ئۇيغۇرلارنىڭ پەلسەپە قاراشلىرى
ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختىكى پەلسەپە قاراشلىرى
历史上的维吾尔人哲学
ئاپتور: ئا. ر. بوستانىي
بايان ئاۋۋال
مەنبەلەرگە قارىغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ كىلىپ چىقىش مەنبەسى، ھون-تۈركلەر بولىدىكەن. مىنىڭ ئاڭلىشىمچە، تەخمىنەن 100 يىل ئالدىدا، بارلىق تۈركلەر بىر مىللەت دەپ قارىلىدىكەن. ئۇلار، ئەينى زامانلاردا، بايقال تەۋەلىرىدىن تارتىپ، قارادىڭىز تەۋەلىرىگىچە بولغان، غەربى ئاسىيا، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە شىمالى ئاسىيادىن ئىبارەت كەڭ زىمىندا ياشىغان ئىكەن. كىينىكى زامانلاردا، تۈركلەرنىڭ بىر بۆلىكى، ئوتتۇرا ئاسىيانى مەرگەز قىلىپ ياشىغان، يەنە بىر بۆلىكى، ياۋروپانىڭ بىر قىسىم رايونلىرىنى ئىگەللەپ، شۇ يەرلەردە ياشاپ قالغان ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن، شەرقتە قالغان تۈركلەرنى، شەرقى تۈركلەر، غەرپتە ياشاپ قالغان تۈركلەرنى، غەربى تۈركلەر دەپ ئاتاشقان ئىكەن.
ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، شەرقى تۈركلەر، 20دىن كۆپ ھون-تۈرك قەبىلىسىدىن بىرلەشكەن بىر قەبىلىلەر گوروھى بولۇپ، بۇ گوروھنىڭ نامى، ئۇيغۇر دەپ ئاتالغان ئىكەن. ئۇيغۇر دىگەن سۆزنىڭ مەنىسى، ھون-تۈركلەر ئىچىدىكى ئۇيۇشقانلار، بىرلەشكەنلەر دىگەن مەنىنى بىلدۈردىكەن. بۇنىڭغا قارىغاندا، شەرقى تۈركلەر دىگەن ئاتالغۇ بىلەن، ئۇيغۇرلار دىگەن ئاتالغۇ، ئەمەلىيەتتە ئىككىسى بىر گەپ ئىكەن. مىللەت ئۇقۇمىدا، شەرقى تۈركلەر ياكى ئۇيغۇرلار، ھون-تۈركلەردىن ئايرىم بىر مىللەت دەپ قارالمايدىكەن. بەزى مەنبەلەردىن بىلىشىمچە، ئۇيغۇرلارنى ئايرىم بىر مىللەت دەپ قاراش، 20-ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىدىن كىينكى ھادىسە ئىكەن. بۇ ھادىسەنىڭ پەيدا بولۇشى، شۇ چاغدىكى ھوكۇمران گوروھلارنىڭ سىياسى مۇددىئاسى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتەك قىلىدىكەن. مەيلى قانداق بولسۇن، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ئۇزۇن بولۇپ، مىلادى ئالدى كەينىدە ئوتتۇرا ئاسىيانى مەرگەز قىلىپ ياشىغان. ھەمدە، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ شەرقى بىلەن غەربىنى تۇتاشتۇرغان بۈيۈك سودا يولىدا (يېقىنقى زامانلاردىن باشلاپ، ئىپەك يولى دىگەن نامدا ئاتالغان)، ئىجتىمائى، سىياسى ۋە ئېقتىسادى جەھەتلەردە زور تەسىر كۈچىگە ئىگە بولغان ئىكەن. كىيىنكى تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئەنە شۇ زامانلاردىلا ھون-تۈركلەر ياكى ئۇيغۇرلارنىڭ، دۇنيا قانداق پەيدا بولغان؟ ياكى ئالەم- دۇنيانى پەيدا قىلغان ئاساس نىمە؟ دىگەندەك مەسىلىلەردىكى تۈپكى پەلسەپە قاراشلىرى مەيدانغا كەلگەن ئىكەن. شۇنىڭدىن باشلاپ، تا ھازىرغىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ پەلسەپە قاراشلىرى زور ئۆزگىرىشلەرنى باشىدىن كۆچۈرگەن ھەمدە، ھەر خىل پەلسەپە قاراشلىرى مەيدانغا كەلگەن ئىكەن. دىمەك، ئۇيغۇرلار، تارىختا قانداق پەلسەپە قاراشلىرىدا ياكى مەپكورىسىدا بولغان؟ دىگەن مەسىلە، مىنىمۇ قىزىقتۇرۇپ كەلدى. شۇڭا، مەزگۇر ئەسەردە، مەنبەلەرگە ئاساسەن، ئۇيغۇرلار تارىخىدىكى پەلسەپە قاراشلارنى بىلگەنلىرىم بويىچە جەمتەر قىلىپ باقتىم.
1. پەلسەپە قاراش دىگەن سۆزگە ئىزاھ
ئۇيغۇرلاردا تەڭرى دىگەن بىر ئاتالغۇ بار. ئەمما مەن، بۇ ئاتالغۇنىڭ قاچاندىن بېرى قوللۇنىلغانلىقى ھەققىدە ئىزدىنىپ كۆرمىدىم. بۇنىڭ زادى قانداق مەنىدە شەرھىلەنگەنلىكىنىمۇ ئىزدەپ باقمىدىم. مەنبەلەرگە قارىغاندا، مىلادىدىن خېلى بۇرۇنلا، ئۇيغۇرلارنىڭ باش گەۋدىسى بولغان، ھون، تۈركلەردىن باشلاپلا، تەڭرى دىگەن ئاتالغۇ، تەڭرى دىگەن چۈشەنچە پەيدا بولغاندەك قىلىدۇ. ئاددى پەرىزىمچە، ئۇيغۇر تىلىدىكى تەڭرى دىگەن بۇ ئاتالغۇ، پارىسلارنىڭ خۇدا، ئەرەبلەرنىڭ ئاللاھ دىگەن سۆزىنىڭ مەنىسى ياكى دەرىجىسى بىلەن ئوخشاش دەپ قارايمەن.
پەلسەپە، دىگىنىمىز، ئالەمدىكى بارلىق شەيئىلەرگە بولغان تۇنۇش ۋە شۇ ئاساستا شەكىللەنگەن كۆز قاراش دىگەنلىك بولىدۇ. شۇڭا، پەلسەپە دىگەن نىمە؟ دەپ سورالغان سۇئالغا، ئالەم قاراش ياكى دۇنيا قاراش، دىگەندەك قىسقا جاۋاپ بېرىلسە خاتا ئەمەس. دۇنيادا، پەلسەپە ئېقىملىرى كۆپ بولۇپ، كۆپ خىل پەلسەپەلەر، ھەم بۇ پەلسەپەلەرچە ھەر خىل قاراشلار مەيدانغا كەلگەن. بۇ پەلسەپەلەردىكى قاراشلار، ئالدى بىلەن ھەر خىل دىنلاردا مەرگەزلىك ئىپادىلەنگەن. دىمەك، دۇنيادىكى بارلىق شەيئىلەرنىڭ ماھىيەتىگە مەلۇم پەلسەپە مەپكورىسى بويىچە قاراشنى، پەلسەپە قاراش دەپ ئاتاپ قويدۇم.
2. ئۇيغۇرلار، دۇنيانىڭ ماھىيەتىگە، «ئانىمىزىم» مەپكورىسىدا قارىغان ئىكەن
مەنبەلەرگە قارىغاندا، ھون-تۈركلەر، دەسلەپتە، دۇنيادىكى ھەر بىر نەرسىنىڭ ياراتقۇچى- باشقۇرغۇچىسى بولىدۇ دەپ قاراپتىكەن، ھەمدە، بۇ باشقۇرغۇچىنى تەڭرى ياكى تەڭرىم دەپ ئاتاپتىكەن. مەسىلەن: كۈن تەڭرى، ئاي تەڭرى، يۇلتۇز تەڭرى، چاقماق تەڭرى، يامغۇر تەڭرى، ئېقىنسۇ تەڭرى، تاغ تەڭرى، بۆرە تەڭرى، بۇغا تەڭرى، دەرەخ تەڭرى، بوران تەڭرى دىگەندەك كۆپلىگەن تەڭرىلەر بولۇپ، دۇنيادىكى ھەر بىر نەرسە ئەنە شۇلاردىن يارالغان دەپ قاراپتىكەن. بۇ خىل، ھەممە نەرسىنىڭ ئۆزىگە خاس باشقۇرغۇچى تەڭرىلىرى بولىدۇ دەيدىغان، كۆپ تەڭرىلىك پەلسەپە قاراشنى، كىيىنكى كىشىلەر، «ئانىمىزىم» (نادان چۈشەنچە، ئىپتىدائى چۈشەنچە دىگەن مەنىدىمىكىن) دىگەن ئاتالغۇ بىلەن ئاتىغان ئىكەن. دىمەك، ئۇيغۇرلار، دۇنيانىڭ ماھىيەتىگە، بىر مەز گىل ئانىمىزىم مەپكورىسىدا قارىغان ئىكەن.
3. ئۇيغۇرلار، دۇنيانىڭ ماھىيەتىگە، «تۇتىمىزىم» مەپكورىسىدا قارىغان ئىكەن
تۇتېمىزىم دىگەن ئاتالغۇغا ئاددى شەرھى بەرسەك، ئۇ، باشلانغۇچ جەمىيەتتىكى ھەر قايسى ئۇرۇقداش قەبىلىلەرنىڭ ئۆزىنى باشقا ئۇرۇقداش قەبىلىلەردىن پەرقلەندۈرۈشتە قۇبۇل قىلغان بىرەر ھايۋان، قۇش، دەرەخ قاتارلىقلارنى ئۆزىنىڭ تەڭرىسى قاتارىدا ھىساپلاپ، شۇنى ئۆزىنىڭ ھەممە نەرسىلىرىگە بەلگە قىلىۋالىدىغان ئادەتنى ياكى كۆز قاراشنى كۆرسىتىدىكەن. ئوغۇزخان ھىكايىسىگە قارىغاندا، ئۇيغۇرلار كۆك بۆرىنى ئۆزىگە تۇتىم قىلغان، شۇنىڭغا چوقۇنغان ئىكەن. 1965-يىلى 98 ياشىدا ۋاپات بولغان بوۋامنىڭ سۆزلەپ بەرگەن ھىكايە-چۆچەكلىرىگە قارىغاندا، ئۇيغۇرلار، ئىسلام دىنغا كىرمەستىن بۇرۇنقى زامانلاردا، بارىس (يولۋاس)، ھەيدەرھا (ئەجدىھا) دەپ ئاتىلىدىغان خىيالى مەخلۇقنىمۇ ئۆزىگە تۇتىم قىلغان ئىكەن. باھار كەلگەندە، كىشىلەر ھەيدەرچە، بارىس-ئاسلانچە ياسىنىپ، ئاسلان-ھەيدەر ئۇسۇلىنى ئويناپ، يايلاق، ئوت-سۇنىڭ، مال چارۋىنىڭ مول بولۇشىنى، جۇت بولماسلىقىنى، ۋابادىن ساقلىنىشنى، ئۇرۇش-جەڭ بولماسلىقنى، سالامەت، باياشات بولۇشىنى، ھەيدەرھا ئارقىلىق تەڭرىدىن تىلەيدىكەن. ئىسلام دىننى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىن، بۇ خىل بارىس، ھەيدەرھا، بۆرىگە چوقۇنىدىغان تۇتىمىزىم قاراش ئىستىمالدىن قالغان ئىكەن.
4. ئۇيغۇرلار، دۇنيانىڭ ماھىيەتىگە، «شامانىزىم» مەپكورىسىدا قارىغان
ئۇيغۇرلار، ئەينى زامانلاردا، شامان دىنغا ئېتىقات قىلغان ئىكەن. شامان دىندا، ئالەمدە ئۈچ روھ بولىدۇ، بۇنىڭ بىرى، ئاسماندىكى تەڭرىلەر روھى، ئىككىنچىسى، يەر يۈزىدىكى ئادەملەر روھى، ئۈچىنچىسى، يەر ئاستىدىكى جىن-شەيتانلار روھى دەپ قارىغان. بۇ روھلارنى چاقىرىش، ماختاش ياكى تىللاش، قوغلاش ئارقىلىق بالايى ئاپەتلەردىن ساقلانماقچى بولىدىكەن. بۇ ھەرىكەتلەر، شامان دىنچە دۇنيا قاراشنىڭ پائالىيەت شەكلى بولغان ئىكەن. بۇ روھلارنى چاقىرىشنى ياكى قوغلاشنى ئىجرا قىلغۇچى كىشى، باخشى دەپ ئاتالغان ئىكەن. كىيىنكى كىشىلەر، بۇ خىل دۇنيا قاراشنى شامانىزىم دەپ ئاتىغان. شامانىزىم، بىر ئىپتىدائى شەكىلدىكى دىن بولۇپ، ئۇيغۇرلار بۇ دىننى قاراشنى قۇبۇل قىلىپ، دۇنيادىكى شەيئىلەرگە شۇ دىننى مەپكورىدا قارىغان ئىكەن.
5. ئۇيغۇرلار، دۇنيانىڭ ماھىيەتىگە، «ئاتەشىزىم» مەپكورىسىدا قارىغان
ئۇيغۇرلار، ئاتەشپەرەسلىك (ئوتقا چوقۇنىدىغان) دىنغىمۇ ئېتىقات قىلغان ئىكەن. شۇڭا، ئالەم ياكى دۇنيانىڭ ماھىيەتىگە ئاتەشپەرەسلىك دىننىڭ ئەقىدىسى بويىچە قارىغان. بۇنىڭدا، باش تەڭرى ئاخۇرامازدا، ئىككى روھنى ياراتقان. بۇنىڭ بىرى، يورۇقلۇق، يەنە بىرى، قاراڭغۇلۇق دەپ ئاتالغان. يورۇقنى، ياخشىلىقنىڭ بەلگىسى، قاراڭغۇنى، يامانلىقنىڭ بەلگىسى قىلغان. بۇ ئىككى روھ ، زىددىيەتلىك بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆز ئارا ئېلىپ بارغان كۆرەشلىرىدىن ئالەم-دۇنيا يارالغان دەپ قارىغان. ئالەمنىڭ مەۋجۇتلىقى، ئادەمنىڭ ھاياتى، ئەنە شۇ، يورۇقنىڭ (ياخشىلىقنىڭ) ، قاراڭغۇ (يامانلىق) ئۈستىدىن غالىپ كەلگەنلىكىدىن بولغان دەپ قارىغان. كىيىنكى كىشىلەر، بۇ خىل پەلسەپە قاراشنى، ئاتەشپەرەسلىك ياكى ئاتەشىزىم دەپ ئاتاشقان. ئاتەشىزىمدا، گۈلخان يېقىش، ئىسرىق سېلىش، شام يېقىش، ياغ پۇرۇتۇش پائالىيەتلىرى بولغان ئىكەن.
6. ئۇيغۇرلار، دۇنيانىڭ ماھىيەتىگە، «مانىيزىم» مەپكورىسىدا قارىغان
ئۇيغۇرلار، مانىي دىن (مانى دىگەن كىشى ياراتقان دىن) مەپكورىسىنى قۇبۇل قىلىپ، مانىي دىنغا ئېتىقات قىلغان ئىكەن. مەنبەلەرگە قارىغاندا، مانى دىن، ئالەمنىڭ ماھىيەتىنى، «تۆت قۇۋۋەت، ئۈچ بەنىد، ئون چەكلەش» مەپكورىسىدا چۈشەنگەن. تۆت قۇۋۋەت، دىگىنى «يورۇق تەڭرى، ئۇنىڭ نۇرى، ئۇنىڭ كارامىتى ۋە پاراسىتى» دىگەندىن ئىبارەت. ئۈچ بەنىد دىگىنى، « ئېغىز، قول ۋە كۈڭۈلنى بەنىد قىلىش» (يامانلىقتىن ساقلاش) دىگەندىن ئىبارەت. ئون چەكلەش دىگىنى، « ئوتقا چوقۇنماسلىق، سېھىرگەرلىك قىلماسلىق، قاتىللىق قىلماسلىق، يالغان سۆزلىمەسلىك، ئوغرىلىق قىلماسلىق، ھاراق ئىچمەسلىك، زىنا قىلماسلىق، پارا ئالماسلىق، ئالا كۆڭۈل قارانىيەت بولماسلىق، ھورۇن بولماسلىق» دىگەندىن ئىبارەت ئىكەن. دىمەك، مانىيزىم، مۇشۇ «تۆت قۇۋۋەت»نى دۇنيانىڭ ماھىيەتى دەپ قارىغان، «ئۈچ بەنىد، ئون چەكلەش»نى، دۇنيانىڭ ماھىيەتى بويىچە ئىش كۆرگەنلىك دەپ قارىغان ئىكەن.
7. ئۇيغۇرلار، دۇنيانىڭ ماھىيەتىگە، «ئېللىنىزىم» مەپكورىسىدا قارىغان
مەنبەلەرگە قارىغاندا، گىرىكلەرنىڭ كۆپ ئىلاھلىق تەبىئەت پەلسەپىسىدىن ئىبارەت دۇنيا قاراش مەپكورىسى، گىرىك بولمىغان دۆلەت ۋە خەلقلەر ئاراسىدا تارقالغان. ئۇيغۇرلار ئاراسىدىمۇ، بۇ مەپكورا تارقالغان ھەم ئومۇملاشقان. دىمەك، ئەسلىدىكى گىرىك مەپكورىسىنى ۋە گىرىك بولمىغانلارنىڭ قۇبۇل قىلغان ئارىلاشما گىرىك مەپكورىسىنى، كىيىنكى كىشىلەر، ئومۇمەن، «ئېللىنىزىم» دەپ ئاتىغان ئىكەن (دۇنيانىڭ ماھىيەتى، ماددا بولۇشى مۇمكىن، دىگەن ئەڭ ئىپتىدائى خىيالى قاراشنى كۆرسەتسە كېرەك).
مەنبەلەرگە قارىغاندا، گىرىكلەرنىڭ دۇنيا قارىشىدا، ئافىنا ، زېۋىس ، ئاپىللو، ئارپىس، ھېرمىس دىگەن ناملاردا ئاتالغان ئىلاھلىرى (تەڭرىلىرى) بولغان ئىكەن. كىيىنكى دەۋىرلەردە گىرىكلەردە مەيدانغا كەلگەن ئارىستوتىل، ھېپوگرات، سوقرات، ئەپلاتون قاتارلىق كىشىلەر، دۇنيانىڭ ماھىيەتىنى تەبىئەت بىلەن باغلاپ چۈشەندۈردىغان، تەبىئەت پەلسەپىسىنى ۋۇجۇتقا چىقارغان ئىكەن. دىمەك، ئىللىنىزىم، ئۇيغۇرلارغا، ئارىستوتىل، ھېپوگرات، سوقرات، ئەپلاتون قاتارلىق پەلسەپە پېشىۋالىرىنى تۇنۇتقان ھەمدە، ئۇيغۇرلار مەپكورىسىدە، دۇنيانىڭ ماھىيەتى ، ماددا دىگەن ئۇقۇمنى بىخلاندۇرغان. ئىللىنىزىمدا، دۇنيانىڭ ماھىيەتى ياكى دۇنيانى ياراتقان نەرسە، ئوت، سۇ، ھاۋا، تۇپراق قاتارلىق تۆت ماددا ( 4 تادۇ، 4 ئۈنسۈر دەپمۇ ئاتاشقان) دەپ قارىغان ئىكەن .
8. ئۇيغۇرلار، دۇنيانىڭ ماھىيەتىنى، «بۇددىزىم» مەپكورىسىدا قارىغان
مەنبەلەرگە قارىغاندا، ئۇيغۇرلار، ئىسلامىيەتتىن بۇرۇن، بۇددا دىنىغا ئېتىقات قىلغان ئىكەن. بۇددا دىندا، ئالەمنى ئۈچ قاتلام، 33 قەۋەت بولىدۇ دەپ قارىغان ئىكەن. يەنى، ئاسمان 33 قەۋەت بولۇپ، ئۇ يەردە، بارلىق تەڭرىلەر (ئىلاھلار) تۇرىدىكەن. زىمىن يۈزى، مىرو تاغلىرىنى ئاساس قىلغان كۆپ قاتلاملىق ماكان بولۇپ، ئۇنىڭ يوقۇرىسى ئاسمان بىلەن، ئاستى ھاۋا ۋە سۇ بىلەن چىگرىلىنىدىكەن. بۇ يەردە ئىنسانلار ياشايدىكەن. زىمىن ئاستى، مۇز، ئوت ۋە ئازاپتىن تۈزۈلگەن ماكان بولۇپ، بۇ يەردە، جىنلار ياشايدۇ دەپ قارايدىكەن.
بۇددىزىم، رىئال دۇنيانى، ئازاپ ئوقۇبەت دەپ قاراپ، رىئال دۇنيانى سەلبى ئورۇنغا قويغان، رىئال دۇنياغا ئېتىراز بىلدۈرگەن، ئىنسانلارنىڭ بۇنىڭدىن قۇتۇلۇپ، نىجاتلىق تېپىشى ئۈچۈن، تەركىدۇنيا بولۇپ ياشاش روھىنى تەرغىپ قىلغان ئىكەن. بۇددىزىم، ئۇيغۇرلاردا خېلى ئۇزۇن زامانغىچە تەسىر كۆرسەتكەن. ئۇيغۇر دىيارىدا ، مىڭئۆي قۇرۇلۇشلىرى، ھەيكەلتاراشلىق، رەسساملىق، بۇددا نوم تەرجىمەلىكى، تەتقىقاتلىرى، بۇددىزىم مائارىپلىرى ئىجادى تەرەققى قىلغان، ھەتتا، ھازىرقى چىرا، كۇچار، تۇرپان، جىمسار قاتارلىق جايلار، شۇ زامانلاردىكى،مۇھىم بۇددىزىم مەرگەزلىرىدىن بولۇپ قالغان ئىكەن. شۇڭا، بۇددىزىم مەپكورىسى، ئۇيغۇرلاردا، مىلادى 15-ئەسىرگىچە ئۆز تەسىرىنى يۇقاتمىغاندەك قىلىدۇ. خۇددى، مەھمۇت قەشقەرى، «دىۋان تۈرك لوغەتى»دە بېشبالىق ( توغرىسى، باشبالىق بولۇشى مۇمكىن)، ئۇيغۇر ئىلىدۇر، بۇلار، ئەشەددى كاپىرلاردۇر، دەپ يازىلغاندەك، ھازىرقى شەرقى شىنجاڭ تەۋەلىرىدە، مىلادى 15-ئەسىرلەرگىچە، بۇددىزىم مەپكورىسى ئاساسى ئورۇندا تۇرغان ئىكەن.
9. ئۇيغۇرلار، دۇنيانىڭ ماھىيەتىنى، «ئىسلامىزىم» مەپكورىسىدا قارىغان
ئىسلام دىن، دەۋرىمىزدىن 15 ئەسىر ئىلگىرى ئاللاھ تەرىپىدىن ، ئاللاھنىڭ ئەلچىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئارقىلىق ئىنسانلارغا تەقدىم قىلىنغان بىر ئاللاھلىق دىن. مەنبەلەرگە قارىغاندا، مىلادى 610- يىلىدىن باشلاپ، ئىسلام دىن، ئەرەپ زىمىنىدا تەشۋىق قىلىنىشقا باشلىغان، 7-ئەسىردىن10-ئەسىرگىچە، قاتتىق تەرەققى قىلغان، ئىسلام دىنغا ئېتىقات قىلىدىغان زىمىن ۋە ئاھالە زور دەرىجىدە كىڭەيگەن ئىكەن. ئەرەپ زىمىنى، ئىلىم، مائارىپ، پەن، مەدەنىيەت قاتارلىق جەھەتلەردە، دۇنيانىڭ مەرگىزىگە ئايلانغان. ئىسلام دىن مەپكورىسى، ئالەم ۋە دۇنيادىكى بارلىق شەيئىلەرنى پەقەت بىر ئاللاھنىڭ ھۆكۈمىدە يارالغان دەپ قارايدۇ. ئاللاھدىن ۋەھى بولۇپ چۈشكەن «قۇرئان» ۋە «ھەدىس» (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزلىرى)، ئىسلام دىن ۋە پەلسەپە قاراشلىرىنىڭ دەستۇرى بولۇپ سانىلىدۇ.
