26مارت

نورۇز شادلىقى

ئىلاۋە ۋە بايانات: غاپپار روزى، تەخەللۇسى «بېشبالق». جىمساردا ھۆنەرۋەن ئائىلىدە تۇغۇلغان. تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى، جىمسار ناھىيەسىدە ئوقۇغان، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى سانجىدا ئوقۇغان. غاپپار ئەپەندى، شىنجاڭ ئۈنىۋېرسىتېتىنىڭ تىل ئەدەبىيات كەسپىنى پۈتتۈرۈپ، شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۈنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان، بىر مەزگىل مەكتەپنىڭ ئىجتىمائىي پەن ئىلمىي ژورنىلىدا مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن. ئىلمىي ئەدەبىيات تەتقىقاتى بىلەن شوغۇللانغان. بۇ جەرياندا، ھەر خىل مەزمۇندىكى ئەدەبىي ئەسەرلەرنىمۇ يازىپ نەشىر قىلغان، مۇنبەرلەردە دوكلاتلارنى بەرگەن. غاپپار ئەپەندى، يېقىندا «ئاكادېمىيە» تورىستاننى (تور بېكىتىنى) كۆرۈپ، ئۇنىڭدىكى مەزمۇنلارغا قىزىقىپ قاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن، قۇلىغا قەلەم ئالىپ، «نۇرۇز شاتلىقى»نى (21-نۇرۇز يازغان ئىكەن) يازىپتۇ. «ئاكادېمىيە» تورىستانىنى قوللاشنى مەقسەت قىلىپ، «نۇرۇز شاتلىقى» شېئىرىنى، ئاكادېمىيە تورىستانىدا نەشىر قىلىشنى كۆڭلىگە پۈكۈپتۇ. ھەم تۆنۆگۈن كەچتە ماڭا يوللاپ بېرپتۇ. مەن ئەسلىدە، ئاكادېمىيە تورىستانىدا، پەقەتلا ئۆزەمنىڭ ئەسەرلىرىنى مەخسۇس نەشىر قىلىمەن دەپ ئويلىغان. بۇرادەرلەرنىڭ لەۋزىنى يەردە قويماسلىق پىرىنسىپى ئاستىسدا، «قائىدىگە» تۈزۈتۈش كىرگۈزدۈم. شۇنداق قىلىپ، غاپپار ئەپەندىنىڭ «قەدىمىي دىياردا نۇرۇز شاتلىقى» ناملىق شېىئىرى  ھېچقانداق ئۆزگەرتىلمەستىن ئەسلى بويىچە «ئاكادېمىيە» تورىستانىدا نەشىر قىلىندى. ئەسەرنىڭ مەزمۇنى ۋە ئەسەر ھوقوقى دىگەندەك مەسىلىلەرگە يولۇقسا، بۇنىڭغا ئاپتورنىڭ ئۆزى ئىگە بولىدۇ. بۇنىڭ ئاكادېمىيە تورىستانى بىلەن ئالاقىسى يوق.  بۇنىڭدىن كىيىن باشقىلارنىڭ ئەسەرلىرى ئاكادېمىيە تورىستانىدا نەشىر قىلىشنى ھاۋالە قىلسا، قۇبۇل قىلىنىدۇ، ھەمدە، «ئۆزگە ئاپتورلار» ناملىق سەھىپە ئاسىتىدا، «ئاكادېمىيە » تورىستانىدا نەشىر قىلىنىدۇ. ئەمما، پەقەتلا ئىجادى يازىلغان، پەنوم، پەنداستان تۈرىدىكى ئەسەرلەر يوللانسا، سۇئاللار بولسا سورالسا بولىدۇ. ئىجتىمائىي ئەسەرلەر پىرىنسىپ جەھەتتىن قۇبۇل قىلىنمايدۇ. چۈنكى بۇ مەزمۇندىكى ئەسەرلەرنى نەشىر قىلىدىغان تورىستانلار (تور بىكەتلەر) كۆپ. ئىلاۋە ۋە بايانات بەرگۈچى، ئا. ر. جىمسارى.

 

قەدىمىي دىياردا نورۇز شادلىقى

 

غ. ر. بېشبالىق

 

كەلدى نورۇز كەلدى كۆكلەم كەلدى يېڭى باھارىم ،

ياشاردى چۆل- باياۋان، ياساندى باغۇ – بوستانىم .

 

زەپ چىرايلىق ھۈسۈن تۈزەپ كۆكەردى كەڭ ۋادىلار ،

يىشىل تونغا چۆمكەندى ئارچا-قارغاي،قىرچىن-تاللار.

 

ئىللىدى يەر-جاھان كىتىپ جۇت،تىرىلدى قۇرت-قوڭغۇز،

ئېرىدى قار- مۇز، كۈۋەجەپ ئاقتى زۇمرەتتەك ئەگىز.

 

ئۇچتى پەسىل قۇشلىرى باھارنىڭ پەيزىن سۈرۈپ ،

مۇڭلۇق سايرىدى كاككۇك-بولبۇل باھاردىن زوق ئىلىپ .

 

قاتار بولۇپ ئۇچۇپ كەلدى كۆك ئاسماندا تۇرنىلار ،

باھارنىڭ ھىدىن بېرىپ، نان ياقتى چىۋەر ئانىلار .

 

تەييارلاندى تېرىمغا دېھقانلار يىلنىڭ بېشىدىن ،

يەرنى ئاغدۇرۇپ ئورۇق چاچتى باھارنىڭ بېشىدىن .

 

كەلدى مۇقام سۈيەر خەلقىم نۇرۇزغا ناغرا چىلىپ،

كەلدى ئەل-يۇرت ئاۋامى ئۇڭا تەڭكەش ساما سېلىپ.

 

چىلىپ مۇغەنىي رەستىلەردە تەمبۇر، دۇتتار، بايان،

ئويناپ ئۇسسۇل رەققاسلار،قىلدى نۇرۇزنى چوغ گۈلخان.

 

ئاشار ئۆملۈك،خۇشاللىق،تەنساقلىق نۇرۇز ئىشىدا ،

نۇرلىنار خەيرى-ئېھسان،ساخاۋەت نۇرۇز بايرامدا .

 

نەۋباھار شۇنچە گۈزەل،شۇنچە كۆركەم ئالتۇن پەسىل ،

ئانا زىمىن، ئانا توپراقتا نۇرۇز شۇنچە ئىسىل .

 

پارلىسۇن جەننەت ماكاندا، نورۇز ئەنئەنىسى ،

جىلۋە قىلسۇن قەدىم يۇرتتا بايرامنىڭ تەنتەنىسى .

 

ئانا يۇرت، ئانا تەبىئەتتە نۇرۇز توي ئايلانسۇن ،

قەدىم يىپەك ئىلىدا نۇرۇز شادلىقى ياڭرىسۇن .

 

نەۋ باھاردا ئاۋام- خەلقىم نۇرۇز ئايەمدە شاد كۈلسۇن ،

ئېتىز،كان-زاۋۇت،تىجارەتكە نۇسرەت،بەركەت ياغسۇن .

 

مەرھابا ! ئەلۋەك ماكان، گۈزەل يۇرت نۇرۇز ئەھلىگە ،

مەرھابا ! گۈل دىيار، گۆھەر زىمىن نۇرۇز ئايەمگە .

 

Aptorning QQ nomuri: 2908820490

يازما ئاپتورى: ئارجىم
يازما يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 03-ئاينىڭ 26-كۈنى
يازما ئاۋاتلىقى: 346 قېتىم كۆرۈلدى
يازما ئادرېسى: ../?p=4241
بارلىق ھوقۇق ئاكادېمىيە تور بېكىتىگە غا تەۋە! رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!

مەزكۇر يازمىغا تېخى باھا يېزىلمىدى

باھا يېزىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز