2014-يىلى 7-ئاينىڭ 21-كۈنى نىڭ ئارخىپلىرى
2014ئىيۇل21

گىيا بەرگلەرىنىڭ شەكلى ۋە نامى (1)

بىز بىر سىنىپتىكى ساۋاقداشلار ئەسلىدە ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە ۋە مۇڭغۇلچە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى پۈتتۈرۈپ كەلگەنلىكىمىز ئۈچۈن بۇ دەرسلەرنى بىۋاستە خەنزۇ تىلىدا چۈشۈنۈپ بولۇش بىزگە قىيىنچىلىق ئېلىپ كەلدى. مەن بۇ دەرسلەرنى ئۆز تىلىمىزدا چۈشۈنۈش ئۈچۈن شۇ چاغلاردا بىزنىڭ مەكتەپتىن ھېچقانداق ئۇيغۇرچە مەنبە ماتىرىيالنى تاپالمادىم. شۇنداق قىلىپ، بىر تەرەپتىن خەنزۇچە دەرىسنى ئاڭلاپ، بىر تەرەپتىن مۇئەللىم كۆرسەتكەن گىيا بەرگلەرىنىڭ شەكلى كۆرسۈتىلگەن رەسىملەر ۋە چۈشەنچەلەرىم ئاساسىدا گىيا بەرگلەرىنىڭ شەكلىگە ئۇيغۇرچە ئىسىم قويدۇم. بۇرادەرلەرنىڭ پايدالانىشى ئۈچۈن، مەزگۇر ئەسەردە قاپلىقدان گىيالار قەبىلەسىدىكى (ئۇيغۇرچە مەنبەلەردە، «يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى» دەپ ئاتالغان.) گىيا بەرگلەرىنىڭ شەكلى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرچە ناملارىنى كۆرسەتتىم.