مەنبەلەرگە قارىغاندا، ئۇيغۇرلار، ئىسلام دىننى مىلادى 9-ئەسىرلەردە قۇبۇل قىلىشقا باشلاپتىكەن. ئىسلام دىنى، ھازىرقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايون تەۋەسىدە ئومۇميۈزلۈك ئومۇملاشقىچە 4-5 يۈز يىل ۋاقىت كەتكەندەك قىلىدۇ. ئۇيغۇرلار، ئىسلام دىننى قۇبۇل قىلىشقا باشلىغاندىن كىيىن، ئۆزلىرىنىڭ بۇرۇن ئېتىقات قىلغان دىنلىرىنى، دۇنيا قاراشلىرىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىپ، ئىسلام دىننى، ئۆزلىرىنىڭ مۇقەددەس دىنى قىلىپ ئومۇملاشتۇردى ھەم دۇنيانىڭ ماھىيەتىگە، ئىسلام دىن پەلسەپە مەپكورىسىدە قاراپ كەلدى. ئىسلام دىنغا ئېتىقات قىلغان، ئەرەبلەر، فارىسلار، تۈركلەر، كۇپىتلار (مىسىرلىقلار)، ھىندىلار، قۇرئان، ھەدىس ئاساسىدا ئىزدىنىپ ئىسلامى پەلسەپەنى (بەزىلەر ئەرەبى پەلسەپە دەپمۇ ئاتاشقان) بەرپا قىلغان ئىكەن. بۇ جەرياندا، نۇرغۇن ئىسلامى پەيلاسوپلار، دۇنيانىڭ ماھىيەتىگە خىلمۇ خىل قاراشلار بىلەن چۈشەنچە بەرگەن. نېتىجىدە، ئىسلامى پەلسەپە بىر پۈتۈن ئۇقۇم سۈپىتىدە، ئالەم ۋە دۇنيانىڭ ماھىيەتىگە، كالامىزىم، تەبىئەتىزىم (ناتۇرالىزىم)، يېڭى پلاتونىزىم، يېڭى پىفاگورىزىم، ئەشئەرىزىم، سوفىزىم، ئىشراقىزىم، مەششائىزىم، ۋاھابىزىم، تەخمىنەن 200 يىل مابەينىدە، مۇدىرنىزىم، جەدىدىزىم، دەلىلىزىم، گۇمانىزىم، ماركىسىزىم دىگەندەك كۆپ خىل پەلسەپە قاراش مەنبەلىرى بىلەن ئارىلىشىپ يۇغۇرۇلغان كۆز قاراشلاردا بولۇپ كەلدى.دىمەك، ئۇيغۇرلار 1000 يىلدىن بۇيان ئېتىقات قىلىپ كىلىۋاتقان ئىسلام دىن ۋە ئىسلامى پەلسەپە، كالامىزىمدىن تارتىپ، ماركىسىزىملىق پەلسەپەگىچە بولغان، مەزمۇنى ھەم كەڭ، ھەم چوڭقۇر، چېتىشلىق دائىرەسى مۇرەككەپ بولغان بىر سىستېمىلاشقان ھەم نەزەرىيەلەشكەن ئاساس ئۈستىگە قۇرۇلغان. بۇلارنى، مەزگۇر ئەسەردە سۆزلەپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ. شۇڭا، پەقەت 100 يىلدىن بۇيانقى ئىسلامى پەلسەپە توغرىسىدا، ئايرىم توختۇلۇشقا توغرى كېلىدۇ.
بايان ئاخىر
مەن، ئىجتىمائى پەن بىلەن شوغۇللانمىغان بولساممۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختىكى پەلسەپە قاراشلىرىنى مەنبەلەر ئاساسىدا، بىلگىنىمچە ئىخچام ۋە ئاددىلا كۆرسۈتۈپ ئۆتتۈم. بۇنىڭدىكى مەقسىدىم شۇكى، ئۇيغۇرلاردا پەلسەپە بارمۇ؟ بىز قانداق پەلسەپە قاراشتا بولۇشىمىز كېرەك؟ دىگەندەك مۇجىمەل قاراشلاردا، ئاددى بولسىمۇ بىر چۈشەنچە ھاسىل قىلىش. ئەمما، مەزگۇر ئەسەرىمدىكى بايانلاردىن، ئۇيغۇر پەلسەپە ئاساسلىرىغا قىزىقىدىغان بۇرادەرلەردە قانائەت ھاسىل بولۇشى ناتايىن. شۇڭا، «ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى»، «ئىسلام پەلسەپە تارىخى»، «بۈگۈنكى زامان ئىسلام ئەرەپ پەلسەپىسى»، «ئەرەپ تىلىدا يېزىلغان پەلسەپە»، «قىسىەئۇل ئەنبىيا»، «قۇرئان»، «سەھىھۇل بۇخارى» دىگەنگە ئوخشاش كۆپلىگەن كىتاپلارنى تەپسىلى ئوقۇپ چىققاندا، ئاندىن بۇ ھەقتە مەلۇم دەرىجىدە چۈشەنچە ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ. بىزگە ھازىر ئەڭ مۇھىمى، ئىسلامى پەيلاسوپلارنىڭ، يېقىنقى 50-60 يىلدىن بۇيانقى پەلسەپە قاراشلىرى بىلەن تۇنۇشۇش دەپ قارايمەن. چۈنكى، بىزنىڭ پەلسەپە قاراشلىرىمىز، جەمىيەت تەرەققىياتى، پەننى ۋە دىننى ئىلىملەر تەرەققىياتى بىلەن ماس قەدەمدە مېڭىشى كېرەك. ئۇيغۇرچە توردا نەشىر قىلغان بەزى ئەسەرلەرگە قارىغاندا، بىزدە، ھازىرغىچە ئىللىنىزىم مەپكورىسىدا تۇرىۋاتقانلار ، تەشۋىق قىلىۋاتقانلار بار ئىكەن. بۇنىڭ سەۋەبى، بىزدە ئوتتۇرا ئەسىردىكى پەلسەپە قاراشلار يېزىلغان مەنبەلەر كۆپرەك، 50-60 يىل بېرسىدىكى پەلسەپە قاراشلار بايان قىلىنغان ئەسەرلەر تولىمۇ كەمچىل، يوقنىڭ ئورنىدا بولغانلىقتىن دەپ قارايمەن. شۇڭا، ئىجتىمائى پەن، پەلسەپە، دىن ، مائارىپ بىلەن شوغۇللۇنىۋاتقان زىيالىلىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتە ئىزدىنىپ، يېڭى پەلسەپە قاراشلارنى تۇنۇشتۇرغان، شەرھىلىگەن، مۇھاكىمە قىلغان ئەسەرلىرىنى يېزىپ، مۇھتاج دىللارنىڭ تەشنالىقىنى قاندۇرىشى زۆرۆر. چۈنكى، بۇنداق قىلىش، جەمىيەتىمىزدە تولىمۇ ئەھمىيەتلىك ھەم زۆرۆر ئىشلار ۋە ئەڭ ساۋاپلىق ئىشلار جۈملىسىدىن بولۇپ قالدى.
يازما ئاپتورى: ئارجىم
يازما يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 02-ئاينىڭ 06-كۈنى
يازما ئاۋاتلىقى: 731 قېتىم كۆرۈلدى
يازما ئادرېسى: ../?p=2645
بارلىق ھوقۇق ئاكادېمىيە تور بېكىتىگە غا تەۋە! رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!