كونچالار، ئۇنىڭ زاتلارى ۋە شاخزاتلارى
بىز مۇشۇ سۆرەتتىكى غەلىتە ھايۋاننى، تېلىۋىزوردا بېرىلىدىغان «ھايۋانات»قا ئائىت كۆرۈنۈشلەردىن دائىم كۆرۈپ تۇرىمىز. ھەمدە ئۇنىڭ نامى خەنزۇچىدا «角马،牛羚» دەپ ئاتالغانلىقىنى، ئۇيغۇرچىدا «مۇڭگۇزلۇق ئات»، «بۆكەن كالا»، «كالا بۆكەن» دىگەندەك ناملاردا ئاتالغانلىقىنى ئاڭلاپ تۇرىمىز. خەنزۇچە ۋە ئۇيغۇرچە ئاتالغان بۇ غەلىتە ئىسىملارغا قاراپ كىشىلەردە، بۇ غەلىتە ھايۋان زادى «ئات»مۇ؟، «بۆكەن»مۇ؟ ياكى «كالا»مۇ؟ زادى نىمە؟ دەپ ئېنىق چۈشەنچە ھاسىل قىلالمايدۇ. يەنە شۇنىڭدەك، بۇ ئىسىملار، شۇ ھايۋان تەۋە بولغان رۇقنىڭ نامىمۇ؟ ياكى زاتنىڭ نامىمۇ؟ دەپ ئاڭقىرالماي قالىدۇ. دىمەك، بىزنىڭ بۇ ھايۋانغا قويغان ئىسمىغا ئوخشاش ھايۋان ناملارىدا ئېغىر مەسىلە ساقلانغان. ئۇنداقتا بۇ غەلىتى ھايۋان نامىنى ئۇيغۇرچىدا قانداق ئاتايمىز؟ مەز گۇر ئەسەردە، ئەنە شۇ مەسىلىگە بولغان چۈشەنچەمنى ئوتتۇرغا قويدۇم.