گىياھرۇق نامىنى قويۇش ۋە يېزىش قائىدىسى
گىياھرۇق ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇرچە نامىنى قويۇش، يېزىش قائىدىسى
植物属名及其命名、拼写规则
ئاپتورى: بوستاني
گىياھرۇق، ر. ئادىللا ئىجاد قىلغان بوتانىكىغا ئائىت ئۇيغۇرچە ئىسىم. گىياھ، ئۆسۈملۈك دەپمۇ ئاتىلىدۇ. رۇق دىگەن ئىسىم، جانىۋارلارنى تاكسونلاش دەرىجىلىرىدىكى، ئائىلەدىن كىچىك، زاتتىن چوڭ بولغان دەرىجىنىڭ نامى. دىمەك، گىياھرۇق، گىياھ+رۇق= گىياھرۇق بولۇپ ياسالغان خاس ئاتالغۇ. گىياھرۇققا قويۇلغان ئىسىم، گىياھرۇق نامى دەپ ئاتىلىدۇ. گىياھرۇق دىگەن ئۇقۇمنى ئىپادىلەشتە، بىز، «ئۆسۈملۈكلەر ئۇرۇقدىشى» دىگەن ئاتالغۇنى قوللانغان. ئەمما، بۇ ئاتالغۇ دەل جايىدا قويۇلمىغان. بىرىنچىدىن بۇ ئىسىم بەك ئۇزۇن، مەسىلەن: گىياھرۇق دىگەندەك 3 بوغۇملۇق بىر سۆز بىلەن ئاتاشقا بولىدىغان بۇ ئاتالغۇ، 8 بوغۇمدىن تۈزۈلگەن ئىككى سۆز بىلەن ئاتالغان. ئىككىنچىدىن، مەنىسى ئېنىق ئەمەس، مەسىلەن: ئۇرۇقداش، بىر ئورۇقدىكىلەر دىگەن مەنىنى بېرىدۇ. خۇددى ساۋاقداش، بىر سىنىپتىكىلەر، سېخداش، بىر سېختىكىلەر، يۇرتداش، بىر يۇرتتىكىلەر دىگەندەك، ئوخشاش بىر بۈلەكنىڭ ئەزالىرىغا قارىتىلغان. شۇڭا، ئۇزۇن ھەم چۈشۈنۈكسىز بولغان، «ئۆسۈملۈكلەر ئۇرۇقدىشى» دىگەن ئاتالغۇ ئورنىغا، «گىياھرۇق» دىگەن قىسقا، ئېنىق ئاتالغۇنى قوللۇنۇش تەۋسىيە قىلىنغان.
گىياھرۇق، خەنزۇچە [植物属]، لاتىنچە [Plant Genus] دەپ ئاتىلىدۇ. «فلوراشىنجاڭ»نى جەمتەر (سىتاتىستىكا) قىلىشىمچە,شىنجاڭدىكى 138 گىياھئىلەگە تەۋە بولغان گىياھرۇق سانى 860 غا يېتىدىكەن.
گىياھرۇق نامى، شۇ رۇققا ۋەكىل قىلىنغان ئەۋرىشكىدىكى گىياھزاتىنىڭ نامىدا ئاتىلىدۇ. شۇنداق بولسىمۇ، لاتىنچىدا گىياھرۇق نامىنى ئاتاشنىڭ بىر قەدەر مۇرەككەپ تەرەپلىرى بولىدۇ. بۇ پەقەت تاكسونومىيە ئىشلىگۈچىلەرگە تەئەللۇق مەزمونلار. شۇڭا، ئادەتتە بىز لاتىنچە نامى بېكىتىلگەن گىياھرۇق ناملىرىنى بىلسەكلا بولىدۇ.
گىياھرۇق نامى، تاكسونومىيەدە ئالاھىدە بىر ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالغان، ئۇ بولسىمۇ، گىياھزاتىنىڭ «فامىلە»لىك رولىنى ئالىدۇ. شۇڭا، گىياھرۇق نامى، بارلىق گىياھزات نامىنى قويۇشنىڭ ئاساسى بولىدۇ. شۇڭا، ئالدى بىلەن گىياھرۇق نامى بېكىتىلىپ ئاندىن گىياھزات نامى بېكىتىلىدۇ.
ئۇيغۇرچە گىياھرۇق نامى قانداق قويۇلىدۇ؟ بۇ ھەقتە ئىزدەنگەن ئەسەرلەر يوق دىيەرلىك. بار دىگەن تەقدىردىمۇ ئادەتتىكى پرىنسىپلار دىيىلگەن، رەسمى بىر قائىدە بېكىتىلمىگەن. 2008- يىلىدىن بېرى، جۇڭگو پەننى ئاكادېمىيە شىنجاڭ ئېكولوگىيە-جۇغراپىيە تەتقىقات ئورنىدىن ئا. رەھمەتۇللا ئەپەندى بۇ ھەقتە ئىزدىنىپ ئەسەر ئېلان قىلغان. ئۇنىڭدا، گىياھرۇق نامىنى ئۇيغۇرچە قويۇش ۋە يېزىش قائىدىسى مۇنداق دىيىلگەن:
گىياھرۇق نامىنى ئۇيغۇرچە قويۇشتا، ئۈچ ئۆلچەم بىر قائىدىنى ئاساس قىلىشىمىز لازىم. بىرىنچى ئۆلچەم، گىياھرۇق نامىنى قويۇشتا، 2 ياكى 3 بوغۇمدىن ئاشمايدىغان بىرلا تۈپ سۆز قوللۇنۇش كېرەك مەسىلەن: يانتاق، تال، ئالما، ئۆرۈك، لالە، قوچور، شەمشات، ئالۇچا، پىدىگەن دىگەندەك. ئىككىنچى ئۆلچەم، بىرىنچى ئۆلچەمگە ئۇيغۇن كىلىدىغان ئۇيغۇرچە ئەنئەنىۋى ئىسىملارنى گىياھرۇق نامى قىلىپ قويۇش. مەسىلەن، بىرىنچى ئۆلچەمدىكى گىياھرۇق ناملىرىدەك. ئۈچىنچى ئۆلچەم، ئۇيغۇرچە مۇۋاپىق ئىسىم بولمىغاندا، لاتىنچە گىياھرۇق نامىنى، ئۇيغۇرچە تىل ۋە ئىسىم قويۇش ئادىتىگە بويسۇندۇرۇپ، ئىسىم ياساپ قويۇش كېرەك. مەسىلەن: سىبالدىيە دىگەن نامنى سىبال دەپ ئاتاش، نائۇمبۇرگىيە دىگەننى، نائۇم دەپ ئېلىش، تراخىدىيۇم دىگەننى، تاھىد دەپ ئېلىش، تۈرگىنىيە دىگەننى تۈرگىن دەپ ئېلىش دىگەنگە ئوخشاش. گىياھرۇق نامىنى يېزىشتا بىر قائىدىگە ئەمەل قىلىش، يەنى، گىياھرۇق نامى ئاخىرىغا «رۇق» دىگەن سۆزنى قوشۇپ يېزىش، ھەمدە بىر گىياھرۇق نامىنى تولۇق يازغاندىمۇ، 4-5 بوغۇمدىن ئاشۇرماسلىق كېرەك. مەسىلەن: يانتاقرۇق، ئالمارۇق، سبالرۇق، نائۇمرۇق، تۈرگىنرۇق، شاپتولرۇق، لالەرۇق، شەمشاترۇق، قوچوررۇق دىگەندەك.
ئومۇمەن ئالغاندا، بارلىق گىياھرۇقلارنىڭ ئۇيغۇرچە ناملىرىنى مۇشۇ ئۈچ ئۆلچەم بىر قائىدە بويىچە قېلىپقا چۈشۈرۈپ ئاتاپ ۋە يازغاندا، ئىخچام، ئېنىق ۋە رېتىملىق بولىدۇ دەپ قارايمەن.
يازما ئاپتورى: ئارجىم
يازما يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 06-ئاينىڭ 19-كۈنى
يازما ئاۋاتلىقى: 822 قېتىم كۆرۈلدى
يازما ئادرېسى: ../?p=1349
بارلىق ھوقۇق ئاكادېمىيە تور بېكىتىگە غا تەۋە! رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!