خەتكۈش ‘بوستاننامە’
2014مارت29

بوستاننامە

ئىنسانلار مەلۇم ئېھتىياج تۈپەيلىدىن، چول رايونلاردىكى ئۆزىگە خاس بولغان تەبىئى گىياھلىقلاردا، سۇنئى ئۇسۇلدا بەرپا قىلغان سۇنئى جانىۋارتوپقال بوستان دەپ ئاتىلىدۇ. بوستان، ئىنسانلارتارىخىدا، مىسىر، بابىلۇن، ئوتتۇرا ئاسىيا، شىنجاڭ قاتارلىق رايونلاردىكى دۇنيانى مەھلىيا قىلىدىغان ئاجايىپ مەدەنىيەتلەرنىڭ بەرپا قىلىنىشىدا ئاجايىپ روللارنى ئوينىغان. بوستان، ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇش، ئىشلەپچىقىرىش پائالىيەتلىرى بىلەن ناھايىتى زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ چېتىشلىق دائىرەسىمۇ ناھايىتى كەڭ. بوستانلارنى، زىمىننامە ، ماكاننامە ، ئېقتىسادنامە، زىرائەتنامە، چارۋانامە، ئورماننامە قاتارلىق تەبىئي، ئەمەلىي ھەم نەزەرىيەۋى ئىلىملار نوقتىسىدىن تەتقىق قىلىدىغان، ئۆگىنىدىغان ئۆنىۋىرسال ئىلىمنىڭ نامى، بوستاننامە دەپ ئاتالدى. زامانىمىز، بوستاننامە دىگەن بىر پەننى ئىلىمنىڭ ۋۇجۇتقا كىلىشىنى، بوستاننامە ئاساسىدا، بوستانلاردىكى شەرىئەت، تەرىقەت، مەرىپەت، ئەمەلىيەت ۋە ھەقىقەتلەر ئۈستىدە ئىزدىنىش، ئۇنىڭ تەتقىقات، ئۆگىنىش نەتىجىلىرىنىڭ بوستان مەئىشەتلىرىگە يىتەكچىلىك قىلىشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتمەكتە. بوستاننامەنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلىشى ۋە ئۇنىڭ نىشانىنى بويلاپ ئىزدىنىش تەشەببۇسى، بوستانلار ئىگىلىكىنى ساغلام ۋە ئۈزۈكسىز راۋاجلاندۇرۇشتا، پەننى ئىلىملەرنىڭ بوستانلارغا بولغان رولىنى جارى قىلدۇرۇش، نېتىجىلىرىنى قوللۇنۇش، كېڭەيتىش، ساقلانغان مەسىلەرنى ھەل قىلىشتا رىيال ھەم زور ئىلمىي ئەھمىيەتكە ئىگە.