4ئىيۇن

يولۋاس

يولۋاس

老虎

جىمسارى

بايان ئاۋۋال

يېقىندا بىر تويدا خوشنا شىرەدە ئولتۇرغان بۇرادەرلەر ئارىسىدا يولۋاس توغرىسىدا پاراڭ بولۇپ قالدى. بەزىلەر يولۋاس بىرلا خىل ھايۋان زاتىنىڭ نامى دىيىشتى، بەزىلەر بىر نەچچە خىل ھايۋان زاتىنىڭ نامى دىيىشتى. ئىشنى قىلىپ، يولۋاس توغرىسىدا خېلى جىق گەپلەر بۇلۇندى. ئەمما، مىنىڭچە بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغانلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا يەنىلا مۇجىمەل چۈشەنچە بولۇپ قالدى. دىمەك، يولۋاس، گەرچە ھەممەيلەنگە تۇنۇش بولغان ئاتالغۇ بولسىمۇ، كىشىلىرىمىز ئارىسىدا يولۋاس دىگەن قانداق نام؟ يولۋاس دىگەن نام، تۈرلەشنامەدىكى قايسى دەرىجىگە تەۋە؟ يولۋاس دىگەن رۇق نامىمۇ ياكى زات نامىمۇ؟ يولۋاس يەنە تۈرلىنەمدۇ؟ ياكى ئۇنىڭ شاخزاتلىرى بولامدۇ؟ بولسا ئۇلار قايسىلار؟ دىگەندەك مەسىلىلەردە چۈشەنچىلەر ھەر خىل ئىكەن. ئەندى ھەر خىل يازما مەنبەلەرگە قارىساقمۇ يولۋاس توغرىسىدا كۆپخىل قاراشلار بايان قىلىنغان. بەزى مەنبەلەردە يولۋاسنىڭ 8 شاخزاتى بار دىيىلگەن، بەزى مەنبەلەردە 9 شاخزاتى بار دىيىلگەن، بەزى مەنبەلەردە 10 شاخزاتى بار دىيىلگەن، بەزى مەنبەلەردە 11 شاخزاتى بار دىيىلگەن. مەن، 20-ئەسىرنىڭ 30- يىللىرىدىن بۇرۇن يولۋاسنىڭ 10 شاخزاتى بولغان دەپ قارايمەن. 20-ئەسىرنىڭ 70- يىلىدىن كىيىن، يەنى ھازىر 6 شاخزاتى بار دەپ قارايمەن. شۇڭا، بۇرادەرلەرنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن، مەزگۇر ئەسەردە، يولۋاسنىڭ 10 شاخزاتى، ئۇلارنىڭ ناملىرى، تارقىلىشى ۋە ئۇلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى توغرىسىدا بىلگەنلىرىمنى بايان قىلدىم.

1. يولۋاسنىڭ نەسەپ تەۋەلىكى

ئاكادېمىيە تورىنىڭ 5-ماي سانىدا، «ئارىسلانئىلە زاتلىرى» ناملىق ئەسەر نەشىر قىلىنغان. ئۇنىڭدا، ئارىسلانئىلەدە ئىككى شاخئىلە، 15 رۇق، 41 زات بارلىقى بايان قىلىنغان. شۇنىڭ ئىچىدە، بىر شاخئىلەنىڭ نامى «بارىس» دەپ ئاتالغان ھەم بارىس شاخئىلەدە «بارىسرۇق» دەپ ئاتالغان بىر رۇقنىڭ بارلىقى، بارىسرۇقنىڭ «شىر»، «يولۋاس»، «ئىلپىز»، «ياگار» دەپ ئاتىلىدىغان 4 زاتىنىڭ بارلىقى كۆرسۈتۈلگەن. دىمەك، يولۋاس دىگەن ئاتالغۇ، ئەنە شۇ بارىسرۇقتىكى بىر زاتنىڭ نامى بولىدۇ. شۇڭا، يولۋاس دىگەن ئاتالغۇ، تۈرلەشنامەدىكى زات دەرىجەسىدىكى نام. گەرچە شۇنداق دەپ قاراپ كەلگەن بولساقمۇ، مەن 40 يىلدىن بېرى ئەمەلىيەتلەردىن ھەم مەنبەلەردىن نەق «يولۋاس زاتى»نى كۆرۈپ باقمىدىم. مىنىڭ كۆرگەن ۋە بىلگەنلىرىم پەقەتلا يولۋاسنىڭ شاخزاتى بولىدۇ. مەنبەلەرگە قارىغاندا، دۇنيادىكى 10 خىلدەك يولۋاس نامى بىلەن ئاتالغانلارنىڭ ھەممىسى، يولۋاسنىڭ 10 خىل زاتى بولماستىن بەلكى بىرلا خىل يولۋاس زاتىنىڭ 10 خىل شاخزاتى بولىدۇ. يولۋاس زاتىنىڭ نەسەپ تەۋەلىكى 1- جەدۋەلدە كۆرسۈتۈلگەندەك بولىدۇ:

1-جەدۋەل: يولۋاس زاتىنىڭ نەسەپ تەۋەلىكى

ئۇيغۇرچە

لاتىنچە

خەنزۇچە

ھايۋانات مىقياس

 

界:动物界

تارچابىلە

Chordata

门:脊素动物门

ھايۋانبىقە

Mammalia

纲:哺乳纲

يىرتقۇچمەت

Carnivora

目:食肉目

ئارىسلانئىلە

Felidae

科:猫科

بارىسرۇق

Panthera

属:豹属

بارىس يولۋاسى

P. tigris

种:虎

يولۋاس ئالتايى

يولۋاس ئامويانى

يولۋاس سۇماترى

يولۋاس كوبەتى

يولۋاس جاكسونى

يولۋاس يولۋاسى

يولۋاس بالى

 يولۋاس باغراشى

يولۋاس ۋىرگەتى

يولۋاس سوندائى

Panthera tigris altaica

Panthera tigris amoyensis

Panthera tigris sumatrae

Panthera tigris corbetti

Panthera tigris jacksoni

Panthera tigris tigris

Panthera tigris balica

Panthera tigris lecoqui

Panthera tigris virgata

Panthera tigris sondaica

 

亚种:东北虎

华南虎

苏门塔拉虎

印支虎

马来亚虎

孟加拉虎

巴厘虎

新疆虎

里海虎

爪哇虎

 

2. يولۋاسنىڭ شاخزاتلىرى

مەنبەلەرگە قارىغاندا، دۇنيا بويىچە يولۋاسنىڭ 10 خىل شاخزاتى بولغان ئىكەن. بۇلار تۆۋەندىكىچە:

2.1. بارىس يولۋاس ئالتايى

بارىس يولۋاس ئالتايى(东北虎,Panthera tigris altaica)، يولۋاسنىڭ بىر شاخزاتىنىڭ ئۇيغۇرچە تولۇق پەننى نامى. ئادەتتە ئاتىغاندا، يولۋاس ئالتايى دەپ ئىخچاملاپ ئاتىساقمۇ بولىدۇ. يولۋاس ئالتايى، جۇڭگونىڭ شەرقى شىمالى، شىمالى كورىيەنىڭ شىمالى، روسىيەنىڭ يىراق شەرقى رايونلىرىغا تارقالغان. 1964-يىلى 99 ياشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن، 50 يىل ئوۋچىلىق بىلەن ياشىغان دادام (ئاپامنىڭ ئاتىسى)دىن ئاڭلىشىمچە، ئالتايتاغلىرىدا يولۋاس بار ئىكەندۇق. بۇ يەردە ئورۇسلار ئوۋچىلىق قىلىدىكەندۇق. مەنبەلەرگە قارىغاندا،يولۋاس ئالتايىنىڭ دۇنيادىكى ھازىرقى سانى 350-450 كىچە بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە، جۇڭگودىكى سانى 18-22 گىچە مۆلچەرلەنگەن. 

2.2. بارىس يولۋاس ئامويانى 

 بارىس يولۋاس ئامويانى (华南虎,Panthera tigris amoyensis) يولۋاسنىڭ بىر شاخزاتىنىڭ ئۇيغۇرچە تولۇق پەننى نامى. ئادەتتە ئاتىغاندا، يولۋاس ئامويانى دەپ ئىخچاملاپ ئاتىساقمۇ بولىدۇ. يولۋاس ئامويانى، ئېلىمىزدىكى ئوتتۇرا جۇڭگو، جەنوبى جۇڭگو  رايونلىرىغا تارقالغان. مەنبەلەرگە قارىغاندا، يولۋاس ئامويانىنىڭ دۇنيادىكى سانى 20 گىمۇ يەتمەيدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن.

2.3. بارىس يولۋاس سۇماترى

بارىس يولۋاس سۇماترى (苏门塔拉虎,Panthera tigris sumatrae)، يولۋاسنىڭ بىر شاخزاتىنىڭ ئۇيغۇرچە تولۇق پەننى نامى. ئادەتتە ئاتىغاندا، يولۋاس سۇماترى دەپ ئىخچاملاپ ئاتىساقمۇ بولىدۇ. مەنبەلەرگە قارىغاندا، يولۋاس سۇماترى، ھىندونىزىيەنىڭ سۇماترا ئارىلىغا تارقالغان. ئۇنىڭ دۇنيادىكى ھازىرقى سانى 500-400 كىچە ئىكەنلىكى مۆلچەرلەنگەن.

2.4. بارىس يولۋاس كوبەتى

بارىس يولۋاس كوبەتى (印支虎,Panthera tigris corbetti) يولۋاسنىڭ بىر شاخزاتىنىڭ ئۇيغۇرچە تولۇق پەننى نامى. ئادەتتە ئاتىغاندا، يولۋاس كوبەتى دەپ ئىخچاملاپ ئاتىساقمۇ بولىدۇ. مەنبەلەرگە قارىغاندا، يولۋاس كوبەتى، جۇڭگونىڭ يۈننەن ئۆلكىسى، تايلاند، كامبۇدجا، لائۇس، ۋېيتنام  ۋە بېرما قاتارلىق دۆلەت رايونلارغا تارقالغان. يولۋاس كوبەتىنىڭ  دۇنيادىكى ھازىرقى سانى 1050-1750 كىچە ئىكەنلىكى مۆلچەرلەنگەن.

2.5. بارىس يولۋاس جاكسونى

 بارىس يولۋاس جاكسونى (马来亚虎,Panthera tigris jacksoni)، يولۋاسنىڭ بىر شاخزاتىنىڭ ئۇيغۇرچە تولۇق پەننى نامى. ئادەتتە ئاتىغاندا، يولۋاس جاكسونى دەپ ئىخچاملاپ ئاتىساقمۇ بولىدۇ. مەنبەلەرگە قارىغاندا، يولۋاس جاكسونى، مالايسىيا، تايلاندنىڭ جەنوبى ۋە مالاي يېرىمئارالىغا تارقالغان. ئۇنىڭ دۇنيادىكى ھازىرقى سانىنىڭ قانچە ئىكەنلىكى تېخى ئېنىق ئەمەسكەن.

2.6. بارىس يولۋاس يولۋاسى

 بارىس يولۋاس يولۋاسى (孟加拉虎,Panthera tigris tigris)، يولۋاسنىڭ بىر شاخزاتىنىڭ ئۇيغۇرچە تولۇق پەننى نامى. ئادەتتە ئاتىغاندا، يولۋاس يولۋاسى دەپ ئىخچاملاپ ئاتىساقمۇ بولىدۇ. مەنبەلەرگە قارىغاندا، يولۋاس يولۋاسى، ھىندىستان، نېپال، بېنگال، بۇتان، بېرمانىڭ غەربى شىمالى ۋە جۇڭگونىڭ شىزاڭ ئاپتونۇم رايونىغا تارقالغان. يولۋاس يولۋاسىنىڭ دۇنيادىكى ھازىرقى سانى ئەڭ كۆپ بولۇپ، 3250-4500 كىچە ئىكەنلىكى مۆلچەرلەنگەن.

2.7. بارىس يولۋاس بالى

 بارىس يولۋاس بالى (巴厘虎,Panthera tigris balica)، يولۋاسنىڭ بىر شاخزاتىنىڭ ئۇيغۇرچە تولۇق پەننى نامى. ئادەتتە ئاتىغاندا، يولۋاس بالى دەپ ئىخچاملاپ ئاتىساقمۇ بولىدۇ. مەنبەلەرگە قارىغاندا، يولۋاس بالى، ھىندونىزىيەنىڭ بالى ئارىلىغا تارقالغان. يولۋاس بالى، 20-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدىن بۇرۇن بايقالغان ئىكەن. ھازىر، يولۋاس بالىنىڭ 1930-يىللاردا نەسلى قۇرىغان دەپ قارالماقتا.

2.8. بارىس يولۋاس باغراشى

بارىس يولۋاس باغراشى (新疆虎,Panthera tigris lecoqui)، يولۋاسنىڭ بىر شاخزاتىنىڭ ئۇيغۇرچە تولۇق پەننى نامى. مەنبەلەرگە قارىغاندا، يولۋاسنىڭ بۇ شاخزاتى ئەڭ دەسلەپتە شىنجاڭنىڭ باغراش ساھىلىدا بايقالغان بولۇپ، شۇ يەردىن ئوۋلانغان ئەۋرىشكىگە ئاساسەن، ئۇنىڭغا شىۋاز دىگەن كىشى 1916-يىلى«Panthera tigris lecoqui» دىگەن نامنى قويغان ئىكەن. شۇڭا، مەن بۇ يولۋاس شاخزاتىنى «بارىس يولۋاس باغراشى» دەپ ئاتىدىم. بۇنىڭدىكى بارىس سۆزى، ھايۋانننىڭ رۇق نامىنى، يولۋاس سۆزى، ھايۋاننىڭ زات نامىنى، باغراشى سۆزى، ھايۋاننىڭ شاخزات نامىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ نامنى ئادەتتە قوللانغاندا، يولۋاس باغراشى دەپ ئىخچاملاپ ئاتىساقمۇ بولىدۇ. يولۋاس باغراشى نامىنى خەنزۇچە مەنبەلەردە، 西北虎 (غەربى شىمال يولۋاسى)،  罗布虎(لوپنۇر يولۋاسى)،  塔里木虎(تارىم يولۋاسى)،新疆虎  (شىنجاڭ يولۋاسى) دىگەندەك ناملار بىلەن ئاتالغان. بۇنىڭ ئىچىدە新疆虎  (شىنجاڭ يولۋاسى) دىگەن نام، باشقا ناملارغا قارىغاندا بىر قەدەر كۆپ قوللۇنۇلغان. يولۋاس باغراشى، ئوتتۇرا ئاسىياغا ۋە تارىم دەريا ساھىلىغا تارقالغان بولۇشى مۇمكىن، ھازىر،20- ئەسىرنىڭ 60- يىللىرىدىن باشلاپ نەسلى قۇرىغان دەپ قارالماقتا. 20-ئەسىرنىڭ 70- ۋە 80- يىللىرى شىنجاڭنىڭ ئارغان، تارباغاتاي، بايىنغولىن مۇڭغۇل ئوبلاست تەۋەلىرىدە يولۋاس بايقالغان خەۋەرلەر تارقالغان. ئەمما، ھېچقايسى خەۋەرنىڭ ماددى ئىسپاتى بولمىغانلىقتىن بۇ خەۋەرلەرنىڭ راست بولۇشى ناتايىن. مەيلى قانداق بولمىسۇن، 1960-يىللاردىن كېيىن شىنجاڭدا يولۋاس زاتى بايقالمىغان.

2.9. بارىس يولۋاس ۋىرگەتى

بارىس يولۋاس ۋىرگەتى (里海虎,Panthera tigris virgata)، يولۋاسنىڭ بىر شاخزاتىنىڭ ئۇيغۇرچە تولۇق پەننى نامى. ئادەتتە ئاتىغاندا، يولۋاس ۋىرگەتى دەپ ئىخچاملاپ ئاتىساقمۇ بولىدۇ. بۇ يولۋاس شاخزاتىنىڭ نامى خەنزۇچە مەنبەلەردە،، 波斯虎 (پىرسىيە يولۋاسى)، 高加素虎 (كاپكاز يولۋاسى)، 里海虎 (كاسپى يولۋاسى) دىگەندەك ناملاردا ئاتالغان. مەنبەلەرگە قارىغاندا،  يولۋاس ۋىرگەتى، ئىران، ئىراق، تۈركىيە، مۇڭغۇلىيە، روسىيە قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئوتتۇرا ۋە غەربى قىسمىغا ھەم كاسپى دېڭىز ساھىلىغا تارقالغان بولۇپ، 20-ئەسىرنىڭ 70- يىلىدىن ئېتىۋارەن نەسلى قۇرىغان دەپ قارالماقتا. بەزى مەنبەلەردە، يولۋاس ۋىرگەتى شىنجاڭنىڭ غەربى ۋە شىمالى قىسمىدا ياشىغان دىيىلگەن. 

2.10. بارىس يولۋاس سوندايى

بارىس يولۋاس سوندايى (爪哇虎,Panthera tigris sondaica)، يولۋاسنىڭ بىر شاخزاتىنىڭ ئۇيغۇرچە تولۇق پەننى نامى. ئادەتتە ئاتىغاندا، يولۋاس سوندايى دەپ ئىخچاملاپ ئاتىساقمۇ بولىدۇ. مەنبەلەرگە قارىغاندا،  يولۋاس سوندايى ھىندىنوزىيەنىڭ جاۋا ئارىلىنىڭ جەنوبىدىكى تاغلارغا تارقالغان بولۇپ، 20-ئەسىرنىڭ 80- يىلىدىن ئېتىۋارەن نەسلى قۇرىغان دەپ قارالماقتا.

بايان ئاخىر

يوقۇرىدا بايان قىلىنغان يولۋاس زاتىنىڭ شاخزاتلىرى 20- ئەسىر ئىچىدىكى مەلۇماتلار بولۇپ، 20-ئەسىرنىڭ 30- يىللىرىدىن بۇرۇن دۇنيا بويىچە 10 خىل يولۋاس شاخزاتى ياشاپتىكەن. بۇلار، يولۋاس ئالتايى، يولۋاس ئامويانى، يولۋاس سۇماترى، يولۋاس كوبەتى، يولۋاس جاكسونى، يولۋاس يولۋاسى، يولۋاس بالى، يولۋاس باغراشى، يولۋاس ۋىرغاتى، يولۋاس سوندائى دىن ئىبارەت.

ئىنسانلار پائالىيىتىنىڭ كۈچۈيىشىگە ئەگىشىپ، يولۋاس زاتىغىمۇ خەۋپ يەتكەن. شۇنىڭ بىلەن، 20-ئەسىرنىڭ 70-يىلىغىچە بۇلاردىن يولۋاس بالى، يولۋاس باغراشى، يولۋاس ۋىرگەتى، يولۋاس سوندايى قاتارلىق 4 شاخزاتىنىڭ نەسلى قۇرىغان. ھازىر دۇنيادا يولۋاسنىڭ يولۋاس ئالتايى، يولۋاس ئامويانى، يولۋاس سۇماترى، يولۋاس كوبەتى، يولۋاس جاكسونى، يولۋاس يولۋاسى قاتارلىق 6 خىل شاخزاتى ھايات قالغان.

مەنبەلەر

1. ئا.ر.بوستانى، ئارىسلانئىلە زاتلىرى، ئاكادېمىيە تورى، 2013-يىل، 5-ماي نەشىرى.

2. ئا.ر.بوستانى، ھايۋاناتنىڭ ئۇيغۇرچە ناملىرىنى ئاتاش ۋە يازىش قائىدىسى، ئاكادېمىيە تورى، 2013-يىل، 11-ئاپرىل نەشىرى.

3. مامىڭ، شۇيفېڭ يازغان، شىنجاڭ شۆباۋ دىگەن خەنزۇچە كىتاپ. كېشۆ نەشىرىياتى نەشىر قىلغان 2013-يىل.

 

 

يازما ئاپتورى: ئارجىم
يازما يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 06-ئاينىڭ 04-كۈنى
يازما ئاۋاتلىقى: 443 قېتىم كۆرۈلدى
يازما ئادرېسى: ../?p=3001
بارلىق ھوقۇق ئاكادېمىيە تور بېكىتىگە غا تەۋە! رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!

مەزكۇر يازمىغا تېخى باھا يېزىلمىدى

باھا يېزىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز