15فېۋرال
20-ئەسىردىكى «مۇزىكا پىرى»
20世纪的音乐圣人
ئاپتورى: بوستاني
ئىككىنچى ئۇستاز ياكى ئىككىنچى «ئارىستوتىل» دەپ ئاتالغان، جاھانغا « ئۇلۇق پەيلاسوپ » نامى بىلەن تۇنۇلغان ئەبۇ نەسىر فارابى، جاھانغا يەنە « مۇزىكا پىرى» دىگەن نامدىمۇ تۇنۇلغان ئىكەن. فارابىغا ئائىت ئەسەرلەرگە قارىغاندا، فارابىنىڭ مۇزىكا ئىجات قىلىش ۋە ئۇنى چېلىش ماھارىتىنىڭ يوقۇرىلىقىدىن، زامانداشلىرى ئۇنى بىردەك «مۇزىكا پىرى» دەپ تەستىقلىغان ئىكەن. دىمەك، فارابىنىڭ مۇزىكا ئىجات قىلىش ۋە ئۇنى ئورۇنلاش ماھارىتى، ئۇنىڭ جاھانغا داڭلىق پەيلاسوپ بولۇشتىكى تەپەككۇر ماھارىتىنىڭ مۇھىم تەركىۋى قىسمى دەپ قارايمەن. «مۇزىكا پىرى» فارابىدىن كىيىن، زامانىمىزغىچە بولغان 1000 يىل مابەينىدە، تۈرك قەۋمىدىن نۇرغۇنلىغان داڭلىق سازەندىلەر مەيدانغا كەلگەن بولۇشى مۇمكىن، ئەمما، مىنىڭ بۇ ساھەدىن خەۋىرىم بولمىسىمۇ، ئاماننىساخاندىن باشقا، مەرھۇم « ھۈسەنجان» ئاكىدەك نادىر ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىپ ياراتقان ھەم ئۆزى ئۇنى نەپىس سىھىرلىك ئورۇنلىغان مۇزىكا پېشىۋاسى تېخى يوقمىكىن دەپ ئويلايمەن. شۇڭا، ھۈسەنجان ئاكىنى، «20-ئەسىردىكى مۇزىكا پىرى» دەپ تەرىپلىسەك بولىدۇ دەپ قارايمەن.
مەن «20-ئەسىردىكى مۇزىكا پىرى» ھۈسەنجان ئاكىنى بىۋاستە تۇنۇمايمەن. پەقەتلا ئۇنىڭ «نىمپەدە»، «ئەجەم» قاتارلىق ئاۋازى ئۆچمەس ئەسەرلىرى ئارقىلىق تۇنۇيمەن. ئۇنىڭ ئىجراسىدا چېلىنغان بۇ مۇزىكىلارنى ئاڭلىسام تاپىنىمدىن باشىمغىچە بىر خىل ئىسسىق ھارارەت ئۆرلەيدۇ. بولۇپمۇ، ھۈسەنجان ئاكىنىڭ ئەجەم، قۇربان ئىبراھىمنىڭ راۋابىم ، غىياسىدىن باراتنىڭ ئانا مېھرى، ئابلىكىم ئابدۇللانىڭ بىزنىڭ ناخشىمىز مۇزىكىلىرىنى، سەيدۇللام توختىنىڭ ئىسكىروپكىدا ئورۇنلىغان مۇزىكىلىرىنى ئاڭلىغاندا، خىياللىرىم مىنى، گۈزەل تاغ-دەريالار، ئورمان يايلاقلار، دېڭىز بويلىرى، قۇملۇق چۆللەر، شەھەرلەر، مازار-قەلئەلەرگە باشلاپ كىتىدۇ. شۇڭا، بۇ مۇزىكىلار ياخشى يېزىلغان بىر رۇمان ياكى ياخشى ئىشلەنگەن بىر كىنو دەك ھېس قىلىمەن.
مەن نۇرغۇن قابىل مۇزىكانتلارنىڭ «نىمپەدە»، « ئەجەم» مۇزىكىلىرىنى يوقۇرى ماھارەت بىلەن ئورۇنلىغانلىقىنى رادىئودىن ۋە بىۋاستە ئاڭلىغان ئىدىم. ئەمما نىمە ئۈچۈنلىكىنى بىلمىدىم، بۇلاردىن ھۈسەنجان ئاكا ئورۇنلىغاندەك مۇڭلۇق ھەم قاتلاملىق ھېسيات رېتىمىنى ھېس قىلالمايمەن. بۇنىڭدىكى سىر نەدە؟ بۇ يەردىكى سىر، مىنىڭچە، بۇ مۇزىكىلارنى ھۈسەنجان ئاكا ئۆزى ئىجات قىلغان بولۇشى، ھېچ بولمىغاندا، ھازىر بىز ئاڭلاۋاتقان مۇڭلۇق رېتىم ھالىتىگە ھۈسەنجان ئاكىنىڭ ئۆزى كەلتۈرگەن بولۇشى مۇمكىن. دىمەك،خەلقىمىزنىڭ بۇ ئۆلمەس ئەسەرلەرنى جاھانغا تۇنۇتقان كىشى، ھۈسەنجان ئاكا دەپ قارايمەن. ئۇنىڭ نامى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى خەلقلەر ئارىسدا خېلى بۇرۇنلا تارقالغان ئىكەن. 1999-يىلى قازاقىستان، ئۆزبەكىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان ۋە تۈركمەنىستانلاردا زىيارەت-ئۆگۈنۈشلەردە بولغان ۋاقتىمدا، يەرلىك ساھىپخانلار ئورۇنلاشتۇرغان زىياپەت بەزمىلەردە ياش ۋە ئوتتۇرا ياش سازەندىلەرمۇ بار ئىكەن. ئۇلار ھۈسەنجان ئاكىنىڭ ئەجەم مۇزىكىسىنى ئاڭلىغان ئىكەن. ئۇلار مۇشۇ ئەجەم مۇزىكىسى ئارقىلىق ئۇيغۇرنى، سەنئەتىنى، ھۈسەنجان ئاكىنى بىلگەن ئىكەن.
جۇڭخۋا مىللەتلىرى ئېتىراپ قىلىپ جاھانغا تۇنۇلغان مۇزىكانت «ۋاڭلوبىڭ» ئەپەندى، شىنجاڭدىكى قازاق، ئۇيغۇر قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەر ناخشا-مۇزىكىسىنى تەرجىمە قىلىپ رەتلەپ نوتىغا ئالغان. بەزىلىرىگە قىسمەن ئۆزگەرتىش كىرگۈزگەن شۇنىڭ بىلەن، بۇ ناخشىلار، « ۋاڭلوبىڭنىڭ» نامىدا جاھانغا تارقالدى. بۇ ناخشىلار «خەلقنىڭ» بولغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق بولدى، ئەگەر «خەمىت» ياكى «ھۈسەن»نىڭ دەپ ئاتالغان بولسا ھېچكىم مۇنداق قىلالمايتتى دەپ ئويلايمەن. دىمەك، نىمپەدە، ئەجەم، گەرچە خەلق ئىجادىيىتىنىڭ مەھسۇلاتى بولسىمۇ، بۇنىڭ ئەسلىدە قانچىلىك دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى مەن بىلمەيمەن، ئەمما، بۇلارنىڭ ھازىرقى ئاھاڭ رىتىمى، ۋە ئۇنىڭ چېلىنشىدىكى نەپىسلىكى ھۈسەنجان ئاكا ئارقىلىق روياپقا چىقىپ جاھانغا تۇنۇلغان. شۇڭا،«نىمپەدە» ۋە «ئەجەم» نىڭ ئاپتورى «ج.ھۈسەنجان» دەپ ئاتاشقا ھەقلىقمىز. بىز مۇشۇنداق قىلىش ئارقىلىق ئاندىن ھۈسەنجان ئاكىغا بولغان ھۆرمىتىمىزنى ئىپادىلەپ بېرەلەيمىز. «نىمپەدە»، ئەجەم» ئاۋازى ياڭرىسىلا «ھۈسەنجان» دىگەن چۈشەنچە پەيدا بولغاندا، بىز ئاندىن ئۆزىمىزنى بىر مەدەنىيەتنىڭ ئىگىسى دەپ ھېس قىلساق بولىدۇ. ئوتتۇرا ئەسىرلەر ئالدى كەينىدە، ئۇيغۇردىن جاھانغا داڭلىق كىشىلىرىمىز مەيدانغا كەلدى. بۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنى بىزئۆزىمىز تۇنىماي باشقا قەۋملەر تۇنۇشتۇرغاندىن كىيىن تۇنۇدۇق. تۆنۆگۈن تارىخ، بۈگۈن ھايات، ئەتە ئۈمۈت دەپ قارايمەن. ئاماننىسخاندىن باشقا، بىزنىڭ جاھانغا تۇنۇتقان بىرەر«مۇزىكا پىرى» 1000 يىلدىن بۇيان ۋۇجۇتقا چىقتىمۇ؟ ئەگەر بىز مۇشۇنداق «كەڭ قۇرساقلىقىمىز،كەمتەرلىكىمىز بىلەن ھەممىنى [خەلقنىڭ] دەپ بىر سۆزگە يىغىنچاقلاپلا ماڭىدىغان بولساق، ئاغزىمىزدىن شۆلگەيلىرىمىز ئاققىچە ماختانساقمۇ، ئاخىرىدا يەنىلا چويلىغا چىققىدەك چۆپ يوق، ۋاراقلىغىدەك تارىخ يوق، مەمنۇن بولغىدەك ھايات يوق، روھنى ئۇرغۇتىدىغان ئۈمۈت يوق بولمامدۇ؟ ئەلۋەتتە بىر مىللەتتىكى نادىر نەمۇنىلەر ياكى ئەسەرلەر تىگى تەكتىدىن ئېيتقاندا، خەلقنىڭ، چۈنكى، بۇلار ئەنە شۇ خەلق مۇھىتىدا مەيدانغا كەلگەن بولىدۇ. بۇ نادىر ئەسەرلەر، مەلۇم بىر شەخسىنىڭ نامى بىلەن تارىخ بولۇپ يېزىلغان. شۇڭا، ئالىپ ئەرتۇڭا، ئوغۇزخان، فارابى، يۇسۇپ خاس ھاجىپ، مەھمۇت قەشقەرى، ئاماننىسخان قاتارلىق شەخسىلەرنىڭ نامى بىلەن بىزنىڭ بەزى تارىخلىرىمىز جاھان تارىخىدا يورۇتۇلغان. ئەدەبىيات ۋە سەنئەتتە بىز ئىلغار دەپ ماختىنىپ قويساقلا بولمايدۇ، «ئەجەم: نىمپەدە: جامى ھۈسەنجاننىڭ»، «ئانا مېھرى: بارات غىياسىدىننىڭ»، «تاشۋاي: راۋابىم: ئىبراھىم قۇرباننىڭ»، «بىزنىڭ ناخشىمىز: ئابدۇللا ئابلىكىمنىڭ» دىگەندەك ئاتاپ، يارقىن يادنامىلەرنى يېزىشىمىز، خاتىرە تىكلىشىمىز، ئۇلار ئۈستىدە مۇھاكىمىلەرنى قىلىپ تۇرۇشىمىز، بۇلارنى ئىستىمال قىلغاندا، ئۇلارنىڭ مۇئەللىپلىرىنى ئۇنتۇپ قالماي ھەر بىر ئاڭلاتقاندا نامىنى ئاتاپ تۇرۇشىمىز ئەڭ مۇھىم. شۇندىلا جەمىيىتىمىزدە مەدەنى مۇھىت ۋە ئىلمىي ھاۋا شەكىللىنىدۇ. شۇندىلا قېرىندىشىمىزنىڭ، ھاياتىمىزنىڭ ھۆرمىتى ۋە ئەھمىيىتى بولىدۇ. شۇندىلا كېيىنكىلەرگە ئىلھام مەدەت بولىدۇ. بىزگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئىلمى ئەمگەكچىلەر قۇشۇنى ئىچىدە، ئەدەبىيات، سەنئەت قوشۇنى سان ۋە سۈپەت جەھەتتە ئەڭ زور قۇشۇن دەپ قارايمەن. بۇلاردىن چوڭ ئۈمۈتلەرنى كۈتمەكتىمىز.
بۈگۈن كوچىدا كىتىۋىتىپ، دۇكاندىن چىقىۋاتقان ئەجەم مۇزىكىسىنى ئاڭلاپ قالدىم. بۇ مۇزىكا تەمبۇردا ناھايىتى يوقۇرى ماھارەتتە چېلىنغان بولسىمۇ، مەن ئۇنىڭ ھۈسەنجان مۇزىكىسى ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدىم. بۇ ئېھتىمال خەلقىمىز «تەمبۇر شاھى» دەپ ئاتاشقان ، 21-ئەسىردىكى قابىل ياش سازەندە مەرھۇم مۇھەممەت تۇرسۇن ئىجراسىدىكى ئەجەم مۇزىكىسىدەك قىلىدۇ. جاھان تەرەققى قىلىدۇ، مۇزىكىمۇ تەرەققى قىلىدۇ، ئەجەم، نىمپەدەمۇ تەرەققى قىلىدۇ، ھۈسەنجان ئەجەمىدىن كىيىن، مۇھەممەت تۇرسۇن ئەجەمى، ئۆگۈنجان ئەجەمى مەيدانغا كىلىدۇ. بۇلارمۇ ئۆز خاسلىقى بولغان نامدا ئاتىلىشى كېرەك. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىمىز قۇرۇلغان مۇشۇ يېقىنقى 50-60 يىل مابەينىدە، ئىپتىخارلىق بىلەن تىلغا ئېلىپ سۆزلەشكە ئەرزىيدىغان مۇنەۋۋەر داڭلىق سەنئەتكارلىرىمىز مەيدانغا كەلدى. بۇلارنىڭ كۆپۈنچىسى باقى ئالەمگە كەتتى. بەزىلىرى ياشىنىپ قالدى. ئەلۋەتتە، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار، بۇلار توغرىسىدا يېتەرلىك ئارخىپلارنى ساقلىغان بولۇشى مۇمكىن.شۇنداق بولسىمۇ، بۇ كىشىلەرنىڭ ۋەكىللىرى سۈپىتىدە يۇققا بولسىمۇ، بىرەر ساقلاپ قويغىدەك قاتتىق مۇقاۋىلىق مەخسۇس ئەسەر يېزىلغىنىنى مەن جەمىيىتىمىزدە تېخى كۆرمۈدۈم. تارىختا ئۆتكەن ياكى ھايات بولغان ھەربىر مۇنەۋۋەر كىشىنىڭ ئەتىۋارىنى قىلىش بىر مىللەتنىڭ مەدەنىلىكىنى بىلدۈردىغان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى دەپ قارايمەن.
مەن تېخىچە كوچىدا كېتىۋاتىمەن، ھۈسەنجان ئاكانىڭ ۋاپاتىنىڭ بىر يىللىقى بولغىچە ئۇنىڭغا «مۇزىكا پىرى» دىگەن نام بېرىلگەن بولسا ، ھۈسەنجان ئاكىنىڭ ئىجادىيەتلىرى ۋە ماھارەتلىرى ھەققىدە مۇھاكىمە ئۇيۇشتۇرۇلغان بولسا، مەرھۇم ۋاپاتىنىڭ بىر يىللىقى مۇناسىۋەتى بىلەن يەنە ب.غىياسىدىن، ئى.قۇربان، ئا.ئابلىكم قاتارلىق مەرھۇم مۇزىكا پېشىۋالىرىمۇ ۋە 21-ئەسىرگە تەئەللۇق بولغان، ياش كەتكەن مەرھۇم مۇھەممەت تۇرسۇنمۇ ئەسلەنگەن بولسا تولىمۇ ئەھمىيەتلىك خاتىرلەنگەن بۇلاتتى دىگەن خىياللاردا ماڭماقتىمەن. ئۈمۈدۈم شۇكى، ئەدىبىيات-سەنئەت ساھەسىدىكى زىيالىلىرىمىزنىڭ ئىجتىھاتى ئارقىلىق بۇ يول ئېچىلغۇسى ھەم بۇ يول باشقا ساھەلەرگىمۇ كېڭەيگۈسى.
يازما ئاپتورى: ئارجىم
يازما يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 02-ئاينىڭ 15-كۈنى
يازما ئاۋاتلىقى: 3,345 قېتىم كۆرۈلدى
يازما ئادرېسى: ../?p=697
بارلىق ھوقۇق ئاكادېمىيە تور بېكىتىگە غا تەۋە! رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!