باش بەت > جۇغراپىيە > زىمىندىكى مەشھور 14 چوققا ۋە ئۇلارنىڭ ناملىرى
8سېنتەبىر

زىمىندىكى مەشھور 14 چوققا ۋە ئۇلارنىڭ ناملىرى

زىمىندىكى يەربويى 8000 مېتىردىن ئاشىدىغان 14 چوققا ۋە ئۇلارنىڭ ناملىرى

جىمسارى

 

مەن 50 ياشقا كەلگىچە، تەڭرىتاغ، بەيتىكتاغ، ئالتايتاغ، غەربى جۇڭغار تاغلارى، پامىر تاغلەڭى، ۋە قۇرۇمتاغ، قاراقۇرۇمتاغ دىگەندەك كۆپلىگەن تاغلارغا چىقىپ باققان. يەر بويى 4000 مېتىردىن ئاشىدىغان داۋانلاردىن ئۆتۈپ باققان. پامىر تاغلەڭلىرىدە ئىشەك بىلەن 4000 مېتىرغىچە ، پىيادە مېڭىپ 5000 مېتىرغىچە ئىگىزلىككە چىقىپ باققان ئىدىم. بۈگۈن كومپۇتىر ئالدىدا ئولتۇرۇپ، مەن چىققان تاغلار يادىمغا كىلىپ قالدى. زىمىندىكى ئىگىز تاغلارنى ئۇيغۇرچە تور مەنبەلەرىدىن  ئىزدىسەم تاپىلمادى. شۇنىڭ بىلەن، بۇرادەرلەرنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن، باشقا تور مەنبەلەرىدىن، زىمىندىكى يەر بويى 8000 مېتىردىن ئىگىز بولغان 14 چوققانى جەمتەر قىلىپ رەتى بويىچە تىزىپ، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە ۋە ئېنگلىشچە ناملارىنى كۆرسەتتىم.

bogda qokka_副本

 تاغقا چىقىش، ھەم كۆڭۈللۈك ئىش ھەم ناھايىتى ئېغىر ئىش. تاغقا چىقىش مەقسىدىڭىز ئانىق بولسا، كۆڭۈللۈك ئىش، مەقسەدىڭىز ئانىق بولماسا، ئېغىر ئىش. ئادەم شارائىت يار بەرسە، ئۆمرىدە بىرەر قاتىم تاغلارغا چىقىپ باققانى پايدىلىق دەپ قارايمەن. ئەگەر سىز 30 ياش ئەتراپىدا بولساڭىز، تاغلارنىڭ 3000 مېتىرغىچە ئىگىزلىكىگە  بىر قاتىم چىقىپ كۆرۈڭ.  شۇ ئىگىزلىككە چىققاندا، باشىڭىز چەمبەر سالغاندەك ئاغرىمىسا، نەپەسىڭىز قىينالىپ ئاغزىڭىز ئاچىلىپ قالماسا، پۇتىڭىزنىڭ ماغدىرى كەتمەي يەڭگىل بولسا، يەنە ئۆرلەپ چىقىڭ. سىز 3500 مېتىر ئىگىزلىككە چىققاندا، يوقۇردىكى ئالامەتلەر كۆرۈلسە، توختاپ قىلىڭ، ئاستا قايتىپ چۈشۈڭ. دوختۇرغا كىلىپ يۈرەك، قانتۇمۇر، ئۆپكە ۋە نەپەس يوللىرىنى تەكشۈرتۈڭ. چۈنكى ، سىزنىڭ تاغ سەپىرىڭىز، سىزنىڭ بەدەنىڭىزگە دىئاگنوز قويۇپ بولدى.

تاغقا چىقىش، ساغلام بەدەن ھەم  قۇۋەتلىك بەدەن بولۇشنى، پەم-پاراساتلىك بولۇشنى، ئىرادىلىك بولۇشنى، جاپادىن قورقمايدىغان، ئاچلىققا، ئۇسسۇزلۇققا، سوغۇققا چىداملىق بولۇشنى تەلەپ قىلىدىكەن. ئادەملىرىمىز ئىچىدە، ئەنە شۇ شەرتلەرنى ھازىرلىغان ئەزىمەتلەر، دۆلەت-رايون ھۆكۈمەتلەرى ھازىرلاپ بەرگەن شارائىتلارغا تايىنىپ، زىمىندىكى تاغ چوققالارىغا چىقىپ قىدىرىپ كۆرگەن. بۇلارنىڭ بەزىلەرى تاغ سەپەرىنى غەلبەلىك تاماملىغان. بەزىلەرى سەپەر ئۈستىدە جانىدىن ئايرىلىپ قۇربان بولغان. شۇنداق قىلىپ، ئۇلار، زىمىندا يەر بويى 8000 مېتىردىن ئىگىز بولغان چوققادىن 14 ى بار ئىكەنلىكىنى بايقاغان ھەم شۇ چوققالارغا يامىشىپ چىقىپ، ئۇلارنىڭ يەربويىنى ئۆلچىگەن.  دىمەك، بۇ چوققالار، زىمىندىكى مەشھور 14 چوققا بولۇپ ھىساپلانادى. بۇ چوققالار، تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت. (مەزگۇر ئەسەردىكى  «يەر بويى» دىگەن سۆز، ئا.رەھمەتۇللا ئىجات قىلىپ قوللانغان ئىسىم سۆز بولۇپ، مەلۇم يەرنىڭ دىڭىز يۈزىدىن ئىگىزلىكى دىگەننى بىلدىرەدى).

 

1-جەدۋەل: زىمىندىكى مەشھور 14 چوققا، نامى، ئورنى، ئىگىزلىكى ۋە ئۆلچىگەن تاغاشچى ئەترەت نامى

رەتى

چوققا نامى

ئىگىزلىكى (مېتىر)

جايلاشقان ئورنى

يەر بويى ئۆلچەنگەن تۈنجى ۋاقىت

ئۆلچىگەن تاغاشچى ئەترەت (تاغاشچى-تاغقا چىقىش ھەرىكەتى بىلەن شوغۇللانغۇچى) رەھمەتۇللا ئىجات قىلغان ئىسىم سۆز.

1

چوققاجۇمۇلاڭما

珠穆朗玛峰

Everest

8848.13

8844.43

ھىمالايا تاغداشنىڭ ئوتتۇرا بۆلىكىدىكى جۇڭگو-نىپال چىگرىسىدا

1953-يىلى 5-ئاينىڭ 29-كۈنى

ئەنگىلىيە تاغاشچى ئەترەتى

 

2

چوققاچوگىرى

Chogori

乔戈里峰

8611.0

قاراقۇرۇم تاغداشدىكى جۇڭگو-پاكىستان چىگراسىدا

1954-يىلى 7-ئاينىڭ 4-كۈنى

ئىتالىيە تاغاشچى ئەترىتى

3

چوققاكەنچىن

 干城章嘉峰Kanchenjunga

8586.0

ھىمالايا تاغداشنىڭ ئوتتۇرا بۆلىكىدە

1955-يىلى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى

ئەنگىلىيە تاغاشچى ئەترەتى

4

چوققالوسە

Lhotse

洛子峰

8516.0

ھىمالايا تاغداشنىڭ ئوتتۇرا بۆلىكىدىكى جۇڭگو-نىپال چىگراسىدا

1955-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى

شىۋىتسارىيە تاغاشچى ئەترەتى

5.

چوققاماكالۇ

Makalu

马卡鲁峰

8463.0

ھىمالايا تاغداشنىڭ ئوتتۇرا بۆلىكىدىكى جۇڭگو-نىپال چىگراسىدا

1955-يىلى 5-ئاينىڭ15-كۈنى

فرانسىيە تاغاشچى ئەترەتى

6

چوققاكوئويۇ

卓奥友峰

Cho Oyu

8201.0

ھىمالايا تاغداشنىڭ ئوتتۇرا بۆلىكىدىكى جۇڭگو-نىپال چىگراسىدا

1954-يىلى 10-ئاينىڭ 19-كۈنى

ئاۋىستىرىيە تاغاشچى ئەترەتى

7

چوققاداۋرا

Daura

拉吉利峰

8172.0

ھىمالايا تاغداشنىڭ ئوتتۇرا بۆلىكىدىكى جۇڭگو-نىپال چىگراسىدا

1960-يىل 5-ئاينىڭ 13-كۈنى

شىۋىتسارىيە، پولشا، ئامېرىكا بىرلەشمە تاغاشچى ئەترەتى

8

چوققاماناسلۇ

Manaslu

马纳斯鲁峰

8156.0

ھىمالايا تاغداشنىڭ ئوتتۇرا بۆلىكىدىكى جۇڭگو-نىپال چىگراسىدا

1956-يىلى 5-ئاينىڭ 9-كۈنى

ياپونىيە تاغاشچى ئەترەتى

9

چوققاناڭاپاربات

Nanga Parbat

南迦帕尔巴特峰

8125.0

ھىمالايا تاغداشنىڭ غەربى قىسمىنىڭ پاكىستان چىگرىسى ئىچىدە

1953-يىلى 7-ئاينىڭ 3-كۈنى

غەربى گىرمانىيە بىلەن ئاۋىسترىيە بىرلەشمە تاغاشچى ئەترەتى

10

چوققائانناپۇرنا

Annapurna peak

安纳普尔那峰

8091.0

ھىمالايا تاغداشنىڭ ئوتتۇرا بۆلىكىدىكى جۇڭگو-پاكىستان چىگراسىدا

1950-يىلى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى

فرانسىيە تاغاشچى ئەترەتى

11

چوققاجاشبۇلۇم1-

迦舒布鲁姆Ⅰ峰

8068.0

ھىمالايا تاغداشنىڭ جۇڭگو-پاكىستان چىگراسىدا

1958-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى

ئامېرىكا تاغاشچى ئەترەتى

12

چوققابروئاد

布洛阿特峰

8047.0

ھىمالايا تاغداشنىڭ جۇڭگو-پاكىستان چىگراسىدا

1957-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى

فىرانسىيە تاغاشچى ئەترەتى

13

چوققاجاشبۇلۇم2-

迦舒布鲁姆Ⅱ峰

8034.0

ھىمالايا تاغداشنىڭ جۇڭگو-پاكىستان چىگراسىدا

1957-يىلى 7-ئاينىڭ7-كۈنى

ئاۋىستىرىيە تاغاشچى ئەترەتى

14

چوققاشىشاباڭما

希夏邦玛峰

8012.0

ھىمالايا تاغداشنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى جۇڭگو چىگراسى ئىچىدە

1964-يىلى 5-ئاينىڭ2- كۈنى

جۇڭگو تاغاشچى ئەترەتى

يازما ئاپتورى: ئارجىم
يازما يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 09-ئاينىڭ 08-كۈنى
يازما ئاۋاتلىقى: 363 قېتىم كۆرۈلدى
يازما ئادرېسى: ../?p=5208
بارلىق ھوقۇق ئاكادېمىيە تور بېكىتىگە غا تەۋە! رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!

بىر پارچە باھا يېزىلدى

كۆرسىتىش يوشۇرۇش 1 trackbacks

باھا يېزىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز