خەۋپكە ئۇچرىغان ھايۋانات دىگەن نىمە؟
دۆلىتىمىز ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىمىزمۇ ھايۋانات زاتلىرىغا كېلىدىغان خەۋپلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەم خەۋپتە قالغان ھايۋانات زاتىنى ئاسراش توغرىسىدا ، قانۇن-نىزاملارنى بەلگىلىدى، خەۋپكە ئۇچرىغان ھايۋانات زاتلىرىنىڭ قىزىل رۇيخېتىنى دەرىجىگە ئايرىپ ئېلان قىلدى. ھەمدە ئۇلارنى بارلىق جەمىيەتنىڭ ئاسرىشىنى مۇراجەت قىلدى. خەۋپكە ئۇچرىغان ھايۋانات زاتلارى توغرىسىدىكى ئوقۇم-چۈشەنچىلەرنىڭ مەزمۇنى مول بولۇپ، نۇرغۇن خاس ئاتالغۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەزگۇر ئەسەردە، ئەنە شۇ مۇرەككەپ بولغان مەزمۇنلارنى ئاددى تىل بىلەن ئىزاھلاپ، مۇناسىۋەتلىك ئاتالغۇلارنى ئۇيغۇرچە قانداق ئاتاش توغرىسىدا دەسلەپكى پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويدۇم، مۇھاكىمە قىلىپ كۆرگەيسىزلەر.