باش بەت > ئۇنىۋېرسال > ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى توغرىسىدا مۇھاكىمە
29ماي

ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى توغرىسىدا مۇھاكىمە

ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىنىڭ تۈزۈلىشى ۋە يېزىلىشى توغرىسىدا مۇھاكىمە

论维吾尔人名的结构和拼写

ئاپتورى: بوستاني

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىدا «فامىلە» ياكى «تەگئات» دەپ ئاتالغان ئىسىم قوللۇنۇش تەشەببۇسى بىلەن ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى توغرىسدا كۆپلىگەن ئىزدىنىشلەر ئېلىپ بېرىلدى ( گوگل تورىغا «ئىسىم» ياكى «تەگئات» دەپ بەرسىڭىز بۇ ھەقتىكى ئەسەرلەر تېپىلىدىكەن). بۇ ئىزدىنىشلەردە، گەرچە كۆپلىگەن ئىجابى پىكىرلەرئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسىمۇ، ئېنىقلاپ بېرىش زۆرۆر بولغان، كام قالغان مەسىلىلەر باردەك قىلىدۇ. شۇڭا، بۇ ھەقتە ھېس قىلغان چۈشەنچىلىرىمنى تۈۋەندىكىچە بايان قىلدىم.

1. ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىنىڭ تۈزۈلۈش شەكىللىرى

ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىنىڭ تارىختىكى ۋە ھازىرقى دەۋرىمىزدىكى ئاتىلىش ياكى يېزىلىش تۈزۈلىشىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى ، تۇۋەندىكدەك 4 خىل شەكىلدە تۈزۈلگەن.

بىرىنچى شەكىل: لەقەبنامى(لەقەمنامى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) دىن ئىبارەت بىرلا ئىسىمدىن تۈزۈلگەن ئىسىم قوللۇنىلغان. مەسىلەن: فارابي، نەۋائي، زەلىلي، خارەزىمي، سەككاكي، نەفىسي، بروني، بۇخاري دىگەندەك. لەقەبنامى، تەخەللۇسنامنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ،  كىشىنىڭ تۇغۇلغان جاي نامى، مىجەزنامى، كەسپى نامى، ئۇنۋان نامى، شەرەپ نامى قاتارلىق ناملارنى ئاساس قىلغان. لەقەبنامى ئۆزى ۋە ئۆزگىلەر تەرىپىدىن قويۇلغان بولىدۇ. بۇ خىل ئىسىملاردا، رۇقنامى ۋە زاتنامى قىسقارتىلىپ ئاتالغان بولىدۇ. لەقەبنامى  ئومۇملاشسا، نەسەبنامىغا تەڭ بولىدۇ.

ئىككىنچى شەكىل: زاتنامى بىلەن لەقەبنامىدىن ئىبارەت ئىككى ئىسىمدىن تۈزۈلگەن ئىسىم قوللۇنىلغان. مەسىلەن: ئەلىشىر نەۋائي، مەھمۇد قەشقەري، ئەھمەت يۈكنەكي، ئومەر ھەييام، مەخدۇم ئەئزەم، ئابدۇقادىر داموللام، دىگەندەك. بۇ خىل تۈزۈلۈشتە ئاتالغان ئىسىمدىكى بىرىنچى ئىسىمنى مەن «زاتنامى» ياكى «زات ئىسىمى» دەپ ئاتىدىم.  زاتنامى دىگىنىمىز، لەقەبنامىدا ئاتالغۇچى زاتنىڭ ( كىشىنىڭ ) ئۆز نامىنى (ئىسمىنى) بىلدۈرىدۇ. زاتنامى، زات تۇغۇلغاندا، ئادەتتە ئەزان ئېيتىپ قويۇلىدۇ. زاتنامىنى بىز شەخسى نام دەپمۇ ئاتىدۇق. بۇ خىل شەكىلدە ئاتالغان ئىسىملارنىڭ رۇقنامى قىسقارتىلىپ ئاتالغان.

