ئاي نىمىشكە جىمجىت توپۇلاق؟
ئاي نىمىشكە جىمجىت توپۇلاق؟ جىمسارى زىمىنلەمدە بار ئىككى دومۇلاق، بۇلار چوڭ كىچىك ئەمما يومۇلاق. زىمىندا باردۇر ھاياتلىق قايناق، ئاي نىمىشكە جىمجىت توپىلاق؟
ئاي نىمىشكە جىمجىت توپۇلاق؟ جىمسارى زىمىنلەمدە بار ئىككى دومۇلاق، بۇلار چوڭ كىچىك ئەمما يومۇلاق. زىمىندا باردۇر ھاياتلىق قايناق، ئاي نىمىشكە جىمجىت توپىلاق؟
ئىلىم ئال جىمسارى نادان ساغلام تەن، ئېغىرنى يېڭەر، چىچەن بىمار تەن، مۈشكۈلنى يېڭەر. شۇڭا دىگەن قۇرئاندا، «ئىلىم ئال»، بولمىسا، ھالىڭ دوزاقتا ئۆتەر.
ساغلام روھتا ساغلام ئەقىل جىمسارى «ساغلام روھتا ساغلام ئەقىل» توغرادۇر، ساغلام روھتا ساغلام ئەقىل مەۋجۇتتۇر. تەپەككۇرى، روھى ياخشى ساغلامدۇر، تەن بولسىمۇ ئاجىز، پىكرى دانادۇر.
بۇ ماقال خاتا جىمسارى «ساغلام تەندە ساغلام ئەقىل» خاتادۇر، مەنچە، بۇ سۆز چىن ھەقىقەت ئەمەستۇر. چۈنكى ساغلام كىشىلەرنىڭ ئىچىدە، ئەقلى كىسەل كىشىلەر يوق ئەمەستۇر.
كىم ئالىم بولىدۇ؟ جىمسارى ئەجىر مېھنەتسىز ئالىم بولماس، ئاتالسىمۇ، قىممىتى ئاشماس. ئالىم ئىزدەپ ھېچ تىنىم تاپماس، قىزىققان بولار، ئوقۇغان بولماس.
نىمە ئۈچۈن؟ جىمسارى ئادەمدە بار ئەقىل، تەپەككۇر ھەم ئۆتكۈر كۆز، ئاتاش بارغۇ تىلىمىزدا، چىچەن دىگەن سۆز. چىچەن سۆزىمىزدىن مەنە چىقمامدۇ-نىمە؟، نىچۈن كەلدى نىمىشقا تالانىت دىگەن سۆز؟
چىچەن جىمسارى زېرەك، چىچەندىن سوراپتۇ، كەلدىڭ نەدىن ؟ دەپتۇ، جىسمىم قۇرۇلغان ئاتا-ئانامدىن. روھىم بىزەلگەن قىزىقىش، ئىجتىھاتتىن، ئىنچىكىلەپ شەيئىلەرنى كۈزەتكەندىن.
دۇنيا ۋە ئادەم جىمسارى قاش قېلىپ، قويغان ئوسمىلار كېتەر، تاش قېلىپ، ئاققان سۇلار كېتەر. قاش، تاش، جانىۋار، دۇنيالار كېلەر، دۇنيالار قېلىپ ، ئادەملەر كېتەر.
ئاز دۇنيامۇ يىتەر جىمسارى ماددامدىن يىغىلىپ دۇنيالار پۈتەر! دۇنيا بولمىسا ھايات قانداق ئۆتەر؟. دۇنيا دەپ ئادەملەر ئەسلىدىن كېچەر!. ھەقىقى ئادەمگە ئاز دۇنيامۇ يىتەر.
بىزنى تاشلاپ كېتەر جىمسارى مادداملاردىن بىرلىشىپ، جانىۋار، ئالەم پۈتەر، ئالداپ-سالداپ بولسىمۇ، قىسقا كۈنىمىز ئۆتەر. قەدىرىنى قىلمىساق ، كەلگەندە بۇ جاننىڭ، ئادەم دىگەن ئۇلۇق نام، بىزنىمۇ تاشلاپ كىتەر.