19ئىيۇن
ئەنگىيا دىگەن نىمە؟
«ئەنگىيا» ياكى «فلورا» دىگەن نىمە؟
什么是植物志
ئاپتورى: بوستاني
بىز ئادەتتە گىياھنامەگە (بوتانىكىغا) ئائىت ئەسەرلەردە «فلورا» دىگەن بىر ئاتالغۇنى كۆپ ئۇچرىتىمىز. بوتانىكا دىگەن دەرىسنى ئوقۇغانلارغا بۇ ئاتالغۇ تۇنۇش. بوتانىكا ئوقۇمىغانلارغا بۇ ئاتالغۇ ناتۇنۇش. بۇ ئاتالغۇ بىلەن تۇنۇشۇپ قويغان كىشىگە پايدىسى باركى ھەرگىز زىينى يوق. شۇڭا، قىزىققۇچىلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن، بۇ ئەسەردە، ئەنگىيا (فلورا) توغرىسىدا قىسقىچە چۈشەنچە بېرىلدى.
«ئەنگىيا»، رەھمەتۇللا ئاكادىم(研究员) تۇنجى قېتىم قويغان ئۇيغۇرچە ئىسىم سۆز، بۇ سۆز، «ئەنگە ئالىنغان، خاتىرىگە ئالىنغان دىگەن ئۇقۇمنى بىلدۈردىغان «ئەن» سۆزىگە، گىيا (ئۆسۈملۈك) دىگەن سۆزنى قوشۇش ئارقىلىق ياسالغان. «ئەنگىيا» دىگەن سۆزنىڭ ئۇيغۇرچە تولۇق مەنىسى، ئالاھىدىلىكلىرى خاتىرىگە يازىلىپ ئەنگە ئالىنغان گىيالار كىتابى، دەستۇرى، توپلىمى دىگەنلەرنى بىلدۈرىدۇ. «ئەنگىيا» دىگەن سۆز، ئېنگلىشچە «فلورا» (Flora) دەپ ئاتىلىدۇ. روسچە، قازاقچە، ئۆزبەكچە، تۈركمەنچە، قىرغىزچە، تۈركەشچە، ئەزەربەيجانچە ھەم «فلورا» دەپ ئاتىلىدۇ. «فلورا» (Flora) دىگەن بۇ ئاتالغۇنىڭ، ئېنگىلىشچىدا «گۈل-چىچەكلەر» دىگەن مەنىسى بار ئىكەن. قەدىمقى رىم تىلىدا، «گۈلپەرى» دىگەن مەنىسى بار ئىكەن. ئۇيغۇرچە مەنبەلەردە، فلورا، دىگەن بۇ ئاتالغۇنىڭ ئۇيغۇرچە مەناسىنى، «ئۆسۈملۈكلەر تەزكىرەسى» دىگۈچىلەرمۇ بار، ئەمما، يەنىلا، «فلورا» دەپ قوللۇنىۋاتىمىز. «فلورا» دىگەن سۆزنىڭ ئەسلى مەنەسى بويىچە ئۇيغۇرچە ”گۈلگىيا» دەپ ئاتىساق توغرى بولاتتى. ئەمما، ھازىرقى قوللۇنىۋاتقان كۆچمە مەنەسى «گۈلگىيالار خاتىرسى» دىگەن ئۇقۇمنى ئېنىق ئىپادىلەپ بېرەلمەيدۇ. شۇڭا، بۇنىڭغا «ئەنگىيا» دەپ ئىسىم قويۇلدى. دىمەك، ئۇيغۇرچە ئەنگىيا دىگەن سۆز، خەنزۇچىدا 植物志 دەپ ئاتىلىدۇ. ئېنگلىش تىلىدا flora دەپ ئاتىلىدۇ. فلورا، ھازىر گىياھلار تەپسىلاتى يېزىلغان كىتاپنىڭ دۇنيادىكى ئورتاق نامى بولۇپ قالدى. گىياھلار تەپسىلاتى يېزىلغان كىتاپنى ئۇيغۇرچە ئەنگىيا دىگەن سۆزىمىز بىلەن بىلدۈرگىلى بولغاندىكىن، ئۇيغۇرچە يەنە فلورا دەپ ئاتاپ يۈرۈشنىڭ زۆرۆرىيەتى بولمىسا كېرەك.
ئۇنداقتا، «ئەنگىيا» دىگەن نىمە؟ جاۋاب: مەلۇم بىر دۆلەت، مەمورى رايون ياكى جۇغراپىيەلىك جايدا تارقالغان گىياھلارنىڭ تەپسىلاتى خاتىرلەنگەن ئەسەر، كىتاب، ياكى گىيالار تۈرلەنگەن كىتاب، «ئەنگىيا» (فلورا) دەپ ئاتىلىدۇ. ( گىياھلارنى ھەر خىل دەرىجە تۈرلىرى بويىچە ئايرىپ چىقىدىغان پەن نامى تۈرلەشنامە ياكى تاكسونومىيە دەپ ئاتىلىدۇ).
«ئەنگىيا» غا، ئادەتتە گىياھلارنىڭ لاتىنچە نامى، مەلۇم بىر تىلدىكى ئورتاق نامى ۋە غەيرى ناملىرى خاتىرلەنگەن بولىدۇ. ھەمدە، گىياھنىڭ شەكىل ئالاھىدىلىكى، ئېكولوگىيەلىك مىجەزى، جۇغراپىيەلىك تارقىلىشى، كۆپ ئۇچرايدىغان جايى، ئېقتىسادى قىممىتى ۋە ئەھمىيىتى تەپسىلى خاتىرلەنگەن بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە، تۈرلەش (تاكسون ) دەرىجىلىرى بويىچە، گىياھئىلە، گىياھرۇق، گىياھزاتلىرىنى ئېنىقلاش ئاچقۇچى ۋە ئۇلارنىڭ ئىزاھاتى، رەسىم-سۆرەتلىرى بىرگە بېرىلگەن بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئەنگىيادىكى گىيالار قانداق سېستىم بويىچە تىزىلغانلىقى يېزىلىدۇ. ( دۇنيادا، ئېنگىل سىستېمىسى، تاقتاجان سىستېمىسى، خاچىسون سىستېمىسى دىگەندەك سىستېمىلار بولىدۇ). ئەنگىيادا، ھەر بىر گىياھنىڭ ئۇچۇر مەنبەلىرىنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكى كۆرسىتىلىدۇ. دىمەك، ئەنگىيا، گىياھلارنىڭ ئەڭ كىچىك بىرلىكى بولغان گىيا زاتىدىن تارتىپ، گىيا قەبىلىسىگىچە بولغان نەسەبى ئېنىق خاتىرلەنگەن كىتاپ. ئەنگىيا ئادەتتە، مەلۇم بىر دۆلەت، مەلۇم بىر مەمورى رايون، مەلۇم جۇغراپىيەلىك جاي ياكى مەلۇم بىر تەبىستان (بوستاني ئىجات قىلغان ئاتالغۇ، مەنىسى: مەلۇم بىر خىل ياكى كۆپخىل تەبىئەتى ئاسرىلىدىغان جاي دىگەننى بىلدۈرىدۇ} نامى بىلەن ئاتىلىدۇ. مەسىلەن: « جۇڭگو ئەنگىيالىرى»، « شىنجاڭ ئەنگىيالىرى»، «ئۆزبېكىستان ئەنگىيالىرى»، تەڭرىتاغ ئەنگىيالىرى»، « ئالتاي ئەنگىيالىرى». « تەبىستان قارامايلى ئەنگىيالىرى»، «گەنجىياخۇ سۆكسۆك تەبىستان ئەنگىيالىرى» دىگەندەك. بىر دۆلەت ياكى رايون ئەنگىياسىنىڭ نەشىر قىلىنىشى، گىيابايلىقلىرىدىن پايدىلىنىشتا، بىر دۆلەت، بىر رايون ياكى بىر مىللەتكە نىسبەتەن كام بولسا بولمايدىغان مۇھىم قوللانما ياكى ئەنگۈشتەر ھېساپلىنىدۇ.
مەنبەلەرگە قارىغاندا، دۆلىتىمىزدە نەشىر قىلىنغان (中国植物志) «جۇڭگو ئەنگىيالىرى» 80 توم. 126 قىسىم بولۇپ يېزىلغان. ئۇنىڭدا، جۇڭگو زىمىنىغا تارقالغان 301 گىياھئىلە، 3408 گىياھرۇق، 31142 گىياھزات خاتىرلەنگەن. «جۇڭگو ئەنگىيالىرى»نى ئىشلەشكە ئىلگىرى كىيىن بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ 80 نەچچە تەتقىقات ۋە ئوقۇتۇش ئورۇنلىرى، 312 نەپەر ئالىم ئاپتورلار، 164 نەپەر رەسسام قاتناشقان ئىكەن. مەنبەلەرگە قارىغاندا، «جۇڭگو ئەنگىيالىرى»نى ئىشلەش تەييارلىق خىزمىتى 1920-يىللىرى باشلانغان ئىكەن. ئۇنىڭ ھەممە توم-قىسىملىرى 2004-يىلى نەشىر قىلىنىپ تاماملانغان. دىمەك، «جۇڭگو ئەنگىيالىرى»نى ئىشلەشكە تەييارلىقتىن تارتىپ نەشىر قىلىپ بولغىچە 84 يىلچە ۋاقىت كەتكەن. شۇڭا، «جۇڭگو ئەنگىيالىرى»، دۇنيا بويىچە، قاتناشقان ئورۇن ۋە ئادەم سانى كۆپ، ئىشلەش ۋاقتى ئۇزۇن، خاتىرلەنگەن گىيا سانى كۆپ ۋە نۇرغۇن جىسمانى ۋە ئەقلى ئەمگەك سەرىپ قىلىنىپ ئىشلەنگەن غايەت زور بىر «ئىلبىمات گىيا» (植物百科全书)ھېساپلىنىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىمىزدا ئىشلەنگەن ئەنگىيا، «شىنجاڭ ئەنگىيالىرى » (新疆植物志)دىگەن نام بىلەن ئاتالغان. «شىنجاڭ ئەنگىيالىرى»، جەمئى 6 توم، 7 قىسىم (جەمئى 7 كىتاپ)بولۇپ، ئۇنىڭغا، شىنجاڭ دائىرەسىدە ئۇچرايدىغان، 138گىياھئىلە، 860 گىياھرۇق ۋە 3875خىل گىياھزاتى خاتىرلەنگەن، 900 پارچە رەسىم قىستۇرۇلغان. بۇ گىيا زاتلىرى، يېڭىدىن بايقالغان 60 خىل گىيا زاتىنى، 260 خىل قايزات ۋە تانزاتىنى، 25 خىل يېڭى قايزات بىلەن تانزاتىنى، 295 خىل كۆچمەن زاتىنى(شىنجاڭ سىرتىدىن كۆچۈرۈپ ئۆستۈرۈلگەن زاتىنى) ۋە 44 قايزاتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
يادىمدا قېلىشىچە، «شىنجاڭ ئەنگىيالىرى»نى ئىشلەشنىڭ تەييارلىق خىزمىتى 1980-يىلى باشلانغان بولۇپ، 1980-يىلى تەتقىقات ئورنىمىزنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى مەرھۇم قادىر ئىمىن باش مەسئۇل، ياڭچاڭيۇ، مىجىت خۇدابەردى مۇئاۋىن مەسئۇللىقىدا، «شىنجاڭ ئەنگىيالىرى»نى يېزىش گۇرۇپپىسى تەشكىللەنگەن. ھەمدە، شۇ يىلى، «شىنجاڭ ئەنگىيالىرى » تەتقىقات تىمىسى تەستىقلىنىپ رەسمي يولغا قويۇلغان. «شىنجاڭ ئەنگىيالىرى»نى يېزىشقا، جۇڭگو پەننى ئاكادېمىيە شىنجاڭ ئېكولوگىيە- جۇغراپىيە تەتقىقات ئورنى رىياسەتچىلىك قىلدى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۈنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ ئۈنىۋېرسىتېتى، شىخەنزە ئۈنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ ئورمانچىلىق ئاكادېمىيەسى، شىنجاڭ دۇرىلىق ئەشيالار تەتقىقات ئورنى، شىنجاڭ ھەربى تىببى تەتقىقات ئورنى، شىنجاڭ تىببى ئۈنىۋېرسىتېتنىڭ دورىگەرلىك فاكولتىتى، تىيەنجىن يېزا ئىگىلىك ئۈنىۋېرسىتېتى، شەنشى ئۈنىۋېرسىتېتى، خۋانەن يېزا ئىگىلىك ئۈنىۋېرسىتېتى قاتارلىق 15 تەك تەتقىقات ئورۇنلىرى ۋ، ئالى مەكتەپلەر قاتناشقان. مەنبەلەرگە قارىغاندا، «شىنجاڭ ئەنگىيالىرى»نى ئىشلەشكە، جۇڭگو پەننى ئاكادېمىيە گىيانامە (بوتانىكا) تەتقىقات ئورنى، جۇڭگو پەننى ئاكادېمىيە كۇنمىڭ بوتانىكا تەتقىقات ئورنى، جۇڭگو پەننى ئاكادېمىيە خۋانەن بوتانىكا تەتقىقات ئورنى، ئىچكى مۇڭغۇل ئۈنىۋېرسىتېتى، لەنجۇ ئۈنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئېلىمىزدىكى كۆپلىگەن تەتقىقات ئورۇنلىرى ، ئالى مەكتەپلەر ۋە بوتانىكا باغچىلىرى كۆپلىگەن جەھەتلەردە كاتتا ياردەملەردە بولغان.
«شىنجاڭ ئەنگىيالىرى»نى يېزىشقا قاتناشقان ئادەم سانى مىنىڭ تەخمىن قىلىشىمچە 60 چە كىشىگە يېتىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە، ياڭچاڭيۇ، شىنگۋەنمىيەن، ماۋزۇمېي، ئەنجىڭشى، خەنيىڭلەن، لىشۆيۇ، جاڭيەنفۇ، پىشىمىڭ، سۇنەيرەن، مىجىت خۇدا بەردى قاتارلىق پروففېسسور، ئاكادىملار (ئاكادىم، بوستاني تەۋسىيە قىلغان ئاتالغۇ، مەنىسى: پروففىسسور دەرىجىلىك تەتقىقاتچىىنىڭ ئۇنۋان نامى) باش ئاپتورلاردىن ھېساپلىنىدۇ. جاڭرۇڭشىڭ (ئەر) ۋە تەنلىشيا (ئايال)دىن ئىبارەت ئىككى رەسسام بارلىق گىياھ رەسىملىرىنى سىزىپ چىققان. ئومۇمەن ئالغاندا، «شىنجاڭ ئەنگىيالىرى»نى ئىشلەشكە نۇرغۇن كىشىنىڭ جىسمانى ۋە ئەقلى سىڭگەن بولۇپ، توپتوغرا 25 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىندى. «شىنجاڭ ئەنگىيالىرى»نىڭ 1-تومى شىنجاڭ پەن-تېخنىكا نەشرىياتىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئارقىسىدا، 1992-يىلى نەشىر قىلىندى. شۇنىڭدىن ئېتىۋارەن، يازىپ پۈتكەنلىرى ئۇدۇللۇق نەشىر قىلىپ تۇردى. ئەڭ ئاخىرقى تومى، 2004- يىلى نەشىر قىلىندى. شۇڭا، شىنجاڭ پەن-تېخنىكا نەشىرىياتىنىڭ «شىنجاڭ ئەنگىيالىرى»نى نەشىر قىلىشقا قوشقان تۆھبىسى بار.
«شىنجاڭ ئەنگىيالىرى»، خەنزۇچە يېزىقتا نەشىر قىلىنغان. ھەر بىر تومنىڭ ئاخىرىغا، پروففىسسور مىجىت خۇدابەردى مەسئۇللىقىدا ئىشلەنگەن خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە گىياناملىرى بېرىلگەن. «شىنجاڭ ئەنگىيالىرى»نىڭ ئۇيغۇرچىسى تېخى يوق. ئۇيغۇرچىسى تەرجىمە قىلىنامدۇ-يوقمۇ؟، نەشىر قىلىنامدۇ-يوقمۇ؟ بۇنىسى ماڭا نامەلۇم. ئەمما، ئۇيغۇرچىسى نەشىر قىلىنسا دىگەن ئۈمۈتتىمەن.
«شىنجاڭ ئەنگىيالىرى»نىڭ تۈزۈلۈپ نەشىر قىلىنىشى، شىنجڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىمىزدىكى گىيالار بايلىقىنى تۇنۇش ۋە ئۇلاردىن پايدىلىنىش جەھەتلەدىكى ئىلمي تەتقىقات، ئوقۇتۇش ۋە ئىشلەپچىقىرىشتا تەڭداشسىز روللارنى ئوينىغۇسى.
پەننى ئىلىمنىڭ بولۇپمۇ قۇرال-سايمان، ئۇسول-چارەنىڭ ئۆزلۈكسىز يىڭىلىنىپ تۇرۇشى، يىڭى بايقاشلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا ئەگىشىپ، گىيالارغا بولغان بىلىشلەرمۇ يىڭىلىنىپ تۇرىدۇ، يەنى كونا چۈشەنچىلەر ھەم ئۇسوللار ئۆزگىرەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن «ئەنگىيالار» دىمۇ ئۆزگۈرۈش بولۇپ، يىڭىدىن نەشىر قىلىنىدۇ. دىمەك، «ئەنگىيالار» مەڭگۇ ئۆزگەرمەس دەستۇر بولۇپ قالالمايدۇ. ئەمما، بۇ بىر ئۇزۇن زاماندا بولىدىغان ئىشلاردۇر.
يازما ئاپتورى: ئارجىم
يازما يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 06-ئاينىڭ 19-كۈنى
يازما ئاۋاتلىقى: 1,189 قېتىم كۆرۈلدى
يازما ئادرېسى: ../?p=1354
بارلىق ھوقۇق ئاكادېمىيە تور بېكىتىگە غا تەۋە! رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!