باش بەت > تىبنامە, تىل > «دورانۇن»
3ئاۋغۇست

«دورانۇن»

ئۇيغۇرچە يىڭى ئىسىم سۆز «دورانۇن»

 

(Pharmacopoeia، 药典)

 

جىمسارى

 

«دورانۇن» دىگەن سۆز، مەن يىڭىدىن ياساغان ئۇيغۇرچە ئىسىم سۆز بولۇپ، «دورالاردىكى ئۆلچەم قانۇن » دىگەن مەنانى بىلدىرەدىغان سۆزلەر گۇرۇپپاسىدىن  ئىخچاملانىپ ياسالدى.  دىمەك، بىر دۆلەت، رايون ياكى مىللەت مىقياسىدا رۇيخەتكە ئالىنغان دورالارنىڭ ئۆلچەمى، ئىشلەپچىقىرىش ھۈنەرى ھەم ئۇنى تەكشۈرۈشتىكى ئۆلچەم قانۇن ، ئۇيغۇرچە «دورانۇن» دەپ ئاتالدى.  ئۇيغۇرچە «دورانۇن» دىگەن سۆزنى خەنزۇچىغا ئاۋدارساق، «药典»، ئېنگلىشچىغا ئاۋدارساق، « Pharmacopoeia » بولادى.

مەن 1964 يىلى 7-ئايلاردا تەڭرىتاغنىڭ شىمالى تاغ قاپتالىدا، تۇرپانلىق داڭلىق تىۋىپ مۇتىلا قارى مويسىپىتكە ياردەملىشىپ بىر ھەپتىدەك دورالىق گىيالارنى يىغىشىپ بەرگەن ئىدىم. شۇ چاغلاردا بۇ مويسىپىت ئاغزىدىن «قانۇنچە»، «قانۇنچەدە»، «قانۇنچە بۇيىچە» دىگەندەك سۆزلەرنى كۆپ ئاڭلىغان ئىدىم. ئەمما مەن ئۇ سۆزلەرنىڭ نىمەنى كۆرسەتىدىغانلىقىنى بىلمەيتتىم. بىر نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا مەرھۇم مۇتىلا قارىنىڭ «قانۇنچە» دىگەن سۆزى يادىمغا كىلىپ، مەن كەشىپ قىلغان «دورانۇن» دىگەن سۆز بولۇشى مۇمكىن دەپ ئويلادىم. ئەمما، ئۇيغۇرچە لۇغەتلەردە، «قانۇنچە» دەپ ئاتالماي، «فارماكوپىيە» ياكى «رېتىسىپ» دەپ ئېنگلىشچە ئاتالغان.   شۇنىڭغا قاراغاندا، مەن  «دورانۇن» دەپ ئۇيغۇرچە ئىسىمنى تۇنجى  قويغۇچى بولۇپ قالغان ئوخشايمەن.

1987-1988-يىلى، مەن قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونۇم ئوبلاست تەۋەسىدىكى شىپالىق گىيالار بايلىقىنى تەكشۇرۈشكە قاتناشقان ۋاقتىمدا،  1985-يىلى نەشىر قىلىنغان 《中国药典》 («دۇرانۇن جۇڭگو» – مەن شۇنداق تەرجىمە قىلدىم) ناملىق دورانۇن ئەسەرنى كۆرگەن ئىدىم. ئۇنىڭدا شىپالىق ئۆنۈمى كۆرۈنەرلىك، ئەكسى تەسىرى ئاز، سۈپەتى تۇراقلىق بولغان دورالار خاتىرلەنگەن ھەمدە، ماتىرىيال سۈپەتى ئۆلچەمى ۋە ياساش ھۈنەرى، ساقلاش تەلىۋى، دورانىڭ تەركىۋى، مىقتارى، ساپلىقى، ئەكسى تەسىرى، باھالاش ئۇسولى قاتارلىق ئۆلچەملەرى قانۇنى ئاساستا بەلگىلەنگەن.  دىمەك، دورانۇندا ھەربىر دۇرا مەھسولاتى ماتىرىيالىدىن تارتىپ دورا ياساشقىچە، شىپالىق رولى ھەم ئەكسى تەسىرىدىن تارتىپ ئۇنى ساقلاش ئۇسولى ۋە مەزگىلىگىچە بولغان بارلىق ئۆلچەم قانۇنلارى تەپسىلى يازىلغان بولادى. ئەمما، تىبنامە، دورانامە ۋە ئەسۋاپ-ئۈسكىنە، ھۆنەر سەنئەتنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ۋە يىڭى بايقاشلارغا ئەگىشىپ، دورانۇنمۇ يىڭىلىنىپ تۇرادى. مەنبەلەردىن جەمتەر قىلىشىمغا قاراغاندا، دۆلىتىمىز 1949- يىلى قۇرۇلغاندىن تارتىپ تا ھازىرغىچە «دورانۇن جۇڭخۋا خەلق جۇمھۇرىيەتى» نى 10 قىتىم يىڭىلاپ نەشىر قىلغان ئىكەن. ھازىر ئاساسلىنىدىغان دورانۇن 2010 يىللىق نەشىرى بولادى.

ئاڭلاشلارغا قاراغاندا، دۇنيادا 200 ئەتراپىدا دۆلەت رايونلار بار بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى 40 قا يىقىن دۆلەت-رايوننىڭ دورانۇنى بار ئىكەن. قالغانلىرىنىڭ تېخى يوق ئوخشايدۇ. دىمەك، دورانۇنمۇ، بىر دۆلەتنىڭ تىببى دورا تەرەققىياتىنى، سانائەت كۈچىنى كۆرسۈتۈپ بېرەلەيدىكەن.

مىنىڭ بىلىشىمچە ئۇيغۇر تىبنامە خېلى بالدۇرلا تەرەققى قىلغان بولۇپ، دورانامە جەھەتتىمۇ داڭلىق ھەم كۆپلىگەن مەھسۇلاتلارى بار.  ئاڭلاشلارغا قاراغاندا، ئۇيغۇر تىببى دورالاردىن 80 دەك خىلى «دورانۇن جۇڭخۋا خەلق جۇمھۇرىيەتى» گە خاتىرلەنگەن دىيىشىدىكەن. ئەمما مەن، بۇ ساھەدە ھەپىلەشكەن كىشى بولماغانلىقىم ئۈچۈن، بۇنىڭغا جەزىم قىلالمايمەن. مىنىڭچە بولغاندا، مەيلى «فارماكوپىيە ئۇيغۇر»، «قانۇنچە ئۇيغۇر» ياكى «دورانۇن ئۇيغۇر» دىگەندەك ناملاردىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشىر قىلىنىپ تۇرغانى جۆن.

 

يازما ئاپتورى: ئارجىم
يازما يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 08-ئاينىڭ 03-كۈنى
يازما ئاۋاتلىقى: 213 قېتىم كۆرۈلدى
يازما ئادرېسى: ../?p=4979
بارلىق ھوقۇق ئاكادېمىيە تور بېكىتىگە غا تەۋە! رۇخسەتسىز قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەڭ!

مەزكۇر يازمىغا تېخى باھا يېزىلمىدى

باھا يېزىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز