باش بەت > ئۇنىۋېرسال > ئەلى قۇربان بۇرادەرگە ئىككى تەكلىپ
27دېكابىر

ئەلى قۇربان بۇرادەرگە ئىككى تەكلىپ

ئەلى قۇربان بۇرادەرگە ئىككى تەكلىپ

 

جىمسارى

 

ھۆرمەتلىك ئەلى قۇربان بۇرادەر، يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان «باغداش»تا نەشىر قىلىنغان 3پارچە ئەسەرىڭىزنى كۆردۈم. ئەسەرلىرىڭىز ياخشى يېزىلغان. بۇنى «ئىككى پارچە ئەسەرنى ئوقۇغاندىن كىيىن» ناملىق ئەسەرىمدە ئىزھار قىلىپ بولدۇم. ئەمما مەن، ئەسەردە ساقلانغان يىتەرسىزلىك دەپ قاراغان تەرەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويمادىم. سەۋەبى سىزنىڭ يازىق ئەسەرىڭىزنى تۈنجى قىتىم كۆرۈشۈم. قاراسام 3-ئەسەرىڭىز بىلەن چەتئەل ساياھەتىڭىز ئاخىرلاشقاندەك قىلىدۇ. دىمەك، ئەسەرلىرىڭىزدە نەقىل ئېلىنغان مەنبە ۋە ئىدىيەلەرنىڭ بىزگە نىسبەتەن ناتۇنۇش ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. مەزگۇر، ئەسەرىمدە، ئەنە شۇ جەھەتلەردە سىزگە بىر تەكلىپ بېرىشنى ئويلاپ قالدىم.

 

1-تەكلىپ، دىيارىمىزدا نەشىر قىلىنغان رىۋايەت، قىسىسەلەرنىمۇ ئازراق ئوقۇپ قويۇڭ

 

مەن، مۇشۇ ئۆتكەن 30 يىلدا، ھېچقانداق رىۋايەت ياكى قىسىسەنى ئوقۇپ باقماقتىمەن. بۇ قىلمىشىمغا ئەپسۇسلىنىمەن. سىزنىڭ «پارىژ ھېسلىرى»، «رىمدىكى قارىغو»، «مىيۇنخىندىكى چىش ئاغرىقى» قاتارلىق 3 پارچە ئەسەرىڭىزدىن، سىزنىڭ ناھايىتى كۆپ رىۋايەت، قىسىەلەرنى ئوقۇغانلىقىڭىز چىقىپ تۇرۇدۇ. ئەمما بۇ ئەسەرلەرنىڭ ھەممەسى دىگىدەك دىيارىمىز سىرتىدىكى ئاپتورلار يازغان ئەسەرلەردەك قىلىدۇ. سىز قۇۋەتلەۋاتقان ھېكمەت ياكى ئىدىيەلەر، شۇ ئەسەرلەردە بولۇشى مۇمكىن. ئەمما، بۇلار، ماڭا نىسبەتەن ناتۇنۇش. بىزدە، «ناتۇنۇش كىشىلەر، بىرى-بىرىگە قارىغو» دىگەن بىر گەپ بار. سىزنىڭ ئەسەرىڭىزدىن، بىزگە بىر روھى ھالەتنى تەۋسىيە قىلىۋاتقانلىقىڭىزنى بىلىپ تۇرساممۇ، ئەمما، ئەسەرىڭىزدىكى ئىسىم ۋە سۆزلەرگە نىسبەتەن مەن قارىغو، ماڭا نىسبەتەن، ئەسەرىڭىزدىكى ئىسىم، سۆزلەر قاراڭغۇ بولۇۋاتىدۇ. سىزنىڭ ئەسەرىڭىزنى ئوقۇپ بولغاندىن كىيىن، مىنىڭدە مۇنداق سۇئاللار كەچتى:

ئەلى قۇربان ئۇيغۇرچە ئەسەرلەرنى ئوقۇمدۇ-يوق؟

ئۇيغۇرچە ئەسەرلەردە، ھېكمەت، ئىدىيەلەر بارمۇ-يوق؟

ئەلى قۇربان ئەسەرلىرىدە نىمە ئۈچۈن، ئۇيغۇرچە ئەسەرلەردىن نەقىل يوق؟

ئادەمنىڭ ئوقۇغۇسى كىلىپ تۇرىدىغان ئەسەرلىرىڭىز، ئۇيغۇر ئەسەرلىرىدىن نەقىلسىز قالسا، ئۇيغۇردا ھېكمەت، ئىدىيەلەر يوق ئوخشايدۇ دىگەن ھېسياتقا كىلىپ قالىدىكەن كىشى. ئەسەرلىرىڭىزدىن، «قۇتاتغۇبىلىك»، «ئىز»، «ئۇيغانغان زىمىن»، ئوغۇزخان، ئەبۇ ناسىر فارابى، ئىبىنسىنا، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، مەھمۇد قەشقەرى، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، چىڭغىز ئايتماتوۋ، ئۆمەر ھەييام، ئەختەم ئۆمەر، مەمتىمىن ھۇشۇر، دىگەندەك ئىسىملار ۋە سۆزلەر، خۇددى، «پۇلىتارىخ ئافىنالىقلار»، «مەنتىق ئۇلتايىر»، «مىلتون، چارلىز2، گوتې، فارىد ئاتتار» غا ئوخشاش كۆپلەپ چىقىپ تۇرسا، «پارىژ، رىممۇ يېقىن، ھەممەدىن ئىككىمىز يېقىن» بولمايمىزمۇ؟!. ياخشى ھېكمەت، ئىدىيەلەرنىڭ چىگراسى بولمايدۇ ھەم مىللەت ئايرىمايدۇ. ياخشى، ئىلىمىي ھەم بىزنىڭ مەرىپەت ۋە مەدەنىيەتىمىزگە مۇخالىپ كەلمىسىلا، ئۇنى، قۇبۇل قىلىشقا بولۇدۇ دەپ قارايمەن. شۇڭا، سىز، چەتئەل ئەسەرلىرىنى ئوقۇش بىلەن تەڭ، دىيارىمىزدىكى ئاپتورلارنىڭ ئەسەرلىرىنىمۇ ئوقۇپ قويسىڭىز بولغىدەك. چۈنكى، سىزنىڭ ئەسەرىڭىزنى، ئۇيغۇرچە بىلىدىغان چەتئەل كىشىلىرىمۇ كۆرۈدۇ ئەمەسمۇ. ئاڭلاشلارغا قاراغاندا، چەتئەللىكلەر، ئىنسان مۆجىزەلىرى تەكلىماكاندا كۆمۈكلۈك ياتىدۇ دىگىدەك. مىنىڭ نەزەرىمدە، سىز بىر «ھېكمەت سۈزۈش ئۇستاسى». ھۆنەرىڭىزنى شۇ ئەسەرلەرگىمۇ ئىشلىتىپ قويسىڭىز تولىمۇ ياخشى بولاتتى.

 

2-تەكلىپ، سىزنىڭ ئوبىكتىڭىزنىڭ دىيارىمىزدا ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالماڭ

 

سىزنىڭ ئىنتىلىۋاتقان نىشانىڭىز، دىيارىمىزدىكى كىشىلەردە بىر ياخشى روھى ھالەتنى بەرپا قىلىشتەك قىلىدۇ. شۇنداق ئىكەن، ئومۇمىلىققا ئىگە بىرقىسىم ساقلانغان ناچار روھى ھالەتلەرنى، دىيارىمىزدىكى ئەمەلىيەتتىن مىسال، گەپچەپ (دىئالوگ) ئالسىڭىز، ئالتۇن ئۈزۈككە ئالماس كۆز ئورناتقان بولۇسىز. شۇنداق بولغاندا، سىزنىڭ دادىل پىكىر قىلىش ئۇسولىڭىز، تەشەببۇسكار تۈرگۈن مىجەزىڭىز، تەرغىباتىڭىز، ھېكمەتكە باي ناتىق ئۇسلوبىڭىز، جەمىئەتىمىزدە، كىشىلىرىمىزدە ياخشى بىر روھى ھالەت شەكىللەندۈرۈشتە، تېخىمۇ يېقىن، ئۆز بولۇپ، تېخىمۇ ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ دەپ قارايمەن.

ھۆرمەتلىك ئەلى قۇربان بۇرادەر، سىز، دىيارىمىزدا بىخلىنىپ ئۆسۈۋاتقان، كۆزگەن كۆرۈنگەن پىسىخولوگىيە ئالىملىرىمىزنىڭ بىرى. سىزدىن چوڭ ئۈمۈدلەرنى كۈتمەكتىمىز. مىنىڭ سىزگە تەكلىپ بەرگىدەك سالاھىتىم يوق. بەرگەن تەكلىپلەرنىڭ ئەھمىيەتى بولماسلىقىمۇ مۇمكىن. شۇنداق بولسامۇ، پايدىلىنارسىز. سىز بىلەن ئالاقە قىلش يولىنى بىلمىگەنلىكىم ئۈچۈن، مەزگۇر ئەسەرنى «باغداش»قا يوللۇدۇم. سىزنى چوقۇم كۆرۈدۇ دەپ ئويلايمەن. مەزگۇر ئەسەردە، كۆڭلىڭىزگە كىلىدىغان گەپ-سۆزلەر يوق دەپ ئويلايمەن. ئەگەر بولۇپ قالسا، ئەپۇ قىلارسىز. ئالدىراش بولساڭىزمۇ، باغداشتا ئەسەرلىرىڭىزنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماسلىقىنى ئۈمۈد قىلىمەن..

3

يازما ئاپتورى: ئارجىم
يازما يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 27-كۈنى
يازما ئاۋاتلىقى: 68 قېتىم كۆرۈلدى
يازما ئادرېسى: ../?p=6722
بارلىق ھوقۇق ئاكادېمىيە تور بېكىتىگە غا تەۋە! رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!

مەزكۇر يازمىغا تېخى باھا يېزىلمىدى

باھا يېزىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز