‘تىل،’ 分类下的所有文章
2014ئىيۇل12

«قەشقەر» دىگەن سۆز توغرىسىدا ئويلىغانلىرىم

«ئىزدىنىش» تورىنىڭ 2014-يىلى12-چىللە سانىدا «قاش شەھىرى-قەشقەر» ناملىق تەرجىمە ئەسەرنى كۆرۈپ قالدىم. بۇ ئەسەر، ئەسلىدە خەنزۇچە يازىلغان بولۇپ، 2004-يىلى «جۇڭگونىڭ قۇرۇمتاش تورى» (مەن شۇنداق تەرجىمە قىلدىم) دا نەشىر قىلىنغان ئىكەن. بۇ ئەسەرنىڭ ئاپتورىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئەسەرنىڭ مەنبەسى، قەشقەرلىق داڭلىق ئالىم ۋاڭشىشىياڭ يازغان «قەشقەر تارىخى» ناملىق ئەسەر ئىكەن. دىمەك، «ئەقىدە قاشگەرلىكى-ئۇيغۇر قاشتېشى تورى»دىكى ئابدۇللا ئۆمەر دىگەن ئەپەندى ئەنە شۇ « قاش شەھىرى-قەشقەر » ناملىق خەنزۇچە ئەسەرنى ئۇيغۇر تىلىغا ئاۋدارغان ئىكەن. مەن بۇ ئەسەر تەرجىمەسىنى، ئەسەر توغرىسىدىكى ئىنكاسلارنى ھەم شەخسى كۆز قاراشلارنى كۆرۈپ، ئويلۇنۇپ قالدىم. دىمەك، بۇرادەرلەر بىلەن ئورتاقلىشىش مەقسىتىدە، مەزگۇر ئەسەردە، ئەنە شۇ قەشقەر دىگەن نام توغرىسىدا ئويلىغانلىرىمنى بايان قىلدىم.

2014ئىيۇل4

«كونچا» قانداق ھايۋان، قەيەرلەردە ياشايدۇ؟

تورىستان «ئاكادېمىيە»نىڭ 2014-يىل 3-سەپەر سانىدا «كونچالار، ئۇنىڭ زاتلارى ۋە شاخزاتلارى» ناملىق ئەسەر نەشىر قىلىنغان. بۇ ئەسەردە، كونچالارنىڭ نەسەپ تەۋەلىكى، زاتلىرى ۋە شاخزاتلىرى ھەمدە ئۇلارنىڭ لاتىنچە، ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە ناملارى كۆرسۈتۈلگەن. بۇ قىتىم يازىلغان مەز گۇر ئەسەردە، بۇرادەرلەرنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن، كونچالار قانداق ھايۋان؟ ئۇلار قەيەرلەردە ياشايدۇ؟ ھازىرقى ئەھۋالى قانداق؟ دىگەندەك مەلۇماتلار بايان قىلىندى.

2014ئاپرېل25

ماكاننامەنىڭ تارماقلىرى

تورستان «ئاكادېمىيە»دە، ئا.ر.جىمسارىنىڭ «ماكان ۋە ماكاننامە» توغرۇسىدا بىر قىسىم كۆز قاراشلىرى يازىلغان ئەسەرلەر نەشىر قىلىنغان. ئەمما، ئۇ ئەسەرلەردە، ماكاننامەنىڭ تارماق پەنلىرى توغرۇسىدا توختالمىغان. شۇڭا، بۇ قىتىمقى ئەسەردە، ماكاننامەنىڭ تارماق پەنلەرى قىسقىچە بايان قىلىندى. مەزگۇر ئەسەردە، بلوگنىڭ ئەركىن بولۇش ئالاھىدىلىكىدىن پايدىلىنىپ، تارماق پەن ئاتالغۇلارى شەخسەن پىكىرىم بويىچە ئامال بار ئۇيغۇرچە ئاتاش سىناق قىلىندى.

2014ئاپرېل8

قۇياشلەم، توپانئىزىم پەرەزىدەك پەيدا بولغانمۇ؟

«قۇياشلەم» دىگەن سۆز، ئۇيغۇرچە يازىق مەنبەلەردە «قۇياش سىستېمىسى» دەپ ئاتالغان. بىز ئادەملەر قۇياشلەمدىكى زىمىنلەمدە ياشاۋاتىمىز. بىز ئادەملەر، قەدىمدىن تارتىپ تا ھازىرغىچە «قۇياشلەم قانداق يارالغان»؟ دىگەن سۇئالغا جاۋاپ ئىزدەپ كىلىۋاتىمىز. «ئاكادېمىيە تور بېكىتى»دە جىمسارىنىڭ «قۇياشلەم، بۇلۇتئىزىم پەرەزىدەك پەيدا بولغانمۇ؟» ناملىق ئەسەرى نەشىر قىلىنغان. ئۇنىڭدا، «زىمىننامە»، « ئالەمنامە» مەنبەلىرىدە، « بۇلۇتئىزىم»، « توپانئىزىم»، « بەنىدئىزىم» دىگەن 3 خىل پەرەز ئەڭ كۆپ تىلغا ئالىنغانلىقى كۆرسۈتىلگەن. ھەمدە، كانت ۋە لاپلاس ۋەكىللىكىدىكى كىشىلەرنىڭ، ئالەم، يۇلتۇزلۇق بۇلۇتلار (ياكى تۇمانلار) دىن پەيدا بولغان دىگەن «بۇلۇتئىزىم ياكى كانت-لاپلاس پەرەزى»ىنى قىسقىچە تۇنۇشتۇرغان. ئەندى مەزگۇر ئەسەردە، يەنە بىر مۇھىم پەرەز« توپانئىزىم پەرەزەى» قىسقىچە بايان قىلىندى.

2014ئاپرېل3

قۇياشلەم، بۇلۇتئىزىم پەرەزىدەك پەيدا بولغانمۇ؟

قۇياشلەم دىگەن سۆز، ئا.ر. جىمسارى ئىجات قىلغان ئۇيغۇرچە ئىسىم سۆز بولۇپ، قۇياش كونترول قىلىپ تۇرغان «ئالەم» دىگەن مەنەنى بىلدۈرىدۇ. قۇياشلەم دىگەن سۆز، ئۇيغۇرچە يازىق مەنبەلەردە «قۇياش سىستېمىسى» دەپ ئاتالغان. بىز ئادەملەر قۇياشلەمدە ياشاۋاتىمىز. يەنى، جىمسارى نەزەرىدە ئەڭ كىچىك ئالەم بولغان قۇياشلەم ئىچىدىكى زىمىنلەمدە ياشاۋاتىمىز. شۇڭا، ئادەملەر، ئادەم بولغاندىن تارتىپ تا ھازىرغىچە، بىزنىڭ ھايات تەقدىرىمىزنى بەلگۈلەيدىغان قۇياشلەم قانداق پەيدا بولغان؟ دىگەن سۇئالغا جاۋاپ ئىزدەپ كىلىۋاتىمىز. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، بۇ سۇئالغا بېرىلگەن جاۋاپلارنى جەمتەر قىلغاندا، ئاز كام 50 خىلغا يەتكەن. ئەمما، مەن كۆرگەن پەننىي ئىلىم «زىمىننامە» (جۇغراپىيە)، ئالەمنامە (ئاسترونومىيە) مەنبەلىرىدە، « بۇلۇتئىزىم»، « توپانئىزىم»، « بەنىدئىزىم» دىگەن 3 خىل پەرەز ئەڭ كۆپ تىلغا ئالىنغان. مەزگۇر ئەسەردە، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بۇلۇتئىزىم پەرەزى ھەققىدە بىلگەنلىرىم قىسقىچە بايان قىلىندى.

2014فېۋرال13

«ساس» تەبىرى

«ساس» دىگەن سۆزنى ئېھتىمال مەن تۈنجى قىتىم يازىقچە ئەسەردە قوللانغان بولۇشۇم مۇمكىن. ساس دىگەن سۆز، ئۇيغۇرچە ئىسىم سۆز بولۇپ، قارا تۇپراق يەر، ئۈستى چىپ-چىپ سۇ؛ بۇ يەر دەسسەلسە، ئۇ يەر لۆمۈلدەر دىگەنگە ئوخشاش يەرلەرنىڭ نامى. مەن شىنجاڭنى قىدىرىپ چىقىش جەريانىدا، ئالتاي، قاراشەر، يۇلتۇز، بۇلۇڭكۆل قاتارلىق جايلاردىكى كۆپلىگەن چوڭ ساسلارنى كۆردۈم، بەزىلىرىدىن ئاتلىق كىچىپمۇ ئۆتتۈم. مەزگۇر ئەسەردە، ساسقا بولغان چۈشەنچەمنى شېئىرى شەكىلدە قىسقىچە بايان قىلدىم.

2014فېۋرال4

«كۈمۈش ئۆرۈك» دىگەن گىيا زاتى يوق

يىقىندا ئۆيىمىزگە ئالى مەرىپەتلىك مىھمانلار كىلىپ، تاماق ئارىلىقىدا تىلىۋىزور كۆرۈپ قالدۇق. تېلىۋىزوردا «كۈمۈش ئۆرۈك ئىچىملىكى» دىگەن ئېلان قويۇلدى. ئارىمىزدىن بىر ئاغىنەمىز: «كۈمۈش ئۆرۈك دىگەن قانداق ئۆرۈك بولغىدى، مەن ئەجەپ ئاڭلاپ باقماپتىمەنغۇ» دىدى. يەنە بىرەيلەن: «ئۆرۈك، دىسە ئاددى بولۇپ قالىدۇ، ئۇنىڭغا كۈمۈش دىگەن سۈپەت قوشۇلسا، جەلىپكارلىقى ئاشىدۇ» دىدى. يەنە بىرەيلەن: «كۈمۈش دىگىنى قاملاشماپتۇ، ئۆرۈك سېرىق ئالتۇن رەڭلىك بولغاندىكىن، ئالتۇن ئۆرۈك دىگەن بولسا بوپتىكەن» دىدى. يەنە بىرەيلەن: «بىزدە كۈمۈش رەڭلىك ئۆرۈك بولمىغان بىلەن، چەتئەللەردە بولۇشى مۇمكىن» دىدى. مەنمۇ بۇلارنىڭ گىپىگە قوشۇلۇپ: « ئۇ ئىچىملىك ئۆرۈكتىن ئىشلەنمىگەن» دىدىم. بىر بۇرادىرىمىز: «كۈمۈش ئۆرۈك ئىچىملىكى » دەۋاتمامدۇ، ئۆرۈكتىن ياسالمىسا شۇنداق دەمدۇ» دىدى. مەن بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ، ئېلانلاردىكى خاتا ئىسىملارنىڭ، خاتا چۈشەنچىلەرنى پەيدا قىلىدىغانلىقىنى بۇنىڭغا دىققەت قىلىنمىسا، تىلىمىزغا ۋە دىلىمىزغا زور زىيانلارنى كەلتۈردىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم. شۇنىڭ بىلەن، بۇ ھەقتە بىلگەنلىرىمنى بۇرادەرلەر بىلەن ئورتاقلاشماقچى بولدۇم.

