2013-يىلى 10-ئاينىڭ 3-كۈنى نىڭ ئارخىپلىرى
2013ئۆكتەبىر3

روھ-ئەقىلنى زايە قىلما

سىرلارنى يەشكىن روھ-ئەقىلنى زايە قىلماي جىمسارى   ئاللا ياراتقان ئىنساننى ھېچنىمىگە ئوخشاتماي، ئىنسانغا بەرگەن روھ ئەقىلنى  پەقەت ئايىماي. ”ئىلىم چىندە بولسىمۇ بېرىپ ئۆگەن“ ۋايسىماي، سىرلارنى يەشكىن، روھ-ئەقىلىڭنى زايە قىلماي.

2013ئۆكتەبىر3

بۇ سۇئال جاۋاپسىز قالغان

ھازىرغىچە بۇ سۇئال جاۋاپسىز قالغان  جىمسارى   سۇئال چۈشتى، ئالەم قانداق يارالغان؟ قۇرئاندا دىدى، «ئالتە كۈندە يارالغان»!. تەپسىلاتى دىيىلمىگەن، سىر قالغان، ھازىرغىچە بۇ سۇئال، جاۋاپسىز قالغان!.

2013ئۆكتەبىر3

ماددا ، روھ ئىككىسى بىر نەزەر

ماددا ، روھ ئىككىسى بىر نەزەر  جىمسارى ماددىزىم دىدى، ماددا  بىرىنچى ئەزەل! ، روھىزىم دىدى، روھدۇر بىرىنچى ئەزەل!. ماددا بولمىسا روھنىڭ ئۆزى بىمەسەل !، روھ بولمىسا ماددا بولمامدۇ بىنەزەر؟!

2013ئۆكتەبىر3

مايمۇن بولماق ئاسان

ئادەمنىڭ مايمۇن بولمىقى بەكمۇ ئاسان  جىمسارى بىرى دەپتىكەن: مايمۇننىڭ ئادەم بولمىقى بەسى ئۇزاق؟!، شەكىلدە ئوخشىسىمۇ ئەقىلدە يىراق؟!. بىرى دەپتىكەن: ئادەمنىڭ مايمۇن بولمىقى بەكمۇ تېزراق؟!، ئۇنىڭغا كېرەكتۇر ئىككى رۇمكا ھاراق؟!

2013ئۆكتەبىر3

ئادەم ئەسلىدە مايمۇنمۇ؟

ئادەم ئەسلىدە مايمۇنمۇ؟  جىمسارى دارۋىن روھىدىن، ماددىزىم دىگەن، ”ئادەم ئەسلىدە مايمۇنلار“ ئىكەن. ”ئورمان، يايلاقتا ، ئۇ بولدى ئادەم”، لېكىن بۇ گەپنى دارۋىن دىمىگەن.

2013ئۆكتەبىر3

بىجانىۋاردا روھ بارمۇ؟

بىجانىۋاردا روھ بارمۇ؟  جىمسارى   دارۋىن دىگەننى، ماددىزىملار قوللاپتىكەن، ئادەمنى، جانىۋاردىن تۆرەلگەن دەپتىكەن؟! جانىۋارلار، بىجانىۋاردىن تۆرىلىپتىكەن؟، بىجانىۋاردا  روھ بارمۇ؟  دارۋىن بۇنى بىلمىگەن.

2013ئۆكتەبىر3

روھ بولمىسا ئادەم ئۆزى ياسالغانمۇ؟

روھ بولمىسا ئادەم ئۆزى ياسالغانمۇ؟ جىمسارى   تۇپراق، سۇ دىگەن ماددا ئەمەسمۇ؟ شەكىل، روھ، ئاڭغا ماددا كەتمەسمۇ؟ روھ بولمىسا، شەكىل پۈتكەيمۇ؟ روھسىز ماددىدا ئادەم پۈتكەيمۇ؟!

2013ئۆكتەبىر3

ئىنساننى ئاللا قانداق ياراتقان؟

ئىنساننى ئاللا قانداق ياراتقان؟ جىمسارى   سۇئال چۈشتى ئىنسان قانداق يارالغان؟ ئاللاھ دىدى «تۇپا، سۇدىن ياراتقان»؟!. شەكىلگە روھ بېرىپ ئاڭنى ئۇيغاتقان  شەكىل، ئەقىلدە ھەممىدىن ئاشقان!.

2013ئۆكتەبىر3

جاۋاپ چىقمىدى قانچە ئەسىردىن؟

جاۋاپ چىقمىدى قانچە ئەسىردىن؟ جىمسارى   توخو تۇخۇمدىن چىققان ئەزەلدىن؟! تۇخۇمنى توخو تۇغقان ئەزەلدىن؟! توخو بۇرۇنمۇ؟ تۇخۇم بۇرۇنمۇ؟ جاۋاپ چىقمىدى قانچە ئەسىردىن؟!

2013ئۆكتەبىر3

ماددا، روھ بولمىسا تەپەككۈرمۇ يوق؟

ماددا، روھ بولمىسا تەپەككۈرمۇ يوق  جىمسارى   چاماندۇركى شوق، زامان ئاتقان ئوق، چامان-زاماندا بولامدۇ بىر روھ؟ روھدۇر بىر ماددا، ماددا ئۆزى روھ، ئىككى بولمىسا، تەپەككۈرمۇ يوق. ئىزاھات: «چاماندۇركى شوق» دىكى «چامان» دىيىلگىنى، ئا. رەھمەتۇللا جىمسارى ئىجات قىلغان ئاتالغۇ بولۇپ، ئىگىزلىكى، …