باش بەت > ئارخىپ > جىمسارى تەرجىمىھالى
14ماي

جىمسارى تەرجىمىھالى

جىمسارى تەرجىمىھالى

吉木萨理简历

ئاپتورى: ئەخمەت مۇھەممەت

تەھرىرى: ئا. ر. جىمسارى

«جىمسارى»نىڭ كىملىكتىكى ئىسمى: رەھمەتۇللا ئادىللا بولۇپ، قوللانغان تەخەللۇسى جىمسارى. ھازىر قوللۇنىۋاتقان تولۇق ئىسمى «ئادىللا رەھمەتۇللا جىمسارى» ياكى، «ئا. رەھمەتۇللا جىمسارى»،«رەھمەتۇللا جىمسارى» بولىدۇ.  ئادەتتە   قوللانغاندا، «جىمسارى» دىگەن تەخەللۇس ئىسىم بىلەن ئاتالدى. بۇرۇن رەھمەتۇللا ئادىللا، رەخمىتۇللا ئادىللا، رەھمىتۇللا ئادىللا، ر. ئادىللا، دەپ ئاتالغان. بەزىدە، رەخمىتۇللا ئادىل دەپمۇ ئاتالغان.

 جىمسارى، جۇڭگو پەننى ئاكادېمىيەنىڭ شىنجاڭدىكى ئېكولوگىيە-جۇغراپىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ ئاكادېمى[1] ھەم پروففىسسورى، ئاسپرانت يىتەكچىسى. 2011-يىلى دەم ئېلىشقا چىققان.

جىمسارى، مىلادى 1951-يىلى 12- ئاينىڭ 21-كۈنى جىمسار ناھىيەسىنىڭ بۇلاق بازار(چۋەنزىگەي) بازىرىدا، ساۋاتلىق تۆمۇرچى ئادىللا ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. مىلادى 1972-يىلغىچە، ئوقۇغۇچى، دىھقان، يېزىدا ئىشتىن سىرت سەنئەتچى، ئىسكىلاتچى، بۇغالتىر، كاسسىر ، تۆمۇرچى، رىمونتچى، قۇيمىگەر ئىشچىسى  بولغان.

 جىمسارى، 1973-يىلى، ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ، شىنجاڭ 1-ئاۋغۇسىت يېزا ئىگىلىك ئىنىستىتۇتىغا ئوقۇشقا قوبۇل قىلىنغان. 1977- يىلى 7-ئايغىچە، يايلاق ئېكولوگىيە كەسپىدە ئوقۇغان. شۇ يىلى 9-ئايدا، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ شىنجاڭدىكى ئېكولوگىيە-جۇغراپىيە ئنىستىتۇتىغا تاللىنىپ خىزمەتكە چۈشكەن. شۇنىڭدىن باشلاپ، قۇملۇق چۆللەر، تاغ-دالىلار، يايلاقلار،  جەزىرىلەر، باياۋانلار، چىمەنلەر، ئورمانلار ۋە بوستانلاردا تەبىئەتكە ئائىت ئېكولوگىيە ، جۇغراپىيە، بىئولوگىيە پەنلىرى بويىچە ئىلمىي تەتقىقات بىلەن شوغۇللانغان (جىمسارى خىزمەتلىرى ناملىق ئەسەرگە قارالسۇن). تەتقىقات نېتىجىلىرى جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى مۇكاپاتلىرىغا ئېرىشكەن (جىمسارى ئېرىشكەن شەرەپلەر ناملىق ئەسەرگە قارالسۇن). 60 پارچە ئەتراپىدا، ئىلمىي ئەسەر يازغان (جىمسارى ئەسەرلىرى ناملىق ئەسەرگە قارالسۇن). بۇ ئەسەرلەرنىڭ بەزىلىرى مەملىكىتىمىزدە مۇكاپاتلانغان، بەزىلىرى خەلقئارالىق يىغىنلارغا تاللانغان. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن جىمسارى ئاسىيا، ياۋروپا، ئافرىقا قىتئەلىرىدىكى بىر قىسىم دۆلەت شەھەرلەردە يىغىن، ئۆگۈنۈش ۋە زىيارەتلەردە بولغان.

جىمسارى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ ئېكولوگىيە-جۇغراپىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ گېئوبوتانىكا تەتقىقات بۈلۇم باشلىقى، تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئاكادىمى، ئىلمىي كومىتىت ئەزاسى، ئۇنۋان باھالاش كومىتىت ئەزاسى، ئاسپرانتلار ئوقۇش ئۇنۋانى  باھالاش كومىتىت ئەزاسى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ بېجىن ئاسپرانتۇرا پروففىسسورى، «قۇرغاق رايونلار جۇغراپىيەسى» ۋە «قۇرغاق رايونلار تەتقىقاتى» دىن ئىبارەت ئۇيغۇرچە ئىككى ئىلمىي ژورنالنىڭ باش مۇھەررىرى بولۇپ ئىشلىگەن.

جىمسارى،  جۇڭگو ئېكولوگىيە ئىلمىي جەمىيىتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو يايلاق ئىلمىي جەمىيىتىنىڭ ھەيئىتى(لىشى)، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق يايلاق ئىلمىي جەمىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باش ھەيئىتى، جۇڭگو بوتانىكا ئىلمىي جەمىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق بوتانىكا ئىلمىي جەمىيىتىنىڭ دائىمى ھەيئىتى بولغان. جۇڭگو خەلق سىياسى كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق  9- نۆۋەتلىك كومىتىت ئەزاسى، ۋە نوپوس، بايلىق، مۇھىت كومىتىتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان.

ئا.رەھمەتۇللا جىمسارىنىڭ خىزمەتلىرى ۋە قولغا كەلتۈرگەن نېتىجىلىرى، «جىمسارى خىزمەتلىرى»، «جىمسارى ئېرىشكەن شەرەپلەر» ناملىق ئەسەرلەردە بايان قىلىندى. بۇ ئەسەرلەر مۇشۇ «ئاكادېمىيە» تورىدا بېرىلمەكچىى. ئەگەر قىزىقسىڭىز شۇلاردىن كۆرۈۋالسىڭىز بولىدۇ.

جىمسارى، ھازىر تەكلىپكە بىنائەن تەتقىقات بىلەن شوغۇللىنىۋاتىدۇ. ھەم بوش ۋاقىتلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزىنىڭ «ئاكادېمىيە» ناملىق تورىدا، پەنوم ئەسەرلىرى يېزىش بىلەن شوغۇللانماقتا.

(«پەنوم» دىگىنىمىز، جىمسارى ئىجات قىلغان ئۇيغۇرچە ئاتالغۇ بولۇپ، پەننى ئىلىم-تېخنىكا بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش دىگەن ئۇقۇمنى بىلدۈرىدۇ. «پەنوم ئەسەرلەر» دىگىنىمىز، پەننى ئىلىم-تېخنىكا بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش يۈزىسىدىن يېزىلغان ئەسەرلەرنى كۆرسىتىدۇ).

[1] ئاكادىم: كەسپى ئۇنۋان نامى، خەنزۇچە 研究员 دەپ ئاتىلىدۇ. بىز بۇ ئۇنۋان نامىنى «تەتقىقاتچى» دەپ ئاتىغان. تەتقىقاتچى دىگەن نامنىڭ قاراتمىلىقى مۇجىمەل بولۇپ قالىدىكەن. مەسىلەن: خەنزۇچە 研究人员,科研人员 دىگەن ناملارنى تەتقىقاتچى دەپ ئاتاشقا توغرى كېلىدۇ. بۇلاردىن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن، مۇشۇ «ئاكادېمىيە »تورىدا بېرىلگەن «ئاكادېمىيەنىڭ تەبىرى» ناملىق ئەسەردە تەۋسىيە قىلىنغان «ئاكادىم» دىگەن نامنى مۇۋاپىق كۆرۈپ، بۇ يەردە قوللاندىم.

ئەسەر مەنبەسى: جوڭگو خەلق سىياسى كېڭىشى شىنجاڭ جىمسار ناھىيىلىك كومىتىتى تۈزىگەن «بېشبالىق تارىخى ماتىرىياللىرى» دىگەن كىتاپتىن ئۆزلەشتۈرۈپ ئېلىندى.

يازما ئاپتورى: جىمسارى
يازما يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 05-ئاينىڭ 14-كۈنى
يازما ئاۋاتلىقى: 15,837 قېتىم كۆرۈلدى
يازما ئادرېسى: ../?p=899
بارلىق ھوقۇق ئاكادېمىيە تور بېكىتىگە غا تەۋە! رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!

7 پارچە باھا

  1. An interesting discussion is definitely worth comment. There’s no doubt that that you need to publish more on this subject, it may not be a taboo matter but usually people do not discuss these subjects. To the next! Cheers!!

  2. You have noted very interesting details! ps decent web site.

  3. Hi, Neat post. There’s an issue along with your web site in web explorer, might test this IE nonetheless is the market leader and a large section of other folks will leave out your fantastic writing due to this problem.

  4. good good good good

  5. سىز مەن بىلەن دېمەتلىك كىشى ئىكەنسىزغۇ.نۇرغۇن ئەجىرلەرنى قىلىپسىز.ئامان ۋە سالامەت بولغايسىز.

  6. ھۆرمەتلىك زىيا ئەپەندى، سىزنىڭ ماڭا قىلغان تىلەكلىرىڭىزگە كۆپ رەھمەت. توغرا ئېيتىسىز، بىز ھەقىقەتەن تەڭ دىمەتلىك بولۇپ قالىدىكەنمىز. ئەپسۇس، سىز بىلەن يۈزتۇرانە كۆرۈشۈپ باقماپتىمەن. كېچىكىپ بولسامۇ، پەقەت ۋېبسىتتىكى يازغان ئەسەرلىرىڭىزدىن سىزنى تۇنۇيمەن. ئەدەبىي ئەسەرلىرىڭىزدىن بولۇپمۇ يازغان شىئېرلىرىڭىزدىن زوق ئالىمەن. فىزىكىغا ئائىت قاراشلىرىڭىزدىن پەخىرلىنىمەن. شۇڭا، ۋېبسىتتا سىزگە ئائىت ئەسەرلەرنى يازىپ كۆڭلۈمنى ئىزھار قىلدىم. سىز، ئەدەبىيات ھەم فىزىكىغا قىزىقىدىكەنسىز، مەن تەبىئەتكە، جانىۋارلارغا قىزىقىمەن. گەرچە قىزىقىش ئوخشاش بولماسىمۇ، بارلىقىمىزنى ئىلىم ئۈچۈن بېغىشلاش روھىمىز ئوخشاش ئىكەن. ئىلمىي ئەمگەكلىرىڭىزنىڭ توختاپ قالماسلىقى ئۈچۈن، ئاللا، سىزنى سالامەت، ئامان-ئىسەن قىلغاي! ئىشلىرىڭىزغا بەرىكەت بەرگەي!

  7. رەھمەت.
    سىزنىڭ شەكىل نەزەريىسى ھەققىدىكى يازمىلىرىڭىزنى كۆرۆپ، شەكىل نەزەريىسىنى ۋە ئۇنىڭ غايىلىرىنى چۈشەنگەنلىگىڭىزدىن خۇش بولدۇم.بەزى باھالىرىڭىز مىنى خىجىل قىلىپ قويدى.مەن ئادەتتىكى بىر ئىزدەنگۈچى.بۇ باھالىرىڭىزمەندە تېخىمۇ بەكرەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى پەيدا قىلدى.
    ئاللا نەسىپ قىلسا كۆرۆشەرمىز ۋە ئازادە پاراڭلىشارمىز.تەتقىقاتلىرىڭىزغا مۇۋەپىقىيەتلەر يار بولۇشىنى تىلەيمەن!

باھا يېزىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز