باش بەت > ئۇنىۋېرسال > چىچەن تۇغما بولامدۇ؟
6ئۆكتەبىر

چىچەن تۇغما بولامدۇ؟

چىچەن، تۇغما بولامدۇ؟

天才是天生地吗?

جىمسارى

1. چىچەن  دىگەن سۆزگە ئىزاھ

بىز ئادەتتە، ئىلىم، بىلىم ۋە ئۆگۈنۈشتە، تەپەككۇر ۋە ھەرىكەتتە، پېشقەدەملىرى ۋە زامانداشلىرىدىن ھالقىغان ئادەملەرنى چىچەن دەپ تەرىپلەيمىز.  چىچەن دىگەن سۆز، مىنىڭچە ئادەم مىڭىسىنىڭ چوڭ كىچىكلىكى، قۇرۇلمىسىنىڭ مۇكەممەللىكى، مىڭە ھەرىكىتىنىڭ تېزلىكى  دىگەندەك ھالەتلەرنىڭ ئۆنۋىرسال بىرىكمىسىگە قارىتىلغان.  شۇڭا، چىچەن دىگەن سۆزىمىز، ھەم ئىسىم سۆز، ھەم سۈپەت سۆز بولۇپ، ئادەملەرنى كۆرسۈتىدۇ. مەسىلەن: چىچەن، ئەھمەت چىچەن، ھۆرىيەت چىچەن دەپ ئاتالغان سۆزلەر،  ئىسىم سۆز بولىدۇ.  چىچەن بالا، چىچەن قىز، چىچەن كىشى دىگەندەك ئاتالغانلار، سۈپەت سۆز بولىدۇ.

مەن دەۋاتقان چىچەن سۆزى، بىزنىڭ ئىزاھلىق لۇغەتىمىزدە، چېچەن دەپ يازىلغان.  ھەمدە بۇ سۆزنى ئىسىم ھەم سۈپەت دەپ ئىزاھلىغان. مەن، چىچەن بىلەن چېچەن سۆزىنى پەرقلەندۈرۈش كېرەك دەپ قارايمەن. زېھنى ئۆتكۈر، ئەسلىشى تېز، تەپەككۇرى كەڭ ۋە چوڭقۇر، ئەقىللىق  بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە ئادەمنىڭ نامىنى، ھەمدە شۇ ئالاھىدىلىككە ئىگە ھالەتنى بىلدۈرىدىغان سۆزنى چىچەن دەپ ئاتاش ھەم يازىشنى توغرا دەپ قارايمەن.  ئەندى، چېچەن دىگەن سۆزنى، چېچىنىيە دەپ ئاتالغان دۆلەتنىڭ نامىنى ھەمدە  چېچەن دەپ ئاتالغان مىللەتنىڭ نامىنى بىلدۈرىدىغان ئىسىم سۆز دەپ قارايمەن.

چىچەن دىگەن سۆزىمىزنى يەنە تالانت دىگەن گرىكچە سۆز بىلەنمۇ ئىپادىلىدۇق.  ئۆزىمىزدە چىچەن دىگەن سۆز بار تۇرسا، يەنە تالانت دەپ سۆز قۇبۇل قىلىشنىڭ زۆرۆرىيىتى يوق دەپ قارايمەن.

2. چىچەن تۇغما بولامدۇ؟

مىنىڭچە، ھەر قانداق ئادەم تۇغۇلۇشىدا، مەيلى بىجىرىم ياكى مىيىپ بولۇشىدىن قەتئى نەزەر، مەلۇم جەھەتتە، مەلۇم دەرىجىدە چىچەن بولۇپ تۇغۇلىدۇ. شۇڭا، ھەر بىر ئادەمدە مەلۇم جەھەتتە، مەلۇم نىسبەتتە چىچەن بولىدۇ ھەم چىچەن، تۇغما بولىدۇ دەپ قارايمەن. ئەمما، ئاللا تائالا ئادەمنى ياراتقاندا، چىچەننى قانچىلىك ساھەدە، قانچىلىك دەرىجىدە قوشۇپ بەرگەنلىكى بىزگە ئېنىق ئەمەس، شۇنداقتىمۇ ئىنسانلار بايقىغان ساھەلەرگە ۋە ئادەملەردىكى چىچەنلىك پەرقىغە ئاساسەن، 100 مىڭ ساھەگە، بىر پوئىنتتىن ئۈچ پوئىنتقىچە بەردىمىكىن دەپ پەرەز قىلىمەن.  

چىچەندىن ئىبارەت بۇ تۇغما شەيئى، ئۆزى ياشايدىغان مۇھىت ئەھۋالىغا ھەم ئۆز ئەمەلىيەتىگە قاراپ ئۆزگىرەپ تۇرىدۇ. مەلۇم جەھەتتىكى تۇغما چىچەنلىك، ئۆزىگە ماس كىلىدىغان  ئەمەلىيەت مۇھىتى بىلەن تەمىنلەنسە، ئۇ چىچەنلىك جارى قىلىنىدۇ، ئەكسىنچە بولغاندا، بوغۇلۇپ قالىدۇ.  چىچەن جارى قىلىنسا تەپەككۇر كۈچى، ئامال-چارە كۈچى چوڭلايدۇ ھەم  كېڭىيىدۇ، جارى قىلىنمىسا، كىچىكلەيدۇ، يىگىلەيدۇ. سېزىش، ئاڭلاش، كۆرۈش، ئوقۇش، يازىش، ئىشلەش، ئىزدىنىش، تەپەككۇر قىلىش دىگەنلەرنىڭ ھەممەسى بىر ئەمەلىيەت، بىر مۇھىت بولىدۇ. ھەر بىر ئادەمدىكى چىچەنلىك، قايسى ساھەدە، قانچىلىك دەرىجىدە بولىدىغانلىقى ئۆزىگە ۋە باشقىلارغا مەلۇم بولىدۇ. بۇنى بايقاپ شۇ بۇيىچە تىرىشقانلار شۇ ساھەدە مۇۋاپىقىيەت تاپىدۇ.

يازما ئاپتورى: ئارجىم
يازما يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 10-ئاينىڭ 06-كۈنى
يازما ئاۋاتلىقى: 458 قېتىم كۆرۈلدى
يازما ئادرېسى: ../?p=3420
بارلىق ھوقۇق ئاكادېمىيە تور بېكىتىگە غا تەۋە! رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!

بىر پارچە باھا يېزىلدى

  1. #1 غاپپار روزى بۇ باھاغا پىكرىم بار | نەقىل ئېلىش Post:2014-03-26 15:50

    « چىچەن تۇغما بۇلامدۇ ؟ » دېگەن يازما خېلى ئىلمىي ئىكەن . ئادەم ئەقىل كۆرسەتكۈچى 160 دىن يۇقىرى بولغانلار چىچەن ، ئەقىللىق ھېسابلىنىدىكەن . م . گوركى ، لۇشۇن قاتارلىق ئالىم ۋە يازغۇچىلار « تۇغما بىر پىرسەنت ، توققۇزى ئەمگەك » دېگەن ئىلمىي ھەقىقەتنى ئوتتۇرىغا قويۇدۇ . « چىچەن- تالانت » ئادەم مىڭىسىنىڭ ماگىنىتلىق قاتلىمىينىڭ قىلىن- يۇققىلىقى ۋە نەچچە ئەۋلادىنىڭ ئىلىم – پەن بىلەن شۇغۇللانغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىكى ماتېرىياللاردا يېزىلغان . مىدىتسىنا ئىلىمىي ۋە تالانتشۇناسلار بۇھەقتە داۋاملىق تەتقىقات ئىلىپ باماقتا . ئىرىسى ئامىلنى ئېتىراپ قىلماي بولمايدۇ . ئۇلارنىڭ ئەقىل كۆرسەتكۈچى ھامان ئادەتتىكى ئادەملەردىن ئەقىللىق كىلىدۇ . ئەمما ، تۇغرا يۈنۈلۈشتە ئەلالاشتۇرمىسا ، ئەكسىچە بولۇپ قىلىشى مۇمكىن ، خالاس .

باھا يېزىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز