15دېكابىر
بايىنغولغا ئائىت ئاتالغۇلار تەبىرى
بايىنغولغا ئائىت ئاتالغۇلار تەبىرى
جىمسارى
بايان ئاۋۋال
مەن 1979- يىلىدىن 1982- يىلىغىچە بايىنبۇلاق رايونىدا خىزمەت قىلغان چاغلىرىمدا، كۆپ ئارىلىشىدىغان ئارشات يېزىسىدىكى گېلىن (مۇڭغۇللار موللىسى)نىڭ ئاغزىدىن دائىم بايىنغول دىگەن سۆزىنى ئاڭلايتتىم. بايىنبۇلاقتا 50 يىل ياشىغان، ئۆزىنى چىن تۆمۈر باتۇرنىڭ ئەۋلادى دەپ قارايدىغان ئابلىزئاخۇن دىگەن كىشىنىڭ ئاغزىدىن بايغول، بايانغول دىگەن سۆزنى ئاڭلايتتىم. ئۇيغۇرچە ياكى خەنزۇچە مەنبەلەردە، بايىنغولىن دەپ يازغاننى كۆرەتتىم. كىيىن ئويلاپ قالدىم، بايىنغول، بايغول، بايانغول ۋە بايىنغولىن دىگەن 4 خىل شەكىلدىكى سۆزلەرنىڭ مەنىسى بىرمۇ ياكى ئايرىم مەنىلەرگە ئىگىمۇ؟ بۇ سۆزلەر تىلىمىزدا مەۋجۇد بولسىمۇ، لېكىن، بىزنىڭ ئىزاھلىق لۇغەتىمىزدە بەزىلىرى يوق. شۇڭا، بۇ توغرىدا ئىزدىنىپ بېقىشنىڭ زۆرۆرىيەتى بارمۇ يوق؟ مەن تىلنامە ياكى تارىخنامە بىلەن شوغۇللانمىغان بولساممۇ، مەزگۇر ئەسەردە، مۇشۇ سۆزلەر توغرىسىدا بۇرادەرلەر بىلەن ئورتاقلىشىش مەقسىتىدە بىلگەنلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى لايىق كۆردۈم.
1. «غول» دىگەن سۆز، ئۇيغۇرچە ئىسىم سۆز
غول دىگەن سۆزنى بەزىلەردىن ئاڭلىسام، مۇڭغۇلچە سۆز دەيدۇ، بەزىلەردىن ئاڭلىسام، ئەسلىدە ئۇيغۇرچە سۆز، مۇڭغۇللار ئۆزلەشتۈرۈپ مۇڭغۇل تىلى بولۇپ قالغان دەيدۇ. تىلىمىزدا ھازىرمۇ ساقلىنىپ كەلگەن يارغول، ئىۋىرغول، قاراغول، تاشغول دىگەندەك قەدىمقى يەر ناملىرىغا قارىغاندا، غول سۆزى، ئەلۋەتتە ئۇيغۇرچە سۆز بولىدۇ دەپ قارايمەن. قانداقلا بولمىسۇن، مەن ئۇيغۇر ئائىلىسىدە تۇغۇلۇپ، ئۇيغۇر تىلىدا ئوقۇپ تا ھازىرغىچە بولغان 60 يىلدىن بۇيان، غول دىگەن سۆزنى ئىشلىتىپ كىلىۋاتىمەن. مىنىڭ چۈشەنچەمدە، غول دىگەن سۆز، ئۇيغۇرچە سۆز بولۇپ، مەنىسى، تەبىئى شەكىللەنگەن، يىلبۇيى ئېقىپ تۇرىدىغان، ئادەم بىر ئاتلاپ ئۆتكىلى بولمايدىغان چوڭ سۇ دىگەننى بىلدۈرىدۇ. سۈنئى ياسالغان غولنى، ھازىر ئۆستەڭ دەپ ئاتايمىز. مەيلى غول ياكى ئۆستەڭ بولسۇن، ئادەم بىر ئاتلاپ ئۆتەلىگىدەك بولسا، ئۇنى ئېرىق دەپ ئاتايمىز. غول دىگەن سۆزنى، پارىسچە دەريا دەپ ئاتايدىكەن. ھازىر بىز، پارىسچىدىن قۇبۇل قىلغان دەريا سۆزىنى، ئۇيغۇرچە غول سۆزىنىڭ ئورنىدا ئىشلىتىۋاتىمىز.
2. بايىنغولىن، بايىنغول، بايغول، بايانغول دىگەن سۆزلەرنىڭ مەنىلىرى
مىنىڭ ئاڭلىغانلىرىمغا ئاساسەن تەھلىل قىلىشىمچە، بايىنغول دىگەن سۆز، مۇڭغۇلچە سۆز. بايىنغول دىگەن سۆز، مۇڭغۇل قەبىلىسىنىڭ بىرى بولغان، ئۇيرات قەبىلىسىنىڭ مۇڭغۇل تىل شىۋىسى بولۇپ، بۇنىڭ مەنىسى، بايلىققا تولغان غول دىگەننى بىلدۈرىدۇ.
بايغول دىگەن سۆز ، ئۇيغۇرچە سۆز بولۇپ، بۇنىڭ مەنىسى، بايلىقى مول غول دىگەننى بىلدۈرىدۇ.
بايىنغولىن دىگەن سۆز، مۇڭغۇلچە سۆز بولۇپ، بايىنغول دىگەن سۆزگە ئوخشاش، بايلىقى مول غول دىگەننى بىلدۈرىدۇ.
دىمەك، يوقۇرىدىكى 3 سۆزنىڭ مەنىسى ئوخشاش بولۇپ، بىرلا ئوبىكىتنى بىلدۈرىدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا، ئۇيغۇرچىدا يەنە بايانغول دىگەن بىر سۆز بار. بۇ سۆزنىڭ مەنىسى، غولى بار باياۋان، دىگەننى بىلدۈرىدۇ. بۇ سۆزنىڭ يوقۇرقى 3 سۆز بىلەن پەرقى بار بولۇپ، كۆرسۈتىدىغان ئوبىكتى ئوخشاش ئەمەس.
3. بۇ سۆزلەرنىڭ كىلىش مەنبەسى
تىلنامە ۋە مۇڭغۇل تارىخنامەدىن خەۋەرىم بولماغانلىقى ئۈچۈن، بايىنغول، بايىنغولىن دىگەن سۆزلەرنىڭ مەنبەسى ھەققىدە مەخسۇس ئىزدىنىپ باقمىدىم. شۇنداق بولسىمۇ، مىنىڭ پەرەز قىلىشىمچە، بايىنغول بىلەن بايىنغولىن دىگەن سۆزلەرنىڭ قۇرۇلمىسىدا پەرق بولسىمۇ، ئىككىلىسى بىر مۇڭغۇلچە سۆز. بۇ ئىككى سۆز، گەرچە مۇڭغۇلچە سۆزلەردىن بولسىمۇ، لېكىن بۇ سۆزلەر، شىنجاڭدا ياشىغان ئۇيرات، خوشۇت، تورغات ۋە قوبۇق قاتارلىق مۇڭغۇل قەبىلە كىشىلىرىنىڭ تىلىدىن كەلگەن بولۇشى مۇمكىن.
بايىنغول ياكى بايىنغولىن دىگەن سۆزلەر، بايىنبۇلاق (مۇڭغۇلچە بايىنبۇلۇك) رايونى ياكى يۇلتۇز باياۋانىدا (يۇلتۇز ئويپاتىدا) ياشىغان كىشىلەرنىڭ سۆزىدىن پەيدا بولغان بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى يادىمدا قالىشىچە، بايىنبۇلاق رايونىدىكى قايدۇغول (دەريا) نىڭ جەنۇبىدىكى بىر تارماق غولىنىڭ نامى بايىنغول دەپ ئاتالغان.
مۇڭغۇل مىللىتىنىڭ شىنجاڭدا، بولۇپمۇ، بايىنبۇلاقتا دەۋىر سۈرگەن ۋاقىتلىرىغا ئاساسەن پەرەز قىلىشىمچە، بايىنغول ياكى بايىنغولىن دىگەن سۆزلەرنىڭ شىنجاڭدا پەيدا بولغىنىغا، كۆپ بولسا 500 يىل، ئاز بولسا 250 يىل چامىسىدا بولغان بولۇشى مۇمكىن.
بايىنغول ۋە بايىنغولىن دىگەن سۆزلەرنىڭ، بايلىققا تولغان غول دىگەن مەنەسى بار دىدۇق. بۇ يەردىكى بايلىق، كان بايلىقلىرى ئەمەس، بەلكى سۇ بىلەن ئوتلاققا باي دىگەننى بىلدۈرىدۇ.
بايغول دىگەن سۆز، ئۇيغۇرچە سۆز بولۇپ، ئۇيغۇر تىلىدىن بولۇپمۇ، شىنجاڭدا ياشىغان ئۇيغۇرلار تىلىدىن كەلگەن بولۇشى مۇمكىن.
ئۇيغۇر تىلىمىزدا يەنە، ئېقىن دىگەن بىر سۆز بار. بۇ سۆزنىڭ مەنىسى، بىر غولنىڭ چامانىنى (بارلىق سۇ مەنبەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دائىرەنى) كۆرسۈتىدۇ. ئېقىن دىگەن سۆزىمىز، خەنزۇچەدىكى 流域 دىگەن ئۇقۇمنى بىلدۈرىدۇ. مەسىلەن: تارىمغول ئېقىنى، ئىلىغول ئېقىنى، قايدۇغول ئېقىنى، ئۈرۈمچىغول ئېقىنى، خوتەنغول ئېقىنى، دىنارغول ئېقىنى، ياركەنتغول ئېقىنى، ئاقسۇغول ئېقىنى، قاراقاشغول ئېقىنى، يورۇققاشغول ئېقىنى (يۇرۇڭقاشغول)، قىزىلغول ئېقىنى (قىزىلدەريا) دىگەندەك. مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، تىلىمىزدىكى «غولجا» دىگەن سۆزگە مۇنداق چۈشەنچەمنى قوشۇمچە قىلاي: ئۇيغۇرچە مەنبەلەردە، «غۇلجا» دەپ ئاتالغان بۇ سۆز، ئەسلىدىكى توغرا بولغان ئاتىلىشى «غولجاي» دۇر. غولجا، شىنجاڭ ئىلى رايونىدىكى بىر شەھەرنىڭ يەر نامى بولۇپ، ئەسلىدە غولجاي (مەنىسى: غوللار يىغىلغان جاي ) دىگەن سۆزدىن پەيدا بولغاندەك قىلىدۇ. بۇنىڭغا غولجا شەھرىنىڭ جايلاشقان جۇغراپىيەلىك ئورنى ياخشى ئىسپات بولالايدۇ. ھەرگىزمۇ بەزىلەر دىگەندەك، «قولجا» (ئارقار) دىگەن سۆزدىن پەيدا بولمىغان.
ئومۇمەن ئالغاندا، غول، بايغول، بايانغول، ئېقىن دىگەن سۆزلەر، شىنجاڭدا ئاتالغان بايىنغول، بايىنغولىن، دەريا دىگەندەك مۇڭغۇلچە ۋە پارىسچە سۆزلەردىن تارىخى ئۇزۇن بولغان ئۇيغۇرچە سۆزلەردۇر دەپ قارايمەن.
بايان ئاخىر
يوقۇرىدا، تىلىمىزدا كۆپ ئۇچرايدىغان غول، بايغول، بايانغول، ئېقىن، بايىنغولىن، بايىنغول دىگەن ئىسىم سۆزلەرنىڭ تىل مەنبەسى، ئېتنىك مەنبەسى، تارىخى مەنبەسى ۋە تۈپكى مەنەسى توغرىسىدا ئۆز چۈشەنچەمنى قىسقىچە ئىزھار قىلدىم. بۇ سۆزلەر ئۈستىدە ئىزدىنىش، قىلىدىغانغا ئىش تاپالمىغانلىقتىن ئەمەس، بەلكى تىلىمىز بايلىقىنى ھەر ساھەلەر بويىچە قېزىپ، تەتبىقلاپ قوللانساق، تىل بايلىقىمىزنى مولايتساق، تىلىمىزنىڭ ئىخچام، سۈزۈك ۋە ئېنىق بولۇشتەك پاساھەتىنى كۈچەيتسەك دىگەندىن ئىبارەت. ئەلۋەتتە، بۇ ھەقتە، بۇرادەرلەرنىڭ سىناپ باقىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.
يازما ئاپتورى: ئارجىم
يازما يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى
يازما ئاۋاتلىقى: 378 قېتىم كۆرۈلدى
يازما ئادرېسى: ../?p=3600
بارلىق ھوقۇق ئاكادېمىيە تور بېكىتىگە غا تەۋە! رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!