چەرەندەلەر
مىنىڭ چۈشەنچەمدىكى «چەرەندە» دىگەن سۆز، ئۇيغۇرچە سۆز بولۇپ، قۇرۇت-قۇڭۇز، چىۋىن-پاشا، پىت-سالجا، بوغۇن-كۆكۈيۈن، چايان-سايان، كىپىنەك-پەرۋان قاتارلىق جانۋارلارنىڭ ئومۇمى نامى بولادى. ئۇيغۇرچە لۇغەتلەردە ۋە ئەسەر مەنبەلەرىدە، چەرەندە دىگەن ئۇقۇمنى بىلدىرىشتە، پارىسچە ياكى ئەرەپچە «ھاشارەت» دەپ ئاتالغان سۆزنى قوللانىپ كەلدۇق. مەن يەنىلا ئۇيغۇرچە «چەرەندە» دەپ ئاتاشنى تەرغىپ قىلامەن. چەرەندەشۇناسلار، چەرەندەلەرنىڭ بەدەن قۇرۇلماسىنىڭ بەشىرەسىگە ئاساسەن، ئۇلارنىڭ تەن تۈزۈلىشىنى 32 قىسىمغا (بۆلەككە) ئايرىغان. بۇ 32 قىسىمنىڭ ئۇيغۇرچە ناملارى يازىلغان ئەسەر مەنبەلەرىنى مەن كۆرۈپ باقمادىم. شۇنداق بولسامۇ، 20 يىل ئالدىدا بۇلارغا مەن ئۆزەمچە ئۇيغۇرچە ئىسىملارنى قويۇپ باققان. تۆۋەندە، چەرەندەلەرنىڭ تەن قۇرۇلماسىدىكى 32 بۆلەكنىڭ ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە ناملارىنى كۆرسەتتىم.