باش بەت > ئۇنىۋېرسال > ئۇيغۇر ياشايدۇ
20ئاۋغۇست

ئۇيغۇر ياشايدۇ

ئۇيغۇر نىمىگە تايىنىپ ھازىرغىچە بىر گەۋدە بولۇپ ياشاۋاتىدۇ؟

维吾尔依靠什么整体形式生存到现在?

ئاپتورى: ئا.رەھمەتۇللا بوستاني

«ئۇيغۇر»، بەزى كىشىلەر دىگەندەك، ئۇنىڭ تارىخى مىلادى 6- ئەسىردە باشلانغان يېڭى «مىللەت» بولماستىن، بەلكى مىلادىدىن بۇرۇن شەكىللەنگەن قەدىمى «مىللەت». مەنبەلەرگە قارىغاندا، نۇرغۇنلىغان قەدىمى مىللەتلەردىن ھەر خىل سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ئۆزىنى ساقلاپ قالالماي تارىخ سەھنىسىدىن غايىپ بولغانلىرى ئاز ئەمەس. شۇڭا، مىنىڭدە، ئۇيغۇر نىمە سەۋەپتىن ياكى قانداق قىلىپ ھازىرغىچە بىر پۈتۈن گەۋدە شەكلىدە ئۆز زىمىنىدا ياشاپ كەلدى؟ بۇنىڭدىكى كۈچ ياكى سىر نەدە؟ دىگەندەك سۇئاللارمۇ تۇغۇلغان. ئەمما بۇ سۇئاللارغا توغرا جاۋاپ بېرىشكە بەكمۇ ئاجىزلىق قىلىمەن. شۇنداق بولسىمۇ، ئۆزەمچە، بۇنى تۈۋەندىكى 5 نوقتىغا تاقاپ قويدۇم:

1- ئۇيغۇر، سىياسى مىللەت بولغانلىقى ئۈچۈن

مىنىڭچە، ئۇيغۇر، ئىنسانىيەت تارىخىدا خېلى بالدۇر سىياسى مىللەت بولۇپ شەكىللەنگەن دەپ قارايمەن. ئۇ، دۇنيانىڭ تەرەققى قىلىشىغا مول ماددى ۋە مەنىۋى شەيئىلەرنى يارىتىپ، دۇنيانىڭ ئىجتىمائىلىشىشى، يۈكسىلىشى، تەرتىپلىشىشى ئۈچۈن تەسىر كۆرسەتكەن. مىلادىدىن بۇرۇنلا، مىتالچىلىق، توقۇمچىلىق، دىخانچىلىق، چارۋىچىلىق، سۇچىلىق، مىمارچىلىق، مەتبەچىلىق، سەرۋازچىلىق، موزدوزلۇق دىگەندەك كۆپلىگەن ساھەلەردە كەشپىياتلارنى يارىتىپ، ئىنسان تەرەققىياتىغا ھەسسە قوشقان. ئۆز دەۋىرلىرىگە ماسلاشقان ھەر خىل يازىق ئىجات قىلىپ، يازىق مەدەنىيەتىنى كىڭەيتىپ مائارىپنى راۋاجلاندۇرغان. بۇ يازىقنى باشقا قەۋملەرمۇ قۇبۇل قىلىپ قوللانغان. بۈيۈك تاڭ سۇلالىسى مۇنقەرىز بولۇش خەۋىپىگە دۈچ كەلگەندە، ئۇنىڭغا ھەربى كۈچ جەھەتتىن ياردەم قىلىپ، ئۇنى جىددى خەۋپتىن قۇتۇلدۇرغان. چىڭگىزخان ئۆزىنىڭ سەلتەنىتىنى قۇرۇشتا، ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتتىن ئۇيغۇرغا تايانغان. تارىخ مەنبەلىرىگە يېزىلغان بۇ خاتىرىلەر، ئەينى ۋاقىتتا، ئۇيغۇرنىڭ سىياسى مىللەت دەرىجىسىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. سىياسى مىللەتنىڭ تەسىرى ئاسانلىقچە يۇقالمايدىغان ئوخشايدۇ، شۇڭا، ئۇيغۇر ھازىرغىچە بىر پۈتۈن گەۋدە بولۇپ ياشاۋاتىدۇ.

2- ئۇيغۇر، ئۇيۇشقاق غورورلۇق مىللەت بولغانلىقى ئۈچۈن

ئۇيغۇر، تەبىئى ۋە ئىجتىمائى ئاپەتلەرنىڭ تەسىرىگە كۆپ قېتىم ئېغىر دەرىجىدە ئۇچرىغان ئىكەن. شۇنداق بولسىمۇ، ئۆزى ياشاۋاتقان كەڭ زىمىندا تېرە-پېرەڭ بولۇپ چېچىلماي، توپتىن ئايرىلماي، ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتتە بىر يەرگە ئۇيۇشۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ، بېشىغا كەلگەن بالايى ئاپەتلەر بىلەن تەڭ ئېلىشقان، راھەت ياكى پاراغەتتە بىللە ياشىغان. شۇڭا، ئۇيغۇردا، ئايرىلغاننى بۆرى يەر، بىرلەشكەن ئوزار، بىرلەشمىگەن توزار، ئۇيۇشقاننىڭ كۈچى بار، چېچىلغاننىڭ يىغىسى بار دىگەندك ماقال-تەمسىللەر خېلى بالدۇرلا مەيدانغا كەلگەن ئىكەن. بۇ خىل ئۇيۇشۇش، مۇستەھكەم ئىتتىپاقلىشىش نېتىجىسىدە، ئۇيغۇردا كوللىكتىۋىزىملىق روھ، مەدەنىي مىللى غورور يېتىلگەن. كوللىكتىۋىم مەن ئۈچۈن، مەن كوللىكتىۋىم ئۈچۈن دەيدىغان، كوللىكتىۋ ئۇچۈن ئۆزىنى بېغىشلايدىغان مىللەتپەرۋەرلىك، ۋەتەنپەرۋەرلىك ئېتىقات يىتىلگەن. ئىتتىپاقلىق غايەت زور مەنىۋى كۈچ بولۇپ، پەيتى كەلگەندە، قۇدرەتلىك ماددى كۈچنى يارىتىدۇ. دىمەك، ئۇيغۇر، مۇستەھكەم ئىتتىپاقلىشىپ، مۇشۇ ئىككى كۈچكە ئىگە بولغان، شۇ سەۋەپتىن ئۇيغۇر ھەر خىل بوران چاپقۇنلاردا يىقىلماي ھازىرغىچە ياشاۋاتىدۇ.

3-ئۇيغۇر، ئۆزىنى يىڭىلاشقا ماھىر بولغانلىقى ئۈچۈن

ئۇيغۇر، ئۆز تارىخىدا، نۇرغۇن مەدەنىيەتلەرنى ياراتقان ۋە راۋاجلاندۇرغان. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، ئۇ يەنە ئىلغاركەن دەپ قارىغان باشقا مىللەت-قەۋملەرنىڭ مەدەنىيەتلىرىنى قۇبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ روھى ۋە ماددى دۇنياسىنى يېڭىلىغان، ئەخلەت مەدەنىيەتلىرىنى چۆرۈپ تاشلىغان، مۇتەئەسسىپلىك قىلمىغان. بۇ دۇنيا ھامان ئالدىغا قاراپ تەرەققى قىلىدۇ، جەمىيەت، مەدەنىيەت مۇكەممەللىشىشكە قاراپ تەرەققى قىلىدۇ. كىمكى، بۇ ئىلغارلىققا سوڭداشمىسا، ئۇ سەپتىن چۈشۈپ قالىدۇ. بۇ، ئۇيغۇرنىڭ جەمىيەت تارىخىدىكى يەكۈنى بولسا كېرەك. شۇڭا، ئۇيغۇر،  8- ئەسىردىن باشلاپلا، ئەينى چاغدىكى ئىلىم-مەدەنىيەتتە دۇنيانىڭ كۆزىنى قاماشتۇرغان ئىسلامى دىننى، ئىسلامى مەدەنىيەتنى، كەڭ دائىرەدە ئورتاق قوللۇنىۋاتقان ئەرەپ يېزىقىنى، ھېچ ئىككىلەنمەيلا قۇبۇل قىلغان. نېتىجىدە، ئۇيغۇر، دۇنيادىكى تېخىمۇ چوڭ توپقا قوشۇلۇپ، ئېتىقادىنى، روھىنى، مەدەنىيەتىنى دۇنياۋىلىققا قاراپ يېڭىلىغان. شۇ سەۋەپتىن ئۇيغۇر ھازىرغىچە بىر پۈتۈن گەۋدە بولۇپ ياشاۋاتىدۇ.

4-ئۇيغۇر، ئەسلى زىمىنىنى مۇستەھكەم ساقلاپ تۇرغانلىقى ئۈچۈن

ئۇيغۇر، بۇ زىمىننىڭ كۆپلىگەن جايلىرىدا ياشىغان ئىكەن. كېيىنكى دەۋىرلەردە، ھازىرقى شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ كەڭ رايوننى ئۆزىنىڭ ياشاش ماكانى قىلىپ تاللىغان. بۇ، بىر سىياسى مىللەتكە خاس ئەقىل پاراسەتنىڭ نېتىجىسىمىكىن دەپ قارايمەن. مەن، ئاسىيا، ياۋروپا، ۋە ئافرىقا قىتئەلىرىدىكى بىر قىسىم رايونلارغا بېرىپ كۆرگەنلىرىمگە قارىغاندا، رايونىمىز، چۆل كلىماتنىڭ كونتروللىقىدا تۇرىۋاتقان رايون بولسىمۇ، ھەر خىل ئىگىلىكنى تەرەققى قىلدۇرۇشتا دۇنيادا كام ئۇچرايدىغان ئەۋزەل شارائىتقا ئىگە ئىكەن. رايونىمىزدا، ياۋروپانىڭ، ئافرىقىنىڭ، شىمالى ئامىرىكانىڭ، ئاسىيا شىمالىنىڭ خاس تەبىئى جۇغراپىيەلىك مەنزىرلىرى، بايلىقلىرى بولۇپلا قالماي، ئۇ رايونلاردا يوق مەنزىرە، بايلىقلارمۇ بار ئىكەن. ئۇيغۇر، كۈچەيگەن زامانلاردىمۇ، باشقا زىمىنلارغا كۆز قىرىنى سالماي، ئۆزى تاللىۋالغان بۇ زىمىننى ياخشى قوغداپ ئۆز دائىرەسىدە ياشاپ كەلگەن ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن، ئۇيغۇرنىڭ زىمىن خاسلىقى، مىللەت خاسلىقى، مەدەنىيەت خاسلىقى، ئىشلەپچىقىرىش خاسلىقى، مەھسۇلات خاسلىقى پەيدا بولغان. دىمەك، مۇشۇ خاسلىقلار بولغانلىقىدىن، ئۇيغۇر ھازىرغىچە ياشاپ كېلىۋاتىدۇ.

5. جۇڭخۋا خەلق جەمھۇرىيەتى بولغانلىقى ئۈچۈن

جۇڭخۋا خەلق جەمھۇرىيەتى قۇرۇلغان 63 يىلدىن بۇيان، مەرگىزى ھۆكۈمەت، ئۇيغۇرغا «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى» دىگەن نامدا تېرىتورىيە تەسىس قىلىپ بەردى. ئۆزى ئۆزىگە ئىگە بولىدىغان ئاپتونومىيە ھوقوقىنى بەردى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش، ئۇيغۇر ۋە رايونىمىزدىكى باشقا يۇرتداش مىللەتلەرنىڭ ياشاش، مائارىپ، مەدەنىيەت قاتارلىق زۆرۆرىيەتلىرىنى تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانىنى، ئىجراسىنى ئۆزىنىڭ مۇھىم خىزمەتلىرى كۈنتەرتىۋىگە قويۇپ كەلدى، بىزنىڭ خاتىرجەم دەخلى-تەرۇزسىز ياشىشىمىز ئۈچۈن، زىمىنىمىزنى مۇستەھكەم قوغداپ كېلىۋاتىدۇ. بۇلار، ئۇيغۇرنىڭ ياشىشى ئۈچۈن تېخىمۇ چوڭ كاپالەتكە ئېرىشتۇردى.

خۇلاسەم شۇكى، ئۇيغۇر گەرچە قەدىمى بىر مىللەت بولسىمۇ، يوقۇرىدا دىيىلگەن 5 جەھەتتىكى قۇدرەت ئاساسىغا ئىگە بولغانلىقىدىن تا ھازىرغىچە بىر پۈتۈن گەۋدە بولۇپ ياشاپ كەلدى، ھەم يەنە ياشايدۇ.

يازما ئاپتورى: ئارجىم
يازما يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 08-ئاينىڭ 20-كۈنى
يازما ئاۋاتلىقى: 47,629 قېتىم كۆرۈلدى
يازما ئادرېسى: ../?p=1964
بارلىق ھوقۇق ئاكادېمىيە تور بېكىتىگە غا تەۋە! رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!

2 پارچە باھا

  1. خۇشامەتنىڭ لازىمى يوق!!!!

  2. ئۇيغۇرنىڭ ئۇيغۇر بولۇپ داۋاملىشىشى ئۇيغۇر بولغانلىقىدا!!!

باھا يېزىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز