خەتكۈش ‘يەتتە ئەۋلاد نامى’
2014فېۋرال15

يەتتە ئەۋلاد ناملىرى

مەن كىچىك چاغلىرىمدا ياشانغان ئۇرۇق تۇققانلىرىمىز كۆپ ئىدى. ئۇلار بىرى-بىرىنى چەۋەم، چەنەم، بالكام، مالكام، دادام، ئانام، ئاتام، ئاپام دىگەندەك ناملاردا ئاتىشاتتى. كىچىكلەرنى بولسا، نەۋرەم، چەۋرەم بەزىلىرىنى كەۋرەم دىگەندەك ناملاردا ئاتىشاتتى. دىمەك، بىزدە يەتتە ئەۋلادنىڭ ناملىرى بار. ئەمما، بىز يەتتە ئەۋلاد نامىنى ھەر قايسى يۇرتلاردا ھەر خىل ئاتاپ كەلگەندەك قىلىمىز. بەزى ناملار ئوخشاش، بەزى ناملار پەرقلىنىدۇ. مەسىلەن: ئاتا، ئاپا دىگەن نامنى، بەزى يەرلەردە دادا، ئانا دەپ ئاتايدۇ. دادا، ئانا دىگەن نامنى بەزىلەر چوڭ دادا، چوڭ ئانا دەپ ئاتايدۇ. بەزىلەر بوۋا، موما دەپ ئاتىسا، بەزىلەر چوڭ بوۋا، چوڭ موما دەپ ئاتايدىكەن. چەۋەم، چەنەم دىگەن ناملارنى بەزىلەر، ئۇلۇق بوۋام، ئولۇق مومام دەپ ئاتايدىكەن. كەۋرەنى بەزىلەر كۆك نەۋرە ياكى كۆكۈن نەۋرە دەپ ئاتايدىكەن. ئومۇمەن ئالغاندا، يەتتە ئەۋلاتنىڭ ئۇيغۇرچە ناملىرى ھەر خىل ئىكەن. مەن تا ھازىرغىچە بىرلىككە كىلىنگەن ئىخچام ناملىرىنى ئۇچراتمىدىم ياكى ئاڭلاپ باقمىدىم. بۇرادەرلەرنىڭ مۇھاكىمە قىلىپ باقىشى ۋە پايدىلىنىشى ئۈچۈن، ئائىلىمىزنى مىسال قىلىپ، يەتتە ئەۋلاتنى رەتى بويىچە تىزىپ، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرچە نامىنى ئاتاپ تۈزۈپ چىقتىم.