خەتكۈش ‘بۇرمانئىلە’
2015فېۋرال13

دىيوسمەت ۋە ئۇنىڭ ئائىلە-رۇقلىرى

دىيوسمەت (Dioscoreales薯蓣目)، دىيوس گىياھلار جەمەتى دىگەننى بىلدىرەدى. دىيوس دىگەن ئۇيغۇرچە نامىنى، ئارجىم دىگەن كىشى 2012-يىلى قويغان. ئۇيغۇرچە مەنبەلەردە، پىچەكگۈل دەپ ئاتالغان. دىيوسمەت، قاپلىقدان گىياھلارنىڭ تاقپەلگىياھلار تارماقىدىكى 11 جەمەتنىڭ بىرى. بۇنىڭدىن ئىلگىركى كرونكۈست سىستېماسىدا، دىيوسئىلە دەپ پىيزەكمەتنىڭ (百合目) بىر ئائىلەسى قىلىنغان. 1998-يىلدىن كىيىن ئوتتۇرغا چىققان « APGسىستېماسى» دا، دىيوسمەت دىگەن نامدا، ئايرىم بىر جەمەت قىلىنغان.