ئۈچىنچى شەكىل:  زاتنامى ۋە رۇقنامىدىن ئىبارەت ئىككى ئىسىمدىن تۈزۈلگەن ئىسىم قوللۇنىلغان. مەسىلەن:  رەھمەتۇللا ئادىللا، تۆمۈر داۋامەت، ئىسمايىل ئەھمەت ، ئابلەت ئابدۇرىشىت، ئىسمائىل تېلىۋالدى، نۇر بەكرى، ھۇشۇر ئىسلام، ھۈسەنجان جامى، غىياسىدىن بارات، پاشا ئىشان، ئابدۇللا ئابدۇرېھىم دىگەندەك. بۇ خىل شەكىلدە ئاتالغان ئىسىملاردا زاتنامى بىلەن رۇقنامى بولىدۇ، لەقەبنامى بولمايدۇ. ھازىر قوللۇنىۋاتقان ئىسىملىرىمىز مۇشۇ  شەكىل تۈزۈلىشىنى ئاساس قىلغان.  بۇخىل  ئىسىملاردىكى بىرىنچى ئىسىم، زاتنامى بولىدۇ. ئىككىنچى ئىسىم رۇقنامى بولىدۇ. «رۇقنامى ياكى رۇق ئىسىمى» دىگىنىمىز، زاتنىڭ ئاتا ( نەسل)ئىسمى(نامى)نى كۆرسىتىدۇ. رۇقنامى، زاتنامىغا ئوخشاش، رۇقنامىنىڭ ئىگىسى تۇغۇلغاندا، ئەزان ئېيتىپ قويۇلغان بولىدۇ.  شۇڭا، «رۇقنام»، ساپ ئاتالغان كىشى ئىسملىرىنى ئاساس قىلغان. ئىككى ناملىق ئىسىم قوللانغان ئىسىملاردىكى رۇقنامىنى بىز « فامىلە» دەپ ئاتاپ، قوللۇنۇپ كىلىۋاتىمىز.

 تۆتىنچى شەكىل: زاتنامى، رۇقنامى، لەقەبنامىدىن ئىبارەت ئۈچ ئىسىمدىن تۈزۈلگەن ئىسىم قوللۇنىلغان. مەسلەن:  ئازات رەھمىتۇللا سولتان، لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئۆركىشى، نىياز كېرىم شەرقى، ئابلىمىت قۇربان ساباھى، مۇھەممەدتۇرسۇن ئابدۇكېرىم يۈكسەل، دىگەنگە ئوخشاش. بۇ ئىسىملاردىكى بىرىنچى ئىسىم، زاتنامى، ئىككىنچى ئىسىم رۇقنامى، ئۈچىنچى ئىسىم لەقەبنامى بولىدۇ. ھازىر قوللۇنىۋاتقان بىر قىسىم كىشى ئىسىملىرى مۇشۇ شەكىلدە تۈزۈلگەن.

مىنىڭ بىلىشىمچە، ئۇيغۇر ئىسىملىرىدا، ئەسلىدە، فامىلە ياكى تەگئات دىگەن ناملار مەۋجۇت ئەمەس ئىدى. بۇ نامدىكى ئۇقۇملارنى ئىپادىلەشتە، ئويغۇرچە «لەقەبنامى» ياكى«نەسەبنامى» دەپ ئاتىغاندك قىلىمىز. لەقەبنامى دىگىنىمىز،  ئەجدات نامى دىگەننى بىلدۈرىدۇ. ئۇيغۇرچىدىكى «نەسەپنامى » ھەم ئەجدات نامى دىگەن ئۇقۇمنى بېرىدۇ. نەسەبنامى ئەسلىدە، قەبىلە نامى، جەمەتنامى، شاھلىق نامى، سۇيۇرغال قىلىنغان نامى، گوروھنامى،  ئەمەلنامى  قاتارلىق ناملارنى ئاساس قىلغان. جەمىيەت تۈزۈملىرىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، بۇ خىلدىكى نەسەپناملارنى قوللانمايدىغان بولدى. بۇنىڭ ئورنىغا، بەزى كىشىلەر رۇقنامىنى، بەزى كىشىلەر لەقەبنامىنى نەسەپنامى ئورنىدا قوللانغان.

 دەۋرىمىزدىكى مۇتلەق كۆپ سانلىق كىشى ئىسىملىرى ، رۇقنامىنى نەسەبنام قىلىپ قوللانغان. شۇڭا، ھازىر جەمىيىتىمىزدە تەرىپلەۋاتقان «فامىلە» ياكى «تەگئات» دىگەن ئىسىم، ئەمىلىيەتتە ئۇيغۇرچىدا «لەقەبنامى» ياكى «نەسەبنامى» دەپ ئاتىلىدۇ.  نەسەبنامى ئەمەلىيەتتە، لەقەبنامىنى ئاساس قىلىدۇ. شۇڭا، «لەقەبنامى= نەسەبنامى» بولىدۇ. لەقەبنامى   خەلقئارادا «فامىلە» دەپ ئاتىلىدۇ. دىمەك، لەقەبنام، بىز تەكىتلەۋاتقان تەگئات دىگەن شۇ. شۇڭا، مىنىڭچە يەنە يېڭى ئىسىم ياساشنىڭ ھاجىتى يوق. ئۇيغۇرچە  لەقەبنام دىگەن ئاتالغۇنى، يېڭىچە ئاتاپ قوللۇنىشقا توغرا كەلسە، مىنىڭچە، بىر ئەسىردىن بېرى قوللۇنۇپ ئادەتلەنگەن «فامىلە» دىگەن ئىسىمنى قوللۇنىۋەرسەك بولىدۇ.

 كىشى ئىسىملىرىدىكى لەقەبنامى(لەقەمنامى، تەخەللۇسنامىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان)، سۈپەتلەنگەن ئىسىملارنى ئاساس قىلغان . مەسىلەن: ئۆتكۈر، قەشقەرىي، نەفىسىي شەرقىي، يۈكسەل دىگەندەك. لەقەبنامنى قوللۇنۇشتىكى ئەڭ مۇھىم زۆرۆرىيەت شۇكى، ئىسمى ئوخشاش بولۇپ قالىدىغان كىشىلەرنى بىر بىرىدىن پەرقلەندۈرۈش ھەمدە، ئىخچام نام بىلەن بىر لەقەبدىكى  جەمەت كىشىلىرىنى گەۋدىلىك ئىپادىلەش ئۈچۈندۇر.

 يوقۇرىدا دىيىلگەن پىكىرىمنى يىغىنچاقلىسام، ئۇيغۇرچە كىشى ئىسىملىرى، ئىككى ناملىق ئىسىم ۋە ئۈچ ناملىق ئىسىمنى ئاساس قىلىپ تۈزۈلگەن. ئىككى ناملىق ئىسمنىڭ تۈزۈلىشى، رۇقنامى بىلەن زاتنامىدىن  تۈزۈلگەن. ياكى زاتنامى بىلەن لەقەبنامىدىن تۈزۈلگەن. ئۈچ ناملىق ئىسىملار، رۇقنامى، زاتنامى، لەقەبنامىدىن تۈزۈلگەن.

 لەقەبنام (نەسەبنام ياكى فامىلە)، بىر جەمەتكە نىسبەتەن ئورتاق نام بولۇپ، جەمەت ئەزالىرىنىڭ ھەممىسى قوللۇنىشى ھەم ئاسانلىقچە ئۆزگەرتمەسلىكى زۆرۆردۇر.  ئەمەلىيىتىمىزگە قارىغاندا، رۇقنامى، ھەر بىر ئەۋلاتتا ئۆزگۈرۈپ تۇرۇدۇ. شۇڭا، بۇ خىل رۇقنامى فامىلىگە (لەقەبنامىغا ياكى نەسەبنامىغا) تەڭ ئەمەس.

