29مارت
بوستاننامە
«بوستاننامە» ناملىق بىر پەننىي ئىلىم ھاسىل قىلىش
توغرىسىدا ئويلىغانلىرىم
ئا. رەھمەتۇللا جىمسارى
بايان ئاۋۋال
بوستان، چۆل رايونلاردىكى ئىنسانلارنىڭ ياشاش ۋە مەدەنىيەت تارىخىدا ئاجايىپ زور روللارنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ كەلدى. ئىنسانلار تارىخىدا پارلىغان مىسىر، بابىلۇن، ئوتتۇرا ئاسىيا، شىنجاڭ قاتارلىق رايونلاردىكى دۇنيانى مەھلىيا قىلىدىغان ئاجايىپ مەدەنىيەتلەر، بوستان بەرپا قىلىنغاندىن كىيىن ۋۇجوتقا كەلگەن. بوستان، ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇش، ئىشلەپچىقىرىش پائالىيەتلىرى بىلەن ناھايىتى زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ چېتىشلىق دائىرەسىمۇ ناھايىتى كەڭ. بوستان، بىلىملەر نوقتىسىدىن (ئەمىلى پەنلەر نوقتىسىدىن)، دىخانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق، باغۋەنچىلىك، شەھەر-بازار قۇرۇلۇشى، سۇ ئىنشائات قۇرۇلۇشى دىگەندەك كۆپخىل بىلىملەر بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. پەننىي ئىلىملەر نوقتىسىدىن ( پەننىي نەزەرىيە پەنلىرى نوقتىسىدىن)، زىمىننامە (جۇغراپىيە)، ماكاننامە (ئېكولوگىيە)، جانىۋارنامە (بىئولوگىيە)، ئېگىلىكنامە، تارىخنامە، مەرىپەتنامە قاتارلىق كۆپخىل پەننى ئىلىملەر بىلەن زىچ مۇناسىۋىتى بار. ھازىرقى دەۋرىمىزدە، بىز بوستانلارنى مۇستەھكەملەش ۋە تەرەققى قىلدۇرۇش ئۈچۈن ھەم ئۇنىڭدا شەكىللەنگەن ۋە يېتىلگەن ئىشلەپچىقىرىش، تېخنىكا قاتارلىق بىلىم-ئىلىملىرىنى كىڭەيتىش، يېڭىلاشتا، بىر سىستېمىلىق نەزەرىيەگە ۋە بىر يۈرۈش ھۈنەر-ئۇسولغا مۇھتاج بولماقتىمىز. تەبىئى ۋە ئىجتىمائى ئىلىم-بىلىملەر، ئۆز نوقتىسىدىن چىقىش قىلىپ، بوستان توغرىسىدا كۆپلىگەن مەزمۇنلاردا تەتقىقاتلارنى ئېلىپ باردى. ئەمما، بۇلارنىڭ تەتقىقاتى قىسمەن يەككە مەزمونلارنى ئاساس قىلدى ھەم يۈزەكى بايانلاربىلەن چەكلىنىپ قالدى. نۆۋەتتە، بۇ مەزمۇنلارنى يىغىپ توپلاپ، «بوستاننامە » دىگەن نامدا ئاتالغان بىر مەخسۇس پەننى ئىلىمنىڭ بەرپا قىلىنىشى تولىمۇ زۆرۆر بولۇپ قالدى. شۇڭا، مەزگۇر ئەسەردە، «بوستاننامە» دەپ ئاتىلىدىغان پەننىي ئىلىمنىڭ مەزمۇن رامكىسى تۈنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلدى. مۇھاكىمە قىلىپ كۆرگەيسىزلەر.
1. «بوستان» دىگەن نىمە؟
«بوستان» دىگەن بۇ سۆزنى، ئۇيغۇر تىلىدا، ئاز ھىساپلىغاندىمۇ 1000 يىلدىن بۇيان ئىسىم سۆز قىلىپ قوللىنىپ كىلىۋاتقاندەك قىلىمىز. مەنبەلەرگە قارىغاندا، بوستان دىگەن ئاتالغۇ، تىلىمىزغا فارىس تىلىدىن ئۆزلەشكەن ئىكەن. بوستان ئاتالغۇسىنىڭ كىلىش مەنبەسىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئى نەزەر، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغەتىدىكى چۈشەنچىسى ۋە تەبىرىدە، «بۈك باراقسان، باغ، دەل دەرەخلىك يەرلەر بوستان دەپ ئاتىلىدۇ» دىيىلگەن [1]. خەنزۇچە ۋە ئېنگلىزچە يازىلغان مەنبەلەردىمۇ، چۆللەردىكى دەل-دەرەخ يېشىللىق بىلەن قاپلانغان يەرلەر بوستان دەپ ئاتىلىدۇ دىيىلگەن[2-18]. بۇ چۈشەنچە ياكى تەبىرلەردە، بوستاننىڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى ئېنىق كۆرسىتىلمىگەن. شۇڭا، بوستان دىگەن ئاتالغۇنى بۇنداق چۈشەنسەك ياكى تەبىر بەرسەك مىنىڭچە چۈشۈنىكسىز ياكى خاتا بولىدۇ دەپ قارايمەن. چۈنكى، چۆللەردىكى بارلىق بۈك باراقسان، باغ، دەل دەرەخلىك، يېشىللىق يەرلەرنىڭ ھەممەسى بوستان دەپ ئاتالمايدۇ. بۇنداق يەرلەر، زىمىننامەدە (جۇغراپىيەدە) توقاي، جاڭگال، چىمتان، باياۋان، ساس، بوستان دىگەنگە ئوخشاش خاس ناملار بىلەن ئاتىلىدۇ. ھەر بىر نامدا ئاتالغان شەيئىنىڭ چۈشەنچىسى ۋە تەبىرى بولىدۇ. گىيالىقنامە (گىيالىقلارنى ياكى گىيا توپقاللىرىنى تەتقىق قىلىدىغان ئىلىم، گىئوبوتانىكا) دە ۋە توپقالنامە (توپقاللارنى گىيالىق بىلەن ھايۋاناتنى بىرلەشتۈرۈپ تەتقىق قىلىدىغان ئىلىم)دە، تەبىئى گىيالىقلارنىڭ ياكى توپقاللارنىڭ چۈشەنچىسى ۋە تەبىرى ئېنىق شەرھىلەنگەن. ئەمما، بوستان بولسا، ئېنىق شەرھىلەنمىگەن. شۇڭا مەزگۇر ئەسەردە، بوستان دىگەن ئۇقۇمغا مۇنداق تەبىر بېرىلدى: ئىنسانلار مەلۇم ئېھتىياج تۈپەيلىدىن، چول رايونلاردىكى ئۆزىگە خاس بولغان تەبىئى گىياھلىقلاردا، سۇنئى ئۇسۇلدا بەرپا قىلغان سۇنئى توپقال بوستان دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ تەبىردىن مۇنداق 3 ئۇقۇم ئېنىق بولىدۇ. بۇنىڭ بىرى، بوستان دىگىنىمىز، ئادەملەر بەرپا قىلغان سۈنئى توپقال؛ ئىككىنچىسى، بوستان، چۆللەردىكى (چۆل رايونلاردىكى) خاس تەبىئى گىيالىقلارنى ئورنال (ئوتتۇرسىغا ئورۇنلاشتۇرغان) ياكى تۇتاش ئۆزگەرتىپ پەيدا قىلىنغان؛ ئۈچنچىسى، بوستان، ئىنسانلارنىڭ ئېھتىياجىغا، ئېقتىسادىغا، ئىلىم-بىلىم ئاساسىغا تايىنىپ مەۋجۇت بولىدۇ، كېڭىيىدۇ ياكى تارىيىدۇ. شۇڭا، بوستان، ئىنسان جەمىيىتىنىڭ ئېھتىياجى بولماي، ئادەمنىڭ باشقۇرۇشىدىن ئايرىلسا زىمىندىن يوقۇلىدۇ، تەدرىجى ھالدا، يەرلىك تەبىئى توپقاللارغا ئايلىنىپ كىتىدۇ [ رەھمەتۇللا 19-20]. بوستان، پەقەتلا چۆل كلىمات كونتروللىقىدىكى رايونلاردا، سۈنئى يارىتىلغان جۇغراپىيەلىك يەربۆك (لەندىسكەپ، لاندىشافىت، مەنزىرە دەپ ئاتالغان) بولۇپ، ئۇ، تەبىئەت بۆكى بىلەن مەدەنىيەت بۆكى گىرەلەشكەن ئۆنىۋىرسال ماكان (ئېكولوگىيەلىك سېستىما). بوستان، زىمىندىكى توپقاللارنىڭ ياكى ماكانلارنىڭ (ئېكولوگىيەلىك سېستىما) ئالاھىدە خاسىيەتكە ئىگە بولغان بىر تەركىۋى قىسمى. بوستاننى تەسۋىرلىسەم، جاڭگال چىتى، جەزىرە ئىچى، ئېتىز ئەتراپى، باغ چۆرىسى، ھويلا خانا ئوتتۇرسى، تاشلار ئۈژمە سايىسى، بۇيەر ئاتىلار، ئۇيغۇر زاتىنىڭ بوستانى. بوستان، تەبىئەتنىڭ كەشپىياتى ئەمەس، بەلكى ئىنسانلارنىڭ كەشپىياتى. بوستان، پەقەتلا سۈنئى بولىدۇ، تەبىئى بوستان دىگەن چۈشەنچە ياكى سۆز مەۋجۇد ئەمەس.
2. «بوستاننامە» دىگەن نىمە؟
«بوستاننامە» دىگەن سۆزنىڭ مەنىسى، «بوستانلار توغرىسىدىكى پەننىي ئىلىم-بىلىم» دىگەننى ھەم بوستانلار ھەققىدىكى ئىلىم-بىلىملەر يازىلغان كىتاپ دىگەننى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئاتالغۇنى، رەھمەتۇللا ئادىللا، بوستان بىلەن نامە دىگەن ئىككى سۆزدىن ئىجاد قىلىپ ياسىغان[21]. بۇنىڭدا، نامە دىگەن سۆزنىڭ ئىككى مەنىسى بار دەپ قارالدى، بۇنىڭ بىرى، خەت، پۈتۈك، كىتاپ دىگەننى بىلدۇرىدۇ، مەسىلەن: تەكلىپنامە، ئۇقتۇرۇشنامە، باھادىرنامە، گۇۋانامە، يىلنامە دىگەنگە ئوخشاش؛ ئىككىنچىسى، ئىلىم ياكى بىلىم دىگەننى بىلدۈرىدۇ، مەسىلەن: بوستاننامە، تۇپراقنامە، ئالەمنامە، كىمىيانامە، تىبنامە، گىيانامە، ھايۋاناتنامە، ھىساپنامە دىگەنگە ئوخشاش. شۇڭا، بوستانلارنى، زىمىننامە، ماكاننامە، ئېقتىسادنامە، زىرائەتنامە، چارۋانامە، ئورماننامە قاتارلىق تەبىئي، ئەمەلىي ھەم نەزەرىيەۋى ئىلىملار نوقتىسىدىن تەتقىق قىلىدىغان، ئۆگىنىدىغان ئۆنىۋىرسال ئىلىم نامى، بوستاننامە دەپ ئاتالدى. بوستاننامە دىگەن ئاتالغۇنى «بوستانشۇناسلىق، ياكى بوستان ئىلىم» دىگەندەك ناملار بىلەن ئاتاشقىمۇ بولىدۇ. ئەمما، بۇلار، يەنىلا بوستاننامە دىگەن ئاتالغۇدەك ئىخچام ۋە ئەپلىك (قولايلىق) ئەمەس. شۇڭا، بۇ ئەسەردە يەنىلا بوستاننامە دەپ ئېلىندى.
بوستانغا ئائىت بارلىق تەبىئى ۋە ئىجتىمائى مەزمۇنلارنى پەننىي ئىلىم-بىلىم نوقتىسىدىن تەتقىق قىلىدىغان، ئۆگىنىدىغان بىر ئۆنىۋىرسال پەن-بوستاننامە، دۇنيادا تېخى ۋۇجۇدقا كەلمىدى. بوستاننامە دەپ ئاتىلىدىغان بىرەر پەننى كىتاپمۇ تېخى نەشىر قىلىنمىدى. مىنىڭ بوستاننامە دىگەن نامنى ھەم بوستاننى تەتقىق قىلىدىغان ھەم ئۆگىنىدىغان بىر پەننى ئىلىم-بىلىمنى، ئوتتۇرىغا قويۇشتىكى مەقسىدىم، بوستانلاردىن ئىلمىي ھەم ئۆنۈملۈك پايدىلىنىش، پايدىلىق ئەنئەنىلەرنى ساقلاش، كىڭەيتىش، يېڭى بىلىم نەتىجىلىرىنى يارىتىش، كىڭەيتىش، ساقلانغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، يېڭى بوستانلارنى بەرپا قىلىشتا يىتەكچى نەزەرىيە، ئىلمىي ئۇسول-چارىلەر بىلەن تەمىنلەپ، بوستاندىن ئىبارەت ئۆنىۋىرسال بۇ شەيئىنى، كۆپخىل پەنلەر بىلىملىرىدە ئۆنىۋىرسال تەتقىق قىلىش ھەم ئۆگىنىشتىن ئىبارەت.
3. «بوستاننامە» نىڭ ئەھمىيىتى ۋە رولى
مىسىر، ئىران، ئوتتۇرا ئاسىيا، جۈملىدىن رايونىمىز شىنجاڭدىن بايقالغان ئارخالنامە (ئاسارە-ئەتىقىلەرنى بايقاش، قېزىش، ئانالىز قىلىدىغان ئىلىم، ئارخىئولوگىيە) مەلۇماتلىرىغا ۋە ئات، ئشەك، بۇغداي قاتارلىق مەدەنىيلەشتۈرۈلگەن جانىۋارلارنىڭ پەيدا قىلىنغىنىغا قارىغاندا، بوستان دىگەن بۇ مەۋجۇد شەيئىنىڭ زىمىندا بەرپا قىلىنغىنىغا ئاز ھىساپلىغاندىمۇ، 5000-100000 يىل ئۆپچۆرىسىدە بولىدىكەن. بۇ جەرياندا، بوستانلاردا ئۆزىگە خاس بولغان نۇرغۇنلىغان ئىلىم ۋە بىلىم تەجىرىبىلىرى يارىتىلغان. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىمىزدا ئىشلىتىۋاتقان ئات، ئىشەك، كالا، قوي، تۆگە، پىلە قۇرۇتى، تېرىلىۋاتقان پاختا، قۇناق، مىۋە-چىۋە، قوغۇن-تاۋۇز، كۆكتات قاتارلىق كۆپخىل زىرائەت، چارۋا سورتلىرى ئەينى زامانلاردا، ئەنە شۇ بوستانلاردا لايىقلاشتۇرۇپ يېتىشتۈرۈلگەن. ئېقىن سۇيى يوق چۆللەردىكى ھەر خىل گىيالىقلاردا ۋە ھەر خىل تۇپراقلاردا ، كارىزغا ئوخشاش سۇغۇرۇش ھۈنەرلىرىنى كەشىپ قىلىپ، ھەر خىل بوستانلارنى مۇۋاپىقىيەتلىك قۇرۇپ چىققان. بۇ بوستانلاردا، چۆللەرگە ماس كىلىدىغان جانىۋارلار ۋە ئۇلارنى تېرىپ ئۆستۈرۈش، بېقىپ كۆپەيتىش بىلىملىرى، ئۆي-ئىمارەت، باغ قۇرۇلۇشى، قورال-سايمان قۇرۇلۇشى، ئېتىز ئېرىق، سۇ قۇرۇلۇشى قاتارلىق ھۆنەرلەر بىلىملەر كەشىپ قىلىنغان. بوستانلاردىن ئىشلەپچىققان يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششقلاپ ئىشلەش سانائەتلىرى بارلىققا كەلگەن. بوستانلاردا، تەبىئى ئاپەتلەر، تارىخى ۋاقەلەر، جەڭلەر بولۇپ ئۆتكەن. ئۆزىگە خاس ئەدەبىيات، سەنئەت، دىن، پەلسەپە تەپەككۇرلىرى مەيدانغا كەلگەن، ئادەملەردە، چۆل كلىمات شارائىتىدىكى بوستانغا ماس كىلىدىغان بەدەن قۇرۇلمىسى، مىجەز خاراكتىرى، ساغلاملىق ئاساسلىرى يىتىلگەن. تىب قانۇنلىرى، دورىلىق ئەشيالار دەستۇرلىرى مەيدانغا كەلگەن. ھەر ساھەدە مەشھور كىشىلەر ۋۇجۇتقا كەلگەن. دىمەك، بوستانلاردا تەبىئەت بىلەن جەمىيەت، ماددا بىلەن روھ، ئاڭ بىلەن مەۋجۇد زىچ گىرەلىشىپ كەتكەن نۇرغۇنلىغان ئاجايىپ ئىلىم ۋە بىلىملەر يۇشۇرۇنغان. بۇلار ھەققىدە ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئۆگىنىشلەر، تەتقىقاتلار، قوللۇنۇشلار ئىلىپ بېرىلىۋاتقان بولسىمۇ، يەككە يىگانە ھالدا ئېلىپ بېرىلدى. بوستانلاردىكى بارلىق شەيئىلەر، خۇددى كالىنىڭ مۇڭگۇزىغا ئۇرساڭ پۈتۈن تىنى سىقىرايدۇ دىگەندەك بىر پۈتۈن گەۋدە بولسىمۇ، ئەمما، ئىزدىنىشلىرىمىز بىر پۈتۈن گەۋدە نوقتىسىدىن ئېلىپ بېرىلمىدى. بوستان دىگەن نىمە؟ ئۇنىڭ تۈپ ئالاھىدىلىكى نىمە؟ بوستان بىلەن، توقاي، جاڭگال، جەزىرە، باياۋان، قاراچىمتان، باغ، ئېتىز دىگەندەك ئاتالغۇلاردا قانداق پەرقلەر بار؟ ئۇلار قانداق پەيدا بولغان؟ قەيەرلەرگە تارقالغان؟ چۆللەردە بايقالغان، كروران، يارغول، بېشىبالىق ئارخاللىرى بىلەن بوستاننىڭ مۇناسىۋەتى بارمۇ-يوق؟ قانداق تۈپ سەۋەپ بۇ يەرلەرنى خارابلاشتۇرۇپ ئارخالغا ئايلاندۇرۇپ قويدى؟ بوستانلاردا ياشىغان ئادەملەرنىڭ يىمەكلىكلىرى بىلەن ئۇلارنىڭ ساغلاملىقلىغى ۋە تەپەككۇر شەكىللىرىدە قانداق باغلىنىشلار بار؟ زەيتۇن دەرىخىنىڭ مىۋە ئۇرۇقىدىن ئېلىنغان زەيتۇن يېغىنى، خۇرمانى بىز ياخشى كۆرۈمىز. زەيتۇن، خۇرما ئەرەبلەر بوستانلىرىدا كۆپ تېرىلىدىكەن. نىمە ئۈچۈن بىزنىڭ بوستانلىرىمىزدا بۇ گىياھ يوق؟ چۆللەردىكى بوستان مۇھىتىدا شەكىللەنگەن ئەقىلنامە (پەلسەپەشۇناسلىق) بىلەن باشقا رايونلاردا شەكىللەنگەن ئەقىلنامە ئوتتۇرسىدا پەرق بارمۇ يوق؟ نىمە ئۈچۈن؟ دىگەنگە ئوخشاش بەزى ساھەلەردە تەتقىقات، ئىزدىنىشلەر تېخى ئېلىپ بېرىلمىدى. كارىزلار بىلەن بوستانلارنىڭ تارىخى ۋە باغلىنىشلىقى ئىلىم يۈكسەكلىكىدە شەرھىلەنمىدى، ئېلىپ بېرىلغانلىرى بىرى-بىرىگە باغلاشتۇرۇلمىدى. ئەگەردە، بوستانلاردىكى بارلىق شەيئىلەرنى بىر گەۋدە نوقتىسىدىن تەتقىق قىلغاندا، ئۆگەنگەندە، بىز يەنە نۇرغۇنلىغان كېرەكلىك ئىلىم، بىلىملەرگە ئېرىشىشىمىز مۇمكىن.
ھازىر دۇنيادا، ئاھالە كۆپۈيۈش، بايلىقلار ئازىيىش، مۇھىت بۇلغۇنۇش، ئېنىرگىيە يېتىشمەسلىك ۋە ئاچارچىلىق ئېغىرلاشماقتا، ئافرىقا قىتئەسىدىكى بىر قىسىم رايونلاردا ئاچارچىلىق مۇشۇ كۈنلەردىمۇ داۋاملاشماقتا. بوستان يەرلىرى خىمىيە ئوغۇتى ۋە دورىلىرىدىن ئايرىلالمايدىغان كىسەلچان يەرلەرگە يۈزلەنمەكتە، ئۇنىڭدىن ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلار ئادەملەر ساغلاملىقىغا تەسىر كۆرسەتمەكتە، ئەنئەنىۋى چارۋا، زىرائەت سورتلىرى يۇقالماقتا، سەرەمجان، پاكىز، تەننەرقى تۈۋەن بولغان ئەنئەنىۋى ئىشلەپچىقىرىش ئۇسوللىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلماقتا، ئەسلىدە تەبىئى ماسلاشتۇرۇلغان بوستان بىلەن يايلاق مەدەنىيەتلىرى، تۈپتىن ئايرىلىشقا ۋە ئۇنتۇلۇشقا يۈزلەنمەكتە….. مانا بۇلار، بوستاننامە دىگەن بىر پەننى ئىلىمنىڭ ۋۇجۇتقا كىلىشىنى، بوستاننامە ئاساسىدا، بوستانلاردىكى شەرىئەت، تەرىقەت، ئەمەلىيەت، مەرىپەت، مەدەنىيەت ۋە ھەقىقەتلەر ئۈستىدە ئىزدىنىش، ئۇنىڭ تەتقىقات، ئۆگىنىش نەتىجىلىرىنىڭ بوستان مەئىشەتلىرىگە يىتەكچىلىك قىلىشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتمەكتە.
دىمەك، بوستاننامەنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلىشى ۋە ئۇنىڭ نىشانى بويلاپ ئىزدىنىش تەشەببۇسى، بوستانلار ئىگىلىكىنى ساغلام ۋە ئۈزۈكسىز راۋاجلاندۇرۇشتا، پەننى ئىلىم-بىلىملەرنىڭ بوستانلارغا بولغان رولىنى جارى قىلدۇرۇش، نېتىجىلىرىنى قوللۇنۇش، كېڭەيتىش، ساقلانغان مەسىلەرنى ھەل قىلىشتا رىيال ھەم زور ئىلمىي ئەھمىيەتكە ئىگە.
4.«بوستاننامە» نىڭ تارماق پەن مەزمۇنلىرى
«بوستاننامە» نىڭ ئۆزىگە خاس ئۆنىۋېرسال ئالاھىدىلىكىگە قارىغاندا، ئۇنىڭ، تەتقىق قىلىدىغان ۋە ئۆگىنىدىغان مەزمۇنى، زىمىننامە (جۇغراپىيە)، ماكاننامە (ئېكولوگىيە)، جانىۋارنامە (بىئولوگىيە)، مۇھىتنامە (مۇھىت شۇناسلىق)، ئېقتىساتنامە، ئىگىلىكنامە، تۇپراقنامە، قۇرۇلۇشنامە، تارىخنامە، ئارخالنامە (ئارخىئولوگىيە) …..دىگەندەك كۆپلىگەن ئىلىملەرگە چېتىلىدۇ. شۇڭا، بوستاننامە، ئىلىم-بىلىم خاراكتىرىدىن، «ئۆنىۋىرسال ئىلىم» غا كىرىدۇ. بوستاننامەنىڭ ئۆزى بىر ئۆنىۋىرسال پەننىي ئىلىم ، ئۇنىڭ مەزمۇنلىرى، يەنە كۆپلىگەن تارماق پەنلەردىن تۈزۈلىشى كېرەك دەپ ئويلايمەن. بوستاننامەنىڭ تارماق پەن ماۋزولىرى تۆۋەندىكى مەزمۇنلاردىن تەشكىل تېپىشى كېرەك دەپ قارايمەن:
1) بوستانى زىمىننامە 绿洲地理学(بوستانلارنىڭ جۇغراپىيەسى): بۇ تارماق پەندە، بوستانلار، زىمىننامە مەزمۇنلىرى نوقتىسىدىن شەرھىلىنىدۇ، تەتقىق قىلىنىدۇ ھەم ئۆگىنىلىدۇ.
2) بوستانى ماكاننامە 绿洲生态学(بوستانلارنىڭ ئېكولوگىيەسى) : بۇ تارماق پەندە، بوستانلار، ماكاننامە مەزمۇنلىرى نوقتىسىدىن شەرھىلىنىدۇ، تەتقىق قىلىنىدۇ ھەم ئۆگىنىلىدۇ.
3) بوستانى گىياھنامە 绿洲植物学(بوستانلارنىڭ بوتانىكىسى) : بۇ تارماق پەندە، بوستانلار، گىياھنامە مەزمۇنلىرى نوقتىسىدىن شەرھىلىنىدۇ، تەتقىق قىلىنىدۇ ھەم ئۆگىنىلىدۇ.
4) بوستانى ھايۋاناتنامە 绿洲动物学(بوستانلارنىڭ ھايۋاناتشۇناسلىقى) : بۇ تارماق پەندە، بوستانلار، ھايۋاناتنامە مەزمۇنلىرى نوقتىسىدىن شەرھىلىنىدۇ، تەتقىق قىلىنىدۇ ھەم ئۆگىنىلىدۇ.
5) بوستانى ئېقتىساتنامە 绿洲经济学(بوستانلارنىڭ ئېقتىسات شۇناسلىقى): بۇ تارماق پەندە، بوستانلار، ئېقتىساتنامە مەزمۇنلىرى نوقتىسىدىن شەرھىلىنىدۇ، تەتقىق قىلىنىدۇ ھەم ئۆگىنىلىدۇ.
6) بوستانى ئىگىلىكنامە 绿洲经济管理学(بوستانلارنىڭ ئىگىلىك شۇناسلىقى)؛ بۇ تارماق پەندە، بوستانلار، ئىگىلىكنامە مەزمۇنلىرى نوقتىسىدىن شەرھىلىنىدۇ، تەتقىق قىلىنىدۇ ھەم ئۆگىنىلىدۇ.
7) بوستانى تارىخنامە 绿洲历史学(بوستانلارنىڭ تارىخ شۇناسلىقى): بۇ تارماق پەندە، بوستانلار، تارىخ مەزمۇنلىرى نوقتىسىدىن شەرھىلىنىدۇ، تەتقىق قىلىنىدۇ ھەم ئۆگىنىلىدۇ.
8) بوستانى ئارخالنامە 绿洲考古学(بوستانلارنىڭ ئارخىئولوگىيەسى): بۇ تارماق پەندە، بوستانلار، ئارخالنامە مەزمۇنلىرى نوقتىسىدىن شەرھىلىنىدۇ، تەتقىق قىلىنىدۇ ھەم ئۆگىنىلىدۇ.
9) بوستانى مەرىپەتنامە 绿洲文化学(بوستانلارنىڭ مەدەنىيەت شۇناسلىقى): بۇ تارماق پەندە، بوستانلار، مەرىپەتنامە مەزمۇنلىرى نوقتىسىدىن شەرھىلىنىدۇ، تەتقىق قىلىنىدۇ ھەم ئۆگىنىلىدۇ.
10) بوستانى ئىنشائاتنامە 绿洲工程学(بوستانلارنىڭ لايىھە، قۇرۇلۇش شۇناسلىقى): بۇ تارماق پەندە، بوستانلار، ئىنشائاتنامە مەزمۇنلىرى نوقتىسىدىن شەرھىلىنىدۇ، تەتقىق قىلىنىدۇ ھەم ئۆگىنىلىدۇ.
11) بوستانى مۇھىتنامە 绿洲环境学(بوستانلارنىڭ مۇھىت شۇناسلىقى): بۇ تارماق پەندە، بوستانلار، مۇھىتنامە مەزمۇنلىرى نوقتىسىدىن شەرھىلىنىدۇ، تەتقىق قىلىنىدۇ ھەم ئۆگىنىلىدۇ.
12) بوستانى يەربۆكنامە 绿洲景观学(بوستانلاردىكى لاندىشافىت شۇناسلىق) بۇ تارماق پەندە، بوستانلار يەربۆكنامە مەزمۇنلىرى نوقتىسىدىن شەرھىلىنىدۇ، تەتقىق قىلىنىدۇ ھەم ئۆگىنىلىدۇ.
13) بوستانى ساياھەتنامە 绿洲旅游学( بوستانلاردىكى ساياھەت شۇناسلىق): بۇ تارماق پەندە، بوستانلار، ساياھەتنامە مەزمۇنلىرى نوقتىسىدىن شەرھىلىنىدۇ، تەتقىق قىلىنىدۇ ھەم ئۆگىنىلىدۇ.
14) بوستانى تىبنامە 绿洲医学 (بوستانلاردىكى تىبابەت شۇناسلىق): بۇ تارماق پەندە، بوستانلار، تىبنامە مەزمۇنلىرى نوقتىسىدىن شەرھىلىنىدۇ، تەتقىق قىلىنىدۇ ھەم ئۆگىنىلىدۇ.
15) بوستانى ئەدەبىينامە 绿洲文学(بوستانلاردىكى ئەدەبىياتشۇناسلىق): بۇ تارماق پەندە، بوستانلار، ئەدەبىينامە مەزمۇنلىرى نوقتىسىدىن شەرھىلىنىدۇ، تەتقىق قىلىنىدۇ ھەم ئۆگىنىلىدۇ.
16) بوستانى مەدەنىيەتنامە 绿洲文明学 (بوستان مەدەنىيەتشۇناسلىقى): بۇ تارماق پەندە، بوستانلار، مەدەنىيەت مەزمۇنلىرى نوقتىسىدىن شەرھىلىنىدۇ، تەتقىق قىلىنىدۇ ھەم ئۆگۈنىلىدۇ.
17) بوستانى سەنئەتنامە، 绿洲艺术学، بۇ تارماق پەندە، بوستانلار، سەنئەت نوقتىسىدىن تەتقىق قىلىنىدۇ، شەرھىلىنىدۇ ھەم ئۆگۈنىلىدۇ. يەنە كۆپلىگەن تارماق پەنلەرنى مىسال ئالىشقا بولىدۇ.
بايان ئاخىر
يوقۇرىدا، ئۆزەمنىڭ مەپكورىسى بويىچە، بوستان ۋە بوستاننامە توغرىسىدا قىسقىچە ئىزاھات بەردىم ھەم بوستاننامە دىگەن ئىلىم-بىلىمنى بەرپا قىلىشنىڭ ئەھمىيەتىنى، ئۇنىڭ تارماق پەن ماۋزولىرىنى قىسقىچە كۆرسەتتىم. بۇلار، مىنىڭ سۇرىيە، مىسىر، غەربى ئاسىيا، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە شىنجاڭدىكى بوستانلاردا كۆرگەن، بىلگەنلىرىم ئاساسىدا ئويلىغان دەسلەپكى مەپكورەمدىن ئىبارەت. دەرۋەقە، بوستان، نۇرغۇن ئىلىم، بىلىملەر مۇجەسسەملەنگەن، ئىنسانلارغا بارغانسېرى قىمەتلىك بايلىق بولۇۋاتقان ئۆنىۋىرسال ماكان. ھازىر، بۇ ماكاننىڭ چامانى ۋە زامانى، ئۇنىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۈچى، دەۋرىمىزدىكى ھەر خىل ئۆزگۈرۈشلەر تۈپەيلىدىن تۇراقسىز، تارىيىش، ئاجىزلاش باسقۇچىدا تۇرماقتا. زامانىمىز يىڭىدىن بوستانلارنى بەرپا قىلىشقا مۆھتاج بولماقتا. شۇڭا، بوستاننامە ناملىق بىر پەننى ئىلىمنى ۋۇجۇتقا چىقىرىپ، بوستانلار توغرىسىدا ئەتراپلىق ئىزدىنىش، زاماننىڭ تەقەززاسى بولۇپ قالدى. ئەلۋەتتە، بىر پەننىڭ ھاسىل بولۇشى ئۈچۈن، يىتەرلىك ماتىرىياللارغا، نەزەرىيە ئاساسلىرىغا، ئىلمىي ئۇسوللارغا ئىگە بولۇش زۆرۆر. بىزدە چېچىلىپ ياتقان بوستانغا ئائىت ماتىرىياللار، نەزەرىيەلەر، ئۇسوللار ئاز ئەمەس. بۇلارنى يىغىپ توپلىشىمىز، ئانالىز قىلىشىمىز، شۇلار ئاساسىدا يېڭى پەننى بىلىملەردىن پايدىلىنىپ يېڭى ئىلىم ۋە ئۇسوللارنى ئىجات قىلىشىمىز كېرەك. بولۇپمۇ، بوستاننامە تارماق پەنلىرىنىڭ رامكىسىنى قۇرۇپ، ھەر ساھە كىشىلىرىمىز شۇ بويىچە قەدەممۇ قەدەم ئىزدىنىپ تۇرىشىىمىز ناھايىتى مۇھىمدۇر. مىنىڭ ھېس قىلىشىمچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىمىز، مەملىكىتىمىز بويىچە بوستانلار ئەڭ بالدۇر پەيدا قىلىنغان رايون، بەرپا قىلىنغان ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن رايون، كۆلىمى ئەڭ چوڭ رايون. بوستان زاتلىرى مول، سۈپىتى ئەلا، ھوسۇلى يۇقۇرى رايون. مەرىپەت، مەدەنىيەت قاتلىمى كۆپ، قىلىن ۋە رەڭدار رايون. دۇنيا بوستانلىرى مەدەنىيەتىدە بىر كىشىلىك ئورنى بار رايون. شۇڭا، ئارزۇيۇم شۇكى، بوستاننامە دۆلىتىمىز بويىچە، ئەڭ ئالدى بىلەن رايونىمىزدا ۋۇجۇدقا كەلگۈسى.
ئەسكەرتىش: مەزگۇر ئەسەر، «قۇرغاق رايونلار جۇغراپىيەسى» ژورنالنىڭ 2013-يىللىق 3- سانىغا بېسىلغان نەشىرىدىن ئالىندى.
يازما ئاپتورى: ئارجىم
يازما يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 03-ئاينىڭ 29-كۈنى
يازما ئاۋاتلىقى: 251 قېتىم كۆرۈلدى
يازما ئادرېسى: ../?p=4251
بارلىق ھوقۇق ئاكادېمىيە تور بېكىتىگە غا تەۋە! رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!