شىنجاڭدا قۇرۇلغان دۆلەتلىك تەبىستانلار
شىنجاڭ گەرچە چۆل كلىماتنىڭ كونتروللىقىدا تۇرسىمۇ، ئۆز مۇھىتىغا يارىشا ھەر خىل جانىۋارلار ھەم ھەر خىل ماكانلار شەكىللەنگەن. تەبىئى خاسلىقىنى ساقلاپ قالغان. بۇلارنىڭ، تەتقىقات، ئۆگىنىش، پايدىلىنىش، ئىشلەپچىقىرىش ۋە سەيلە-ساياھەت ئىشلىرىدا ناھايىتى زور ئەھمىيەتى بولغانلىقتىن، 1980-يىلىدىن باشلاپ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايون تەۋەسىدە ھەر خىل تەبىستانلار قۇرۇلۇشقا باشلىدى. 2008- يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا قۇرۇلغان ھەر خىل دەرىجىدىكى تەبىستانلار سانى35 كە يەتتى. بۇلارنىڭ ئىچىدە، دۆلەت دەرىجىلىك تەبىستانلاردىن 8ى بار. بۇرادەرلەرنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن، مەزگۇر ئەسەردە، مەنبەلەرگە ئاساسەن، دۆلەتلىك تەبىستانلارنىڭ رۇيخەتكە ئالغان نامى، جايلاشقان تەۋەلىكى، كۆلىمى، قوغدىلىدىغان تۈرى قاتارلىق مەلۇماتلارنى قىسقىچە بايان قىلدىم. ئەسەر ئاخىرىدا، ئەسەردە قوللانغان ئۇيغۇرچە ناملارنىڭ خەنزۇچە تەققاس ناملىرى كۆرسۈتۈلدى.