 . 2. ئىسىملارنى ئاتاش ياكى يېزىش تەرتىۋى

ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىنىڭ ئاتىلىش ياكى يېزىلىش تەرتىۋىدە، تۈۋەندىكى 4خىل تەرتىپ  قوللۇنىلغان.

بىرىنچى خىل تەرتىۋى: زاتنامى ئالدىدا، رۇقنامى كەينىدە كەلگەن. مەسىلەن، رەھمەتۇللا ئادىللا، ئەنىۋەر مۇھەممەت، زەينۇللا رەھمەتۇللا، غازى ئەھمەت، ئابدۇكېرىم نەسىردىن دىگەندەك.

ئىككىنچى خىل تەرتىۋى: زاتنامى ئالدىدا، رۇقنامى ئوتتۇرىدا، لەقەبنامى  ئاخىرىدا كىلىدۇ. مەسىلەن: ئازات رەھمىتۇللا سولتان، نىياز كېرىم شەرقى، ئابلىمىت قۇربان ساباھى، مۇھەممەدتۇرسۇن ئابدۇكېرىم يۈكسەل ، رەھمەتۇللا ئادىللا بوستاني، غاپپار روزى بېشبالىقى دىگەندەك..

ئۈچىنچى خىل تەرتىۋى: رۇقنامى ئالدىدا، زاتنامى ئوتتۇرىدا، لەقەبنامى ئاخىرىدا كىلىدۇ. مەسىلەن: تىلەشۇپ ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، مۇتەللىپ لۇتپۇللا ئۆركىشى، رەھىم ئامانتاي كۈچلۈك، تۆمۈر ئەۋرا موزدوز، توختى تۇرسۇن دىخان، مەۋلان كېرەم بوياق  دىگەندەك.

 تۆتىنچى خىل تەرتىۋى:  زاتنامى ئالدىدا، لەقەبنامى  ئاخىرىدا كەلگەن. مەسىلەن: سادىر پالۋان، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، لۇتپۇللا ئۆركىشى، سىيىت نوچى، ئابدۇقادىر داموللام، غېنى باتۇر  دىگەندەك.

ئىسىملىرىمىزنىڭ يوقۇرىدا كۆرسىتىلگەن4 خىل يېزىلش تەرتىۋى ئىچىدە،  ئۈچىنچى تەرتىۋى بىلەن، تۆتىنچى تەرتىۋىدە كەلگەن ئىسىملار، مەيلى تولۇق ئاتالسۇن ياكى ئىخچاملاپ ئاتالسۇن، توغرا، ئېنىق بولىدىكەن. مەسىلەن: 

تىلەشۇپ ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر (تولۇق ئاتىلىشى).  ت. ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، (رۇقنامى ئىخچاملانغان ئاتىلشى).  ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، (رۇقنامى قىسقارتىلغان ئاتىلىشى). مۇتەللىپ لۇتپۇللا ئۆركىشى ( تولۇق ئاتىلىشى).  م. لۇتپۇللا ئۆركىشى (رۇقنامى ئىخچاملانغان ئاتىلىشى). لۇتپۇللا ئۆركىشى (رۇقنامى قىسقارتىلغان ئاتىلىشى). دىگەنگە ئوخشاش. ئىسىملار بۇ خىل تەرتىپتە ئاتالغاندا، ئابدۇرېھىم، لۇتپۇللا دىگەن  زاتنامىدىكى كىشى ھەر زامان «ئىگە» ئورنىدا گەۋدىلىنىپ تۇرۇدۇ. شۇڭا، مۇشۇ تەرتىپكە ئاساسەن،  ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىنى ھەرقانداق جايدا ۋە شارائىتتا، «ت. ئا. ئۆتكۈر» .  «م. ل. ئۆركىشى» ياكى بولمىسا، ت. ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، م. لۇتپۇللا ئۆركىشى دىگەندەك شەكىلدە،  ئىخچام ئاتاپ ياكى يېزىپ قوللانساقمۇ ئېنىق بولىدۇ. بولۇپمۇ، تولۇق 3 ئىسىمدىن تۈزۈلگەن ئىسىملىرىمىزنى خەنزۇچە يېزىشتىكى قولايسىزلىقنى كۆزدە تۇتقاندا، بۇ خىل شەكىلنى قولايلىق كەلتۈرىدۇ دەپ ئويلايمەن.