2014يانۋار15

ئالتاي تاغلاش ۋە ئۇنىڭ تاغداشلىرى، تاغقاشلىرى

ئالتاي تاغلاش، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىمىزنىڭ شىمالىغا جايلاشقان بولۇپ، ئالتاي تاغداشنى، بەيتىك تاغداشنى، قارامايىل تاغداشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئالتاي تاغلاش، شىمالى شىنجاڭنىڭ ئىقلىمى، تەبىئى گىيالىقلىرى، ھايۋاناتى، سۇ شارائىتى، كان بايلىقلىرى، ۋە يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق كۆپلىگەن جەھەتلەرنىڭ ئۆزگىچە بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان تەبىئى ئامىللارنىڭ بىرى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. ئالتاي تاغلاشدىكى تاغلار ھەققىدە چۈشەنچە ھاسىل قىلىش، ئاپتونۇم رايونىمىزدا ياشاۋاتقان ھەر مىللەت كىشىلىرى ئۈچۈن ئەقەللى بىر ئىش. شۇڭا، مەزگۇر ئەسەردە، بۇرادەرلەرنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن، ئۆزەمنىڭ چۈشەنچە ۋە خاتىرلىرىمگە ئاساسەن، ئالتاي تاغلاش دىگەن نىمە؟ ئۇ قايسى تاغداشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟ بۇ تاغداشلاردا قانداق تاغقاشلاربار؟ ئۇلارنىڭ ناملىرى قانداق ئاتىلىدۇ؟ دىگەندەك مەزمۇنلاردا قىسقىچە مەلۇمات بەردىم.

2014يانۋار14

تاغلاش، تاغداش، تاغقاش

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىمىزدا تاغلار ناھايىتى كۆپ بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئومۇمى يەرزىمىنىنىڭ 58 ٪ نى ئىگەللەيدۇ. بۇ تاغلار، شىنجاڭنىڭ ئىقلىمى، تەبىئى گىيالىقلىرى، ھايۋاناتى، سۇ شارائىتى، كان بايلىقلىرى، ۋە يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق كۆپلىگەن جەھەتلەرگە ئۆز تەسىرىنى كۆرسۈتۈپ تۇرىدۇ. مەن جۇغراپىيە دەرىسلىرىدە ۋە ئۇيغۇرچە مەنبەلەردە رايونىمىزدىكى تاغلار بىلەن تۇنۇشقاندا، «ئالتاي تاغ سىستېمىسى»، «ئالتاي تاغ تىزمىسى» دىگەندەك ئىسىملارنى ئوقۇپ ئۆگەنگەن. «ئالتاي تېغى، تەڭرى تېغى، قۇرۇم تېغى، قاراقۇرۇم تېغى، ئالتۇن تېغى، پامىر ئىگىزلىكى» دىگەندەك ناملار بىلەن تۇنۇشقان. مەن شىنجاڭدىكى تاغلارنى بىر قۇر ئايلىنىپ چىققاندىن كىيىن، بىز قوللۇنىۋاتقان بۇ ئاتالغۇلار ۋە چۈشەنچىلەرنىڭ ناھايىتى ئاددى ھەم يىتەرسىز ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. شۇڭا، مەزگۇر ئەسەردە، بۇرادەرلەرنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن، تاغلارنىڭ چوڭ-كىچىك دەرىجە ئايرىمىسى، ئۇلارنىڭ تەبىرى ۋە ناملىرى توغرىسىدا ئۆز چۈشەنچەمنى بايان قىلدىم.

2014يانۋار5

جەزىرە (شېئىرى تەسۋىر)

مەزگۇر ئەسەردە، جەزىرە دىگەن نىمە؟ ئۇ قانداق جاي؟ ئۇ يەردە نىمىلەر ئەڭ كۆپ؟ بىز نىمە ئۈچۈن جەزىرەنى ئاسرايمىز؟ دىگەن مەسىلىلەر شېئىرى شەكىلدە ئىخچام تەسۋىرلەندى. ئاكادېمىيە تورىدا يەنە جەزىرە ناملىق ئەسەر ماقالە شەكلىدە نەشىر قىلىنغان، مالال كۆرمەسىڭىز، ئۇنىمۇ كۆرۈپ قويۇڭ.