«ئۇيلات» لايىھەسى
«ئۇيلات» يېزىق لايىھەسى
جىمسارى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىمىزدا ئۇيغۇرچە لاتىن يازىق لايىھەسىنى تۈزۈش جەھەتتە ئىزدەنگىلى 20 يىلدەك بولۇپ قالدى. بۇ جەرياندا كۆپلىگەن لايىھەلەرنىڭ ئورتىغا قويۇلغانلىقى مەلۇم. بۇنىڭ ئىچىدە، «UKY»، «ULY»، «ئۇيغۇر تىل تاۋۇشلىرىنى لاتىن ھەرىپتە ئىپادىلەش لايىھەسى» قاتارلىق لايىھەلەر، ئۇيغۇر كومپۇتېر جەمىيىتى، شىنجاڭ ئۆنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ ئىجتىمائى پەنلەر ئاكادېمىيەسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق تىل-يېزىق كومىتىتى قاتارلىق ئورۇنلاردىكى ئالىملار بىلەن بىرلىكتە، قوللۇنۇشقا بولىدىغان ئاخىرقى لايىھە سۈپىتىدە بۇنىڭدىن 10 يىللار بۇرۇن خەلقىمىزگە تەۋسىيە قىلىندى. شۇنىڭدىن بۇيان، يەنە ئوننەچچە يىل ئۆتۈپ كەتتى. بۇ يېزىق لايىھەسىنىڭ نېتىجىسى ياخشى بولمىدى، ئېنىقراق دىگەندە، رايونىمىزدا ئومۇملاشمىدى. بۇنىڭ سەۋەبلىرى كۆپ بولۇشىمۇ مۇمكىن. مىنىڭچە بولغاندا، ئەڭ ئاساسلىق سەۋەب، تەۋسىيە قىلىنغان يازىق لايىھەسىنىڭ مۇرەككەپلىكى، خەلقىمىزنىڭ 60 يىلغا يېقىن لاتىن ھەرىپلىرىنى ئىشلىتىش تارىخىدىكى ئادەتلىرىگە ماس كەلمىگەنلىكى دەپ قارايمەن. شۇڭا، ئاددى بولۇش، ئاسان بولۇش، ئادەتكە يېقىن بولۇش پىرىنسىپى ئاساسىدا مەنمۇ بىر ئاز ئىزدىنىپ «ئۇيلات» ناملىق ئۇيغۇرچە لاتىن ھەرىب لايىھەسىنى يۈزۈپ باقتىم. ئۇيلات دىگەن سۆز، ئۇيغۇردىكى «ئۇي» بىلەن لاتىندىكى «لات» بوغۇمىنى قوشۇپ يازىشتىن ياسالغان ئۇيغۇرچە ئىسىم سۆز. بۇنىڭ مەناسى، ئۇيغۇرچە لاتىن يازىق دىگەننى بىلدىرىدۇ. مەن تۈزىگەن ئۇيلات ئېلىببە لايىھەسىدە، 28 دانە ھەرىپ بار. بۇنىڭ 26 دانەسى تاق ھەرىپ، 2 دانەسى تاق مۇيۇزلۇق تاق ھەرىپ. بۇ 28 ھەرىپ بىلەن، ئۇيغۇر تۈركى تىلىمىزنى ھەم دۇنيادىكى كۆپلىگەن تاۋۇش بەلگىلەرنى ئىپادىلەپ بەرگىلى بولۇدۇ، قوللۇنۇشقا ئاسان دەپ قارايمەن. تۆۋەندە، ئۆزەمنىڭ ئويىدىكى ئۇيلات ئېلىپبە لايىھەسىنى كۆرسەتتىم. مۇھاكىمە قىلىپ باقارسىزلەر.
Uylat elipbe layihesi
No | uylat | IPA | uey | No | uylat | IPA | uey |
1 | Aa | ɑ | ئا | 15 | Oo | o | ئو |
2 | Bb | b | ب | 16 | Pp | p | پ |
3 | Cc | q/ts | تس، ق | 17 | ʧ | چ | |
4 | Dd | d | د | 18 | Rr | r | ر |
5 | Ee | e/ æ | ئې/ ئه | 19 | Ss | s | س |
6 | Ff | f | ڧ | 20 | Tt | t | ت |
7 | Gg | ɡ/ ɣ | گ/ غ | 21 | Uu | u | ئۇ |
8 | Hh | h/ x | ھ/ خ | 22 | Vv | v/y | ۋ , ئۈ |
9 | Ii | i | ئى | 23 | Ww | ø/w | ئۆ، ۋۋ |
10 | Jj | dz | ج | 24 | Xx | ʃ/iks | ش، ئېكىس |
11 | Kk | k | ك | 25 | Yy | j | ي |
12 | Ll | l | ل | 26 | Zz | z | ز |
13 | Mm | m | م | 27 | N’ n’ | ŋ | ڭ |
14 | Nn | n | ن | 28 | Z’ z’ | ژ |