باش بەت > ماكاننامە > شىنجاڭدىكى ماكانۋارانلار
29ماي

شىنجاڭدىكى ماكانۋارانلار

شىنجاڭدىكى ماكانۋارانلار

新疆的生态系统多样性

جىمسارى

 

بايان ئاۋۋال

ئا.ر. جىمسارىنىڭ چۈشەنچىسى بۇيىچە، ئادەمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق جانىۋارلارنىڭ ھايات پائالىيىتىنى ئېلىپ بارىدىغان تورلاشقان، خاسلاشقان مۇستەقىل چامان، «ماكان» دەپ ئاتىلىدۇ. تەبىئىي شەكىللەنگەن ماكانلار، تەبىئىي ماكان، ئادەملەر پەيدا قىلغان ماكانلار سۈنئىي ماكان دەپ ئاتىلىدۇ. ماكانلارنىڭ قۇرۇلماسىدىكى، شەكىلدىكى ۋە مەزمۇندىكى ھەر خىللىقى، «ماكانۋاران» دەپ ئاتىلىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىمىز، مەملىكىتىمىزدىكى يەر زىمىنى ئەڭ چوڭ رايون بولۇپلا قالماستىن بەلكى ماكانۋارانلارنىڭ موللىقى جەھەتتىنمۇ چوڭ رايون ھىساپلىنىدۇ. مەن شىنجاڭدا كۆرگەن ۋە بىلگەنلىرىمگە ئاساسەن، شىنجاڭدىكى ماكانۋارانلارنى 18 چوڭ بۆلەككە ئايرىپ چىقتىم. بۇرادەرلەرنىڭ ئىزدىنىپ بېقىشىغا قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن، مەزگۇر ئەسەردە، بۇلارنى تىزىپ چىقتىم ھەمدە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرچە نامىنى قويۇپ چىقتىم. ئۇيغۇرچە نامىغا ماس كىلىدۇ دەپ قارىغىنىم بويىچە، ئۇلارنىڭ ئېنگلىشچە ۋە خەنزۇچە ناملىرىنى كۆرسەتتىم. مۇھاكىمە قىلىپ باقارسىزلەر.

 

شىنجاڭدىكى ماكانۋارانلار

1. جەزىرە ماكان (Desert ecosystem荒漠生态系统)

2. باياۋان ماكان (草原生态系统 Grassland ecosystem)

3. قاراغاي ماكان (针叶林生态系统 Coniferous forest ecosystem)

4. سالۋاي ماكان (阔叶林生态系统 Leaved forest ecosystem)

5. چاتقال ماكان (灌草丛生态系统 Shrub ecosystems)

6. چىمتان ماكان (草甸生态系统 Meadow ecosystem)

7. ساس ماكان (Marsh ecosystem沼泽生态系统)

8. دارا ماكان (高寒生态系统 Alpine ecosystems)

9. مۇزقات ماكان (冰川生态系统 Glacier ecosystems)

10. ئارشاڭ ماكان (温泉生态系统 Spa ecosystem)

11. غول ماكان (河流生态系统 River ecosystem)

12. كۆل ماكان (湖泊生态系统 Lake ecosystems)

13. كارىز ماكان ( 喀斯特生态系统 Karst Ecosystem)

14. بوستان ماكان (Oasis ecosystem绿洲生态系统 )

15. يېزا ماكان (乡村生态系统 Rural Ecosystem)

16. شەھەر ماكان (城市生态系统 Urban ecosystem)

17. زاۋۇد-كان ماكان (Mining ecosystem工矿生态系统)

18. توقاي ماكان (荒漠河沟河岸林生态系统 Desert riparian forest ecosystems, rivers)

 

بايان ئاخىر

يوقۇرىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان 18 خىل ماكان، پەقەتلا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىمىزدا مەۋجۇد بولغان ئاساسلىق چوڭ ماكانلاردىن بولىدۇ. بۇ ماكانلارنى يەنە ئۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن يەنە ئىنچىكە ئايرىغىلى بولىدۇ. مەسىلەن: باياۋان ماكان، يەنە «جەزىرە باياۋان ماكان»، «نەقباياۋان ماكان»، «چىمباياۋان ماكان»، «دارا باياۋان ماكان» دىگەندەك تۈرلەرگە ئايرىلىدۇ. دىمەك، ھەر بىر چوڭ ماكاننى يەنە كۆپخىل كىچىك ماكانلارغا ئايرىشقا بولىدۇ. ئەلۋەتتە، يوقۇرىدا دىيىلگەنلەر پەقەت بىر دەسلەپكى ئىزدىنىشنىڭ مەھسۇلى. شۇڭا، يەنە يىڭى ماكانلارنىڭ مەزگۇر تىزىملىكتىن ئورۇن ئېلىشى مۇمكىن.

مەزگۇر ئەسەردىكى بەزى ناملار ھەققىدە مۇشۇ ئاكادېمىيە تورىستانىدا ئەسەرلەر نەشىر قىلىنغان، خالىسىڭىز، ئۇلارغىمۇ كۆز يۈگۈرتۈپ قويارسىز.

يازما ئاپتورى: ئارجىم
يازما يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 05-ئاينىڭ 29-كۈنى
يازما ئاۋاتلىقى: 231 قېتىم كۆرۈلدى
يازما ئادرېسى: ../?p=4535
بارلىق ھوقۇق ئاكادېمىيە تور بېكىتىگە غا تەۋە! رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!

مەزكۇر يازمىغا تېخى باھا يېزىلمىدى

باھا يېزىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز