باش بەت > ئۇنىۋېرسال, بىئولوگىيە, ماكاننامە > شىنجاڭدا قۇرۇلغان دۆلەتلىك تەبىستانلار
24مارت

شىنجاڭدا قۇرۇلغان دۆلەتلىك تەبىستانلار

شىنجاڭداقۇرۇلغان دۆلەتلىك تەبىستانلار

新疆建立的国家级自然保护区

ئا.ر. بوستانىي

بايان ئاۋۋال

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى، ئىخچاملىنىپ شىنجاڭ دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ، دۆلىتىمىزدىكى يەر مەيدانى ئەڭ چوڭ رايون بولۇپ، ئومۇمى يەر مەيدانى، 166مىليون 490 مىڭ ھېكتار كېلىدۇ. شىنجاڭ، ئاسىيا قىتئەسىنىڭ مەرگىزىدىكى چۆل كلىماتلىق قۇرۇقلۇققا جايلاشقانلىقتىن، ئۆزىگە خاس ھەر خىل ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان تەبىئى يەربۆكلەر شەكىللەنگەن. شىنجاڭ گەرچە چۆل كلىماتنىڭ كونتروللىقىدا تۇرسىمۇ، ئۆز مۇھىتىغا يارىشا ھەر خىل جانىۋارلار ھەم ھەر خىل ماكانلار شەكىللەنگەن. تەبىئى خاسلىقىنى ساقلاپ قالغان. بۇلارنىڭ، تەتقىقات، ئۆگىنىش، پايدىلىنىش، ئىشلەپچىقىرىش ۋە سەيلە-ساياھەت ئىشلىرىدا ناھايىتى زور ئەھمىيەتى بولغانلىقتىن، 1980-يىلىدىن باشلاپ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايون تەۋەسىدە ھەر خىل تەبىستانلار قۇرۇلۇشقا باشلىدى. 2008- يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا قۇرۇلغان ھەر خىل دەرىجىدىكى تەبىستانلار سانى35 كە يەتتى. بۇلارنىڭ ئىچىدە، دۆلەت دەرىجىلىك تەبىستانلاردىن 8ى بار. بۇرادەرلەرنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن، مەزگۇر ئەسەردە، مەنبەلەرگە ئاساسەن، دۆلەتلىك تەبىستانلارنىڭ رۇيخەتكە ئالغان نامى، جايلاشقان تەۋەلىكى، كۆلىمى، قوغدىلىدىغان تۈرى قاتارلىق مەلۇماتلارنى قىسقىچە بايان قىلدىم. ئەسەر ئاخىرىدا، ئەسەردە قوللانغان ئۇيغۇرچە ناملارنىڭ خەنزۇچە تەققاس ناملىرى كۆرسۈتۈلدى.

1. دۆلەتلىك قاناس  تەبىستان

 دۆلەتلىك قاناس تەبىستان، تولۇق نامى: شىنجاڭ قاناس دۆلەتلىك تەبىستان (新疆喀纳斯国家级自然保护区).

 قاناس دۆلەتلىك تەبىستان، (دۆلەت دەرىجىلىك تەبىستان دىگەن سۆز، دۆلەتلىك تەبىستان دەپمۇ ئاتىلىدۇ، تۆۋەندىكىلەرمۇ ئوخشاش). ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ بورچىن ناھىيەسىدە بولۇپ، 1980-يىلى6-ئاينىڭ 9-كۈنى قۇرۇلغان، ئومۇمى يەر مەيدانى219577 ھېكتار كېلىدۇ[2]. 1986-يىلى، دۆلەتلىك تەبىستان دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەن.  قاناس دۆلەتلىك تەبىستان، ئورمان ماكان تۈرىدىكى تەبىستان بولۇپ، ئاساسلىقى، سىبىرىيە تىپىدىكى جانىۋارلارنى ۋە تەبىئى يەربۆكلەرنى قوغدايدۇ.

2. دۆلەتلىك تۇمۇرچوققا  تەبىستان

دۆلەتلىك تۇمۇرچوققا  تەبىستان، تولۇق نامى: شىنجاڭ تدۆلەتلىك ۇمۇرچوققا  تەبىستان (新疆托木尔峰国家级自然保护区). دەپ ئاتىلىدۇ.

 شىنجاڭ دۆلەتلىك تۇمۇرچوققا  تەبىستان، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئونسۇ ناھىيەسىدە بولۇپ، 1980-يىلى،6-ئاينىڭ 9-كۈنى قۇرۇلغان، ئومۇمى يەر مەيدانى237637 ھېكتار كېلىدۇ[2]. 2003-يىلى دۆلەتلىك تەبىستان دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەن. شىنجاڭ دۆلەتلىك تۇمۇرچوققا  تەبىستان، ئورمان ماكان تۈرىدىكى تەبىستان بولۇپ، ئاساسلىقى، ئورمان ۋە ياۋايى جانىۋارلار ھەم مۇزلۇقلارنى قوغدايدۇ. مەن قوللانغان «تۇمۇر چوققا» دىگەن نام، ئۇيغۇرچە مەنبەلەردە «تۆمۈر چوققا» دەپ ئاتالغان. مىنىڭچە «تۆمۈر» ئەمەس، توغراسى «تۇمۇر» بولغىنى ئىلمىي ئاساسقا ئىگە.

3. دۆلەتلىك غەربى تەڭرىتاغ  تەبىستان

دۆلەتلىك غەربى تەڭرىتاغ تەبىستان، تولۇق نامى:  شىنجاڭ غەربى تەڭرىتاغ دۆلەتلىك تەبىستان(新疆西天山国家级自然保护区).دەپ ئاتىلىدۇ.

 دۆلەتلىك غەربى تەڭرىتاغ تەبىستان، ئىلى قازاق ئاپتونۇم ئوبلاستنىڭ نىلقا ناھىيەسىدە بولۇپ، 1983-يىلى،10-ئاينىڭ 8-كۈنى قۇرۇلغان، ئومۇمى يەر مەيدانى،31217 ھېكتار كېلىدۇ[2]. 2000-يىلى دۆلەتلىك تەبىستان دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەن. دۆلەتلىك شىنجاڭ غەربى تەڭرىتاغ  تەبىستان، ئورمان ماكان تۈرىدىكى تەبىستان بولۇپ، ئاساسلىقى، شەمشات شېرىنى ۋە ياۋايى جانىۋارلارنى قوغدايدۇ.

4.  دۆلەتلىك توغراق  تەبىستان.

دۆلەتلىك توغراق  تەبىستان، تولۇق نامى:دۆلەتلىك شىنجاڭ تارىم توغراق  تەبىستان(新疆塔里木胡杨国家级自然保护区).دەپ ئاتىلىدۇ.

   دۆلەتلىك تارىم توغراق  تەبىستان، بايىنغولىن مۇڭغۇل ئاپتونۇم ئوبلاستنىڭ لوپنۇر ناھىيەسىدە بولۇپ، 1983-يىلى،10-ئاينىڭ 8-كۈنى قۇرۇلغان، ئومۇمى يەر مەيدانى395420 ھېكتار كېلىدۇ[2]. 2006-يىلى دۆلەتلىك تەبىستان دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەن.دۆلەتلىك تارىم توغراق  تەبىستان، ئورمان ماكان تۈرىدىكى تەبىستان بولۇپ، ئاساسلىقى،توغراق ۋە ئۇنىڭ مۇھىتىنى قوغدايدۇ.

5. دۆلەتلىك سۆكسۆك  تەبىستان

دۆلەتلىك سۆكسۆك  تەبىستان، تولۇق نامى:دۆلەتلىك شىنجاڭ گەنجاخۇ سۆكسۆك  تەبىستان(新疆甘家湖梭梭林国家级自然保护区) دەپ ئاتىلىدۇ.  دۆلەتلىك گەنجاخۇ سۆكسۆك  تەبىستان، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىخۇ شەھرىدە بولۇپ، 1983-يىلى،9-ئاينىڭ 24-كۈنى قۇرۇلغان، ئومۇمى يەر مەيدانى،54667 ھېكتار كېلىدۇ[2]. 2001-يىلى دۆلەتلىك تەبىستان دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەن.دۆلەتلىك گەنجاخۇ سۆكسۆك  تەبىستان، جەزىرە ماكان تۈرىدىكى تەبىستان بولۇپ، ئاساسلىقى، سۆكسۆكلۈك  ۋە ئۇنىڭ مۇھىتىنى قوغدايدۇ.

6. دۆلەتلىك بايىنبۇلاق ئاققۇ  تەبىستان

دۆلەتلىك بايىنبۇلاق ئاققۇ  تەبىستان، تولۇق نامى:دۆلەتلىك شىنجاڭ بايىنبۇلاق ئاققۇ  تەبىستان(新疆巴音布鲁克天鹅国家级自然保护区) دەپ ئاتىلىدۇ.  دۆلەتلىك بايىنبۇلاق ئاققۇ  تەبىستان، بايىنغولىن مۇڭغۇل ئاپتونۇم ئوبلاستنىڭ خېجىڭ ناھىيەسىدە بولۇپ، 1980-يىلى،6-ئاينىڭ 9-كۈنى قۇرۇلغان، ئومۇمى يەر مەيدانى148689 ھېكتار كېلىدۇ[2]. 1986-يىلى دۆلەتلىك تەبىستان دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەن. دۆلەتلىك بايىنبۇلاق ئاققۇ  تەبىستان، ئىچكى قۇرۇقلۇقتىكى ساس ۋە ساس ماكان تۈرىدىكى تەبىستان بولۇپ، ئاساسلىقى، ئاققۇ قاتارلىق سۇ قۇشلىرى ۋە ساسلار مۇھىتىنى قوغدايدۇ.

7. دۆلەتلىك ئالتۇنتاغ  تەبىستان

 دۆلەتلىك ئالتۇنتاغ تەبىستان، تولۇق نامى:دۆلەتلىك شىنجاڭ ئالتۇنتاغ  تەبىستان (新疆阿尔金山国家级自然保护区).دەپ ئاتىلىدۇ.

 دۆلەتلىك ئالتۇنتاغ  تەبىستان، بايىنغولىن مۇڭغۇل ئاپتونۇم ئوبلاستنىڭ چارقالىق (چارقىلىق) ناھىيەسىدە بولۇپ، 1983-يىلى،5-ئاينىڭ 9-كۈنى قۇرۇلغان، ئومۇمى يەر مەيدانى،450000 ھېكتار كېلىدۇ[2]. 1985-يىلى دۆلەتلىك تەبىستان دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەن. دۆلەتلىك شىنجاڭ ئالتۇنتاغ  تەبىستان، ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش تۈرىدىكى تەبىستان بولۇپ، ئاساسلىقى، بۆكەن ھوسونى، قوتاز گرۇنى قاتارلىق ھايۋانلارنى ۋە تاغلەڭ مۇھىتىنى قوغدايدۇ.

8. دۆلەتلىك تۆگە لوپنۇرى  تەبىستان

 دۆلەتلىك تۆگە لوپنۇرى تەبىستان، تولۇق نامى:دۆلەتلىك شىنجاڭ ئالتۇنتاغ لوپكۆل تۆگە لوپنۇرى  تەبىستان(新疆阿尔金山罗布泊野骆驼国家级自然保护区) دەپ ئاتىلىدۇ. دۆلەتلىك تۆگە لوپنۇرى تەبىستان، بايىنغولىن مۇڭغۇل ئاپتونۇم ئوبلاستى، قۇمۇل ۋە تۇرپان ۋىلايەتلىرى تەۋەلىكىنىڭ تۇتاشقان يېرىدە بولۇپ، 1986-يىلى، 9-ئاينىڭ 9-كۈنى قۇرۇلغان، ئومۇمى يەر مەيدانى6700000 ھېكتار كېلىدۇ[2]. 2003-يىلى دۆلەتلىك تەبىستان دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەن. دۆلەتلىك تۆگە لوپنۇرى  تەبىستان، ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش تۈرىدىكى تەبىستان بولۇپ، ئاساسلىقى، تۆگە لوپنۇرى ۋە ئۇنىڭ مۇھىتىنى قوغدايدۇ.

بايان ئاخىر

يوقۇرىدا، شىنجاڭدا قۇرۇلغان  دۆلەتلىك 8 تەبىستان قىسقىچە تۇنۇشتۇرۇلدى. بۇلار توغرىسىدا، بىر قەدەر تولۇق مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن، بۇلارنى ئايرىم ھالدا، مەخسۇس سەھىپە ئاجرىتىپ بايان قىلىشقا توغرى كېلىدۇ. خۇدايىم نېسىپ قىلسا، بۇ نىشانلارمۇ ئەمەلگە ئېشىپ قالار. مەزگۇر ئەسەردىكى تەبىستان ناملىرىنى ئۆزەمچە ئاتىدىم. ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرىدە قانداق ئاتالغانلىقىنى مەن ئۇچراتمىدىم ھەم ئىزدەشكە ھورۇنلۇق قىلدىم. يەنە بىر قىسىم جانىۋار ناملىرىنىمۇ ئۆزەمچە مۇۋاپىق دىگەن تەرىزدە ئاتىدىم. ئەلۋەتتە بۇ ناملار ھەققىدە ئايرىم توختۇلۇشقا توغرى كېلىدۇ. مەزگۇر ئەسەردە ئاتالغان ئۇيغۇرچە ناملارنى چۈشۈنۈش ئۈچۈن خەنزۇچە تەققاس ناملىرى كۆرسۈتۈلدى، مۇھاكىمە قىلىپ باقارسىزلەر.

 مەزگۇر ئەسەردە ئۇچرايدىغان ئۇيغۇرچە ئاتالغۇلارنىڭ خەنزۇچە تەققاسلىرى

ئۇيغۇرچە ئاتىلىشى, خەنزۇچە ئاتىلىشى ،مەنبەلەردىكى ئۇيغۇرچە قوللۇنىۋاتقىنى

1. ھېكتار، 公顷، (گېكتار دەپمۇ ئاتالغان)

2. يەربۆك،景观، (لاندىشافىت، مەنزىرە دەپمۇ ئاتالغان)

3. تەبىئى يەربۆك،自然景观

4. جانىۋار،生物، (جانلىق، ئورگانىزىم دەپمۇ ئاتالغان)

5. ماكان،生态系统 ، (ئېكولوگىيەلىك سىستېما دەپمۇ ئاتالغان)

6. تەبىستان،自然保护区,自然保护地، (تەبىئى مۇھاپىزەت رايونى دەپ ئاتالغان)

7. ئورمان ماكان،森林生态系统، (ئورمان ئېكولوگىيەلىك سىستېمىسى دەپ ئاتالغان)

8. ياۋائى جانىۋارلار 野生生物

9. مۇزلۇقلار 冰川

10. شەمشات شېرىنى، picea schrenkiana،雪岭云杉 ، (تىيانشان شەمشىدى دەپ ئاتالغان)

11. جەزىرە ماكان، 荒漠生态系统، (چۆل ئېكولوگىيەلىك سىستېمىسى دەپ ئاتالغان)

12. سۆكسۆكلۈك ، 梭梭林

13.  ساسلار (سۇلۇقيەر)، 湿地

14. ساس ماكان، 湿地生态系统

15. ئاققۇ، 天鹅

16. سۇ قۇشلىرى، 水禽

17. ساس مۇھىتى، 湿地环境

18. بۆكەن ھوسونى، 藏羚羊Pantholops hodgsoni Fisch et Mey (تىبەت بۆكىنى دەپ ئاتالغان)

19. قوتاز گرۇنى،野牦牛Bos grunniens linnaeus ، (ياۋا قوتاز دەپ ئاتالغان)

20. تاغلەڭ،高原، (ئىگىزلىك دەپ ئاتالغان)

21. تاغلەڭ مۇھىتى،高原环境

22تۆگە لوپنۇرى، 野双峰驼,Camelus lobnol Yang (ياۋا تۆگە،  قوش لوككىلىق ياۋا تۆگە دەپ ئاتالغان)

. مەنبە ئەسەرلەر

1. ئا.ر.بوستانىي، تەبىستان دىگەن نىمە؟ «ئاكادېمىيە تور بېكىتى»، 2013-يىل 3-مارت نەشىرى.

2.杜农 张平编著,新疆自然保护区,新疆科学技术出版社, 2006年

يازما ئاپتورى: ئارجىم
يازما يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 03-ئاينىڭ 24-كۈنى
يازما ئاۋاتلىقى: 462 قېتىم كۆرۈلدى
يازما ئادرېسى: ../?p=2720
بارلىق ھوقۇق ئاكادېمىيە تور بېكىتىگە غا تەۋە! رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!

مەزكۇر يازمىغا تېخى باھا يېزىلمىدى

باھا يېزىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز