23مارت
تاپالمىساجانغا زامىن بولىدىغان 4 سۇئال
تاپالمىساجانغا زامىن بولىدىغان 4 سۇئال
جىمسارى
مىلادىدىن 5 ئەسىر بۇرۇن، پۈتۈن زىمىندا «زىمىنەل» ناملىق بىرلا مەملىكەت بولغان ئىكەن. زىمىنەل مەملىكەتنىڭ پاتىشاسىنىڭ نامى، « زىمىنشاھ» ئىكەن. زىمىنشاھ، نۇرغۇن يىل ئۇرۇش قىلىپ، زىمىندىكى تارقاق بولغان بەگلىك، پاتىشالىق، سولالە ۋە كىنەزلىكلەرنى بىرلەشتۈرۈپ، زىمىنەل دۆلىتىنى قۇرۇپ چىققان ھەم ئۆزىمۇ زىمىنشاھ دوپ ئاتالغان ئىكەن. زىمىنەل دۆلىتى قۇرۇلۇپ، 4-يىلى، زىمنشاھ، كىسەل بىلەن ۋاپات بولۇپتۇ. شۇ زاماندىكى قائىدە بويىچە، زىمىنشاھنىڭ 15 ياشلىق ئوغۇل پەرزەنتى، كۈنقۇت، ئاتىسى زىمىنشاھنىڭ ئورنىغا ۋارسلىق قىلىپ، زىمىنەل مەملىكەتنىڭ پاتىشاسى بولۇپتۇ. كۈنقۇت، مەرىپەت ئۇستازلىرىدىن كۆپ جەھەتلەردە تەلىم ئالغان چىچەن، مەرگەن ھەم چەۋەنداز ئىكەن. بىراق ئۇنىڭ، ھېسياتىغا بېرىلىدىغان، دۇنيادا يوق ئىشلارنى قىلىشنى ئويلايدىغان، نەپسى يامان، ئاچچىقى يامانراق مىجەزى بار ئىكەن. يىللار ئۆتۈپ، كۈنقۇت پاتىشانىڭ غەلىتى ئىشلارنى ئويلايدىغان مىجەزى غالىپ كىلىپ، زىمىنەلدە بىر ئوردا، ئىككى قەسىر ياساشنى خىيال قىلىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر كۈنى، كۈنقۇت پاتىشاھ، ئوردىدىكى ۋەزىرلەرنى «پەرمان» ناملىق قەسىرەگە يىغىپ، ئۇلارغا ئۆزىنىڭ مەقسەت مۇددىئاسىنى ئېيتىپتۇ ھەمدە، ۋەزىرلەرگە مۇنداق پەرمان چۈشۈرۈپتۇ: « ۋەزىرلەر، شۇنىڭدىن سوڭىرە سۆزۈم يىتىپ مەلۇم بولسۇنكى، مەملىكىتىمىز زىمىنەلدە بىر يىڭى ئوردا، ئىككى يىڭى قەسىرە سالماقچى. بۇلارنى سالىدىغان جايدا، مۇنداق 4 شەرت ھازىرلانغان بولۇشى كېرەك. بۇنىڭ بىرى، ئوردا سالىدىغان جاينىڭ ئەتىياز، ياز، كۈز، قىش ۋە كىچە كۈندۈز لىرى ئوخشاش بولسۇن. ئىككىنچىسى، يىڭى ئوردا، يىڭى سالىدىغان ئىككى قەسىرەنىڭ دەل ئوتتۇراسىدا بولسۇن. ئۈچىنچىسى، بىر قەسىرەنىڭ تۆت تەرەپكە ئاچىلغان تۆت دەرۋازاسى بولسۇن، بۇ 4 دەرۋازا پۈتۈنلەي جەنۇپقا قاراتىلسۇن، تۆتىنچىسى، يەنە بىر قەسىرەنىڭ تۆت تەرەپكە قاراغان تۆت دەرۋازاسى بولۇپ، بۇ 4 دەرۋازىمۇ پۈتۈنلەي شىمالغا قاراتىلسۇن. بۇ 4 شەرتكە ئۇيغۇن كىلىدىغان جاينى تاللاپ چىقىشقا تاغباتۇر، بايانباتۇر، كۆلباتۇر ۋەزىرلەر تەيىنلەنسۈن، بۇلارغا 6 ئاي مۆھلەت بەرىلسۇن، ئۇلارغا كېرەكلىك بارلىق شەرت شارائىتلار غەزىنەدىن ھازىرلانسۇن. ۋەزىرلەر شەرتلەرگە ئۇيغۇن كىلىدىغان جاينى تاللاپ چىقسا، ئۇلارنىڭ مەرتىۋەسى ئاغاباتۇرغا ئۆستۈرۈلسۇن، يىڭى تاللانغان يەرلەردىن خالىغان بىر جاي سۇيۇرغال قىلىنسۇن. بىر ئۆمۈر دۆلەت غەزىنىسىدىن تەمىنات بېرىلسۇن. ئەگەر، 6 ئايغىچە مەن دىگەن شەرتكە ئۇيغۇن كىلىدىغان جاينى تاللاپ چىقمىسا، ئۇلار 3 كۈن سازايى قىلىنسۇن ھەمدە ئۇلارنىڭ كاللاسى ئالىنسۇن. ئوڭقول ۋەزىر بايانچۇر ، ماڭا ۋاكالىتەن بۇ ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇرسۇن». كۈنقۇت پاتىشا پەرماننى چۈشۈرۈپ بولۇپ، قالغان ئىشلارنى ئوڭقول ۋەزىرگە تاپىلاپ، «پەرمان» قەسىرەدىن ئايرىلىپتۇ. پۈتۈن« پەرمان» قەسىرە ئىچى بىر پەس جىمىپ كىتىپتۇ. ئوڭقول ۋەزىر، بوغۇق ئاۋازدا: « مۆھتەرەم ۋەزىرلەر، جانابى شاھىمىزنىڭ پەرمانى ھەرقايسىلىرىغا مەلۇم بولدى، بۇ ۋەزىپەنىڭ ۋاقىت-قەرەلى قاتتىق، ئوردىمىزنىڭ پىلانى بويىچە، 5- مىزاندا، يۇلتۇز باياۋانىدا ، ۋەزىرلەر قۇرۇلتايى ئاچىلماقچى، بىر ئوردا، ئىككى قەسىرە ئورنىنى تاللاش ئىشنىڭ نەتىجەسى، مۇشۇ قۇرۇلتايدا دوكلات قىلىنىدۇ. شاھىمىزنىڭ مىجەزى خۇلقى ھەممەيلەنگە ئايان. ھەر قانداق باھانە ئاقمايدۇ. ئوردا، قەسىرە قۇرۇشقا ئورۇن تاللاش ئىشى مىنىڭچە بىزگە قويۇلغان مۈشكۈل بىر ۋەزىپە. مەملىكتىمىزدىكى بارلىق ۋەزىرلەرگە قويۇلغان قىيىن سۇئال. شۇڭا بارلىق ۋەزىرلەرنىڭ، يوقۇرىدا دىيىلگەن 4 سۇئالغا جاۋاپ تېپىپ، تاغباتۇر، بايانباتۇر، كۆلباتۇر ۋەزىرلەرگە يىقىندىن ياردەمدە بولۇشنى، بۇ ئىشنى ئوڭۇشلۇق تاماملاشقا كۈچ چىقىرىشىنى ھەر قايسىلىرىدىن مىڭ مەرتىبە ئۆتۈنىمەن، ئەمىسە، بۈگۈندىن باشلاپ تۇتۇش قىلدۇق». ۋەزىرلەر 2-3 دىن بىرگە بولۇپ، گۇدۇڭشۇپ بىر نىمىلەرنى دىگىنىچە ئوردىدىن چىقىپ مىڭىشتى. بايانچۇر ۋەزىر، تاغباتۇر، بايانباتۇر، كۆلباتۇرنى چاقىرىپ، مەسلىھەتلىشىدىغان ئىش بار دەپ ئۆزىنىڭ پەيتونى تەرەپكە ماڭدى………
ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن مېھمان، ھىكايەمنى مۇشۇ يەردە توختاتتىم. ھىكايەدىكى ئىشلار بۇنىڭدىن 2500 يىل بۇرۇن يۈز بەرگەن. ئەندى مىنىڭ مەقسىدىم، مەيلى سىز باشلانغۇچ مەرىپەت، تولۇقسىز مەرىپەت ياكى ئالى مەرىپەت ئىگىسى بولۇشىڭىزدىن قەتئىي نەزەر، تۆۋەندىكى 4 سۇئالغا جاۋاپ بېرىپ باقسىڭىز:
1-سىزنىڭچە، تاغباتۇر، بايانباتۇر، كۆلباتۇرلار، كۈنقۇت پاتىشا دىگەندەك شەرتكە ئۇيغۇن كىلىدىغان جاينى تاپالامدۇ-يوق؟ نىمە ئۈچۈن؟
2-سىزنىڭچە، كۈنقۇت پاتىشا دىگەن شەرتكە ئۇيغۇن كىلىدىغان ئوردانى قەيەرگە سالسا توغرا بولىدۇ؟ نىمە ئۈچۈن؟
3-سىزنىڭچە، كۈنقۇت پاتىشا دىگەندەك، 4 تەرەپكە ئچىلغان دەرۋازاسى پۈتۈنلەي جەنۇپقا قارايدىغان قەسىرەنى قەيەرگە سالسا توغرا بولىدۇ؟ نىمە ئۈچۈن؟
4-سىزنىڭچە، كۈنقۇت پاتىشا دىگەندەك، 4 تەرەپكە ئچىلغان دەرۋازاسى پۈتۈنلەي شىمالغا قارايدىغان قەسىرەنى قەيەرگە سالسا توغرا بولىدۇ؟ نىمە ئۈچۈن؟
جاۋابىڭىزنى ئىنكاس تېرىقىسدە يازسىڭىز، مەن ئۇلارنى جەمتەر قىلىپ، سۇئال-جاۋاپ شەكلىدە مۇشۇ ئاكادېمىيە تورىدا ئۆز نامىڭىزلارنى قوشۇپ تەقرىز نەشىر قىلىمەن. قېنى ئۆزىڭىزنى بىر سىناپ باقمامسىز!؟
يازما ئاپتورى: ئارجىم
يازما يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 03-ئاينىڭ 23-كۈنى
يازما ئاۋاتلىقى: 395 قېتىم كۆرۈلدى
يازما ئادرېسى: ../?p=4227
بارلىق ھوقۇق ئاكادېمىيە تور بېكىتىگە غا تەۋە! رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!
مەنچە ئەگەردە ئۇلارنىڭ جۇغراپىيلىك بىلىمى يىتەرلىك بولسىلا بۇ ئىككى قەسىر ۋە بىر ئوردىنىڭ ئورنىنى بىكىتەلەيدۇ،
مەنچە تۆت ئىشىكى تۆت تەرەپكە،يەنە كېلىپ جەنۇپقا قارايدىغان قەسىرنى شىمالى قۇتۇپقا سالسا،تۆت ئىشىكى شىمالغا قارايدىغان قەسىرنى جەنۇبى قۇتۇپقا سالسا، ئوردىنى بولسا ئېكۋاتور سىزىقى توغرا كەلگەن جايغا سالسا ئوردا بۇ ئىككى قەسىرنىڭ ئوتتۇرسىدا بولىدۇ،ھەم تۆت پەسلى ئوخشاش بولغان جاي بولىدۇ.
ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن بۇرادەر، ھۆرمەتلىك ئابلىمىت داۋۇت ئەپەندىنىڭ پىكىرىگە قانداق قارايسىز؟ توغرا، خاتا ياكى بىر تەرەپلىمە دىگەندەك ئىخچام ئىنكاس يازىپ باقمامسىز.؟
ھۆرمەتلىك ئابلىمىت داۋۇت ئەپەندى، سىزنىڭ پەنوم تورىستان «ئاكادېمىيە»نى زىيارەت قىلغانىڭىزغا رەھمەت، ئىنكاس يازغانىڭىزغا تېخىمۇ تەشەككۇر ئېيتىمەن.