خەتكۈش ‘سازۋاز’
2014فېۋرال7

11 ئىسىم سۆزنىڭ تەبىرى

ئۇيغۇرلار، كۆپلىگەن قەدىمى مىللەتلەرگە ئوخشاش، سازنامە مەرىپەت ھەم سازنامە مەدەنىيەتكە باي بىر مىللەت. «ئۇيغۇر 12 مۇقام» نىڭ دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرىغا رۇيخەتكە ئالىنغانلىقى بۇنى دەلىللەپ بېرىدۇ. گەرچە شۇنداق بولسىمۇ، مىنىڭ ھېس قىلىشىمچە، بىزنىڭ سازنامەگە ئائىت ئاتالغۇلىرىمىزدا ئەڭ كۆپ قوللۇنىۋاتقان ئىسىم سۆز، مۇزىكا، مۇزىكانت، ساز، سازچى، چالغۇ، چالغۇچى دىگەن 6 سۆزدىن ئاشمايدۇ. دىمەك، بىزدە، سازنامەگە ئائىت ئىسىملار توغرىسىدا سەل قارالغان ياكى ئىزدەنمىگەنلىكتىن، تىلدا ئىپادىلەپ بېرىشتا ئېغىر ئاجىزلىق مەۋجۇد. مىنىڭ گەرچە سازنامەدىن ھەم تىلنامەدىن خەۋەرىم بولماسىمۇ، بۇرادەرلەرنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن «ساز» دىگەن سۆز بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان 11 سۆزنى ياساپ چىقتىم ھەم ئۇنىڭ تەبىرىنى ئىزاھلىدىم.