خەتكۈش ‘ھەرەڭتاش’
2014ئىيۇل14

«قۇرۇمتاش» توغرىسىدا ئومۇمى بايان

ھازىر بىر قىسىم ئۇيغۇرچە تورىستانلاردا نەشىر قىلىنغان ئەسەرلەردە، «قاش، قاشگەر، قاش سودىگىرى، قاش سودىسى» دىگەندەك سۆزلەر كۆپ ئۇچرايدىغان بولۇپ قالدى. بۇ سۆزلەر نىمەنى كۆرسەتىدىغاندۇ دەپ تەپسىلى ئوقۇسام، ئەسلىدە مەن «قۇرۇمتاش» دەپ ئاتاغان سۆزنىڭ تار مەناسىنى كۆرسۈتىدىكەن. ئەمما، «قاش» دىگەن سۆز بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان بۇ سۆزلەرنى، «قۇرۇمتاش» دىگەن سۆزنىڭ ئورنىغا قويۇش مىنىڭچە ھەر جەھەتتىن توغرا ئەمەس دەپ قارايمەن. شۇڭا، مەزگۇر ئەسەردە قۇرۇمتاش دىگەن نىمە؟ ئۇقانداق پەيدا بولغان؟ ئۇ نىمە ئۈچۈن ئەتىۋار؟ قانداق تۈرلەرگە ئايرىلىدۇ؟ ئۇيغۇرچە نامىنى قانداق ئاتاش توغرا بولىدۇ؟ دىگەندەك سۇئاللارنى چۆرىدەپ، بىلگەنلىرىمنى، پىكىرلىرىمنى قىسقىچە بايان قىلدىم.