پەلسەپىدىكى تۈپ مەسىلە
پەلسەپىدىكى تۈپ مەسىلە نىمە؟
哲学中的基本问题是什么?
ئاپتورى: ئا.ر. بوستاني
بايانئاۋۋال
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! ھۆرمەتلىك بۇرادەر،سىزنىڭ بۇ ئەسەرنى كۆرۈۋاتقانلىقىڭىزغا تەشەككۇر. كەمىنە پېقىر، مەكتەپلەردە ئوقۇش جەريانىدا «پەلسەپە» دىگەن ئىلىمنى مەخسۇس دەرىس نوقتىسىدىن ئۆگۈنۈپ باقماپتىمەن. ئەمما، پەلسەپە دىگەن بۇ ئىلىمگە قىزىقىمەن. مۇشۇ قىزىقىش تۈپەيلىدىن بولسا كېرەك، پەلسەپەگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئانچە-مۇنچە كۆرۈپ قويىمەن. بۇنىڭدىن بۇرۇن، پەلسەپە توغرىسىدىكى چۈشەنچىلىرىمنى ھەۋەسكارلار بىلەن ئورتاقلىشىشنى ئويلىغان بولساممۇ، مەخسۇس نەشىر ئەپكارلىرىغا ئەسەر يېزىشتىن، پەلسەپە نوپوزلۇقلىرىدىن ۋە مۇھەررىر ھۆكۈمالاردىن ئەيمىنىپ كەلدىم. ئىنتىرنېت دەيدىغان ئۇچۇر ئەپكارى مەيدانغا كەلگەندىن كىيىن، بلوگدىن پايدىلىنىپ ئەسەر نەشىر قىلىش نۇرغۇن ھەۋەسكارلارنىڭ ئەركىن پىكىر قىلىشىغا يېڭى يول ئاچتى. يەنى، ئابرويلۇق ئەللامە، نوپوزلۇق مۇھەررىر ۋە باشقا قەلەم قورالىدا ئەسەرلەرگە ھۆكۈم قىلىدىغان ھۆكۈمالاردىن ئەگىپ ئۆتۈدىغان يول ئىچىلدى. شۇنداق قىلىپ، پېقىرمۇ بلوگ دىگەن نەشىر ئەپكارىدىن بىرنى سىتىۋىلىپ، ئوي پىكىرلىرىمنى كەڭ-كۇشادە نەشىر قىلىۋاتىمەن. ئۆتكەندە، مۇشۇ ئاكادېمىيە تورىدا «پەلسەپە دىگەن نىمە؟، پەلسەپە ۋە پەيلاسوپلار نىمە ئۈچۈن جەلىپكار؟» ناملىق ئىككى پارچە ئەسەرنى نەشىر قىلدىم. بۇ ئەسەرلەردە، پەقەتلا پەلسەپە دەرۋازىسى ئالدىدا ئەگىپ يۈرۈپ، پەلسەپە چۈشەنچىلىرىمنى ئومۇملاشتۇرۇپ قارا تىلدا بايان قىلغان. بۇ قىتىم نەشىر قىلىنغان «پەلسەپىدىكى تۈپ مەسىلە نىمە؟» ناملىق ئەسەردە، پەلسەپە بۇسۇغىسىدىن ئاتلاپ كىرگەندىن كىيىنكى تۇنجى چۈشەنچىلىرىم، ئۆزەمنىڭ پىكىرىدىكى بىر قىسىم ئاتالغۇلار بىلەن بايان قىلىندى. بۇنى توغرى چۈشىنەرسىز ھەم ئەسەر توغرىسىدا ئويلىغانلىرىڭىزنى ئوتتۇرىغا قويارسىز.
پەلسەپىدىكى تۈپ مەسىلە نىمە؟
پەلسەپىدىكى تۈپ مەسىلە دىگەندە، پەلسەپەدە ئىزدىنىدىغان مەزمۇنلار ئىچىدىكى ئەڭ ئاساسلىق، ئەڭ مۇھىم ياكى ئەڭ ئالى ئورۇندا تۇرىدىغان تۈپكى مەزمۇنلارنى كۆرسۈتىدۇ. مەن كۆرگەن مەنبەلەرگە قارىغاندا، پەلسەپە، تەبىئى ۋە ئىجتىمائى پەنلەر تەتقىق قىلىدىغان كونكرىتلاشقان (مەخسۇسلاشقان) مەزمۇنلاردىن باشقا، ماددا، روھ ، ئاڭ، مەۋجۇت، پاني ئالەم، باقى ئالەم، چامان، زامان، ئەدەپ، ئەخلاق ۋە دىن، پەن قاتارلىق بارلىق ئومۇمىيەتكە تەۋە بولغان مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىدىكەن. شۇنداق بولسىمۇ، مۇشۇ نۇرغۇنلىغان نىمە ئۈچۈنلەر ئىچىدە، پەلسەپىدىكى ئالدى بىلەن جاۋاپ بېرىشكە زۆرۆر تاپقان تۈپ مەسىلە، ئىككى مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭ بىرى، دۇنيانىڭ ياكى ئالەمنىڭ ماھىيىتى (پەيدا بولۇشىىدىكى تۈپ ئاساس) ماددامۇ ياكى روھمۇ؟ ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا، ئالەم ۋە ئالەمدىكى بارلىق شەيئىلەرنىڭ پەيدا بولۇشىدا، ماددا بىرىنچى ئورۇندا تۇرامدۇ؟ (ماددا روھنى پەيدا قىلغانمۇ؟) ياكى روھ بىرىنچى ئورۇندا تۇرامدۇ؟ (روھ ماددىنى پەيدا قىلغانمۇ؟). ئىككىنچىسى، ئاڭ، مەۋجۇدنى پەيدا قىلغانمۇ؟ ياكى مەۋجۇد، ئاڭنى پەيدا قىلغانمۇ؟ دىگەندىن ئىبارەت. بۇ ئىككى تۈپ مەسىلە، پەلسەپىدىكى جانتۇمۇر مەسىلە بولۇپ، بۇلار توغرىسىدىكى تالاش-تارتىش، پەلسەپە دىگەن ئۇقۇم ياكى بىر ئىلىم بولۇپ شەكىللەنگەندىن تارتىپ تا ھازىرغىچە ھەل قىلىنمىدى. بۇ مەسىلىدىكى تالاش-تارتىش مۇنازىرلىرى تۈپەيلىدىن، پۈتۈن دۇنيادىكى پەيلاسوپلاردىن تارتىپ ئادەتتىكى كىشىلەرگىچە ئىككى ماقامغا ئايرىلىپ كەتتى. ئالەمنىڭ ماھىيىتىدە، ماددا بىرىنچى ئورۇندا تۇرۇدۇ دىگۈچىلەر ۋە مەۋجۇد، ئاڭنى پەيدا قىلىدۇ دىگۈچىلەر، «ماقامى ماددىزىملار» دەپ ئاتالدى. دۇنيانىڭ ماھىيىتىدە، روھ بىرىنچى ئورۇندا تۇرۇدۇ دىگۈچىلەر ۋە ئاڭ، مەۋجۇدنى پەيدا قىلىدۇ دىگۈچىلەر، «ماقامى روھىزىملار» دەپ ئاتالدى. دىمەك، پەلسەپەدىكى بۇ ئىككى تۈپ مەسىلە، دۇنيادىكى مەيلى دىن ياكى پەن بولسۇن، سوتسىيالىستىك ياكى كاپىتالىستىك دۆلەت بولسۇن، مىللەت، تۈزۈم بولسۇن، پەيلاسوپ ياكى ئاددى كىشى بولسۇن، پاتىشا ياكى پۇقرا بولسۇن، پەيغەمبەر ياكى ساھابە بولسۇن، ھېچكىم بۇنىڭدىن ئەگىپ ئۆتۈپ كىتەلمەيدىغان بىر «پىلسىرات» قا ئايلىنىپ قالدى. دۇنيادىكى بارلىق ئىنسانلارمۇ ئۆزلىرى بىلىپ بىلمەيلا، «ماقامى ماددىزىملار» ياكى «ماقامى روھىزىملار» دىگەن «قالپاق»نى كىيىپ قالدى. بۇ ئەھۋاللارنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەپ بولغىنى، ماددا، روھ، مەۋجۇد ۋە ئاڭدىن ئىبارەت تۆت ئاتالغۇنى قانداق چۈشۈنۈش مەسىلىسىمىكىن دەپ ئويلايمەن. ئۇنداق بولسا، ماددا دىگەن نىمە؟، روھ دىگەن نىمە؟، مەۋجۇد دىگەن نىمە؟ ئاڭ دىگەن نىمە؟ بۇلار ھەققىدە بىر چۈشەنچە ھاسىل قىلىش زۆرۆردەك قىلىدۇ، كىمدۇر بىرىنىڭ «ئۇيغۇردا پەلسەپە بارمۇ؟» دەپ سورىغان سۇئالىغا جاۋاپ بېرىشكە پايدىسى باردەك قىلىدۇ دەپ ئويلايمەن.
بايان ئاخىر
شۇنداق قىلىپ، «پەلسەپىدىكى تۈپ مەسىلە نىمە؟» دىگەن سۇئالغا بولغان قىسقىچە چۈشەنچە بايانىم شۇنىڭ بىلەن تۈگىدى. ئاللا خالىسا، ئالدى بىلەن «ماددا دىگەن نىمە؟» دىگەن سۇئال توغرىسىدىكى چۈشەنچىلىرىمنى بايان قىلىشقا تەرەددۇت قىلىمەن. مۇشۇ ئەسەرلىرىمنى ئوقۇۋاتقان بۇرادەرگە ئىشىنىمەنكى، ماڭا قارىغاندا ھەم توغرا ھەم كۆپ نەرسىلەرنى بىلىدۇ. شۇڭا، سىزنىڭ ياردىمىڭىزگە مۇھتاجمەن.
يازما ئاپتورى: ئارجىم
يازما يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 23-كۈنى
يازما ئاۋاتلىقى: 634 قېتىم كۆرۈلدى
يازما ئادرېسى: ../?p=2222
بارلىق ھوقۇق ئاكادېمىيە تور بېكىتىگە غا تەۋە! رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!