باش بەت > ھايۋاناتنامە > كىتمەت (كىت جەمەتى)
15ئاۋغۇست

كىتمەت (كىت جەمەتى)

كىتمەتتىكى ئائىلەلەر

 

(鲸目中的科类)

 

جىمسارى

 

تورىستان «ئاكادېمىيە» نىڭ 2014-يىللىق 13- تۇمۇز سانىدا، «ھايۋانلارنىڭ جەمەتلەرى» ناملىق ئەسەر نەشىر قىلىنغان. ئۇنىڭدا كىتمەت (كىت جەمەتى) دەپ ئاتالغان بىر ھايۋان جەمەتىنىڭ بارلىقى كۆرسەتىلگەن. كىت دىگەن نىمە؟ كىتمەت دىگەن نىمە؟ كىتمەتتە قانچە ئائىلە بار؟ كىتمەتتىكى ئائىلەلەرنىڭ نامى قانداق ئاتالادى؟ مەزگۇر ئەسەر، ئەنە شۇ سوئاللارغا ئارنالغان.

 

1. كىت دىگەن نىمە؟

ئۇيغۇر تىلىدىكى «كىت» دىگەن سۆزنى ئاڭلىغاندا، كۆپۇنچە كىشىلەر ئۇنى بېلىق تۈرىدىكى ھايۋانات دەپ قارايدىكەن. ئەمەلىيەتتە، كىت، بېلىق ئەمەس، ھايۋان. كىت  دىگەن سۆز،  دىڭىزدا ياشايدىغان، ئۆپكەسى بىلەن نەپەس ئالادىغان،  ئەشكە (بالا ھەمرايى دەپمۇ ئاتالغان) ئىگە بولغان ھەم ئەقىللىق بولغان بىر قىسىم ھايۋانلارنىڭ (سۈت ئەمگۈچى ھايۋاناتنىڭ) ئومۇمى نامى. ئۇيغۇرچە كىت دىگەن سۆز،  لاتىنچە « Cetacea »  (كىتمەت ) دەپ ئاتالغان نامىنىڭ باش بوغۇمىدىكى « Cet » نىڭ تەلەپپۇزىغا ئاساسەن قويۇلغان. كىتلەر نىڭ تەنلەرى چوڭ كىچىك بولادى. ئەڭ چوڭلارىنىڭ تەن ئۇزۇنلىقى 30 نەچچە مېتىر، تەن ئېغىرلىقى 190 توننا ئەتراپىدا بولادىكەن. ئەڭ كىچىكلەرىنىڭ تەن ئۇزۇنلىقى  1 مېتىر، تەن ئېغىرلىقى 40 كلوگرام ئەتراپىدا بولادىكەن.

citler

2. كىتمەت دىگەن نىمە؟

ئۇيغۇر تىلىدىكى «كىتمەت» دىگەن سۆز، «كىت» ۋە «جەمەت» دىگەن ئىككى سۆزدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، ئا. رەھمەتۇللا ئوتتۇراغا قويغان «ھايۋانات ناملارىنى قويۇش ۋە يازىش قائىدەسى» گە ئاساسەن، كىت سۆزىگە جەمەت دىگەن سۆزنىڭ «مەت» قوشۇمچەسىنى قوشۇپ يازىش ئارقالىق ياسالغان ئىسىم سۆز. دىمەك، كىتمەت دىگەن سۆز، ئا.رەھمەتۇللا تۈنجى بولۇپ قويغان، كىتلەر جەمەتى ياكى كىتلەر دىگەن مەنانى بىلدىرەدىغان ئۇيغۇرچە ئىسىم سۆز بولادى. كىتمەت (鲸目 Cetacea)، تارچابىلەنىڭ (脊索动物门 Chordata تارچا ھايۋان قەبىلەسىنىڭ)  ھايۋانبىقەسىگە (哺乳纲 Mammalia ھايۋان تەبىقەسىگە) تەۋە بولۇپ، مەنبەلەرگە  قاراغاندا، كىتمەتتە 80 دىن كۆپ كىت زاتى بولادىكەن.  بۇلارنىڭ ئەستە ساقلاش، ئىجراقىلىش خۇسۇسىيەتلەرى، ھەر قانداق ھايۋاندىن ئاشىپ چۈشەدىكەن. شۇڭا، ئاڭلاشلارغا قاراغاندا، كىتلەرنىڭ «ئادەمچە ھايۋان» دەيدىغان سۈپەت نامىمۇ بار ئىكەن.

 

3. كىتمەتتە قانچە ئائىلە بار؟

مەنبەلەردىن جەمتەر قىلىشىمچە، كىتمەت يەنە  مىسكىت شاخمەت  ۋە چىشكىت شاخمەت  دەپ ئاتالغان ئىككى شاخمەتكە (شاخ جەمەتكە) ئايرىلادىكەن. مەنبەلەرگە قاراغاندا، مىسكىت شاخمەتتە (须鲸亚目 Mysticeti) ئەسلىدە 8 ئائىلە بولغان ئىكەن. ئەمما، ھازىر بۇلارنىڭ ئىچىدىكى 5 ئائىلەنىڭ زاتى قۇرىغان بولۇپ، پەقەتلا 3 ئائىلەنىڭ  زاتى مەۋجۇد ئوخشايدۇ. چىشكىت شاخمەتتە (齿鲸亚目 Odontoceti)  ،  ئەسلىدە 14 ئائىلە بولۇپ، ھازىر بۇلارنىڭ ئىچىدىكى 3 ئائىلەنىڭ نەسلى قۇرىغان، 11 ئائىلە ھايات تۇرىۋاتقان ئوخشايدۇ. ئومۇمەن ئالغاندا، كىتمەتتە ئەسلىدە 22 ئائىلە بار ئىكەندۇق. ھازىر ھەر خىل سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن بۇلارنىڭ ئىچىدىكى 8 ئائىلەنىڭ نەسلى قۇرۇپ كەتكەنلىكتىن مەۋجۇد ئەمەس، قالغان 14 ئائىلە ھايات تۇرماقتا. تۆۋەندىكى 1-جەدۋەلدە، كىتمەتتىكى بارلىق ئائىلىلەرنىڭ  ئۇيغۇرچە، لاتىنچە ۋە خەنچە ناملارى كۆرسەتىلدى. جەدۋەلدىكى لاتىنچە ۋە خەنزۇچە ناملارى، مەنبە ئەسەرلەرگە ئاساسەن يازىلدى، ئۇيغۇرچە ناملار، ئا.رەھمەتۇللانىڭ «ھايۋانات ناملارىنى قويۇش ۋە يازىش قائىدەسى» بويىچە يىڭىدىن قويۇلدى. لاتىنچە نامى كەينىدە «چىچەك» بەلگە بارلارى، نەسلى قۇرىغان ھازىر مەۋجۇد بولماغان ئائىلەلەرنى كۆرسەتەدى. 

 

1-جەدۋەل: كىتمەتتىكى بارلىق ئائىلىلەر ۋە ئۇلارنىڭ  ئۇيغۇرچە، لاتىنچە ۋە خەنچە ناملارى

ئا.رەھمەتۇللا قويغان نامى

لاتىنچە نامى

خەنچە نامى

ئۇيغۇرچە مەنبەلەردىكى نامى

مىسكىت شاخئىلە

Mysticeti

须鲸亚目

 

بالانئىلە

Balaenidae

露脊鲸科

 

بالنوپئىلە

 Balaenopteridae

须鲸科

 

ئەشرىكئىلە

Eschrichtiidae

灰鲸科

 

نوبالئىلە

 Neobalaenidae

小露脊鲸科

 

مامالئىلە

 Mammalodontidae†

乳齿鲸科

 

جانكىتئىلە

Janjucetidae†

 

 

كىتئىلە

Cetotheriidae†

新须鲸科 

 

ئاتكىتئىلە

 Aetiocetidae†

艾什欧鲸科

 

چىشكىت شاخمەت

Odontoceti

齿鲸亚目

 

يۇنۇسئىلە

Delphinidae

海豚科

 

مۇيۇزكىتئىلە

Monodontidae

一角鲸科

 

فوكونئىلە

 Phocoenidae

 鼠海豚科

 

فىسەتئىلە

 Physeteridae

抹香鲸科

 

ئىنىدئىلە

Iniidae

亚马孙河豚科 

 

لىپوئىلە

Lipotidae

白鱀豚科 

 

پونتوئىلە

 Pontoporiidae

普拉塔河豚科

 

پلاتانئىلە

 Platanistidae

恒河豚科

 

زىفىدئىلە

 Ziphidae

喙鲸科

 

كېنرونئىلە

 Kentriodontidae

肯氏海豚科

 

رابوسئىلە

Rhabdosteidae(Eurhinodelphidae)†

剑吻古豚科

 

شالدونئىلە

Squalodontidae

鲨齿鲸科 

 

ئودبىنئىلە

Odobenocetopsidae

海牛鲸科 

 

 

يازما ئاپتورى: ئارجىم
يازما يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 08-ئاينىڭ 15-كۈنى
يازما ئاۋاتلىقى: 571 قېتىم كۆرۈلدى
يازما ئادرېسى: ../?p=5046
بارلىق ھوقۇق ئاكادېمىيە تور بېكىتىگە غا تەۋە! رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!

بىر پارچە باھا يېزىلدى

  1. I want to send you an award for most helpful innetret writer.

باھا يېزىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز