17يانۋار
تاغ
تاغ (山地)
ئاپتور: ئا.ر.بوستانىي
تاغنىڭ ئۈستىدە،
ئولتۇرۇپ بۈگۈن،
ئالدىم ھاۋادىن،
چوڭقۇر بىر نەپەس.
ئىلىم، بىلىمدىن،
بىلگەنلىرىمدىن،
تاغلار ھەققىدە ،
قىلدىم بىر پەرەز.
ھېسلىرىم مىنى،
تېنچ قويمىدى،
چوڭقۇر كىڭەيدى،
يالقۇنلاپ ھەۋەس.
يازىپ قويدۇم،
ھېسلارنى يىغىپ،
خىيال كەپتىرىم،
بۇزۇپ رام-قەپەس.
زىمىن پوستىدا،
قۇرۇق يەرلەر،
يەتتە پارچە،
بولۇپ تۇرغىدەك.
پارچە-پارچىدىن،
قۇراق كۆرپىدەك،
ئايرىلىپ ھەم،
ئۇلاق تۇرغىدەك.
ئوكىيانلار،
زىمىن يۈزىنى،
تۆت بۆلەكتىن،
يېپىپ تۇرغىدەك.
زىمىن يۈزى،
زىمىن پوستىدا،
بۇلۇت كەبى،
لەيلەپ تۇرغىدەك.
لېكىن تۇرماس،
يەر پوستى جىمجىت،
دائىم مىدىراپ،
سىلجىپ تۇرغىدەك.
قىسىلىپ يەرلەر،
سۈركۈلۈپ يەرلەر،
بىرى-بىرىنى،
قىستاپ تۇرغىدەك.
مۇشۇ چاغدا،
يەرلەر پۇرلۇشۇپ،
ئولتۇرۇشۇپ
ھەم چوقچۇيۇپ،
زىمىن يۈزى،
ئىگىز-پەس،
ئويپات-تۈزلەڭ،
بولۇپ كەتكىدەك.
چوقچايغان يەر،
500 مېتىردىن،
ئىگىز ھالقىسا،
نامى ئۇنىڭ،
تاغ ، تاغلەڭ
ئاتالغىدەك.
ئۇندىن پاكارى،
ئىدىر-دۆڭ دەپ،
يېيىلىپ ۋە چۆككىنى،
ئويپات-تۈزلەڭ،
دىيىلگىدەك.
باشتاغ، غولتاغ،
بەلتاغ، پەشتاغ،
تاغلار يەنە،
بويىغا قاراپ ،
ئايرىلغىدەك،
ئاتالغىدەك.
چوقچۇيۇپ تاغلار،
قوزۇق كەبى،
يەرنى مىقلاپ،
تۇتۇپ تۇرغىدەك.
ئىسسق-سوغۇقنى،
نەم ھەم چۆلنى،
شامال-بوران،
تۆت پەسىلنى،
تەڭرىتاغلار،
ئالتايتاغلار،
قۇرۇمتاغلار،
ئالتۇنتاغلار،
يىللار ئارا ،
توختىماستىن،
تەڭشەپ تۇرغىدەك.
قار-مۇزلارنى،
زاپاس قىلىپ،
ئۈستى باشىدا،
ساقلاپ تۇرغىدەك.
ياز كەلسە،
تاغ قىزىسا،
ئابىھايات ،
بولۇپ كەلگىدەك.
ئورمان، باياۋان،
يايلاق ھەم ساۋان،
تاغلار ئۈستىدە،
كۆكلەپ تۇرغىدەك.
پەرەندە، ھايۋان،
جانىۋاران،
ئۇنىڭ قوينىدا،
ياشناپ تۇرغىدەك.
چۆلتاغلارمۇ،
بىكار ياتماي،
چارپايلارنى،
بېقىپ تۇرغىدەك.
گۈزەل، قامەت ،
ھۆسنىگە ئۇنىڭ،
سەيياھلارمۇ ،
كېلىپ تۇرغىدەك.
تاغلار تۇرار،
چوقچايغانچە،
يەر پوستىدا،
يۇرتۇم شىنجاڭدا،
تاش مۇزدىن،
قۇرۇپ بەدەن،
زىمىندىن ئۇ،
قۇۋۋەت تاپقاندەك.
تاغ بۈيۈك،
ھىساپسىز دۇنيا،
ئالتۇن، قاشتاش،
مىتال، ئالماس،
لايىق قازساڭ ،
تۈگەپ قالماس،
تۆمۈر، كۆمۈر،
تولۇپ ياتقىدەك.
تاغ قوينى كەڭرى،
بىزگە ئۇ تەڭرى،
نىمەتلەرى بار،
شۇنچە كۆپ كەڭرى.
يۇرتۇم تاغلارى،
كاتتا باي ماكان،
زىمىن ھەم جاھان،
شۇنداق دىگىدەك.
ئاسرايلى تاغنى،
تەبىي ھەرەم باغنى،
تاغ بەرگەن بايلىق،
يېتىپ ئاشقىدەك.
بولۇپ قالمىسۇن،
چۇۋۇلغان قارنى،
يىرتقۇچ ئوۋلىغان،
ئىگىسىز تاپتەك.
قالسۇن ئەۋلاتقا،
كىلەر ھاياتقا،
تاغلار ھۆسنى،
تەبىئەت ئەينىدەك.
ھايات جۇش ئۇرغان،
پارلاق يول تاپقان،
مەدەنىي ماكان،
ئەسلى قوينىدەك.
ئۇنداق بولمىسا،
ياشاپ ئۆتكەنلەر،
ئەۋلات ئالدىدا،
ۋىژدان ئالدىدا،
بىلىمسىز،
بۇلاڭچى،
شەخسىيەتچى،
قەرىزدار،
گۇناكار ،
بولۇپ قالغىدەك.
يازما ئاپتورى: ئارجىم
يازما يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 01-ئاينىڭ 17-كۈنى
يازما ئاۋاتلىقى: 717 قېتىم كۆرۈلدى
يازما ئادرېسى: ../?p=2606
بارلىق ھوقۇق ئاكادېمىيە تور بېكىتىگە غا تەۋە! رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!
awesome website to read
I Am Going To have to visit again when my course load lets up 鈥?nonetheless I am taking your Feed so i can read your site offline. Cheers.
Just wish to say your article is as amazing. The clarity in your post is simply spectacular and i can assume you are an expert on this subject. Well with your permission let me to grab your RSS feed to keep updated with forthcoming post. Thanks a million and please keep up the rewarding work.