زىمىندىكى سۇ قانداق پەيدا بولغان؟
زىمىندىكى سۇ قانداق پەيدا بولغان؟
地球上的水哪里来的
ئاپتورى: بوستاني
زىمىندىكى سۇ قانداق پەيدا بولغان؟ سۇئال سوراشتى،
ئاسماندىن يامغۇر يېغىپ پەيدا بولغان دىيىشتى.
يامغۇر سۈيى نەدىن كەلگەن؟ سۇئال سوراشتى،
دېڭىزدىكى سۇنىڭ پارىدىن كەلگەن دىيىشتى.
دېڭىزدىكى سۇ نەدىن كەلگەن؟ سۇئال قويۇشتى.
ئاسماندىن كەلگەن،جاۋاپ يەنە قايتىلاندى.
كىشىلەر بۇنىڭغا ناقايىل بولۇشتى.يەنە سورالدى:
يامغۇر ۋە دىڭىزدىكى سۇ نەدىن پەيدا بولغان؟
جاۋاپ چىقماي،پەنگە مۇراجەت قىلىشتى.
بىرى دىدى،دەسلەپكى زىمىندا ئاتموسفېرا،
ھىدروگىن ۋە ئوكسىگىن گازىغا باي ئىدى،
بۇ ئىككى ئېلمىنىت رېئاكسىيە بولۇپ،
سۇ دانچىسىنى ھاسىل قىلغان دىدى.
بىرى دىدى،قۇياشلەم شەكىللەنگەن، ئالەم زامانىدا،
سۇ دانچىسىمۇ بىرلىكتە شەكىللەنگەن دىدى.
بىرى دىدى، كالىتسىلىق ماددىلار باي،زىمىن پوستىدا،
يانار تاغلىق زىمىندا، ۋولقان بىلەن ئېتىلىپ چىققاندا،
سۇ گازى پەيدا بولغان يوقۇرى ھارارەت ۋە بېسىمدا .
بىرى دىدى،سۇ زىمىن قۇرسىىقىدا ئەسلى بار ئىدى،دىدى.
بىرى دىدى،زىمىننىڭ كۈچلۈك تارتىش كۈچىدە،
قۇيرۇق يۇلتۇز،پلانىتلاردىكى سۇنى ئۆزىگە يىغقان .
شۇڭا،ھازىر يامغۇر ،سۇ كۆپەيمەكتە دىيىشتى.
ئوتتۇرىغا قويغان پەرەزلەرمۇ ئاز ئەمەس،
پەرەزنىڭ كۆپلىكىگە قارىغاندا،بىر بىرىگە قايىل ئەمەس.
دىمەك،زىمىندىكى سۇ قانداق پەيدا بولغان؟ دىگەن سۇئالغا،يوقۇرىدا بولۇنغان گەپچەپلەردەك، پەرەزلەر جاۋاپ تېرىقىسىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئوتتۇرىغا قويۇلغان بۇ پەرەزلەر، ئاساسسىز خىياللار بولماستىن،بەلكى مەلۇم پەننى ئىلىم ئاساسلىرىدىن خۇلاسە قىلىنغان.
بۇلاردىن كۆرىۋىلىشقا بولىدۇكى،ئىنسانلار ئۇزۇن زامانلاردىن بۇيان سۇ قانداق پەيدا بولغان؟ دىگەن سۇئالغا جاۋاپ تېپىشنى بىر كۈنمۇ توختاتمىغان بولسىمۇ،بۇ ئىزدىنىشلەردىن كۆپچىلىك ئېتىراپ قىلغان بىر توغرا جاۋاپ تېپىلمىغاندەك قىلىدۇ. ئەمما مەن،يوقۇرقى گەپچەپلەر مەزمۇنىدىن شۇنداق خۇلاسىگە كەلدىمكى، زىمىندىكى سۇ، تىگى تەكتىدىن ئالغاندا، ئالەمدىن كەلگەن.