىڭ ۋە جىسىمنىڭ يۇقالغىنى، ماكاننىڭ (ئېكولوگىيەلىك سىستېما) يۇقالغىنى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ھايات، جىسىم، شەكىل ۋە ماكاندىكى بارلىق چامان، زامان ھەم ھەرىكەتنىڭ توختاپ قالغانلىقى قىيامەت دەپ ئاتىلىدۇ. شۇڭا قىيامەت ياكى ئاخىر زامان چۈشەنچىسى، ئىنساننى بىرىنچى ئوبىكىت قىلغان چۈشەنچە. قىيامەت ياكى ئاخىر زامانمۇ ئىنسانغا نىسبەتەن قىيامەت ياكى ئاخىر زامان بولىدۇ. قۇرئاندىكى ئادەمنىڭ قايتا تىرىلىشىدەك چۈشەنچىگە قارىغاندا، قىيامەت، بارلىق شەيئىنى يېڭىلايدۇ دەپ قارايمەن. يەنى، قىيامەت ياكى ئاخىر زاماندىن كىيىن يەنە يېڭى شەيئى ۋۇجۇدقا كېلىدۇ، يەنە يېڭى زامان باشلىنىدۇ. مەن، ئاددى چۈشەنچىلىرىمگە ئاساسەن، قىيامەتنى، چوڭ قىيامەت، كىچىك قىيامەت دەپ 2 خىلغا ئايرىپ قويدۇم. چوڭ قىيامەت، زىمىن مىقياسىدا ياكى كۆپ قىسمىدا كۆرۈلىدۇ. كىچىك قىيامەت زىمىننىڭ ئاز بىر قىسمىدىكى مەلۇم بىر رايون، دۆلەت، شەھەر، يېزا، كەنت ياكى ئائىلىدە كۆرۈلىدۇ. مەن، چوڭ قىيامەت توغرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان بىر قىسىم پەرەزلەرنى ئاڭلاپ باقتىم، بۇنىڭغا گۈۋا بولىدىغان مەۋجۇد ئىسپاتلارنى، يەر قاتلاملىرىدىن چىققان تاشقاتلاردىن كۆردۈم. ئەندى، كىچىك قىيامەتكە كەلسەك، بىر ھايات كىشى ھېمىشە كۆرۈپ ھەم ئاڭلاپ تۇرىدىغان ھادىسە. مەسىلەن، يەر ئاستىدىن قېزىۋىلىنغان جانىۋار تاشقاتلىرىغا قارىغاندا، زىمىندا ھازىرغىچە 7 قېتىم چوڭ قىيامەت بوپتىكەن دەپ قارىدىم. يېقىنقى يىللاردا جۇڭگودا كۆرۈلگەن ئېغىر يەر تەۋرەش، سۇ ئاپەتلىرى، ياپونىيەدە كۆرۈلگەن دېڭىز تاشقىنى، ئىراقتىكى، لىۋىيەدىكى جەڭلەر، سادام، قەزافى، بىن لادىننىڭ ئۆلىمى، مۇھەممەت ئىمىن، ھۈسەنجان ۋاپاتى، سارىس، قۇشۋىروسى قاتارلىق ۋەقەلەر كىچىك قىيامەت ياكى كىچىك ئاخىر زامان بولىدۇ. بۇ ۋەقەلەر، ئەنە شۇ دۆلەت، رايون، شەھەر، كەنت، ئائىلىلەرگە بىر قىيامەت بولدى، بۇ جەرياندا قازاغا يولۇققانلارنىڭ ئاخىر زامانى بولدى.
3. قىيامەت قانداق بولىدۇ؟ (نىمە سەۋەپتىن ياكى كىم تەرىپىدىن بولىدۇ؟).
مىنىڭ ئاڭلىشىمچە، قىيامەتنىڭ پەيدا بولۇشى خۇدايىمنىڭ (ئاللانىڭ) ئىختىيارلىقىدا ئىكەن. ئىنسانلار ياكى ئۇلارنىڭ جەمىيەتى، ئاللا كۆرسۈتۈپ بەرگەن ھەق يولدىن چەتنەپ، غەيرى يولدا ماڭسا، ھەددىدىن ئاشسا، ئاللا ئۇلارغا قىيامەتنى كۆرسۈتىدىكەن. بۇمۇ بىزدىكى بىر چۈشەنچە. بۇ چۈشەنچە بىزگە، ھەر قانداق دەرىجىدىكى قىيامەتنىڭ مەلۇم بىر سەۋەپتىن بولىدىغانلىقىدىن بىشارەت بېرىدۇ. ئەمما، يەرنىڭ تەۋرىشى، زىمىن ئىچىدە ئىككى مۇڭگۇزى بىلەن زىمىننى كۆتۈرۈپ تۇرغان قىزىل كالىنىڭ تالغان مۇڭگۇزىنى ئالماشتۇرۇش جەريانىدا بولىدىغان ھادىسە ئەمەس. ئىراق لىۋىيە ۋە سۇرىيەدىكى ئۇرۇشلار، ئىراق ۋە لىۋىيە ۋە سۇرىيەدىكى ئىنسانلارنىڭ ئاللانىڭ ھەق يولىنى تاشلاپ غەيرى يولدا ماڭغانلىقىدىن دەپ قارىساق توغرى بولماسمىكىن؟ ئەندى ھەر خىل ياشتىكى ئادەتتىكىچە ئەھۋالدا ۋاپات بولغانلارنى ئۇلارنىڭ رىسقى شۇنچىلىك بېرىلگەن دەپ قارايمىز. باشقىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن شەخسىلەرنىڭ ئۆلۈمىگە بولسا، كۆپۈنچىمىز ئۇلارنىڭ يەيدىغان رىسقى تۈگەپتۇ دەپ قارايمىز، ئاز ساندىكىمىز ئۇلارنىڭ ئاللانىڭ جازاسىغا ئۇچرىغانلىقى دەپ قارايمىز. ئەلۋەتتە بۇلارنىڭ بىز بىلمىگەن سەۋەپلىرى باردۇر. مەيلى قانداق بولۇشىدىن قەتئى نەزەر، بۇ رايوندا كۆرۈلگەن ھادسىلەر، شۇ دۆلەت، جەمىيەت، تۈزۈم ھەم ئۆلگۈچىلەرگە قىيامەت ياكى ئاخىر زامان بولدى.
مەن ئوقۇغان پەننى ئىلىملەردىن يەكۈن قىلىشىمچە، زىمىندىكى ھاياتلىق تارىخىدا 7 قېتىم زىمىن مىقياسىنى ئالغان چوڭ ئۆزگىرىش بوپتىكەن. بۇ ئۆزگۈرۈشنى، پەننى ئىلىمدا ھاياتلىق دەۋرى دەپ ئاتايدىكەن. بۇنى مەن زىمىندا 7 قىتىم قىيامەت بوپتىكەن دەپ پەرەز قىلدىم. مەنبەلەرگە قارىغاندا، زامانىمىزدىن تەخمىنەن 4 مىليارد 600مىليون يىللار بۇرۇن، زىمىن شەكىللىنىپتىكەن. زامانىمىزدىن تەخمىنەن 3 مىليارد 400 مىليون يىللار بۇرۇن زىمىن مىقياسىدا تۈنجى قېتىملىق چوڭ قىيامەت بولغاندەك قىلىدۇ، شۇ سەۋەپتىن زىمىن قۇرۇلمىسىدا پۈتۈنلەي زور ئۆزگەرىش بولغان ئىكەن. شۇنىڭدىن كىيىن، دەسلەپكى ھاياتلىق (مىكروبلار، لەشگىيالار قاتارلىق جانىۋارلار) زىمىندا پەيدا بولۇشقا باشلاپتىكەن. 2-قېتىملىق قىيامەت، زامانىمىزدىن تەخمىنەن 1مىليارت 300 مىليون يىللار بۇرۇن يۈز بەرگەندەك قىلىدۇ. 3- قېتىملىق قىيامەت، زامانىمىزدىن تەخمىنەن 440 مىليون يىللار بۇرۇن بولغاندەك قىلىدۇ. 4-قېتىملىق قىيامەت، زامانىمىزدىن تەخمىنەن 350 مىليون يىللار بۇرۇن يۈز بەرگەندەك قىلىدۇ. 5- قېتىملىق قىيامەت، زامانىمىزدىن تەخمىنەن 270 مىليون يىللار بۇرۇن كۆرۈلگەندەك قىلىدۇ. 6- قېتىملىق قىيامەت، زامانىمىزدىن تەخمىنەن 130 مىليون يىللار بۇرۇن كۆرۈلگەندەك قىلىدۇ. 7- قېتىملىق قىيامەت، زامانىمىزدىن تەخمىنەن 3 مىليون يىللار بۇرۇن بولغان ئوخشايدۇ. ھەر بىر قېتىملىق قىيامەت ياكى ئاخىر زامان، بارلىق كونا ھاياتلىقلارنى، شەكىللەرنى، ماكانلارنى دۇنيادىن يۇقۇتۇپ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يېڭىدىن ھاياتلىقلارنى، شەكىللەرنى ۋە يېڭى ماكانلارنى دۇنياغا كەلتۈرۈپ تۇرغان ئىكەن. زىمىندا كۆرۈلگەن مۇشۇ 7- قېتىملىق قىيامەتتىن كىيىن بىز ھازىر كۆرۈۋاتقان ئىنسانلار، گىياھلار، ھايۋاناتلار، شەكىللەر ۋە ماكانلار ۋۇجۇدقا كىلىپ، ھازىرقى ياشاۋاتقان دەۋىر مەنزىرەسى باشلىنىپتىكەن.
4. قىيامەت قاچان بولىدۇ؟
مىنىڭچە، قىيامەت ياكى ئاخىر زاماننىڭ قاچان بولىدىغانلىقىنى ھەر قانداق ئىنسان بىلمەيدۇ. ئاڭلىشىمچە، قۇرئاندا، قىيامەت ياكى ئاخىر زامان توغرىسىدا 100 دەك بىشارەت بېرىلگەن ئىكەن. ئەمما، ئۇنىڭ بولىدىغان كونكىرىتنى ۋاقتى دىيىلمىگەن ئىكەن. ھازىرقى زامان پەننى ئىلىم نېتىجىلىرىگە قارىغاندا، زىمىننىڭ مەيلى گىئولوگىيەلىك دەۋرى ياكى ھاياتلىق دەۋرى بولمىسۇن، مەڭگۈلۈك ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلىغان. ئىجتىمائى تارىخ ئىلىملەرگە قارىغاندا، ئىجتىمائى رايونلار، دۆلەتلەر، تۈزۈملەر، مىللەتلەر، ئۆرپ ئادەتلەر، ھەتتا ئىلىم ۋە مەدەنىيەتلەرنىڭمۇ مەڭگۈلۈك ئەمەسلىكى ھەممەيلەنگە ئايان. مانا بۇلاردىن، زىمىندا تەۋەللۇت (تۇغۇلغان، دۇنياغا كەلگەن) بولغانلىكى شەيئىنىڭ مەۋلۇت ( ئۆلگەن، دۇنيادىن كەتكەن) بولىدىغانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ. مانا مۇشۇ ھادىسىلەر جەرياندا قىيامەت ياكى ئاخىرزامان كۆرۈلىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇ ھادىسىلەرنىڭ قاچان بولىدىغانلىقىنى زىمىندىكى ھەر قانداق دىننى ئاكادېمىيە، پەننى ئاكادېمىيە بىلمەيدۇ. ھەرقانداق پەيلاسوپ، ئالىم ياكى ئىمام بىلمەيدۇ. بۇ يىل 12-ئاينىڭ 21- كۈنى قىيامەت ياكى ئاخىر زامان بولىدۇ دەپ قارىغان ھەر قانداق ئورۇن ياكى ئادەم قارىسىغا بىلجىرلاپ يالغان ئېيتقانلىق. بۇ گەپلەرگە ھەرگىز ئىشىنىشكە بولمايدۇ. بۇ گەپلەرنى كۆڭلىمىزدىن چىقىرىپ تاشلاپ، بىھۇدە ۋەھىمەلەردىن ئازات بولۇپ، بىمال ئۆز ئىشىمىزنى قىلغىنىمىز دۇرۇس.
يازما ئاپتورى: ئارجىم
يازما يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 11-كۈنى
يازما ئاۋاتلىقى: 1,069 قېتىم كۆرۈلدى
يازما ئادرېسى: ../?p=2367
بارلىق ھوقۇق ئاكادېمىيە تور بېكىتىگە غا تەۋە! رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!
ئۇيغۇرچە يىزىق بىلەن كىرگۈزسەڭلار ئوقۇشقا قولاي بولاتتى.
ھۆرمەتلىك ئابدۇ ئەپەندىم، سىزنىڭ ئاكادېمىيە تورىنى زىيارەت قىلغانىڭىزغا كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن. تەلىۋىڭىزگە ئاساسەن، سىز دىگەن مەزگۇر ئەسەرنى كونا يازىققا ئايلاندۇرۇپ يازىپ قويدۇم. پايدىلنارسىز ھەم نامۇۋاپىق جايلىرىنى ئەسكەرتىپ قويارسىز. يازىق ھەققىدە ئەسكەرتكىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت.