«ئىلبىم»
مىنىڭ، تىلىمىزدا ھازىر قوللۇنىۋاتقان «ئىلىم پەن»، «پەن-تېخنىكا» دىگەندەك سۆزلەرنىڭ نامۇۋاپىق شەكىللىرىگە ئىچىم پۇشۇپ يۈرگىلى خېلى زامان بولدى. بۇ ئىككى سۆز توغرىسىدا، مۆھتەرەم تىلشۇناسلىرىمىز، ئەدەبىياتچىلىرىمىز، تىل يازىق خۇجايىنلىرىمىز، تەرجىمانلىرىمىزدىن ئۈمۈد كۈتكىلىمۇ ئۇزۇن زامان بولدى. ئەمما، بۇلاردىن ھېچقانداق سادا ياكى شەپە يوق. تىلىمىزدىكى «ئىلىم پەن» ۋە «پەن-تېخنىكا» دىگەن ئىككى ئىسىم سۆز شەكلىنىڭ توغرىلىقىغا قىل سىغمايدىغاندەك قىلىدۇ. بۇ ھەقىقەتمۇ؟ بۇنىڭغا مىنىڭ گۇمانىم بار. مەزگۇر ئەسەردە، بۇرادەرلەرنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن، بۇ ھەقتىكى چۈشەنچە پىكىرلىرىمنى قىسقىچە بايان قىلدىم.