ھازىر قوللۇنىۋاتقان تەرتىۋى بويىچە ئاتالغان، ئازات رەھمىتۇللا سولتان،   نىياز كېرىم شەرقي، مۇھەممەدتۇرسۇن ئابدۇكېرىم يۈكسەل دىگەندەك  ئىسىملارنىڭ ئاتىلىش-يېزىلىش تەرتىۋى، يوقۇرىدا دىيىلگەن2 – شەكىلگە ئوخشايدۇ.  ئەگەردە، بۇ ئىسىملار،  تەرتىپ بويىچە  ئىخچاملىنىپ ياكى قىسقارتىلىپ ئاتالغاندا، «ئا. رەھمىتۇللا سولتان» ياكى «رەھمىتۇللا سولتان»،  «ن. كېرىم شەرقي» ياكى « كېرىم شەرقي»، «م.  ئابدۇكېرىم يۈكسەل»  ياكى «ئابدۇكېرىم يۈكسەل» بولۇپ قالىدۇ. بۇ چاغدا، ئازات، نىياز، مۇھەممەدتۇرسۇن دەپ ئاتالغان زات ئىسمى ( ئوبىكت كىشىنىڭ ئىسمى ) ئېنىق گەۋدىلەنمەيلا قالماستىن بەلكى  باشقا برەيلەنگە ئالمىشىپ قالىدۇ. 

مىنىڭ چۈشەنچەم بويىچە قارىغاندا، بۇ ئىسىملاردىكى ئازات، نىياز، مۇھەممەدتۇرسۇن دىگەن ئىسىملار زاتنامىنى بىلدۈرىدۇ. رەھمىتۇللا، كېرىم، ئابدۇكېرىم  دىگەن ئىسىملار رۇقنامىنى بىلدۈرىدۇ. سولتان، شەرقى، يۈكسەل دىگەن ئىسىملار لەقەبنامىنى (نەسەبنامى ياكى فامىلە)نى بىلدۈرىدۇ. شۇڭا، بۇ ئىسىملارنىڭ، مىنىڭ چۈشەنچەمدىكى توغرى بولغان تەرتىۋى:  «رەھمىتۇللا ئازات سولتان» ، «ر. ئازات سولتان»، « ئا.سولتان»، «كېرىم نىياز شەرقى»، «ك. نىياز شەرقي»، «ن.شەرقي»، «ئابدۇكېرىم مۇھەممەدتۇرسۇن يۈكسەل»،  «ئا. مۇھەممەدتۇرسۇن يۈكسەل»،  « م. يۈكسەل» دىگەندەك 3- ۋە 4- تەرتىپتە كەلسە زات ئىسمى ھەر زامان  توغرى گەۋدىلىنىپ تۇرىدۇ. فامىلە ياكى لەقەب ئىسىممۇ زات ئىسىمنى ئېنىقلاپ كىلىدۇ. شۇڭا، 3 ئىسىمدىن تۈزۈلگەن ئىسىملىرىمىزنى ئاتاش-يېزىش تەرتىۋى، 3- ۋە 4- شەكىلدىكى تەرتىپتە بولسا مۇۋاپىق بولغىدەك دەپ قارايمەن.

ئەندى، 2 سۆزدىن تۈزۈلگەن كىشى ئىسىملىرىنىڭ تەرتىۋىدە، رۇق ئىسمى ئالدىدا، زات ئىسمى كەينىدە كەلسە ئېنىق بولىدۇ. بۇنىڭدا، ئىسىم مەيلى تولۇق  ياكى قىسقارتىپ ئاتالسۇن، زاتنامىدىكى كىشى ھەرقاچان ئېنىق ئاتىلىپ تورىدۇ.

 مىنىڭ ئۆز ئىسىمىمغا كەلسەم، مىنىڭ تولۇق ئىسمىم ئەسلىدە ئىككى ناملىق ئىسىمدىن تۈزۈلگەن. مەسىلەن، ھازىرقى ئىسىم ئاتاش ئادىتىمىز بويىچە «رەھمەتۇللا ئادىللا »، ياكى «ر. ئادىللا» دىگەندەك. بۇ ئىسىمنىڭ، بىرىنچىسى (رەھمەتۇللا) زاتنامى، ئىككىنچىسى (ئادىللا) رۇقنامى بولىدۇ. بۇنىڭدىن بۇرۇن، بىزدە، بولۇپمۇ، مەن ھەقىقى فامىلە قوللانمىغان. 2011- يىلىدىن باشلاپ، ئۆزۈمگە «بوستاني» دىگەن تەخەللۇسنى ئىشلەتتىم. بۇستاني، ھازىرچە مىنىڭ بىر تەخەللۇس نامىم. ئۇ تېخى فامىلە دەرىجىسىگە چىقمىدى. چۈنكى، مىنىڭ ئارخىپلىرىمدا، نوپۇس ۋە كىملىكتە بۇ ئىسىم يوق. بوستاني دىگەن تەخەللۇس نامىمنى ئەۋلاتلىرىم قوللۇنۇپ، ئارخىپلىرى ۋە نوپوس، كىملىكلىرىگە يازسا، ئۇ چاغدا، بوستاني، فامىلە ياكى نەسەبنامى بولىدۇ. قوللانمىسا، مىنىڭ بىر تەخەللۇس نامىم سۈپىتىدىلا قالىدۇ.

 رەھمەتۇللا ئادىللا دىگەن ھازىرقى ئىسمىمنىڭ ئاتىلىش-يېزىلىش تەرتىۋى مىنىڭچە ناتوغرا بولۇپ قالغان. چۈنكى قىسقارتىپ ئاتاشقا ياكى لەقەب بىلەن ئاتاشقا توغرى كەلمەيدۇ. چۈنكى بۇنىڭدا، ئېنىقسىزلىق كىلىپ چىقىدۇ. مەسىلەن: «رەھمەتۇللا ئادىللا » دىگەن تۈزۈلۈشتىكى ئىسىمنى « ر. ئادىللا » قىلىپ يازغاندا، رەھمەتۇللا دىگەن زاتنامى ئېنىق بولماي قالىدۇ. ئەگەردە مىنىڭ ئىككى ناملىق ئىسىمىمغا يىڭىدىن قوللۇنۇشقا باشلىغان « بوستاني» دىگەن تەخەللۇسنى(لەقەب ياكى نەسەب نامىمنى) قوشۇپ ئاتىغاندا، «رەھمىتۇللا ئادىللا بوستاني»، «ر. ئادىللا بوستاني»، «ئادىللا بوستاني» بولۇپ قالىدۇ. بۇنىڭدا، بوستاني دىگەن تەخەللۇس باشتىن ئاياق ئادىللانىڭ تەخەللۇسى بولۇپ قالىدۇ. بوستاني دىگەن تەخەللۇس، ئەسلىدە رەھمەتۇللانىڭ تەخەللۇسى بولىشى كېرەك. شۇڭا، «ئادىللا رەھمەتۇللا بوستاني»، « ئا. رەھمەتۇللا بوستاني»، «رەھمەتۇللا بوستاني»  دىگەن تەرتىپتە كەلسە، ئېنىق ھەم توغرا بولىدۇ دەپ قارايمەن.

يوقۇرىدا دىگەنلىرىمنى يىغىنچاقلىسام، ئىسىملارنى ئاتاش-يېزىش تەرتىۋى تۈۋەندىكىدەك تەرتىپتە كەلسە توغرا، ئېنىق بولىدۇ : زاتنامى بىلەن رۇقنامىدىن تۈزۈۇلگەن ئىككى ناملىق ئىسىملارنىڭ  رۇقنامى ئالدىدا، زاتنامى ئاخىرىدا كەلسە توغرا ۋە قولايلىق بولىدۇ. زاتنامى بىلەن  لەقەبنامىدىن تۈزۈلگەن  ئىككى ناملىق ئىسىملاردا، زاتنامى ئالدىدا، لەقەبنامى ئاخىرىدا كەلسە، توغرا ئېنىق بولىدۇ. 3 ناملىق ئىسىملاردا، رۇقنامى ئالدىدا، زاتنامى ئوتتۇرىدا، لەقەبنامى ئاخىرىدا كەلسە توغرا بولىدۇ.

ئىسىملارنى ئىخچاملاپ ئاتاشقا توغرى كەلسە، ئىككى ناملىق ئىسىملاردا، رۇقنامى ئىخچاملىنىدۇ. زاتنامى ھەرگىز ئىخچاملانمايدۇ.  ئۈچ ناملىق ئىسىملادا، رۇقنامى ئىخچاملىنىپ، زاتنامى بىلەن لەقەبنامى ئىخچاملانمايدۇ. ياكى ، رۇقنامى بىلەن زاتنامى ئىخچاملىنىپ، لەقەبنامى ئىخچاملانمايدۇ. مەسىلەن: مىنىڭ ئىسمىم «ئا. رەھمەتۇللا بوستاني» ياكى، «ئا. ر. بوستاني» دەپ يېزىلسا، مىنىڭ بىر بالام، « ر. زەينۇللا بوستاني» ياكى، « ر. ز. بوستاني»، يەنە بىر بالام، « ر. سەيپۇللا بوستاني» ياكى، «ر. س. بوستاني» دەپ قوللانسا توغرى بولىدۇ.

ئومۇمەن ئالغاندا، بىز ئالدى بىلەن، ئىسىملىرىمىزنىڭ تۈزۈلىشىنى، ئاتىلىش-يېزىلىشىنى، ئىخچام شەكلىنى قائىدىلاشتۇرۇشىمىز زۆرۆر.  ۋە شۇ بويىچە قوللۇنۇشنى باشلانغۇچ مەكتەپتىن  باشلاپ ھەر بىر كىشىگە سىڭدۈرىشىمىز كېرەك. بۇ ئادەتكە ئايلانغاندا، فامىلە قوللۇنىشنى تەشۋىق قىلىشنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ. نوپۇس ۋە كىملىكلەرگە، ئۆزلىكدىن يېزىلىدۇ.

يوقۇرىدا، فامىلە چۈشەنچىسى، ئىسىملىرىمىزنىڭ تۈزۈلىشى، ئىسىملارنى ئاتاش-يېزىش تەرتىۋى توغرىسدا دەسلەپكى ئويلىغانلىرىمنى بايان قىلدىم. بۇ مۇھاكىمەنىڭ نامۇۋاپىق ياكى خاتا جايلىرى بولۇشى مۇمكىن، شۇڭا، تىلشۇناسلار ۋە ھەۋەسكارلارنىڭ،  ئىسىملىرىمىزنىڭ تۈزۈلىشى، ئاتىلىش ياكى يېزىلىش تەرتىۋى ۋە ئۇنى ئىخچاملاپ ئاتاش-يېزىش قائىدىسىنى مۇلاھىزە قىلىپ باققان بولسا دەيمەن.

يازما ئاپتورى: ئارجىم
يازما يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 05-ئاينىڭ 29-كۈنى
يازما ئاۋاتلىقى: 21,775 قېتىم كۆرۈلدى
يازما ئادرېسى: ../?p=1182
بارلىق ھوقۇق ئاكادېمىيە تور بېكىتىگە غا تەۋە! رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!

مەزكۇر يازمىغا تېخى باھا يېزىلمىدى

باھا يېزىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز