باش بەت > گىياھنامە > شىنجاڭغا تارقالغان ئەسرەئىلەدىكى سەۋسەرلەر
20فېۋرال

شىنجاڭغا تارقالغان ئەسرەئىلەدىكى سەۋسەرلەر

شىنجاڭغا تارقالغان ئەسرەئىلەدىكى سەۋسەرلەر

新疆分布的菊科及风毛菊属植物

ئاپتورى: جىمسارى

1.ئەسرەئىلە دىگەن نىمە؟

مەن كىچىك ۋاقىتلىرىمدا،  رەھمەتلىك ئاتام ئۇستا تۆمۈرچى ئىدى. ئۇنىڭ ، سوقۇپ چىققان مەھسۇلاتلىرىغا  باسىدىغان  بىر پولاتتىن ياسالغان، ئاپتاپپەرەس  شەكىلدىكى تامغىسى بار ئىدى. بۇ تامغىنى «ئەسرە» دەپ ئاتايتتى.  كىيىن چوڭ بولۇپ،  شەكلى يۇمۇلاق، نۇرسىمان  چېچىلىپ (يېيىلىپ) كۆرۈنىدىغان شەكىلىنى «ئەسرە» دەپ ئاتايدىكەنمىز دەپ بىلدىم. مۇشۇ ئۇقۇمغا ئاساسەن ، « گۈل-چىچەكلىرىنىڭ شەكلى ئەسرە شەكلىگە  ئوخشايدىغان گىياھلار» غا «ئەسرە» دەپ نام بەردىم. «ئەسرە» دىگەن ئىسىم سۆزنى مەن  يېقىنقى يىللاردا نەشىر قىلىنغان «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى» ناملىق كىتاپتىن ئۇچراتمىدىم. شۇنداق بولسىمۇ، مەن بۇ سۆزنى لۇغەتكە قوشۇپ قويۇشنى  لايىق تاپتىم.  دىمەك ، «ئەسرە» دىگەن سۆزنىڭ لۇغەت مەنىسى: ①نۇرسىمان چېچىلىپ  كۆرۈنىدىغان  يۇمۇلاق «شەكىل»نىڭ نامى؛② گۈل- چىچەكلىرىنىڭ شەكلى ئەسرە شەكلىگە ئوخشايدىغان گىياھلارنىڭ ئومۇمى نامى.

«ئەسرەئىلە» ، [菊科،Compositae,(Asteraceae]، «ئەسرە گىياھلار ئائىلىسى» دىگەننى بىلدۈرىدۇ. «ئەسرەئىلە» دىگەن ئىسىم، گىياھلارغا ئىسىم قويۇشتىكى  « ر. ئادىللا قائىدىسىى» بويىچە، [«ئەسرە + ئىلە» = ئەسرەئىلە ]دىگەن ئاساستا  ۋۇجۇتقا كەلگەن.

«ئەسرەئىلە» دىگەن  4 بوغۇملۇق بىر سۆز بىلەن ئاتىلىدىغان گىياھى ئائىلە نامىنى بىلدۈرۈشتە، بىز يىقىنقى يىللاردىن بۇيان، «مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسى» دىگەن 10 بوغۇملۇق  3 سۆز گۇرۇپپىسىدىن تۈزۈلگەن  نام بىلەن ئىپادىلىدۇق.

يۇقۇرىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان «ئەسرە» دىگەن ئىسىمنىڭ تەبىرى ۋە چۈشەنچىسىگە ئاساسلانغاندا، « ئەسرە» نى بىز «مۇرەككەپ گۈللۈكلەر »  دىگەن نام بىلەن ئاتىدۇق. «مۇرەككەپ گۈللۈكلەر» دىگەن بۇ نام، مىنىڭچە ئىككى جەھەتتىن مۇۋاپىق ئەمەس، بۇنىڭ بىرى، «مۇرەككەپ گۈللۈكلەر» دىگەن سۆزنىڭ كۆرسىتىدىغان ئوبىكتىغا ياكى بىلدۇرىدىغان مەنىسىگە قارىغاندا ، دائىرسى بەك كەڭ بولۇپ، ئەسرەئىلە گىياھلىرىدىن باشقا ، يەنە نۇرغۇنلىغان گىياھى ئائىلىدىكى گىياھلارنىڭ گۈل- چىچەكلىرىدىكى مۇرەككەپ گۈللۈك ھادىسلىرىنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا، «مۇرەككەپ گۈللۈكلەر» دىگەن سۆزنىڭ قاراتمىلىقى مۇجىمەل بولۇپ، «ئەسرە» دىگەن سۆزدەك خاس مەنىنى ئىپادىلەپ بېرەلمەيدۇ. ئىككىنچىسى ، «ئەسرە» دەپ ئىككى بوغۇملۇق بىرلا سۆز بىلەن ئاتاشقا بولىدىغان ئىسىم ، «مۇرەككەپ گۈللۈكلەر» دەپ ئاتالسا 6 بوغۇملۇق ئىككى سۆزدىن تۈزۈلگەن  سۆز گۇرۇپپىسى بىلەن ئىپادىلەشكە توغرى كىلىدۇ. ئەگەر بۇنىڭغا «ئائىلىسى » دىگەن سۆز قوشۇلسا ، 3 سۆزدىن تۈزۈلگەن  10 بوغۇملۇق سۆزلەر گۇرۇپپىسى بىلەن ئىپادىلەشكە توغرى كىلىدۇ. «ئەسرەئىلە» دىگەن 4 بوغۇملۇق بىرلا سۆز بىلەن ئىپادىلەشكە بولىدىغان ئىسىم، شۇنىڭ بىلەن بەكلا ئۇزىراپ كىتىدۇ. ئەگەردە، نۇرغۇنلىغان گىياھلارغا ئائىت ئىسىملار مۇشۇنداق كىلەڭسىز ئۇزىراپ كەتسە، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىخچام ھەم پاساھەتلىكى بۇزۇلىدۇ، ئەستە ساقلاش ۋە يېزىشقا قولايسىزلىق كەلتۈرىدۇ، گىياھلارنىڭ ئۇيغۇرچە ئىسىم قويۇشتىكى ئۈچ بوغۇمدىن ئاشمايدىغان بىر سۆز بىلەن ئىپادىلەش  ئەنئەنە قائىدىسىگە توغرى كەلمەيدۇ. نېتىجىدە، بۇنداق ئىسىملار ئىستىمالدىن قېلىشقا يۈزلەنمەي قالمايدۇ. شۇڭا، «مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسى»  دىگەن ئۇزۇن ئىسىم ئورنىغا، تەدرىجى ھالدا « ئەسرەئىلە» دىگەن ئىسىمنى قوللۇنۇشقا تەۋسىيە قىلىمەن.

مەنبەلەردە يېزىلىشىچە، ئەسرەئىلەنىڭ دۇنيا بويىچە 1000 رۇقى، 40000 دىن 25000 غىچە زاتى بار ئىكەن. ئىلىمىز جۇڭگودا  بۇنىڭدىكى 230 رۇقى،2300 زاتى بار ئىكەن. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىمىزدا بۇنىڭدىكى 115 رۇقى، 578 زاتى بار ئىكەن. [].

  1. سەۋسەررۇق دىگەن نىمە؟

« سەۋسەر»، ئۇيغۇرچە مەلۇم بىر گىياھرۇقنىڭ نامى بولۇپ، بۇ نامنى مەن لاتىنچە نامىغا ئاساسەن قويدۇم. بوتانىكادا، سەۋسەر تىپىدىكى گىياھلارنىڭ يىغىندىسى «سەۋسەررۇق» دەپ ئاتىلىدۇ. دىمەك،« سەۋسەررۇق»، [风毛菊属,Saussurea DC.] ئەسرەئىلەدىكى بىر رۇقنىڭ نامى. سەۋسەررۇق، دىگەن ئىسىمنى ئىپادىلەشتە ، يىقىنقى يىللاردا نەشىر قىلىنغان ئەسەرلەردە «قۇستە ئۇرۇقدىشى» دىگەن نام بىلەن ئاتالغان.

 2005-يىلى، مەن ئۆزبەكىستاندا ، ئەبۇ ئەلى ئىبىن سىنانىڭ «تىب قانۇنلىرى» دىگەن ئەسىرىنىڭ ئۆزبەكچە تەرجىمىسىنىڭ 2- تومىنى ئوقۇپ باقتىم.  بۇنىڭدا، مەلۇم دورىلىق ئەشيانىڭ نامى ئەرەبچە ۋە ئۆزبەكچە «قۇست»[kuct] دەپ  يېزىلغان.  ھەمدە، قۇستنى [saussurea lappa] دەپ لاتىنچە نامىنى ئىزاھلىغان.  ئىبىن سىنانىڭ ئەسلى ئەسەرىنىڭ ئۆزبەكچە تەرجىمىسىدە،« قۇست  ئۈچ خىل بولىدۇ، بۇنىڭ بىرىنچىسى، ئەرەبىسى دىيىلەر، رەڭگى ئاق……..، ئىككىنچىسى، ھىندى دىيىلەر، بۇنىڭ رەڭگى  قارا……..، ئۈچۈنچىسى، رۇمى دىيىلەر……..، ياخشى قۇستنى، قاتتىق قارا ئەندىز يىلتىزى بىلەن  ئالماشتىرادىلەر (بۇنى ئاجرىتىش شۇنداي)  دەپ يېزىلغان. دىمەك، بىزنىڭ «قۇستە» دىگەن سۆزىمىز ئەنە شۇ « قۇست» دىگەن سۆزدىن كەلدىمىكىن دەپ ئويلۇدۇم. «تىب قانۇنلىرى» دا بايان قىلىنغان مەزمۇنلارغا قارىغاندا، قۇست ياكى قۇستە بولسۇن ، قۇرۇتۇلغان مەلۇم بىر «سەۋسەر »نىڭ يىلتىزى بولۇشى مۇمكىن دەپ چۈشەندىم. دىمەك، سەۋسەر دىگىنىمىز گىياھرۇق نامىنى، سەۋسەردىن كىيىن كەلگەن سۆز، گىياھ زاتىنىڭ نامى بولۇشى كېرەك دەپ قارايمەن. شۇڭا، گىياھلارغا ئۇيغۇرچە ئىسىم قويۇشتىكى « ر. ئادىللا  قائىدىسى» گە ئاساسەن ، لاتىنچە نامىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ «سەۋسەر» دەپ ئالدىم. شىنجاڭ فلوراسىغا  قارىغاندا، سەۋسەررۇقنىڭ، دۇنيا بويىچە  400 زاتى  بولۇپ،  بۇنىڭدىكى 300 زاتى جۇڭگوغا تارقالغان، 55 زاتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىمىزغا تارقالغان ئىكەن[]. سەۋسەررۇقتىكى گىياھزاتلىرىنى ئىخچاملاپ، ئادەتتە «سەۋسەرلەر» دەپ ئاتاشقا بولىدۇ.

شىنجاڭدا ئۇچرايدىغان سەۋسەرلەر 55 خىل بولۇپ، بۇيىنىڭ ئىگىزلىكى 1.5 س م دىن100 س م غىچە كىلىدۇ. بۇلار ئاساسەن باشتاغ(高山)، غولتاغ(亚高山) لاردىكى توڭدارا ، تاشلىق تەسكەيلەردە، تۈزلەڭلەردىكى چۆل توقايلاردا، ئىدىرلاردا ھەم شورتاڭ يەرلەردە ئۆسىدۇ.

سەۋسەرلەرنىڭ كۆپىنچىسى كۆپيىللىق ئوتغول گىياھلار بولۇپ، ئاز ساندا ئوتچاتقال ھەم ئىككى يىللىق ئوتغوللۇقلىرىمۇ ئوچرايدۇ. غولى تاق ياكى كۆپ بولىدۇ، شاخلانمايدۇ ياكى شاخلىنىدۇ، ئاز ساندىكىلىرىنىڭ غولى بولمايدۇ. بەرگى نۆۋەتچە ئۆسكەن بولۇپ، تۇلۇق گىرۋەكلىك، ھەرە چىشلىق ياكى پەيسىمان يىرىلغان بولىدۇ. باشچە گۈلرەت، تىپداش زىرگۈلدىن (ئوخشاش تىپلىق كىچىك ئۇششاق گۈل) تۈزۈلگەن بولۇپ، غول-شاخ ئۇچىغا ئايۋانچە، باشچە ياكى گۈمبەزئايۋانچە شەكىلدە جايلاشقان. بەزىدە، تاق بولىدىغانلىرىمۇ بار. تونبەرگى (总苞)شارچە، داڭقۇتچە ۋە تۆۋرۈكچە شەكىللىك كىلىدۇ؛ تونبەرگى كۆپ قەۋەتلىك بولۇپ، باستات(覆瓦状) شەكلىدە چاپلىشىپ تىزىلغان بولىدۇ. زىر گۈللىرى، ئوتقاشرەڭ(紫红色)، زەڭگەررەڭ(淡紫色)، ھالرەڭ(粉红色)، ئازساندا ئاقرەڭلىك بولىدۇ. غولچىسى(花柱) يىپسىمان شاخلانغان.

سەۋسەرلەرنىڭ زات ناملىرىنى يازغاندا، «ر. ئادىللا قائىدىسى» بويىچە،  رۇق نامى ئالدىغا، سۈپەت نامى (زاتنىڭ سۈپەت نامى) كەينىگە يېزىلسا مۇۋاپىق  بولىدۇ.  مەسىلەن: «سەۋسەر شىپائى»،« سەۋسەر قەشقەرى» دىگەندەك. ر. ئادىللا قائىدىسىدە، گىياھزاتلىرىنىڭ ناملىرىنى ئاتاش ۋە يېزىش توغرىسىدا تۇۋەندىكىدەك ئىككى خىل لاھىيەنى ئورتىغا قويغان . بىرىنچى لاھىيەدە، گىياھزاتقا نام بەرگەندە، ئىككى سۆزلۈك ئىسم  قويۇلىدۇ، بىرىنچى سۆز، رۇق نامىنى ، ئىككىنچى سۆز زاتنىڭ سۈپەت نامىنى بىلدۈرىدۇ ، زات ناملىرىنى يازغاندا، رۇق نامى ئالدىغا، سۈپەت نامى كەينىگە يېزىلىدۇ ھەمدە سۈپەت نامى ئاخىرىغا «ى» قوشۇمچىسى قوشۇلىدۇ دەپ ئورتىغا قويغان[]. ئىككىنچى لاھىيەدە، زاتنىڭ سۈپەت نامى  ئالدىغا ، رۇق نامى كەينىگە يېزىلىدۇ دەپ ئورتىغا قويغان. مەن   ئويلۇنۇپ، يەنىلا بىرىنچى لاھىيەنى مۇۋاپىق كۆردۈم. سەۋەبى، زات ناملىرىنى بىلدۈرۈشتە، رۇق نامى ئالدى بىلەن تىلغا ئىلىنسا، زاتنىڭ قايسى رۇققا تەۋەلىكى كىشىگە روشەن بولىدۇ، ئۇنىڭدىن كىيىن زۆرۆر تېپىلغاندا، سۈپەت نامى يېزىلسا، رۇقتىكى زاتنىڭ پەرقى يەنىمۇ بىرقەدەم ئىلگىرلەپ ئايدىڭلىشىدۇ. رۇق نامى ئالدىغا، سۈپەت نامى كەينىگە يېزىلغاندا، بىر رۇقتىكى بارلىق زاتلارنى بىر  ئورۇندىن بىلگىلى بولىدۇ.  ئەگەردە، ئىككىنچى لاھىيە بويىچە بولغاندا، ئالدى بىلەن، زاتنىڭ سۈپەت نامى يىزىلىپ ئارقىدىن رۇق نامى يېزىلىدۇ. مۇنداق بولغاندا، سۈپەت نامى ئالدى بىلەن تىلغا ئىلىنىدۇدە، ئۇنىڭ تەۋەلىك رۇق نامى ئايدىڭلاشمايدۇ.  بۇنى چوقۇم بىلدۈرۈش كېرەك، تەۋەلىكىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئاخىرىغا يەنە رۇق نامىنى يازمىساق ئېنىق بولماي قالىدۇ، بەزى رۇقنىڭ نەچچە يۇزلىگەن زاتى بولىدۇ.  ئىككىنچى لاھىيە بويىچە بولغاندا، رۇقتىكى بارلىق زاتلارنى بىر ئورۇندىن كۆرگىلى بولمايدۇ. چۈنكى سۈپەت ناملىرى ھەرخىل ھەرىپلەردىن باشلانغاچقا، بىر كىتاپ ياكى لۇغەتنى باشتىن ئاياق ئىزدەشكە توغرى كىلىدۇ. تىزىپ يېزىشتا يەنىلا بىرىنچى لاھىيە قولايلىق ھەم ئېنىق بولىدۇ.  دىمەك، زات ناملىرىنى يېزىشتا، شۇ زات تەۋە بولغان رۇقنىڭ نامىنى ئالدى بىلەن گەۋدىلەندۈرۈش ئەڭ مۇھىم ھەم ئەڭ قولايلىق دەپ قارايمەن.

شىنجاڭدا ئۇچرايدىغان سەۋسەرلەر ئىچىدە، داڭلىق دورىلىق ماتىرىيال تەييارلىنىدىغان بىر خىل زاتى بولۇپ، بۇنىڭغا مەن «سەۋسەر شىپائى» دىگەن نام بەردىم. بۇ ئىسىمدىكى «سەۋسەر» رۇق نامىنى، «شىپائى» شۇ زاتنىڭ  ”سەۋسەررۇقتىكى باشقا زاتلىرىدىن پەرقلەندۈردىغان سۈپەت نامىنى بىلدۇرىدۇ. «سەۋسەرشىپائى» نى بىز يىقىنقى يىللاردا «تاغ لەيلىسى، قار لەيلىسى» دەپ ئىككى خىل نام بىلەن ئاتاپ كەلدۇق. بۇنداق ئاتاش مىنىڭچە مۇۋاپىق ئەمەس.  چۈنكى، بىرىنچىدىن، بۇ يەردىكى «لەيلى ياكى لەيلىسى»  دىگەن سۆز زادى نىمىنى كۆرسىتىدىغانلىقى ئىنىق ئەمەس. ئىككىنچىدىن، «تاغ لەيلىسى، قار لەيلىسى» دىگەن نامدىن زاتنىڭ تەۋەلىكى ئېنىق ئەمەس. شۇڭا، بۇ گىياھزاتىنى، «تاغ لەيلىسى، قار لەيلىسى» دىگەن نامدا ئاتىماي، «سەۋسەر شىپائى» دىگەن نامدا ئاتاشنى،  تەۋسىيە قىلىمەن.

تۆۋەندە كۆرسۈتۈلگەن رەسىمدىكى گىيا، دەل سەۋسەر شىپائى بولىدۇ. 1-رەسىم، سەۋسەر شىپائىنىڭ ياشاش مۇھىتى. 2-رەسىم، سەۋسەر شىپائىنىڭ ئاخىرقى غۇنچە مەزگىلى. 3-رەسىم، سەۋسەر شىپائىنىڭ گۈل ئىچىلغان مەزگىلى.

90fba6156b3c1053df6914_副本1(103)2869355912589535206

«سەۋسەر شىپائى» بوتانىكا نوقتسىدىن گىياھزاتىنىڭ خاس ئىسىمى بولىدۇ. دورىگەرلىك نوقتىسىدىن قۇرۇتۇلغان ئەشيا نامى «سەۋسەر شىپائى»  بولىدۇ. ئەدەبىيات -سەنئەت نوقتىسىدىن «سەۋسەرگۈل» بولىدۇ.

ئەندى، ئىبىن سىنانىڭ «تىب قانۇنلىرى» ناملىق ئەسەرنىڭ 2- تومىدا دىيىلگەن «قۇست» ۋە ئۇنىڭغا كىيىنكى كىشىلەر تەرىپىدىن بېرىلگەن لاتىنچە نامىنىڭ ئىزاھاتىدىكى سەۋسەر لاپپائى (saussurea lappa)  دىگەن گىياھزاتى ، شىنجاڭ فلوراسىغا قارىغاندا، شىنجاڭدا يوق ئوخشايدۇ. شىنجاڭ فلوراسىغا خاتىرلەنگەنلىرىگە ئاساسلانغاندا، شىنجاڭغا تارقالغان سەۋسەرلەر زاتى 55 خىل بولۇپ، ئۇلارنىڭ لاتىنچە،خەنزۇچە ۋە ئۇيغۇرچە ناملىرى  تۆۋەندىكى جەدۋەلدە بېرىلدى.

شىنجاڭدا ئۇچرايدىغان سەۋسەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرچە،لاتىنچە،خەنزۇچە ئاتالغان ماسناملىرى.

لاتىنچە نامى
خەنزۇچە نامى
مەنبەلەردە ئاتالغان تۈر نامى

ئۆلچەملىك زاتنامى

1.Saussurea  involucrata (Kar et Kir) Sch. –Bip.

雪莲花、雪莲

قارلەيلىسى، تاغ لەيلىسى

سەۋسەرشىپائى

2.  S. bracteata Decn.

膜苞雪莲

پەردىسىمان ئورىغۇچلىق قۇستە،پەردىسىمان ئورىغۇچلۇق قار لەيلىسى

سەۋسەر قاپبەرگى

3. S. simpsuniana (Field etGardn) Lipech.

小果雪兔子

كىچىك مىۋىلىك قۇستە ، ئۇششاق مىۋىلىك قۇستە

سەۋسەر سىمسۇنى

4.S. thoroldii Hemsl.

草甸雪兔子 

چىملىق قۇستىسى

سەۋسەر زورولدى

5.S. thomsonii Clarke  .

肉叶雪兔子

تومسون قۇستىسى

 سەۋسەر تومسونى

6.S. wellbyi Hemsl  .

羌塘雪兔子

ۋىلبى قۇستىسى ، چياڭتاڭ قۇستىسى

سەۋسەر ۋىلبى

7.S. depsangensis Pamp.

昆仑雪兔子

كوئىنلون قۇستىسى

سەۋسەر قورامتاغى

8.S. glacialis Herd.

冰河雪兔子

مۇزلۇق قۇستىسى

سەۋسەر غاسالى

9. S.gnaphalodes (Royle) Sch. –Bip.

鼠殉雪兔子

غەزۋەسىمان قۇستە ،بۇتقۇلاقسىمان قۇستە

سەۋسەر نەفالى

10.S.hypsipeta  Diels.

黑毛雪兔子

قارامتۇل تۈكلۈك قۇستە، قاراتۈكلۈك قۇستە

سەۋسەر ھىپسى

11.S.amara ( L. ) DC.

草地风毛菊

يايلاق قۇستىسى

 سەۋسەرئەمەرى

12.S. prostrata Winkl.

展序风毛菊 平卧风毛菊

يېيىلما گۈل رېتىلىك قۇستە

سەۋسەر يېيىقى

13.S. robusta Ledeb.

强壮风毛菊

يىرىك قۇستە، مەزمۇت قۇستە

سەۋسەر روبۇستى

14.S. grubovii Lipsch

蒙新风毛菊

گرۇبوۋ قۇستىسى

سەۋسەر گرۇبوۋى

15.S. laciniata Ledeb.

裂叶风毛菊

يېرىق يوپۇرماقلىق قۇستە

سەۋسەر جۇلبەرگى

16.S.alata  DC.

翅茎风毛菊

قانات غوللۇق قۇستە،قاناتسىمان غوللۇق قۇستە

سەۋسەر قاناتى

17.S. frolovii  Ledeb.

大序风毛菊

فرۇلوۋ قۇستىسى

سەۋسەر فرولوۋى

18.S. kuschakewiczii  Winkl.

藏新风毛菊

كوشاكېۋىچ قۇستىسى

سەۋسەر كۇشاكېۋىچى

19.S. chondrilloides  Winkl.

木质风毛菊

ياغاچلانغان قۇستە

سەۋسەر قاتتىقى

20.S. subulata  Clarke.

针叶风毛菊

يىڭنە يوپۇرماقلىق قۇستە

سەۋسەر زىقبەرگى

21.S. pulviniformis  Winkl.

垫状风毛菊

ياتما قۇستە

سەۋسەر پەتەكى

22.S. famintziniana  Krassn.

中新风毛菊

فامىنىچ قۇستىسى

سەۋسەر فامىنى

23.S. lacostei  Danguy

高盐地风毛菊

شورلۇق چۆل قۇستىسى

سەۋسەر لاكوستى

24.S.turgaiensis B. Fedtsch.

太加风毛菊

تۇرغاي قۇستىسى

سەۋسەر تۇرجايى

25.S. pseudosalsa Lipsch.

假盐地风毛菊

يالغان شورلۇق قۇستىسى

سەۋسەر سالساقى

26.S. davurica Adam s.

达乌里风毛菊

داغۇر قۇستىسى

سەۋسەر داۋۇرى

27.S.kaschgarica Rupr.

喀什风毛菊

قەشقەر قۇستىسى

سەۋسەر قەشقەرى

28.S. salsa (Pall) Spreng.

盐地风毛菊

شورلۇق قۇستىسى

سەۋسەر سالسائى

29.S. ovate Benth.

卵圆叶风毛菊

تۇخۇمسىمان يوپۇرماقلىق قۇستە

سەۋسەر تۇخۇمبەرگى

30.S. alberti Rgl. et Winkl.

新疆风毛菊

شىنجاڭ قۇستىسى

سەۋسەر ئالبېرتى

31.S. larionowii  Winkl.

天山风毛菊

تەڭرىتاغ قۇستىسى

سەۋسەر لارنوۋى

32.S. mucronulata Lipsch.

尖苞风毛菊

ئۇچلۇق ئورىغۇچلۇق قۇستە

سەۋسەر زىقباشى

33.S.coronata Schrenk.

副冠风毛菊

تاجىلىق قۇستە

سەۋسەر تاجىلىقى

34.S.blanda Schrenk.

美丽风毛菊

گۈزەل قۇستە

سەۋسەربالاندى

35.S. elata Ledeb.

高风毛菊

ئىگىز قۇستە

سەۋسەر بويلۇقى

36.S.popovii. Lipsch.

乌鲁木齐风毛菊

ئۈرۈمچى قۇستىسى

سەۋسەر پوپوۋى

37.S. cana  Ledeb.

灰白风毛菊

ئاقۇش كۈلرەڭ قۇستە

سەۋسەر بوزرەڭى

38.S. canescens  Winkl.

伊犁风毛菊

ئىلى قۇستىسى

سەۋسەر ئاقبوزى

39.S. salemannii Winkl.

赛里木风毛菊、到卵叶风毛菊

سالىمان قۇستىسى

سەۋسەر سالمانى

40.S. elegans  Ledeb.

优雅风毛菊

نادىر قۇستە

سەۋسەر كۆركەمى

41.S. lomatolepis  Lipsch.

苞鳞风毛菊

تەڭگىچە ئورىغۇچلۇق قۇستە

سەۋسەر لوماتى

42.S. leucophylla Schrenk.

白叶风毛菊

ئاق يوپۇرماقلىق قۇستە

سەۋسەر ئاقبەرگى

43.S. schanginiana (Wydl.) Fisch. et  Herd.

暗苞风毛菊

قارا ئورىغۇچلۇق قۇستە

سەۋسەر شاڭگىنى

44.S. sordida  Kar et Kir.

污花风毛菊

خىرە گۈللۈك قۇستە

سەۋسەر سەتگۈلى

45.S. glanduligera  Sch. -Bip.ex Hook.

腺毛风毛菊

بەز تۈكلۇك قۇستە

سەۋسەر بەزلىكى

46.S. krylovii  Schischk. etSerg.

阿尔泰风毛菊

ئالتاي قۇستىسى

سەۋسەر كرىلوۋى

47.S. tuoliensis K. M. Shen.

托里风毛菊

تولى قۇستىسى

سەۋسەر تولى

48.S. stoliczkai  Clarke.

藏西风毛菊

غەربى تىبەت قۇستىسى

سەۋسەر سولىزكايى

49.S. cinerea  Franch.

昆仑风毛菊

كوئىنلۇن قۇستىسى

سەۋسەر كۈلرەڭى

50.S. ruoqiangensis K. M. Shen.

若羌风毛菊

چارقىلىق قۇستىسى

سەۋسەر چارقىلىقى

51.S. aerjingensis K. M. Shen.

阿尔金风毛菊

ئالتۇنتاغ قۇستىسى

سەۋسەر ئالتۇنتاغى

52.S. alpine  (L. ) DC.

高山风毛菊

ئىگىز تاغ قۇستىسى

سەۋسەر باشتاغى

53.S. lati folia Ledeb.

宽叶风毛菊

كەڭ يوپۇرماقلىق قۇستە

سەۋسەر كەڭبەرگى

54.S.parviflora  (Poir.) DC.

小花风毛菊

ئۇششاق گۈللۈك قۇستە

سەۋسەر زىرگۈلى

55.S. pseudoalpina  N. D.Simps.

假高山风毛菊

يالغان ئىگىز تاغ قۇستىسى

سەۋسەر ناباشتاغى

يازما ئاپتورى: ئارجىم
يازما يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 02-ئاينىڭ 20-كۈنى
يازما ئاۋاتلىقى: 948 قېتىم كۆرۈلدى
يازما ئادرېسى: ../?p=713
بارلىق ھوقۇق ئاكادېمىيە تور بېكىتىگە غا تەۋە! رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!

مەزكۇر يازمىغا تېخى باھا يېزىلمىدى

باھا يېزىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز